قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7325|ئىنكاس: 124

م.ئوغۇز: بىزدىكى باي تەسەۋۋۇرلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

17

دوست

4852

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1621
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-29

قىزغىن ئەزا پەخىرلىك ئەزا نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 19:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدىكى "نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى"نى شۇنچىلىك سۆيۈپ ئوقاتتىم. ئەپەندىنىڭ يۇمۇرىستىك خاراكتىرى، ھەققانىيلىقى، نامرات سۆيەرلىكى مىنى ئۆزىگە رام قىلغان ئىدى. ئاپامغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ كىتابخانىدىن "نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى" دىگەن كىچىك كىتاپچىلەرنى سېتىۋىلىپ زوق-شوخ بىلەن ئوقۇپ كەتكەنلىكىم ھىلىمۇ ئىسىمدە. ئۇ كىتابلاردا يوقسۇللارنى ياقلاپ بايلار بىلەن قىلغان بەس-مۇنازىرىلىرى ھەم ئۇلارنى مات قىلغان يۇمۇرىستىك جاۋابلىرى كۆپ ئۇچراتتى. لەتىپىلىرىدە بايلار "يوغان قورساق، ئاچكۆز، پىخسىق، زالىم، شەخسىيەتچى" قىلىپ تەسۋىرلىنەتتى. بىزنىڭ سەبىيلىكىمىزدىكى "باي" تەسەۋۋۇرى ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ شەكىللەنگەن دىسەم خاتالاشمايتتىم. شۇ سەۋەبتىن سىنىپىمىزدىكى "باي" نىڭ بالىلىرىغا باشقىچە قارايتتۇق. گەرچە بىزنىڭ لەتىپىلەردىن ئالغان "باي" تەسەۋۋۇرلىرىمىز ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما سىنىپتىكى "باي" نىڭ بالىلىرىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پوزىتىسيە تۇتاتتۇق. بەزىلىرىمىز "پىخسىق، ئاچكۆز"نىڭ بالىسى دەپ بوزەك قىلىپ "ھەققانىيەتچى" بولۇش يولىنى تاللىساق، بەزىلىرىمىز "ئۆھتەم، زالىم" نىڭ بالىسى دەپ قورقۇپ يىقىنلاشماسلىق، بىتەرەپ تۇرۇش مۇئامىلىسى قىلاتتۇق. ھەتتا يەنە بەزىلىرىمىزمۇ يوق ئەمەستىكى، " پىلى بولمىسىمۇ، چىشى چىقار" دەپ مەقسەتلىك يىقىنلىشاتتى. دىمەك، ئۆتمۈش زاماندا ياشاپ ئۆتكەن، قايسى مىللەتكە تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان بۇ سىرلىق شەخس نامىدىكى تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا تا بۈگۈنگە قەدەر تارقىلىپ يۈرگەن ئۇ لەتىپىلەر ئۇزۇن تارىختىن تارتىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ "باي" تەسەۋۋۇرىغا ئوتىغۇچ بولۇپ كەلدى.

     كىشىلەرنىڭ بايلارغا نىسبەتەن ئىجابىي ياكى سەلبىي قارىشى شۇ دەۋىرنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۇشىنى تۈرتكە قىلىدۇ. سىياسىي ئارقا كۆرۈنۇش بولسا شۇ قەۋىمنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن قاراشلىرىنى مەنبە قىلىدۇ. بىزدە "باي" تەسەۋۋۇرى ھىچبىر زامان تۈز سىزىق شەكىلدە داۋام ئەتمىدى ھەم ئەتمەيدۇ. خەلق ھەر دەۋىر سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ "باي" ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرىگە مايىللىشىدۇ. ئەمما، شۇنى كىسىپ ئىيتالايمەنكى، 11-ئەسىردىن كىيىنكى تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ "پىرامىدا" قىياسىدىكى ئىشانلىق ئىدىيىسى كىرگەندىن تارتىپ بىزدە بايلارغا نىسبەتەن سەلبىي قاراش كۈچەيدى. " باي بولۇش" - دۇنياغا بىرىلىش، دۇنيالىقنى ئاخىرەتلىكتىن ئۈستۈن كۆرۈش دىگەن سۆزلەر بىلەن مەنىداش مەنىدە قوبۇل قىلىندى. سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ "باي" تەبىرىگە ئاساسەن، مۇتلەق كۆپچىلىك پۇقرالار تەرىپىدىن تەركىدۇنيالىق، نامراتلىق بولسا ياشاش يولى قىلىپ تاللىۋىلىندى. بايلىق پەقەت بىر قىسىم ھوقۇقپەرەسلەر تەرىپىدىن كونترۇل قىلىندى. ھوقۇق ۋە بايلىقنىڭ ئاز سانلىقلار قولىغا مەركەزلىشىشى ئۇلارنى ئازدۇردى، ئاچكۆزلەشتۇردى. مانا بۇ سەۋەب خەلقنىڭ قەلبىدىكى "باي" تەسەۋۋۇرىنى سەلبىيلەشتۇردى. بىزدە بايلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئېقىپ يۈرگەن ماقال-تەمسىللەر خىلى بار، مەسىلەن : پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن. باينىڭ مىلى- كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى. بايغا كۈندە بايرام كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ كۈندە ئوي. سۇ سايغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا. باي بىلەن دەۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما... دىگەندەك بايلارغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشتىكى ماقال-تەمسىللەر نۇرغۇن. ئەمماكى، شۇ دەۋىرلەردە بايلار سىپىدىن ئورۇن ئالغان نى دۇرۇست نىيەتلىك ھەقىقىي بايلىرىمىز ھەم ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلار خەلقنىڭ ئارمانىغا ھەم دەرمان بولۇپ ئۆتكەن، ئەلۋەتتە .

     ھالا 20-ئەسىرگە كەلگەندە، ماركىس ۋە ئىنگىلىس "باي" ئۇقۇمىغا يىپيىڭى بىر ئېنىقلىما بەردى. ئۇلار ئۆز نەزەرىيىلىرىدە "باي، ئاقسۆڭەك" ئاتالغۇلىرىنىڭ ئورنىغا "بۇرژۇئا، پومشىچىك" ناملىرىنى ئىلىپ تەنقىدلىدى. بايلىقنى مۇتلەق دۆلەت كونترۇل قىلىشنى، خەلققە تەڭ باراۋەر تەقسىم قىلىشنى سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي مىزانى قىلىش ئىدىيىسىنى تارقاتتى. روسيە ۋە جوڭگۇدىكى بارلىق خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپەت ھىساپلانغان " مەدەنىيەت ئىنقىلابى " دەۋرىدە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق تەرىپىدىن خەلقنىڭ "باي" تەسەۋۋۇرى قايتىدىن يىپيىڭى شەكىلدە تىكلەندى. بۇ دەۋىردە باي بولۇش - خەلقنىڭ قىنىنى شوراش، خەلقنىڭ ھەققىنى يىيىش، خەلقنى ئېزىش دىگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنىدە سۇيئىستېمال قىلىندى. ئۇيغۇر بايلىرى بارلىق مۈلكىنى دۆلەتكە تاپشۇردى. بايلار كەمسىتىلدى، خەلق باي بولۇشتىن ۋاز كەچتۇرۇلدى. "قورساق توق، كىيىم پۈتۈن بولۇش" ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىھتىياجى بولدى. 80-يىللارغا كەلگەندە، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئۆزگەردى، "باي" ئۇقۇمىغا قايتىدىن تەبىر بىرىلدى. بۇ دەۋىردىن باشلاپ باي بولۇش - خەلقنى بىيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزىنى كۈچلەندۇرۇش دىگەن مەنىلەر بىلەن شەرھلەندۇرۇلۇشكە باشلىدى. 21-ئەسىردە خەلقئارانىڭ "باي" ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرى يەنە ئۆزگەردى. يەنى تۈنۈگۈن باي بولۇش -ماركىلىشىش ئىدى، بۈگۈن بولسا باي بولۇش - يەرشارىلىشىش ھىساپلاندى. پەن-تىخنىكا تەرەققىياتى ۋە سودا ئەندىزىسىنىڭ ئىزچىل يىڭىلىنىپ تۇرۇشى ئىنسانلارنىڭ "باي" تەسەۋۋۇرىنى ئۈزلۈكسىز يىڭىلاپ تۇردى. ئەمما بۇ يەنىلا مەدەنىيەت ۋە دىن مەنبەلىك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تۈرتكە قىلىشنى داۋام قىلىدۇ.

     بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ "باي" تەسەۋۋۇرى غەرپ دۆلەتلىرى كۆزىدىكى "يەرشارىلىشىش"دىن تىخى يىراق. ھازىر بىز "ئۆزلىشىش"نىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا. تىخى يەنە جوڭگۇلاشمىدۇق، ماركىلاشمىدۇق. "ئۆزلىشىش" كۆپىنچە مىللىي ھىسياتنى مەنبە قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، "ئۆزلىشىش" باسقۇچىدىكى كارخانىلار ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ ۋەكىلى ياكى ئوبرازى دەپ بىلىۋالغاچقا، مىللىي ھىسياتتىن داۋاملىق پايدىلىنىدۇ. "ئۆزلىشىش" باسقۇچىدىن ھالقىغاندىن كىيىن، مىللىي ھىسياتقا ئىھتىياج قالمايدۇ. ئەمما بۇ باسقۇچتىن ھالقىماق ئىنتايىن تەس. بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى كىشەنلەپ تۇرغان نۇرغۇن سەۋەب بار، ئەڭ چوڭ سەۋەب يەنە ئۆزىمىز. بىز يىراق ۋە يىقىن ئۆتمۈشتىكى "باي" تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىن تىخى ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزمىدۇق. خۇددى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى شاما دىنىدىكى بەزى ئادەتلەرنى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يۈدۈپ يۈرگەنگە ئوخشاش بۇرۇنقى سەلبىي "باي" تەسەۋۋۇر پايتىمىلىرىنى سۆرەپ يۈردۇق. بايلارغا بولغان قارىشىمىزنى تىخى ئىلمىيلاشتۇرالمىدۇق. شۇ سەۋەب بايلىققا نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيە تۇتالماستىن قىممەت قارىشىمىزنى بۇزدۇق. بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزدە مەۋجۇت ئىلغار قىممەت قاراش ئورنىغا، سىرتنىڭ چاكىنا "بايلىق" قارىشىنى دەسستەتتۇق. ھەتتا، ئۇنى ئىلغارلىق دەپ ماختاندۇق. ئەمما، ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكى، ئەجداتتىن ئۈدۈم قالغان بىزدىكى تىجارەتكە ھىرىس / تىجارەتكە ماھىر ئىرسىيەت بۈگۈنكى "ئۆزلىشىش" باسقۇچىگىچە كىلەلىشىمىزدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولدى.

     بىزنىڭ كاللىمىزدا شۇ نۇقتا ئايدىڭ بولۇشى كىرەك، دۇنيادا ئىنسانىيەت ئۇنۇتمايدىغان، ئۇزۇن زامان خاتىرىلەپ ئەسلەيدىغان كىشىلەر بولسا پەيغەمبەرلەر، مۇتەپەككۇرلەر، پەيلاسۇپلار ھەم ئادىل ھۆكۈمرانلاردۇر. لىكىن، بۇ كىشىلەر بىر مىللەت ئىچىدىن يا نەچچە يۈز يىلدا بىر، ۋە ھەتتا نەچچە مىڭ يىلدا بىر چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈن داۋاملىق زېھىن ئاجىرتىش بىر مىللەتتىن تەلەپ قىلىنمايدۇ. بىراق، بۈگۈنكى كۈننىڭ شەرتلىرى ئاستىدا، مەلۇم مىللەت، مەلۇم دۆلەتنىڭ ھەر ئاي، ھەر يىل ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىدا ھەم كۈچلىنىشىدە، شۇ مىللەت، شۇ دۆلەت ئەڭ ئىھتىياجلىق كىشىلەر -كارخانىچىلاردۇر، جۈملىدىن بايلاردۇر. بايلار قوشۇنى خىل ھەم كۈچلۈك بولغان مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى كۈچلۈك بولىدۇ. ھازىر قىلغان گىپىنىڭ توغرىلىقى ئەمەس، قىلغان گىپىنىڭ پۇللۇقلىقى بەكرەك دىققەت تارتىدۇ. بىز مەۋجۇتلىقىمىزنى دۇنياغا ھىس قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بايلار توپىنى كىڭەيتىشىمىز، خىللاندۇرىشىمىز كىرەك. بۇنىڭدىن باشقا بەك چوڭ ئۈمىدلىك يول يوق. بىر دوكتۇر مەلۇم تەتقىقات ئورنىدا مائاش ئىلىپ مەلۇم بىر تۈردە پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىۋىتىشى مۇمكىن. بىراق، بىر كارخانىچى ۋاقتى كەلسە نەچچە يۈز دوكتۇرغا مائاش بىرىپ نەچچە مىڭ تۈرنى تەتقىق قىلالىشى مۇمكىن. بىزدە ئاتا-ئانىلار ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىشى، بالىلىرى ئۈچۈن مەمۇرلۇقنى بىردىنبىر "جان ساقلاش" مەنبەسى قىلىۋىلىپ، پەرزەنتىنىڭ ھايات بىغىنى بىر ئۆمۈر شۇنىڭ بىلەن تىمىتىپ سۇغۇرماسلىقى كىرەك. چۈنكى بۇ تۆمۈر تاۋاقنىڭ چېقىلىدىغانلىقى يىقىن كەلگۈسىدە يۈز بىرىدۇ. شەخسىي كارخانىلار بىلەن ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلەتكەنلىكى ئۆزىلا بىر شەپە. پەرزەنتلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يىقىلىشتىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيلەش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئاتا-ئانىلاردىن تەلەپ قىلىنماقتا ھەم ئاتا-ئانىلار شۇنىڭغا مەجبۇر. تەۋەككۈلچىلىكتىن قورقمىغان كىشى ھامان يىڭىدۇ، ئۇتۇق قازىنىدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتى يىڭى-يىڭى "باي" ئۇقۇمى ئىنىقلىمىلارنى دۇنياغا سۇنىۋاتىدۇ. سىزمۇ "باي" تەسەۋۋۇرىڭىزنى فورماتلىۋىلىڭ !
bagdax

3

تېما

0

دوست

8638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2549
توردىكى ۋاقتى: 455
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 19:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimit007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-19 17:16  

.

0

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82864
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 20:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىممىتى مال-دۇنيا بىلەن ئۆلچەنسە ھەممە كىشىنىڭ پۇل ماللىق
بولغۇسى كېلىدۇ. باينىڭ قىممىتى پۇل-مال بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ياخشى بولامدۇ،يامان بولامدۇئوخشاش ئۇدىگەن باي بەزىلەرئۈچۈن. ئەمما ئاز ساندىكىلەرنىڭ قىممەت  
ئۆلچىمى يەنىلا ئىنسانى بۇرۇچ.

4

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 4103
توردىكى ۋاقتى: 1324
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 20:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللەتنىڭ ئادەم بايلىقى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ ؛
1-كاپىتاللار (بايلار )
2-ئىختىساس كۈچلىرى
3-ئەمگەك كۈچلىرى .
ئىسرالىيەگە نىسبەتەن 1-ۋە 2-تەرەب مىللەتنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي .
ئامىرىكا ،ياپون ،گىرمان،3ئاساسقا تەڭلا ئىگە .
2-،3-لار تەرەققىياتنىڭ كۈچى بولالمدۇ دىگەن مەسىلىگە نىسبەتەن ھازىرغىچە بىرەر دۆلەت ئىسپاتلاپ باققىنى يوق .ئەمىلىيەتتە ئىختىساس ئىگىللىرى كاپىتال ئەكىرىشنىڭ ئاساسىي ئىدى بىراق ،ئامىكىچە تەپەككۈر يولى ئىختىساس كۈچىنى ئاقما بايلىققا ئايلاندۇرۇپ،بىر ئىختىساس ئىگىسىنىڭ  مىللەت ۋە دۆلەت  تۈيغۇسىغا باشقىچە ئۇقۇم بىلەن تەسىر قىلدى .دىمەك بىزنىڭ لەتىپىللىرىمىز دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا بايلار ھەرخىل سەلبىي ئوبرازلار بىلەن بىزەلدى .بىزمۇ بايلارغا نىسبەتەن قەلبىمىزنىڭ تىگىدىن ئۆچمەنلىك ۋە ياخشى بولمىغان قاراشلار بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ ئويۇلدى .يىقىن كەلگۈسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بىزنىڭ بايلىرىمىز ۋە سەرخىل باشلامچىلىرىمىزنىڭ شەخسيەتسىز ،مىللەت مەنپەئەتىدىن باشقا مەنپەئەلەتلەرگە باش ئەگمەيدىغان ئوق كىشىللىرىمىز بەلگىلەيدۇ .
تەقدىرنى قانداق كىشىلەرگە تاپشۇرماڭ چوقۇم بايلار شۇ مىللەتنىڭ ماتورى ،ئىسكىلاتى .شۇڭا قىرىنداشلارنىڭ يۇرت بايلىرىنى ئاسرىشىنى ،ئورا كولىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
bagdax

1

تېما

14

دوست

5193

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1592
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 20:38:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايلاردىن نەپرەتلىنىش، بايلىققا ئۆچ بولوش ئېنىقلا نامراتلىققا ئاشىقى بىقارار بولۇشنىڭ، خارلىققا ئۈلپەت بولۇشنىڭ داغدام يولى.

0

تېما

0

دوست

3508

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34915
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1086
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 20:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەزىلەرپۇلنى قانداق تاپتىڭ .قانداق تاپتى دەپ غەيۋەت قىلىشمىسۇنلەر،شۇ بايلارنىڭ بىز دەك پىت ئۈچەيلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ئۇخلاپ ياتقاندا  تىرىشىپ تىرمىشىپ جاپالاردا پۇل تاپقىننى ئۇنتۇپ قالمىسۇن، شۇڭىمۇ بەزەن پاچاقچىلار نىڭ كۆتىدىن قان كېتىپ بىرەسى يېڭى ماشىنا ئالسا ياكى  جىقراق چىقىم قىلسا ئولتۇرالماي قالىدىكەن نەدىن تاپتى دەپ ....

0

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82246
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 75
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 21:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-10-29 20:34
بىر مىللەتنىڭ ئادەم بايلىقى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ ؛
1-كاپى ...

پاھ  نېمىدىگەن   ئ‍ورۇنلۇق مۇلاھىزە بۇ،  ھارمىغايسىز پۇتىن ئ‍ۇستاز،…

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3024
توردىكى ۋاقتى: 774
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 22:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ. ئىختىساد بىر دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
خەلق باي بولسا دۆلەت تەرەاققى قىلىدۇ،روناق تاپىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىز  ئىختىسادنىڭ    دۆلەتنى ۋە مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرىشتىكى موھىم ۋاستە ئىكلەنلىگىنى تونۇپ يەتتى،خەلقمۇ تونۇپ يىتىۋاتىدۇ.
ئىقتىساد ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بايلارنى  دۆلەت ئىختىسادى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرىنجى قەدەم دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )