قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7989|ئىنكاس: 14

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

94

دوست

6441

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2232
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-26

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-15 22:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»

(ئەلى غوپۇر)


مەھمۇد كاشغەرىي 11-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تىلشۇناس، تۇلۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىي، ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا پۈتۈلىشىچە، ئۇ 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن كونكرېت ۋاقتى ئېنىقسىز، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرۇلۇق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنى «ئاتام ھۈسەيىن، بوۋام مۇھەممەد، مەن قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن شاھزادىمەن» دەپ بايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنى «تۈركلەر ئىچىدە تىلىم ئەڭ پاساھەتلىك، بايانلىرىم چۈشىنىشلىك، مۇكەممەل تەربىيە كۆردۈم. ئېسىل نەسەبتىنمەن، نەيزە ئېتىشقا ماھىر، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ شەھەر-بازارلىرى ۋە رايۇنلىرىدا بولدۇم» دەپ تۇنۇشتۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن بارسخان (ھازىرقى قىرغىزىستان ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبى) نىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئانىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى غوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بۈۋى رابىيە بولۇپ، بۈۋى رابىيە كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىدىن ياخشى تەلىم ئالغان. ئۇ خېلىلا بىلىملىك بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئۈسۈپ -يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىشى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت يىتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. بۈۋى رابىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوپالغا توتىشىدېغان يول بويىدىكى يىكچى (ھازىرقى توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى تەۋەسىدە) دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ يەردە، قەشقەر ئاياللىرى بۇ ھۆرمەتلىك ئانىغا ھېلىمۇ ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنى «ئۇلۇغ موما» دەپ ئاتىشىدۇ. ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەردە ئۇنىڭدىن شاپائەت، ئامانلىق تىلەيدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن ۋە سارايغا يېقىن جايدىكى مەدرىسەدە ئوقۇغان، كېيىن سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدا ئېچىلغان قەشقەر مەدرىسەسىگە ئۇقۇشقا كىرىپ، شۇ زامانلاردىكى مەشھۇر ئۆلىما، مۇدەررىس ھۈسەيىن ئىبى خەلەف كاشغەرىيدىن تەلىم ئالغان. ئىلىم-مەرىپەت تىلى دەپ قارالغان ئەرەب تىلى، پارس تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋسىسى، قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى مۇھەممەد بۇغراخان 15 ئاي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، تەختنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە قالدۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بىراق، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقال خانىشىدىنمۇ ئىبراھىم دەيدىغان بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ توقال خانىش تەختنىڭ ھۈسەيىنگە قېلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۈسەيىن تەختكە ئولتۇرىدىغان مۇراسىم كۈنى سۈيقەست ئىشلىتىپ، قانلىق سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغىغان. ئۇ قولچوماقلىرىنى تاماققا زەھەر سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېرى بولمىش مۇھەممەد بۇغراخاننى ئۆزئىىچىگە ئالغان خان ئوردىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ئايال يەنە تاغىسى سۇلايماننى بۇغۇپ ئۆلتۈرگۈزگەن. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئېرى ۋە قېيىنئىنىسىنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق-توغقانلىرىنىمۇ ئۆلتۈرگۈزۋەتكەن. سۈيىقەستى ئىشقا ئېشىپ سىياسى ئۆزگۈرىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە ئولتۇرغان.

مەھمۇد ئاتىسى تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۆزى شاھزادە بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا، يەنى مۇراسىم كۈنى پاجىئە يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر پاجىئەدە قازا قىلىپ، تىكەندەك يالغۇز قالغان ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشتىن كېيىن يۇرتىدىن دەرھال بېشىنى ئېلىپ، ياقا يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن 15 يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.

مىسال-نەمۇنىلىرى تولۇق، مەزمۇن تەپسىلىي لۇغەت تۈزۈپ چىقىپ، شۇ زامانلاردا ياشىغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك ماتېرىيال توپلاشقا، شۇ دەۋردىكى شارائىتتتا بۇ خىزمەتنى تاماملاش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇلارغا ئاساسەن جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ۋەقەدىن كېيىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئەتراپتىكى تۈركىي قەبىلىلەرنى كېزىشنى باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە شۇ قەبىلىلەرنىڭ شېۋىلىرىنى پىششىق ئىگىلەش بىلەن بىللە، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئەلۋەتتە، مەھمۇد كاشغەرىي ئەلگە تىل جەھەتتىكى بىلىملەرنىلا سۇنۇپ قالماستىن، يەنە تېخى تۈركىي قەبىلىلەرنىمۇ تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ چىققان. دېمەك، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ بۇ رايۇننىڭ ئىجتىمائىي، جۇغراپىيەۋى مۇھىتىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قانلىق سىياسى ئۆزگىرىشكە تايىنىپ تەختنى تارتىۋالغان ئىبراھىم تەختتە ئالاھازەل بىر يىلچە ئولتۇرالىغان. ئانىسىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئىبراھىم ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتراپ قىلىشقا ئۇنىمىغان بارسخان ئەمىرى ئىنال تېكىنگە ھوجۇم قىلغان ۋە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئۆلگەن. مەھمۇد كاشغەرىي پۈتكۈل جەمەتىنى خاراب قىلغان رەقىبى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ تەخت تالىشىشقا قاتناشماي، ھەتتا يۇرتىغىمۇ قايتىپ كەلمەي، پۈتكۈل روھى ۋە زېھنىنى تۈركىي تىللارنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان. ئۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تىلغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى شۇ زامانلاردىكى ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلدا تەتقىق قىلغان. بۇ دىۋاننى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى، پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان تىلشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئەسەرلەرنى تولۇق كۆرۈپ چىققان. ئەرەب تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى تارىخىنى، ئىسلامىيەت پەلسەپىسىنى ، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»نى ئىنتايىن سېستىمىلىق ئۆگەنگەن. تەخمىنەن 1072-يىلدىن ئىلگىرى شۇ چاغدىكى ئىسلامىيەتنىڭ پايتەختى باغداتقا بارغان.

باغدات قەدىمىي ھەم ھەشەمەتلىك شەھەر بولۇپ، ئىلگىرى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. شۇ دەۋردىكى ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. بىراق، 1055-يىلى غەربكە كۆچكەن سەلجۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مالىك شاھ سەلجۇقىلارنىڭ سۇلتانى بولغان (1072-يىلىدىن 1092-يىلىغىچە) دەۋرىدە ئاجايىپ گۈللەنگەن. مەھمۇد كاشغەرىي دەل قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، سۇلتان مالىك شاھنىڭ توقال خانىشى تۈركەن خاتوننىڭ ياردىمىدە باغداتتا تۇرۇپ قالغان ھەمدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىش خىزمىتىنى شۇ جايدا تاماملىغان. بەزى ئالىملار؛ شۇ چاغدىكى باغدات ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەر ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئارىلىشىپ ياشىغان جاي، يەنە كېلىپ ھاكىمىيەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار تەبىئىي يۇسۇندا تۈرك تىلىنى ئۆگەنگەن، دەپ قارايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي تۈرك تىلى ۋە ئەرەب تىلىغا پىششىق ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەبلەر ۋە تۈرۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل پەرقىنى يوقىتىپ، نىزانى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىشتا، تۈرك تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى، يەنى ئىجتىمائىي قىممىتى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم-پەن تىلى» دەپ ئاتالغان ئەرەب تىلىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى پاكىتلىق چۈشەندۈرۈپ ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى «دىۋان»نىڭ مۇقەددىمىسىدە: «تۈرك تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ بەيگىگە چۈشكەن بىرجۈپ ئات كەبى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى جاھان ئەھلىگە كۆرسىتىپ قۇيۇشنى مەقسەت قىلدىم» دېگەن جۈملە بىلەن نامايەن قىلىنغان. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ بۈيۈك ئەسىرىنى مىلادىيە 1072-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى يېزىشقا باشلاپ، تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مىلادىيە 1074-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تاماملىغان ۋە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى ئوبۇل قاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللانىڭ ھوزورىغا سۇنغان.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پۈتۈكلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن باشقا، يەنە «تۈركىي تىللار گىرامماتىكىسىنىڭ تۈپ مەنىسى» دەيدىغان تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىنىمۇ تۈزگەنلىكى مەلۇم، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئەسەر دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەھمۇد كاشغەرىي باغدادتىن مىلادىيە 1080-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، قەشقەرگە يېقىن جايدىكى ئوپال يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان ۋە يېزىدا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە»نى ئېچىپ، بۇ مەدرىسەدە 10 يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، ئىلىم تارقاتقان. مىلادىيە 1090-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىگە يېقىن جايدىكى مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايىلىق تاغ ئېتىگە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ھۆرمەت بىلەن «ھەزرىتى موللام مازارى» دەپ ئاتىلىپ ۋە قەشقەر خەلقى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»تۈرك تىلى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان لۇغەت، مۇئەللىپ ئۇزاق ۋاقىت كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي، تىلى، سىياسىيسى، پەلسەپىسى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، كان بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرغان.

  مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ بارلىق مەزمۇنىنى سەككىز تومغا بۆلۈپ، ھەربىر تومنى ئىسىم ۋە پېئىلدىن ئىبارەت ئىككى شەكىلگە ئايرىغان. ئاۋۋال ئىسىمدىن، ئاندىن پېئىلدىن مىسال بەرگەن. ئاندىن يەنە ھەربىر تومنى ھەربىر سۆزلۈكنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن باب ۋە پاراگرافلارغا بۆلگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ پەرقلەندۈرەلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەربىر توم ۋە ھەربىر باب-پاراگرافلاردا ئەرەبچە ئاتالغۇلارنى قوللانغان.

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى تۈزۈش ئالدىدىكى ئىلمىي تەييارلىق خىزمەتلىرى، تۈزۈشتە قوللانغان تەرتىپ، تۈركىي تىللاردىكى سۆزلۈكلەرنى يېزىشتا ئىشلەتكەن ھەرپ، سۆزلۈكلەر تەركىبى، تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، تىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە شېۋىلەردىكى پەرق قاتارلىقلارنى تۇنۇشتۇرغان.

مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى تۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدا كەڭ دائىرىلىك ۋە تېرەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۆز خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش ھەم بۇ كىتابنى ئىخچام، ئەمما مېغىزلىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر قوللىنىپ باقمىغان. شۇنداقلا ھېچقانداق ئادەم قوللىنىشىنى ئۇقمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. كىتابنى تەلەپكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قوللانمىغا ئوخشاش مۇھىم قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بەزى قائىدىلەر ۋە ئەڭ يېڭى ئۆلچەملەرنى تۈزۈۋالغان. ئۇ قەبىلىلەردىكى شېۋىلەردىن سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلار ئاساسىدىكى سۆز يىلتىزىنى يىغقاندىن باشقا، تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى تەسۋىرلەنگەن شېئىر-نەزملەرنى، خەلق ناخشىلىرىنى، ماقال-تەمسىللەرنى، قوشاق-بېيىتلارنى، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، ھەتتا رىۋايەتلەرنىمۇ كىرگۈزگەن.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەيت قىلىنغان. 11-ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تىل ئىشلىتىش توغرۇلۇقمۇ «دېۋان»نىڭ مۇقەددىمىسىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرۇش نەتىجىسىدە، تۈركىي تىللارنىڭ 11-ئەسىردىكى تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئاساسىي جەھەتتىن خەۋەردارمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقىغا تەۋە بولغان سەلجۇقىيلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ زور كۆلەمدە كۆچكەنلىكى سەۋەبلىك، كىچىك ئاسىيا سىرتىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيەنىڭ بىپايان رايۇنلىرىغا تارقالغان ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ھازىرغىچە قۇرۇلما خاراكتىېرىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن. بۇ پاكىتلاردىن مەلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشىمىزنى ھازىرغا قەدەر تەڭداشسىز ھەقىقىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇقەددىمىسىدىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر تىللىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ تېزلەشكەنلىكىگە ھەمدە تەدرىجىي يۇسۇندا زامانىۋى مۇستەقىل تىللارغا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىغا ئائىت ئىزنالارنى بايقايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «دېۋان»نىڭ مۇقەددىمىسى بىزنى 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىللارنىڭ تۇغقانچىلىقى بولمىغان باشقا تىللار بىلەن، بولۇپمۇ قەدىمكى ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى بىلەن بىۋاستە قويۇق ئۇچراشقانلىقىغا ئالاقىدار مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئۇچۇرلار مەيلى قەدىمكى شىنجاڭنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا رايۇنلارنىڭ تىللىرىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىشىمىزدا بولسۇن ياكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا بولسۇن، ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»غا تەخمىنەن 7500 دىن كۆپ سۆزلۈك (سۆز ۋە سۆز ئىبارە) كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان»نىڭ تېكىستى شۇ سۆزلۈكلەرگە بېرىلگەن ئىزاھاتلاردىن ئىبارەت. تېكىستكە كىرگۈزۈلگەن سۆزلۈكلەر چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئىنىتايىن مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق دەۋىرلەردىكى تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرى ئەكىس ئەتكۈزۈلۈپ تۈرلۈك ژانىرلاردا ئىجاد قىلىنغان نۇرغۇن شېئىر-نەزم ۋە خەلق ناخشىلىرى، ماقال-تەمسىللەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇلاردىكى شېئىر نەزم ۋە خەلق ناخشىلىرى تۆت رۇبائىي شەكلىدە، ماقا-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ئىككى مىسرالىق ئانتىتېزىس (قارىمۇ قارشى)شەكىلدە يېزىلغان. ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە، «دىۋان» غا 165 شېئىر-نەزم ۋە خەلق ناخشىسى، 84 ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆز كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىر-نەزمىلەر، خەلق ناخشىلىرى، ماقال-تەمسىللەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەينەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن تۈرلۈك شەكىللەردە زامانىمىزدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ ھەمدە زامانىمىزدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى سۈپىتىدە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى ئۈچۈن كەم ئۇچرايدىغان تىل ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە، تۈركىي تىل ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردە، قەدىمكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر قوللانغان 12 مۆچەل بۇيىچە يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى رىۋايەت شەكلىدە تۇنۇشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «دىۋان»غا يەنە ئاسترونومىيە جەھەتتىكى سۆزلۈكلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەر ئەڭ بالدۇر ئېتىقاد قىلغان شامان دىنىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن. «دىۋان»غا پۈتۈلگەنلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي بىر تەرەپتىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى بولۇش سۈپىتىدە «دىۋان»نىڭ نۇرغۇن جايىدا ئىسلام دىنىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مەدھىيەسىنى چىن يۈرىكىدىن سەمىمىي ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئالىم بولۇش سۈپىتىدە ئىلىم ئىشلىرىدا كەسكىن ۋە ئەستايىدىل بولۇشتەك ئىلمىي پۇزىتسىيەسىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ ساقلىغان ھەم باشقا دىنلارغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولمىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي مەدەنىيەتلەردە يەكلىمىچىلىك ئومۇملىشىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە ئىلىم ئىستىلىنى ساقلىيالىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»غا يەنە قەدىمكى ۋە شۇ زامانلاردىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشى، باشقۇرۇشتىكى دەرىجە، لەشكىرىي تۈزۈم، لەشكىرىي مەشىق، جەڭ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار، زىرائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارغا ئالاقىدار خاس سۆزلۈكلەر، چارىچىلىققا ئالاقىدار تېرمىنلار، شۇنىڭدەك دائىم ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنىڭ نامى كىرگۈزۈلگەن. يەنە 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سۆزلەر، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى، ھاراق-شارابلارنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى، قول ھۈنەرلەرنىڭ ناملىرى، كىيىم-كېچەككە ئىشلىتىلىدىغان گەزمال-رەختلەرنىڭ ناملىرى، ئاياللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ناملىرى، ئۆلۈم-يېتىمدىكى ھازا تۇتۇش ۋە توي-تۆكۈن ئادەتلىرى، ئەل ئىچى ئۇيۇنلىرىنىڭ نامى ۋە ئويناش ئۇسۇللىرى، قائىدىلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان»غا يەنە مېدىتسىناغا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ ناملىرى، بەدەندىكى ئەزالار، دائىم كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە مىنېرال ماددىلار قاتارلىقلارنىڭ ناملىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. قىسقىسى «تۈركىي تىللار دىۋانى» 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۇمۇميۈزلۈك خاتىرىلەنگەن ۋە ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن مۇكەممەل قامۇس ھېسابلىنىدۇ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مىلادىيە 1266-يىلىدىكى بىردىنبىر كۆچۈرۈلمىسى مىلادىيە 1914-يىلى ئىستانبولدا بايقالغاندىن كېيىن، «دىۋان»نى تەتقىق قىلىش دۇنياۋى تېمىغا ئايلاندى. «دىۋان»نىڭ ئوخشىمايدىغان يېزىقلاردىكى نۇسخىلىرى دۇنياغا كەلگەندىن بېرى، ھەرقايسى ئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەتقىق قىلىش خىزمىتى دۆلىتىمىزدە 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي دېگەن جايىدىكى ئاتاقلىق داموللا ئىسمايىل «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-تومىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈگەن، يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد پەيزى، ئەھمەد زىيائىي، بورھان قاتارلىق ئالىملار ئەھمىيىتى زور بۇ خىزمەتكە كۆپ ئورۇنۇپ باققان بولسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىكى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن، دۆلىتىمىز ئالىملىرىدىن خۇ جېنخۇا، گېڭ شىمىڭلار 1963-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، «تۈركىي تىللار دېۋانى» نى ئەل-جامائەتكە تۇنۇشتۇرغان. بۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

1978-يىلىنىڭ باشلىرىدا مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن يىغىنى مۇۋەپپىقيەتلىك ئېچىلدى. پۈتكۈل مەملىكىتىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى ئىلىم-پەننىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئون نەچچە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى (ئۈچ توم) 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىندى. خەنزۇچە نەشرى (ئۈچ توم) 2002-يىلى بېيجىڭدا نەشردىن چىقتى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلگەنلىكى ئېلىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن پارلاق يول ئېچىپ بەردى. شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەتقىق قىلىش خىزمىتى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقات خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئېلىمىز ئالىملىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ، 200 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. جاڭ گۇاڭدا ئەپەندىنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «كىتابتىكى يۇمىلاق خەرىتە توغرىسىدا»، مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي»، جاۋمىڭمىڭنىڭ تىل تەتقىقاتى توغرىسىدا يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەخسۇس ئەسىرى، ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئاساسلىق ئەدەبىي تىل-خاقانىيە تىلى»، جۇ جيەنچىنىڭ « <تابغاچ> توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى بىرقەدەر تىپىك خارەكتىرگە ئىگە. نادىر ئىلمىي ماقالىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە بىرمۇبىر كۆرسىتىپ ئولتۇرمايمىز.

چەتئەللەردىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»توغرىسىدىكى تەتقىقات «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ۋە ئاپتۇرنىڭ ھاياتىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. 1915-يىلى گېرمانىيەلىك ئالىم M. خارتمان «<تۈركىي تىللار دىۋانى>نىڭ 1-تومىغا باھا»ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-تومىدىكى مەزمۇنلارنى جاھان ئەھلىگە تۇنجى قېتىم تۇنۇشتۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە، تۈركىيە، ۋېنگرىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئالىملىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىق قىلىنغان ماقالىلەر ۋە مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان.

مەنبە: «شىنجاڭ ھەققىدە ھىكايىلەر»نىڭ 4-قىسمىدىن ئېلىندى.
516952b6t8c9733ef2c99&690.jpg
201008162205073.jpg
a3015092xbcdb0a710fc5&690.png
city20111108wangbingjie24.jpg
t01ed33a5758d8f8652.jpg
t0119a1bae337904a37.jpg
bagdax

0

تېما

1

دوست

886

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74862
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 11:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biamal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-16 12:02  

مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ زور تۆھپىلىرى ئالدى بىلەن ئانىسى بۇبى رابىيە خېنىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ھېلىقى توقال خانىش ئۆزىنىڭ ئىلمسىزلىكىدىن پۈتكۈل دۆلەتنى زاۋاللىقققا دۇچار قىلىپ ئوغلىنىڭ تەختنى تارتىۋېلىشىغا ھەمدەم بولغان بولسا مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق بىر نەپەر ئالىمنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.


0

تېما

1

دوست

886

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74862
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 12:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىملىرىمىزدىن، ئۇلۇغلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىسىل روھىدىن، ئەخلاق ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆز قەۋمى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش زامانىمز كىشىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.  

aaot=oghuztigin=和平之子

46

تېما

14

دوست

9912

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1504
تۆھپە : 2001
توردىكى ۋاقتى: 328
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 12:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ohuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-16 10:16  
biamal يوللىغان ۋاقتى  2016-8-16 09:57
مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ زور تۆھپىلىرى ئالدى بىلەن ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،قېرىندىشىم بىئامال ئەفەندى،«تارىخىي رومان历史小说» بىلەن ‹‹تارىخ历史›› بولسا ئىككى ئۇقۇم كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ،ھازىر ئادەملەر «تارىخىي رومان»نى «تارىخ» دەپ قارىۋېلىش ئىنتايىن كەڭ ئومۇملىشىپ كەتتى!
bagdax

0

تېما

1

دوست

886

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74862
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 12:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2016-8-16 12:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،بېرىندىشىم بىئامال ئەفەندى،«تار ...

مەن ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپتىمەن

aaot=oghuztigin=和平之子

46

تېما

14

دوست

9912

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1504
تۆھپە : 2001
توردىكى ۋاقتى: 328
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 12:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
biamal يوللىغان ۋاقتى  2016-8-16 10:16
مەن ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپتىمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىندىشىم رابىيە rabiye热碧娅دىگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى 4-قىز دېگەنلىك بولىدۇ،بالىنىڭ 4-قىز بولۇپ قالسا ئاندىن بۇ ئات قويۇلىدۇ،خوش ئۇنداقتا كاشغەرىك مەھمۇد نىڭ ئاتاسى بولمىشش مۇبارەكى زاتنىڭ قانچە پەرزەنتى بولغان بۇنى بىلىش ئۈچۈن كاشغەرلىك مەھمۇد ئائىلە شەجەرىسىنى ئۆرگەنىش ھەم تەتقىق قىلىش زۆرۈر،ئەجابا كاشغەلىك مەھمۇدنىڭ ئاناسىنىڭ ئاتى ‹رابىيە›مۇ يوق؟بۇ تارخىىي كىتابلارد قەيت قىلىپ يېزىلغانمۇ؟راستىنلا تارىخ كىتابلاردا بارمۇ يوق ياكى ئاتالمىش تارخىي رومان يازىدىغان يازارمەنلەر خىيالىغا كەلگەنچە ئويدۇرۇپ چىقارغان سۈنئىي ياسالما شەخسمۇ ؟بىزلەر دەل مۇشۇ نوقتانى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كەرەك!

0

تېما

0

دوست

7482

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2265
توردىكى ۋاقتى: 594
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-6

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 12:42:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-16 12:55  

بۈۋى رابىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوپالغا توتىشىدېغان يول بويىدىكى يىكچى (ھازىرقى توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى تەۋەسىدە) دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ يەردە، قەشقەر ئاياللىرى بۇ ھۆرمەتلىك ئانىغا ھېلىمۇ ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنى «ئۇلۇغ موما» دەپ ئاتىشىدۇ. ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەردە ئۇنىڭدىن شاپائەت، ئامانلىق تىلەيدۇ.
----------------------------------------------
كوناشەھەر ناھىيەسى دەپ تۈزىتىلسۇن، قەشقەر تەۋەسىدا ‹‹توققۇزاق›› دەپ ناھىيە يوق. كوناشەھەر ناھىيەسى تۇرۇشلۇق بازار توققۇزاق (توققۇز ساك) بازىرى دەپ ئاتىلىدۇ، مەمۇرىي رايونلار ئۇقۇمىدا ناھىيە بىلەن بازارنىڭ پەرقى بولىدۇ. بۇ خۇددى ئىلى بىلەن غۇلجىنى، بايىنغولىن بىلەن كورلىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەندەك بىر ئىش.

20

تېما

94

دوست

6441

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2232
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-26

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 14:19:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2016-8-16 12:42
بۈۋى رابىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوپالغا توتىشىد ...

تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )