قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: angiz

قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

3448

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72687
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-15 18:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jahandabir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-15 18:44  
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2016-8-15 18:18
ئ‍      تېمىنىڭ ئ‍ومۇمى مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، قۇمۇل ۋا ...

بىلىپ قويۇڭ،قۇمۇل ۋاڭلىرى بۈيۈك چىڭ ئوردىسىغا چەكسىز ساداقەتمەنلىك بىلەن كاتتا خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن جۇمۇ-ھە! كاڭشى خان،چىيەنلۇڭ خان،سىشى تەيخۇ خان ئانا قاتارلىقلارنىڭ ئالىي ئۇنۋانلىرى،تارتۇق،ئىنئاملىرىغا ئېرىشەلىگەن، چىڭ خاقانى ئالاھىتەن ئۆز قولى بىلەن  بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ تەقدىرلىگەن،ھال سورىغان، ئەتىۋارلىغان.
قۇمۇل ۋاڭلىرى قانچىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدى بىلەمسىز؟! ۋەزىرلەر بىلەن تەڭ دەرىجىلىكمۇ ئاشۇنداق ئالىيتى.
شۇ زامانلاردا بۇنداق ئېسىل مەرتىۋە،شەرەپكە نائىل بولالاش ئوڭاي گەپمۇ؟! شۇڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرايلى. قۇمۇل ۋاڭلىرى ناھايىتى ئېسىل ئادەملەر ئىدى.....
bagdax

4

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 4274
توردىكى ۋاقتى: 1363
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-11

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-15 19:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahandabir يوللىغان ۋاقتى  2016-8-15 18:42
بىلىپ قويۇڭ،قۇمۇل ۋاڭلىرى بۈيۈك چىڭ ئوردىسىغا چەكسىز  ...

     ھە ، مۇنداق دەڭ . ئ‍ەسكەرتمىگەن بولسىڭىز ، ئ‍ۇلارنىڭ ئ‍ېسىللىقىنى ررستىنلا بىلمەسكەنمەن . رەخمەت سىزگە .
11#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
12#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4104
توردىكى ۋاقتى: 488
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 00:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-16 00:25  

تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

تىمىدا چىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ئاز- تولا سەھۋەنلىكلەر بار ئىكەن ، بەلكىم تىمىنىڭ ھەجىمى مەسىلىسى ياكى ماتىريال مەنبەسى سەۋەپلىك بولسا كېرەك .

تۆۋەندىكى قۇرلار تىمىدىن ئېلىندى :

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، بەشىر چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەشىرگە يەنە «زەر چۇلۋۇر» ئىنئام قىلدى. بەشىر كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغاچقا، قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن قەتل قىلىندى. چىڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن قومۇلدا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تاۋاپگاھ ياساتتى.

خاتالىق يۇقۇرىقى قۇرلاردا بولۇپ ، تۈزۈتىشكە تىگىشلىك .

يەنى بەشىر شىنجاڭدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمىگەن .

ھەقىقى تەپسىلاتى :

مۇشۇ دەۋرلەردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ توڭگان ( خۇيزۇ ) لارغا ئىشەنمەسلىكى ۋە باشقا بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ئوردا تۇڭگانلارنى قىرىۋېتىش توغۇرلۇق يارلىق چۈشۈرگەن ، گەرچە بۇ يارلىق مۇتلەق مەخپى دىيىلگەن بولسىمۇ ، بىر تۇڭگان نەسىللىك ئەمەلدارنىڭ قولىغا يارلىق يەتكۈزۈلۈش سەۋەپلىك مەخپى بۇيرۇق ئاشكارىلانغان . بۇ ئەمەلدار ئەلۋەتتە ئۆزى تەۋە بولغان قەۋمنى قىرغىن قىلىش بۇيرۇغىنى ئىجرا قىلىش ئەمەس ئاشكارىلاش يولىنى تاللىغان ، بۇ خەۋەر مەخپى ئەلچى ئارقىلىق تۇڭگانلارغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى باشلامچىلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەن .
مۇشۇ ئىسياندا مەغلۇپ بولغان تۇڭگانلار يولباشچى « بەيەنخۇ » نىڭ يىتەچىلىكىدە ، بۇ ئوتنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئۇيغۇرلارغا تۇتاشتۇرۇش يەنە بىر تەرەپتىن پاناھلىق ئىزدەش سەۋەپلىك دىيارىمىزغا تەۋەككۈل قەدەملىرىنى توغۇرلىغان ، ھەم تېزلا قۇمۇل دىيارىدا پەيدا بولغان ، بىراق قۇمۇل دىيارىدىكى مۇھاممەت بەشىر چىڭۋاڭ تۇڭگان يېغىلىقىغا ياردەمدە بولۇش ئەمەس ئۇنى تۇسۇش تەرەپدارىدا بولغان ، يەنى قەتئى ياردەمدە بولماسلىق يولىنى تۇتقان .

مۇشۇ ۋاقىتتا ، ئۇيغۇرلاردىن قاتتىق ئاغرىنغان بەييەنخۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قەتىلىئام يۈرگۈزمەكچى بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بەشىر يۇشۇرۇنغان يىرىدىن چىقىپ بۇ قەتلىئامنى توسماقچى بولغان ، بەييەنخۇ ئاخىرىدا ، بەشىرنى ئۆلتۈرۈش ياكى كەڭ ئۇيغۇرنى ( قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار ) قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاشنى بەشىرنىڭ ئىختىيارىغا قويغان ، بەشىر بولسا ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساق قېلىشى يولىنى تاللىغان .
شۇنىڭ بىلەن بەشىر بىر ئايدىن ئارتۇق تۇڭگان ئاخۇنلاردىن تەشكىلەنگەن ئىسلام سوتىنىڭ سورىقى ۋە ئاخىرىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى بىلەن قەتلى قىلىنغان .

ئەمىلىيەتتىمۇ تۇڭگانلار بەشىر ۋاڭنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن چىڭ قوشۇنلىرىدىن قېچىپ داۋاملىق جەنۇپ تەرەپكە قاراپ قاچقان ، ھەم يول بويى  ئۇيغۇرلارنى بۇلاپ ، ئوت قويۇپ ، باسقۇنچىلق قىلىپ ماڭغان . ئۇلار ئاخىرىدا ئۈچتۇرپان ئارقىلىق قىرغىزىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن ، بۈگۈنكى كۈندىكى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا مۇشۇ ۋاقىتتا چىقىپ كەتكەن تۇڭگانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ دەل شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر ، مۇشۇ مەزگىللەردە تۇڭگانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تېز قېچىش ئىستىكىدە خوتۇن ۋە باللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ، يەنى خوتۇن باللىرى تولا سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ قوغلاپ كەلگەن چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئولجىغا ئايلانغان ، ۋە كۆپلىرى ئەسلىدىكى يارلىق بويىچە تىغدىن ئۆتكۈزۈلگەن ، ئاقىۋەتتە بۇ خوتۇنسىز بالا چاققىسىز تۇڭگانلار ، ئەڭ ئاخىرىدىكى قازاق ، قىرغىز چىگرىسىغا يېقىن جايلارغا بارغاندا مال - مۈلۈك بۇلاشت بەكرەك ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنى بۇلاپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېچىقىپ كىتىش ئارقىلىق ، ئولجىغا تاشلاپ بەرگەن قىز - ئاياللىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان .
ئەمەلىيەتتىمۇ بۈگۈنكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى تۇڭگانلارنىڭ چىرايى دۆلىتىمىزدىكى تۇڭگانلارنىڭ چىراي تۇرقىدىن پەرقلىق بولۇپ ، چىراي تۇرقىدىن تۈركلەرگە  خاس ئىلمىتىنىتلار چىقىپ تۇرۇدۇ ، بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئېھتىمال قازاق ۋە قىرغىزدىن ئىبارەت تۈركى قوۋۇملارنىڭ زىمىنىدا قوشنا ياشاش قېلىش بەلكىم شۇنداق تۇرۇققا  ئىگە بولۇشقا سەۋەپ بولغاندۇ .

ئەگەر شۇ ۋاقىتتا مۇھاممەت بەشىر چىڭۋاڭنىڭ توسۇشى بولمىغان بولسا ، ئۇيغۇرلار تۇڭگانلارغا ياردەمدە بولغان ۋە بىرلىشىپ ئىسيان كۆتۈرگەن بولسا ، تۇڭگانلار بايا ئېيتىلغاندەك قېچىپ كېتىۋىرەتتى ، بىراق بۇ ئۇيغۇر يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلار قىرغىنغا قېلىشى مۇمكىن ئىدى .   

بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇھاممەت بەشىر چىڭۋاڭنىڭ ئەسكى ئادەم ياكى ئەمەسلىكىگە ئەمدى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىڭلار .

ئاتىللرىڭلارغا ئۆزۈڭلار باھا بىرىشنى ئۈگۈنىڭلار ، باشقىلارنىڭ ئۈگەتكىنى شۇلارنىڭ پايدىسىغا بولۇدۇ .

بىر قەۋم ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىرىنى قەدىرلەشنى بىلمىسە ، ئۇ قەۋم مەھكۇملۇقتا قالىدۇ .  

2

تېما

0

دوست

837

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1127
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 223
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 00:03:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-16 00:15  

چۈشەنمەي ئالدىراپ باھا بەرمەڭ ، تەدانلىقىڭىزنى چاندۇرىسىز !
ۋاڭلارنى تىللەۋاتقانلار ئوخشاشلا ۋاڭلارغا قارشى چىققان پالۋانلارنىمۇ تىللايدۇ ! ھازىرمۇ 80 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇلاردا ھەقىقىي مەۋقە يوق !
  ئىشەنمىسىڭىز، ھازىرقى ئاشۇ يۇرتقا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، 17% كىشىلەر قانداق ياشاۋاتىدىكىن ....

20

تېما

97

دوست

6280

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2172
توردىكى ۋاقتى: 294
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 00:42:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   angiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-16 00:45  
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-16 00:02
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

تىمىدا چىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ئ ...
سىزگە قول قويدۇم خاتا يېرىنى تېپىۋاپسىز

مۇنبەرداشلار مىنى كەچۈرۈڭلار بىر جۈملەر سۆز چۈشۈپ قاپتۇ.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، بەشىر چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەشىرگە يەنە «زەر چۇلۋۇر» ئىنئام قىلدى.

1

تېما

1

دوست

3448

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72687
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 02:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-16 00:02
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

تىمىدا چىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ئ ...

يازمىڭىزدىن ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشسام:
1.مۇھەممەت بەشىر چىڭۋاڭنىڭ بەي يەنخۇنى قوللىمىغانلىقى قالتىس دانالىق.لېكىن بۇ يەردە گۇمانلىق سوئاللىرىم پەيدا بولدى. ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش؟؟ نېمە ئۈچۈن كۆتۈرگۈدەك؟؟ يىراق شەنشىدىن قېچىپ كەلگەن بەي يەنخۇ بىلەن نېمە كارى؟؟ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولىدىغاندۇ؟؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇمۇلنى ۋاڭ سوراۋاتسا، ۋاڭ بىر چەتتە قېلىپ پۇقرالار ئۆز ئالدىغا قوزغىلاڭ كۆتۈرەمدۇ؟؟ ۋاڭ ئەجىبا پۇقرالىرىنىڭ مۇشۇنچىۋالا باشباشتاقلىقىغا قاراپ تۇرامدۇ؟؟
2.مۇھەممەت بەشىر ۋاڭ يوشۇرۇنۇۋېلىپ؟؟ نەگە يوشۇرۇنىدۇ؟؟ نېمىشقا يوشۇرۇنىدۇ؟؟ قولىدا شۇنچە ئەسكەر،خەزىنە بار بىر يۇرتنىڭ بېشى تۇرۇغلۇق ئادەم ساراڭمۇ يوشۇرۇنۇۋېلىپ؟؟
3. قېچىپ كەلگەن بىر توپ گېزەندى مالىمانچىلارنى ئەسكەر چىقىرىپ توسۇشنى،تەۋەلىكىدىن قوغلىۋېتىشنى قۇمۇل ۋاڭى بىلمەمدۇ؟؟
4.خەلقىم ئۆلمىسۇن،مەن ئۆلەي؟؟ بۇ راسىت بولغان ئىشمۇ؟؟ شۇنداق بولسا بۇ ۋاڭ دەل ئۇچىغا چىققان ئىقتىدارسىز،كالۋا ئادەمكەن!  ئۇ ئەخمەقمۇ؟؟ بۇ خۇيزۇ توپىلاڭچىلارلا بولىدىكەن،خەلقىگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنمۇ؟؟ شۇ گېپىگە راسىت ئىشىنىپ ئۆز كاللىسىنى ئۆز پۇتى بىلەن ئاپىرىپ بەرگەنمۇ؟؟  ئۇ نېمىشقا پۇقرالىرىنى توپلاپ ئۆلسىمۇ ئۇرۇشۇپ ئۆلمەيدۇ؟؟
5. بۇ توپىلاڭچىلار قۇمۇلدىن تاكى ئۈچتۇرپانغىچە بېرىپتۇ.يولدىكى خەلق مال-چارۋىمۇ؟؟ ياتلار بېسىپ كېلىپ ۋەيران قىلسا پەقەت يىغا-زارە قىلىش ۋە جان ئەپقېچىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان؟؟  يۇرتىنى،ئۆيىنى بېسىۋالسا جاڭگالدا توپا يەمدۇ؟؟قېچىپ نەگە بارىدۇ؟؟ ئۇلار بۇنى ئويلىمامدۇ؟؟ نېمىشقا قارشىلىق كۆرسەتمىگەن؟؟  قوينىڭ گېلىغا پىچاق سۈرسە جېنىدا تىركىشىشنى بىلىدۇ!!
6. شۇنچە كۆپ توپىلاڭچىدىن خەلقنى بىر قۇمۇل ۋاڭى ئۆزى يالغۇز قوغدامدۇ؟؟ نەچچە تۈمەن خەلق، بىزنى قىرسا ئولتۇرۇپ ئۆلۈمىمىزنى كۈتەيلى دېمەيدىغاندۇ؟؟  ئۆزىنىڭ باشلىقىنى ئۆلتۈرىمەن دەۋاتسا قوزغالماي يەم كۆشەيدىغان كالىدەك بېزىرىپ تۇرغانما؟؟  
7. قىرغىز-قازاق چېگرىسىغا قېچىپتۇ.نېمىشقا سەن نەدىن كەلگەن نېمە؟؟ يۇرتىمىزدا پوق بارمۇ؟؟ نېمىش قىلىسەن دەپ سۈرۈشتۈرمىگەنمۇ،توسمىغانمۇ چەتئەللىكلەر؟؟ شۇنچە كۆپ قاچاق،سەرگەرداننى مېھمان كۈتكەندەك قارشى ئالغانمۇ؟؟
  ئىشقىلىپ، يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى ئوقۇسام ھەيران قالىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )