قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: angiz

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك»

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41721
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 508
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-21 03:33:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسەر بۇ . مەن ئىلگىرى نەچچە قىتىملاپ ئوقىغان  كىيىن  ئاۋازلىق ئەسىرنى ئاڭلاپ  بۇ كىتاپتىكى بەزەن بايانلارنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ چۇشەندىم  . ئاۋازلىق  ئەسەرنى  بەك ياخشى ئىشلەپتۇ  .
بۇ كىتاپتا ھاياتلىق توغۇرلۇق  بۇلۇپمۇ ئىنسانىڭ  ۋاختى ، ئۆمۇرىنىڭ قىسلىغى  ، قانداق ياشاش كىرەكلىگى  ۋە  ئىنسان ئىجدىماھىيىتى  توغۇرلۇق بايانلار ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ  .
بۇ كىتاپنى ئوقىغانلار   مەيلى  ھۇكمىران بولسۇن  ، مەيلى سودىگەر بولسۇن ، مەيلى بىرەر ھۇنەرۋەن ـ كەسىپ ئەھلى  بولسۇن  ، مەيلى  بىلىم ئىشقىدا  كۇيۇپ يۇرگەن ئوقۇغۇچى بولسۇن ،  مەيلى ئۇزىنى خۇداغا ئاتىۋەتكەن دەرۋىش موللىلار بولسۇن  ياكى مەيلى دىخان  بولسۇن  ئىش قىلىپ  جەمىيەتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدىكى كشىلەر ئوقىسا ئۇزىگە تىگىشلىك نەپ ئالالايدۇ .
bagdax

0

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4277
توردىكى ۋاقتى: 349
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-11

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-22 03:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئەدسىردىكى كاشىغەردە  جۈسۈپ بالاساغۇنى ناملىق بىرەر ئەدىپ ئۆتكەنمۇ شۇ دەۋىردىكى كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدە قەيىت  قىلىنغان ؟مۇنبەرداشلاردىن بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

16

تېما

8

دوست

2811

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 799
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-22 11:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ، ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﮭﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ «ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ» ﻳﯧﺰﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ « ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ» ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ»، « ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻤﯘ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭ ﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .

ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ﮬﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ . ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ .

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 410 – ﻳﯩﻠﻰ بالا ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ “ ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﮬ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 514 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ “ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ “ ﻗﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ .

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ -ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ (ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻧﻰ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﯧﻤﯘﺭ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ . ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : “ ﺋﻪﺯ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻪ ﭼﻪﮬﺎﺭﺳﻪﺩ ﮬﻪﺟﺘﺎﺩ ﮬﻪﺷﺖ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩﻓﺎﺕ ﺷﯘﺩﻩ . ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭ ﺯﻩﻣﯩﻨﻰ ﻓﺎﺑﻰ ﺋﺎﺏ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺷﯘﺩﻩﺳﺖ ، ﺋﺎﻣﯩﻦ . ﻣﯩﻦ ﺷﻪﻳﺨﻰ ﺩﯗﺋﺎﮔﯘﻱ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﺋﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺳﯘﺑﮭﯘ ﺷﺎﻡ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻟﻪﺩﺩﯞﺍﻡ ﻣﻪﺭﺍﺯﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﯧﮭﺘﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﺭﯗﻛﯟﺍﺭ ﺭﻭﮬﻰ ﭘﯘﺭﻓﯘﺗﯘﮬ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻣﯩﻜﯘﻧﻪﻡ “ ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ “ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺏ “ ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺸﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1040 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﺎﺭﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ، ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﻮﯓ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : “ ﺋﻪﺭ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ‘ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﺎﻣﯩﻐﻪ ﻳﯜﺳﯜﺝ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺩﯗﺭ . ﻣﻪﺯﺍﻓﯩﺌﯩﻲ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺑﺘﺎ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﭘﻪﻗﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻳﯜﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺩﻩﻓﯩﻨﮕﺎﮬﯩﻨﻰ ﺑﯘ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ’ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ “ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ“ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﻣﯚﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ .

ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 8.20 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 26 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﻮﻏﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻗﭽﯩﻼ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ( 1877 – 1845 – ﻳﯩﻠﻼﺭ) . ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺭﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 1965 – ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 – ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ( 1900- 1985 -ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ .ئﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ 1985 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ “ ﺑﯘﮬﺮﯗﻟﺌﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ : “ ﻗﻪﻟﻪﻣﯩﻲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ “ ( ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﻮﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺩﯨﻦ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ 1984 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ 726 ﺑﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 34 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﮕﻰ 22 ﺳﺎﻧﺘﻘﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 6 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ 13 ﻗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺭ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺭﻩﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﯩﭻ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ : “ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﺕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ : “ ﺳﯜﺭﻩ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ “ ﺑﯩﻠﻪﻥ “ ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻟﯩﻒ ، ﻻﻡ ، ﻣﯩﻢ “ ﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ “ ﺋﻪﻟﻼﮬﯘﻣﻤﻪ ﺋﻪﻧﻔﻪﺋﯩﻨﺎ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻗﻰ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1835 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﯓ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 155 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 1830 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1848 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺯﻭﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺌﯩﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﺴﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺵ – ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻐﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ 723 – ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺷﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ( ﭼﻪﺕ ﭼﯚﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ) ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ : “ ﺑﯘ ﺳﯘﺭﻩﺗﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﻤﯩﺌﻪ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺋﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻢ ، ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﯞﺍﯓ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﮬﯩﺲ – ﺳﻪﺋﯩﺪﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺭﯗﺋﯩﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻐﻪ ﺑﻪﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺯﺭﺍﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺷﺎﮬﺎﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﻪﻻﻡ ﺷﻪﺭﯨﻔﺘﻰ ﻓﻪﻗﯩﺮﻏﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ، ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ، ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﺩﯗﺋﺎ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻣﯘﮬﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ . 1253 – ﮬﯩﺠﯩﺮﻯ “ .

ﺗﺎﻣﻐﺎ ( ﻣﯚﮬﯘﺭ ) ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1238 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺕ “ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻦ ﺳﻪﺩﺭﯨﺪﺩﯨﻦ “ ﺩﯗﺭ .

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ، ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ، ﺯﯗﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ، ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ

مەنبەسى : كارۋان تورى

0

تېما

4

دوست

983

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67024
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-23 13:13:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SANHON يوللىغان ۋاقتى  2016-8-22 03:32
11-ئەدسىردىكى كاشىغەردە  جۈسۈپ بالاساغۇنى ناملىق بىرەر  ...

11-ئەسىردىكى تارىختا ‹‹جۈسۈپ بالاساغۇنى ››دەپ بىرەر شەخىس مەۋجۇت ئەمەس!!!
پەقەت يۈسۈپ خاس ھاجىپ  دىگەن مەشھۇر بىر شەخىس قەدىمقى كاشىغەردە ياشاپ ئۆتكەن !!!
مۆھتىرەم يۈسۈپ خاس ھاجىپ   بوۋىمىزنىڭ  ئەينى دەۋىردىن ساقلىنىپ قېلىپ ، دەۋرىمىزگىچە ە   يىتىپ كەلگەن 3دانە ‹‹قۇتادغۇ بىلىك ››ناملىق مەشھۇر  كىتابىنىڭ ھىچقايسىسىدا ، ئالىم  ئۆز نامى-شەرىپىنى  ‹‹جۈسۈپ بالاساغۇنى ››دىمىگەن !!!بەلكى ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ››دىگەن مۇبارەك نام بىلەن ئاتىغان !!!
3320278825379190313.jpg
bagdax

0

تېما

4

دوست

983

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67024
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-23 13:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SANHON يوللىغان ۋاقتى  2016-8-22 03:32
11-ئەدسىردىكى كاشىغەردە  جۈسۈپ بالاساغۇنى ناملىق بىرەر  ...

0

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4277
توردىكى ۋاقتى: 349
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-11

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-23 18:53:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە

0

تېما

1

دوست

1557

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64566
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-24 13:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yorunkax يوللىغان ۋاقتى  2016-8-23 13:13
11-ئەسىردىكى تارىختا ‹‹جۈسۈپ بالاساغۇنى ››دەپ بىرەر ش ...

ئورۇنلۇق ئىنكاس!

0

تېما

0

دوست

3

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75069
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-24 14:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yorunkax يوللىغان ۋاقتى  2016-8-23 13:13
11-ئەسىردىكى تارىختا ‹‹جۈسۈپ بالاساغۇنى ››دەپ بىرەر ش ...

بۇ بۆيۈك ئالىمنى  بۇ يىلدىن باشلاپ ،مۇشۇ خوشنا دۆلەتتىكى تارىخ بۇلاڭچىللىرى  نومۇس قىلماي مېنىڭ ئىتۋالدى !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )