قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8123|ئىنكاس: 117

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك»

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

97

دوست

6286

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2174
توردىكى ۋاقتى: 294
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 23:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك»

(ئەلى غوپۇر)

t014de05dd6ca10f96e.jpg


يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى، مۇتەپەككۇر ۋە سىياسەتچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11-ئەسىرنىڭ بېشىدا قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. كېيىن قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر سىياسى مەركىزى بولغان قەشقەردە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋاپات بولغان يىلى ئېنىق ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە بىر مەھەل راسا گۈللەنگەن قاراخانىيلار سۇلالىسى شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئوردا ئىچىدىكى نىزا، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئۆكسۈمىگەن. قانۇن-نىزام بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىجتىمائىي كەيپىيات بارغانسېرى سۇسلىشىپ كەتكەن. ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن ئەمگەكچى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن كەسكىنلەشكەن، شائىر مۇشۇنداق ئىجتىمائىي رېئاللىق ئالدىدا دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ ئەلنى ئىدارە قىلىش يوللىرىنى شەرھلەش ئاساسىي تېما قىلىنغان. «كىشىلەرنى بەخت-سائادەتكە باشلىغۇچى بىلىم»، يەنى «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسەرنى ئىجاد قىلغان.


شەرقىي قارخانىيلار سۇلالىسىدە 1056-يىلىدىن كېيىىنكى تۆت يىل ئىچىدە سىياسى داۋالغۇش يۈز بېرىپ، قاغاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغاپ، سۇلالىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىنى تارتىۋېىلىپ، سۇلايمان قاغاننى ئەسىرگە ئالغان ھەم سۇلايمان بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ۋەزىر-ۋۇزرالار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى قولغا ئالغان. يۈسۈپ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئەنسىېرەپ، پايتەختتىن جىمجىتلا ئايرىلىپ، ئەل ئارىسىدا خۇھپىيانە يۈرگەن. ئاۋام بىلەن كەڭ-كۈشادە ئارىلىشىپ يۈرگەن مەزگىلدە، نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرى، ھېكمەتلىك سۆز-ئىبارىلەرنى توپلاپ، كېيىن «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن مول تىل ماتېرىيالى توپلىغان.

1060-يىلدىن كېيىن قەشقەر ھاكىمىيىتى ھەسەننىڭ ئىنىسى مۇھەممەدنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ سابىق قاغان سۇلايماننىڭ ئوغلى ھەسەننى نائىب قاغانلىققا تەيىنلىگەندىن كېيىن، سۇلالىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى سەل مۇقىملاشتى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. مۇھەممەد ۋە ھەسەندىن ئىبارەت ئىككى قاغاننىڭ رەھبەرلىكىدە قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئاۋاتلىقى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ روناق تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يۈسۈپ داستان يېزىش ئارقىلىق خانىدانلىقنىڭ تۆھپىسى ۋە مېھىر-شەپقىتىنى مەدھىيلەش ھەم جەۋلان قىلىش نىيىتىگە كەلدى. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تۆتىنچى بابى «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيەسى بايانى»دا شائىرنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى مەركەزلىك ھەم روشەن ئىپادىلەنگەن.


ئۇ «قۇتادغۇبىلىك»دېگەن ئەسەرنى 1069-يىلدىن 1070-يىلغىچە تەخمىنەن 50 ياشتىن ئاشقان چېغىدا پۈتكۈزگەن ھەمدە ئەينى چاغدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان. بۇغراخان بۇ كاتتا ئەسەردىن ئىنتايىن زوقلىنىپ، يۈسۈپكە «خاس ھاجىپ-ئوردا ۋاكالەتدارى» دېگەن ئاتاقنى بېرىپ، ئوردىدا خىزمەتكە قويغان.


«قۇتادغۇبىلىك»قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەم يىل دەۋرى ئىنىق ئىپادىلەنگەن مۇھىم يازما يادىكارلىق. بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ ھازىر ئۈچ خىل نۇسخىسى بار:


ۋىيېنا نۇسخىسى: ھازىر ساقلىنىۋاتقان جايىغا ئاساسەن ۋىيېنا نۇسخىسى دەپ ئاتالغان. يەنە ئەينى يىللىرى كۆچۈرۈلگەن جايغا مۇناسىپ يوسۇندا ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. تارىختىكى مەشھۇر شەھەر، ھېرات ۋىلايىتىنىڭ مەكىزى_)نۇسخىسى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ نۇسخا (1439-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ھېراتتا كۆچۈرۈلگەن.، كۆچۈرگۈچى ھەسەن قارا سايىل دەپ ئىمزا قويغان.


«قۇتادغۇبىلىك»ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە مۇشۇ ھېرات نۇسخىسى بىلەن تۇنۇلغان ھەم بۇ نۇسخا بىزنىڭ بۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىشىمىزغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۇ ئەرەبچە ھەرپ بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچۈرۈپ يېزىلغان نۇسخا بولۇپ، ئۈچ خىل كۆچۈرۈلمە نۇسخا ئىچىدە مىسرا سانى ئەڭ ئاز نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇسخىدا جەمئىي 915 بېيىت بار. كۆچۈرگۈچى خەتنى خېلىلا تېز يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. قوش مىسرالىق بېيىتنىڭ تەرتىپى بىر قانچە قېتىم ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن. مىسرالارنىڭ بەزىسى چۈشۈپ قالغان. بەزىدە بىر قانچە مىسرا تەكرار يېزىلىپ قالغان. كېيىن بايقىغاندىن كېيىن تۈزىتىلىپ، ئالدى-كەينى، ئوڭ-سول تەرەپلىرىگە خەت قۇشۇلغان. چۈشۈپ قالغان مىسرالار شۇ بېيىت مىسراسىنىڭ ئۈستىگە تولۇقلاپ يېزىلغان. ئارتۇق يېزىلىپ قالغان مىسرالار ئۈستىدىن چالا-پۇلا سىزىۋېتىلگەن. بۇلاردىن سىرت، بەزى يىپ ئۇچلىرى بۇ كۆچۈرۈلمە نۇسخىدا ئاساسلانغان ئەرەبچە ھەرپلىك نۇسخىسىنىڭمۇ تازا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەرەبچە ھەرىپلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىدا تىنىش بەلگىلىرى بولمىغانلىقى ياكى تىنىش بەلگىلىرى قالايمىقان قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپچىققان خاتالىقلار ھېرات نۇسخسىسىدا ئاساسەن شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. كۆچۈرۈپ يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تېكىستىنى ئوبدان ئوقۇيالمىغانلىقتىن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرگەندە ئەسەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي يېزىۋەرگەن. بولۇپمۇ بەزى تىنىش بەلگىلىرى قۇيۇلمىغان مىسرالارنى ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە كۆچۈرىۋەرگەن ياكى بولمىسا پەقەت شەكلەن كۆچۈرگەن. بەزى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا ئىزاھ بەرگەن چاغدىكى خاتالىقلارمۇ بۇ ئەسەر تېكىستىنى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ئەسلىي ئەسەرنى تازا ئوبدان چۈشىنىپ، كېتەلمىگەنلىكىنى ئەكىس ئەتكۈزۈپ بېرىدۇ.


ھېرات نۇسخسىنىڭ ئاناتولىيەگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ۋىيېنناغا بېرىپ قېلىشىدەك جەرياندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر ئاۋۋال توكاتقا ئېلىپ كېلىنگەن. ئاندىن يەنە مىلادىيە 1474-يىلى ئىستانبولغا كەلتۈرۈلگەن. نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئىستانبولدا تۇرۇشلۇق دىپلومات، ئاۋىستىرىيەلىك شەرقشۇناس جوزېف ھاممىر پورگىشتال (1774-1846) بۇ ئەسەرنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى كونا كىتابپۇرۇشتىن سېتىۋالغان ھەم ۋىيېننا خان جەمەتى كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.


قاھىرە نۇسخىسى: بۇ نۇسخا ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، 1896-يىلى قاھىرە، ھىدىۋ كۇتۇپخانىسى (ھازىرقى دۆلەتلىك كۈتۈپخانا)نىڭ ئەينى چاغدىكى باشلىقى، گېرمانىيەلىك ئالىم مورتىز ئىزدەپ يۈرۈپ تاپقان. ئۇ ئېدىتلاپ بولۇپ، يەر ئاستى ئۈيىگە تاشلىۋېتىلگەن، كىتابلار ۋە دۆۋىلەپ قۇيۇلغان چۇۋالچاق كىتاب بەتلىرى ئارىسىدىن «قۇتادغۇبىلىك»كە مەنسۈپ بۆلەكلەرنى يىغىپ، تۈپلەپ چىققان. شۇڭا، مۇشۇ بىر قاتار تاسادىپىيلىقلار سەۋەبىدىن بۇ مۇھىم كۆچۈرۈلمە نۇسخا يوقىلىپ كەتمەي، ساقلىنىپ قلانغا. رادلوف تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كۆچۈرۈلمە نۇسخىنىڭ بەت ئۇزۇنلۇقى 35~36 سانتىمېتىر، خەتلىرى ئۇچۇق بولۇپ، نەسىخ خەت نۇسخىسىدا يېزىلغاچقا، ئۇقۇماق خېلى ئاسان، قاھىرە نۇسخىسىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىي 1898-يىلى تاماملانغان بولۇپ، رادلوف پېتىربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا مۇزىيى ئۈچۈن نۇسخىلاپ تەييارلىغان. ھازىر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا.


نەمەنگان نۇسخىسى: بۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئەڭ مۇكەممەل كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىنى Z.A. ۋەلىدوف 1913-يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەد غوجا ئىشان لالەرىش دېگەن كېشىنىڭ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىسىدا بايقالغان.

بۇ نۇسخا بىر مەھەل يوقىلىپ كەتكەن، كېيىن ئۆزبېكىستانلىق ئالىم فىترەت ئۇى قايتىدىن تېپىۋالغان. 1925-يىلى ئۇ تاشكەنىتتە بۇ كىتاب توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. 1928-يىلىنىڭ ئاخىرىدا فىترەت ئۆزىنىڭ «ئۆزبېك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»دېگەن كىتابىدا، بۇ كۆچۈرۈلمە نۇسخىنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى ئېلان قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەمەنگان نۇسخىسى نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرق تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا، 1934-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنىڭ فوتۇ باسمىسىنى تۈركىيە تىل ئىلمىي جەمئىيىتىگە ھەدىيە قىلغان. يېقىنقى زاماندىن بېرى چەتئەل ئالىملىرى «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. تۈركىيە ئالىملىرى بۇ ئۈچ خىل نۇسخىنى جەملەپ سېلىشتۇرۇپ، 1947-يىلى نەشىر قىلدۇرغان لاتىنچە تىرانسكرىپسىيە بېرىلگەن. كۆچۈرۈلمە نۇسخا ئەڭ مۇكەممەل ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن سىرت، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق رايۇنلاردىنمۇ «قۇتادغۇبىلىك» كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىنىڭ قالدۇق پارچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان. چەتئەللەردىكى بەزى شەرقشۇناسلار ۋە تۈركۈلوگلار يۇقىرىقى ئوخشاشمىغان نۇسخىلارنى يېشىپ ئۇقۇش، تىرانسكرېپسىيە بېرىش ۋە باشقا خىل يېزىقتا كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى ئاللىبۇرۇنلا باشلىغان ھەم نۇرغۇن تەرجىمە-تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى «قۇتادغۇبىلىك» نى نەشرگە تەييارلاش ۋە تەتقىق قىلىش كۈچەيتىلدى. 1979-يىلى خەنزۇچە قىسقارتىلما تەرجىمە نۇسخا نەشر قىلىندى. 1984-يىلى يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا تەييارلانغان ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تولۇق نۇسخا نەشر قىلىندى. 1986-يىلى 10-ئايدا يەنە لاتىن ھەرىپلىك تىرانسكرىپسىيە بېرىلگەن خەنزۇچە تولۇق تەرجىمە نۇسخا نەشر قىلىندى. «قۇتادغۇبلىك»ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئۈستىدە ئېلىمىز نۆۋەتتە مۇكەممەل سېستىمىغا ئىگە «قۇتادغۇبىلىكشۇناسلىق»نى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەردە ئۆزبېكچە، روسچە، ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشر قىلىندى. جوڭگۇدا «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمىي يىغىندىن بۇيان، بۇ خىزمەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1984-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى باش بولۇپ نەشىرگە تەييارلىغان ئەسلىي تېكىستىنىڭ لاتىنچە تىرانسكرىپسىيە بېرىلگەن ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نەزمىي نۇسخىسىنى نەشر قىلدى.

پۈتۈن داستان ھېكايە تۈسىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، سيۇژىتى جانلىق ھەم ئىخچام، «كۈنتۇغدى»،«ئايتولدى»،«ئۆگدۈلمىش»،«ئودغۇرمىش»تىن ئىبارەت سىمۋوللۇق تۆت پېرسۇناژ ئايرىم-ئايرىم ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن. بۇ تۆت پېرسۇناژنىڭ تۇنۇشۇشى، بىللە خىزمەتتە بولۇشى، بەس-مۇنازىرە قىلىشى، ۋاپات بولۇشى ئارقىلىق خەلقنىڭ كىشىلىك ھاياتتا زىممىسىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بايان قىلىنغان. ئابستراكت دىيالوگ ۋە بايانلاردا كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىسى، قىممەت قارشى مەسىلىسى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئىشلارغا ئائىت مەسىلىلەرنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە دىققەت قىلىنغان بولۇپ، قاپلىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ.

«قۇتادغۇبىلىك» تىكى ھېكايە ۋەقەلىكى مۇنداق: پادىشاھ كۈنتۇغدى ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىلىملىك زاتلارنى ئوردىغا قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىشقا قۇيۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئايتولدى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ پادىشاھقا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىش نىيىتىگە كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يول بېسىپ پايتەختكە كېلىپ ھەم پايتەختتە خېلى ئۇزاق كۈتۈپ، يېڭى تۇنۇشقان دوستىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئاران دېگەندە ئوردىدا خىزمەت قىلىدىغان ھاجىپ بىلەن تۇنۇشىدۇ. ھاجىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى پادىشاھقا تەۋسىيە قىلىدۇ. پادىشاھ كۆپ جەھەتتىن سىناش ئارقىلىق ئۇنى ۋەزىر بولۇشقا مۇناسىپ شەرتلەرنى ھازىرلىغان كىشى ئىكەن. دەپ قاراپ، ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ. ۋەزىر ئايتولدى ئوردىدا دۆلەت ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ بىر ياقلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ بارلىق بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلىشىغا نائىل بولىدۇ. بىراق، خۇددى ئۆزىنىڭ ئىسمى «ئايتولدى»بولغىنىدەك، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا پادىشاھقا ئوغلى ئۈگدۈلمىشنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە قۇيۇشنى ئىلتىجا قىلىدۇ. پادىشاھ ئۈگدۈلمۈشنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە بىلىم-قابىلىيىتىنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن ۋە سىنىغاندىن كېيىىن، ئۇنى ئايتولدىنىڭ ئورنىغا قۇيۇشقا قۇشۇلۇپ، ئوردا ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەيدۇ. ئۈگدۈلمىش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن كېچە-كۈندۈزلەپ پادىشاھ ھوزورىدا خىزمەت قىلىپ،خانىدانلىقنىڭ ئىشلىرىنى تىرىشچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقاچقا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن چىن كۆڭلىدىن خۇش بولۇپ، ئۈگدۈلمىشنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر ئوردا ئىشلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىگە ھەمدەم بولالايدىغان بىر قابىل كىشىنى تاپماقچى بولىدۇ. ئۈگدۈلمىش پادىشاھقا ئۆزىنىڭ ئىنىسى-زاھىت ئودغۇرمىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئۆگدۈلمىش تاغ ئارىسىغا ئۈچ قېتىم بېرىپ، ئودغۇرمىشنى ئوردىغا كېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، بىردەك ئودغۇرمىشنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككىيلەن ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسكىن مۇنازىرە قىلىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى يۇسۇندا چوڭقۇر، مول مەزمۇنلۇق تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ. ئاخىرىدا پادىشاھ بىلەن ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ، ئادەم ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقىدىن، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىغا، قىرانلىق چاغلىرى ئاخىرلىشىپ، ماغدۇرىدىن كېتىۋاتقان ئەھۋالىغا ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تازا ئارامىدا بولمايۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىققا قايتا نەزەر سېلىپ، ئاخىرقى تىنىقىغا قەدەر ئۆزلىرىنى دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئاتاش نىيىتىگە كېلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەركىزىي تېىمىسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇشۇ مەركىزىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئائىت بايانلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. يىغىپ ئېيتقاندا، ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ئىككى جەھەتتە ئەكىس ئېتىدۇ؛

  بىرى، دۆلەتنى قانداق ئىدارەقىلىش، يەنە دانا ۋەزىرنىڭ بايانىدىكى پادىشاھ، ۋەزىز، سەركەردە، ھاجىپ، ئوردا تەپتىشبېگى، ئەلچى ۋە ئوردا غەزىنىدارى قاتارلىقلارنىڭ قانداق شەرتنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى، ۋەزىرلەرنىڭ پادىشاھ ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئاۋامغا، دانىشمەنلەرگە، ئالىملارغا، تېۋىپلارغا، شائىرلارغا، دېھقانلارغا، ھۈنەرۋەنلەرگە، يوقسۇللارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى دېگەندەك:

يەنە بېرى، شائىر كۆڭلىدە تەلپۈنگەن غايىۋى دۆلەت. بۇ غايىۋى دۆلەتتە «قانۇن ۋە ئادالەت»نىڭ سىموۋولى بولغان پادىشاھ كۈنتۇغدى ئەڭ دانا ھۆكۈمران بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى «بەخت-سائادەت، تەلەي-ئامەت»ۋە «بىلىم-پاراسەت»نىڭ سىمۋولى بولغان ۋەزىرلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان سۇلالىنى يۈكسەلدۈرىدۇ؛ بۇ دۆلەت كىشى قەلبىنى تەلپۈندۈرىدىغان، يوقىرى ساپالىق غايىۋى دۆلەتتۈر، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزىرىدە غايىۋى دۆلەتنىڭ ئەندىزىسى شۇنداق بولۇشى كېرەككى، پادىشاھ بىلەن ئاقىللار ئاۋامغا ئوخشاشمايدىغان قاتلامنى تەشكىل قىلىپ، ئەقىل-پاراسەتتە چولتا ھەم ھەمىشە ياخشىلىقتىن مۇستەسنا يۈرىيدىغان نادانلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. «قۇتادغۇبىلىك»تە ۋەزىر ئايتولدى. ئۆگدۈلمىش ۋە ئودغۇرمىشلار پادىشاھ كۈنتۇغدىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىل-دانىشمەن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار پادىشاھ كۈنتۇغدىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە توختىماستىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ۋە نەسىھەت قىلىپ تۇرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»تە بەخت-سائادەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي مىزانىنى تۈزۈپ بەرگەن، يەنە كېلىپ بۇ ئاساسىي مىزان ئۇنىڭ قارىشىچە ئادالەت، سائادەت، پاراسەت ۋە قانائەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ تۆت پېرسۇناژنى تۆت پىرىنسىپنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۆڭۈل قۇيۇپ لايىھەلەپ چىققان. ئۇنىڭ قارىشىچە، غايىۋى دۆلەتتە ئادەمنىڭ ياخشىلىقى مەدھىيەلىنىشى، يامانلىقى چەكلىنىشى لازىم. كىشىلەر بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆز نەپىسىنى تىزگىنلىشى، ئۆزىنى دۆلەت مەنپەئىتىگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپ ئىچىگە قۇيۇشى لازىم. دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئادالەت ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇڭا، ئادالەت ئۇقۇمى «قۇتادغۇبىلىك»تە ئاساسىي يېتەكچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشىلىق«قۇتادغۇبىلىك»تە بەخت سائادەتنىڭ بەلگىسى قىلىنغان، شۇنداقلا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ زۆرۆر شەرتى قىلىنغان. كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق توغرىسىدىكى ئاساسىي تۇنۇشى ئوخشاش، بىراق، ياخشىلىقنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش، ياخشىلىق مەنزىلىگە قانداق يېتىش جەھەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئادەم بولۇشنىڭ مىزانىنى ئېرىنمەستىن بايان قىلىپ، شەخسىي پايدا-مەنپەئەتكە بېرىلىشتەك يامان ئىشلار، ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرنى كۆپلەپ مىسال كەلتۈرگەن. ئۇ ئادەملەرنى ئوخشاشمىغان تەبىقىگە ئايرىپ، ھەربىر تەبىقىگە ئوخشاشمىغان قىممەت ئۆلچىمى قويغان. بىراق، ياخشىلىقنىڭ ماھىيىتى جەھەتتە تەبىقىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ قويمىغان، ياخشىلىققا ئېرىشىشكە كەلگەندە، بۇنى ياخشىلىققا يېقىنلىشىش دەرىجىسى ۋە يامانلىقتىن يىراق تۇرۇش دەرىجىىسگە باغلىغان. ياخشىلىققا قانچىكى يېقىنلاشسا، يامانلىقتىن شۈنچە يىراق تۇرىدىغانلىقى، يامانلىققا قانچىكى يېقىنلاشسا، ياخشىلىقتىن شۈنچە يىراقلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. يەنە كېلىپ ياخشىلىققا يېقىنلىشىش ئىقتىدارى ياخشىلىقنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدىغانلىقىنى، ياخشىلىقنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ياخشىلىققا يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ياخشىلىقنى چۈشىنىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدا ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇڭا، بىلىم-سەۋىيە ئادەمنىڭ ئىززەتلىك-پەس، يۇقىرى-تۆۋەن ۋە ياخشى-يامان، گۈزەل-سەت بولۇشىنى بەلگىلىگەن. ئەقىل-پاراسەت ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىدىكى ئىنتىلىشلىرى ۋە تەقدىر-قىسمىتىنى بەلگىلىگەن.

مەنبە:«شىنجاڭ ھەققىدە ھېكايىلەر» توپلىمنىڭ 4-قېسىمدىن ئېلىندى.
5uQq.jpg
10fac2eab17.jpg
38.JPG
49161287044849512.jpg
2321324132933210725.jpg
5778962746847070818.jpg
t01d4f01b566c408897.jpg
t01f1cd21c76f3e8ab3.jpg
bagdax

0

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4277
توردىكى ۋاقتى: 349
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-11

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-17 14:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  

20

تېما

97

دوست

6286

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2174
توردىكى ۋاقتى: 294
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-17 14:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   angiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-17 14:46  

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت بۇ گۆھەردىن نۇرغۇن دۆلەتلەر دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا پايدىلىنىلماقتا، مەسىلەن:  «دۆلەتنى قانداق ئىدارەقىلىش، پادىشاھ، ۋەزىز، سەركەردە، ھاجىپ، ئوردا تەپتىشبېگى، ئەلچى ۋە ئوردا غەزىنىدارى قاتارلىقلارنىڭ قانداق شەرتنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى، ۋەزىرلەرنىڭ پادىشاھ ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئاۋامغا، دانىشمەنلەرگە، ئالىملارغا، تېۋىپلارغا، شائىرلارغا، دېھقانلارغا، ھۈنەرۋەنلەرگە، يوقسۇللارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك»
مەجبۇرىيەتلىرى دېگەندەك
بەلكىم دۆلتىمىزمۇ مۇشۇ ئەدىبىمىزنىڭ كىتاۋىدىن ئۆرنەك ئالغاندۇ

1

تېما

4

دوست

4136

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1239
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-17 15:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق بىر كىتابنىڭ مەيدانغا كېلىشى قاراخانىيلارخاندانلىقنىڭ ھاكىميەت ئ‍اساسىنى مۇستەھكەملىدى، ئ‍ۇنڭدىن باشقا يەنە خەلىقنى ئ‍ىلىم مەرىپەتكە يىتەكلەش ،ياشلارنى ئ‍ىلىم ئ‍ېىلىپ ئ‍ۆزىنى كۇچلەندۇرۇش جەھەتلەردە ،قىسقسى ئ‍ادەمىيىلىك بىلەن ياشاش توغرىسدا مۇھىم ئ‍ەھمىيەتكە ئ‍ېگە بىر دىداكتىكىلىق داستان .
bagdax

7

تېما

3

دوست

2928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 909
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-17 16:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قۇتادغۇ بىلىگنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نەشىرىنى ئاڭلىغان . راستىمنى ئىيتسام ئاڭلاش جەريانىدا پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپتەكلا ھىس قىپتىمەن . ئەمما بۇرۇن دەرسلىكتىمۇ قۇتادغۇ بىلىكنىڭ مۇشۇنداق بىر نەچچە خىل نەشىرى بارلىقى سۆزلەنگەن ئىدى. مەن مۇشۇ چاغقىچە قۇتادغۇ بىلىك ھەققىدە مۇنداق ئىزاھاتنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. قۇتادغۇ بىلىك تە بىر سىر بار ئوخشايدۇ. ئىمكان بولسا قۇتادغۇ بىلىكنى قايتىدىن بىر تەتقىق قىلىپ باقساق بولغۇدەك .

0

تېما

0

دوست

363

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77025
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-18 14:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت .

1

تېما

7

دوست

3100

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-18 15:13:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى  بۇ كىتاپنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقاندا مەن 20 كويغا ئۈچنى سېتىۋېلىپ ئىككىنى دوسلىرىمغا سوۋغات قىلىۋىتىپ بىرنى ئۆزەم ئېلىپ قالغان. ھازىرمۇ پات-پات ئوقۇپ قويىمەن .ھەر قېتىم قولۇمغا ئالسام ، بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمىمەن.

2

تېما

1

دوست

950

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   90%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  70323
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-18 16:19:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )