قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3930|ئىنكاس: 10

م.ئوغۇز: خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ۋە بىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

17

دوست

4852

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1621
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-29

قىزغىن ئەزا پەخىرلىك ئەزا نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 04:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانكى بىر ئىسىل كىتاب ئوقۇغىنىڭىزدا، دۇنيانىڭ مەلۇم يىرىدىن تىخىمۇ كۆپ نۇرلارنىڭ كىرىشى ئۈچۈن بىر ئىشىك ئىچىلغان بولىدۇ.
- ۋىرا نازارىيىن ( روسيەلىك يازغۇچى )

image.jpg

كىتاب تىلغا ئىلىنغىنىدا، كۆپىنچە كىتابخانا ھەم كۇتۇپخانىلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. چۈنكى بىز ئادەتتە پەقەت شۇ سورۇنلار ئارقىلىق كىتاب بىلەن ئۇچرىشىمىز. بۈگۈن مەن دىيارىمىزغا نىسبەتەن ھازىرچە ناتونۇش بولغان، ئەمما خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەت ھەم رايونلار ئۈچۈن تونۇشلۇق ئاكتىپ پائالىيەت سورۇنى ھىساپلانغان كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ھەم ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

image.jpg

كىتاب يەرمەنكىسى دۇنيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا بەك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولمىغان يىڭى تۈر. ئۇنىڭ ئىلىپ بىرىلىشتىكى ماھىيەتلىك سەۋەب بولسا ئىدىيەنى تاۋارلاشتۇرۇش ھەم تاۋارنى ئىدىيەلەشتۇرۇشتەك كەڭ دائىرىلىك ئالماشتۇرۇش مىخانىزىمىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ كۈچلۈك تەلىپىدۇر. تارىخىغا كۆز تاشلىغىنىمىزدا، بەزىبىر مەنبەلەر بىزنى ئوتتۇرا ئەسىرگە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن 500 يىل ئىلگىرى گىرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە كىتاب ئىلىم-سېتىم ھەم تەشۋىقات ئىلىپ بىرىلىدىغان ئىپتىدائىي شەكىلدىكى كىتاب يەرمەنكە سورۇنلىرى بولغان. ھەتتا ئەنگىلىيە پادىشاھى خەنرىي 8 ئۆز ئەلچىسى توماس بودلىي ئەپەندىنى شۇ شەھىرگە بىرىپ ئوكىسفۇرد ئۇنۋىرسىتىنىڭ يىڭى كۇتۇپخانىسى ئۈچۈن كىتاب سېتىپ ئەكىلىشكە ئەۋەتكەن. كىيىن چىركاۋ ھوقۇقدارلىرىنىڭ خىرىستىئان دىنىغا زىت قالايمىقان مەزمۇندىكى كىتابلار ھەم سېتىلدى دىگەن ئىنكاسى بىلەن بىر مەزگىل پائالىيەتتىن توختىغان. 1950-يىللىرىغا كەلگەندىن بىرى " فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى" نامىدا رەسمىي يوسۇندا ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۇپ كىلىۋاتىدۇ.

image.jpg

فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى - گىرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان، كۆلەم جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن كىتاب يەرمەنكىسى بولۇپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 7000مىڭغا يىقىن يەرمەنكە ئۆتكۈزگۈچى قاتنىشىدۇ، ھەريىلى 2 مىليۇندىن ئارتۇق زىيارەتچىنى قوبۇل قىلىدۇ. دىمەككى نۇرغۇن تىللاردا يىزىلغان ھەرتۈرلۈك كىتابلار يەرمەنكىگە قاتناشتۇرىلىدۇ. ئادەتتە بەش كۈن ئىلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ كۈن پەقەت مەخسۇس كىتاب سودىگەرلىرى ئۈچۈن ئىچىلىدۇ، كىيىنكى ئىككى كۈن ئادەتتىكى زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ئىچىلىدۇ. ئىتالىيىنىڭ تۈرىن شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان " تۈرىن خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى" قاتناشقۇچى زىچلىقى جەھەتتىن ئەڭ كۆپ كىشى قاتنىشىدىغان يەرمەنكە ھىساپلىنىدۇ، ھەريىلى 3 مىليۇندىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ. بۇلاردىن سىرت، قاھىرە كىتاب يەرمەنكىسى، لوندۇن كىتاب يەرمەنكىسى، كالكۇتتا كىتاب يەرمەنكىسى، يىڭى دىھلى كىتاب يەرمەنكىسى، ئەبۇ دابى كىتاب يەرمەنكىسى، توكيۇ كىتاب يەرمەنكىسى، شياڭگاڭ كىتاب يەرمەنكىسى، ھەم شۇنداقلا بىيجىڭ خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى چوڭ يەرمەنكىلەر قاتارىدىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلاردا كىتاب يەرمەنكىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ.

image.jpg

ئۆتمۈشتىكى كىتاب يەرمەنكىلىرى چېتىلغان ساھە، تۈر ۋە كۆلەم جەھەتتىن ئىنتايىن كۈچلۈك چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە كىتابتىن سىرت، يەنە رەسساملىق، خەتتاتلىق، ھەيكەلتاراشلىق، بىناكارلىق، پەن-تىخنىكىلىق باسمىچىلىق، ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت بويۇملىرى، بالىلار ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقلىرى دىگەندەك تىخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە كىڭەيدى. يازغۇچىلار، كىتاب سودىگەرلىرى ھەم چېتىشلىق باشقا ساھە تىجارەتچىلىرى كىتاب يەرمەنكىلىرىنى بىيىتتى. كىتاب يەرمەنكىسى شۇ رايۇن ياكى دۆلەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ساپاسىنىڭ بىر كۆزنىكى سۈپىتىدە جىلۋە قىلدى. كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئەمەلىيەتتە يەنە بىر تەرەپتىن زىيالىيلار ۋە بايلارنىڭ بىلىم بىلەن ئىقتىساد ئارىسىغا كۆرۈنمەس ھاڭ قوپۇرۇپ چىقارغان قاتمال قارىشىنىڭ يىمىرىلىشى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى شۇنچىلىك كىڭەيدىكى، تىل، مىللەت، مەدەنىيەت، ھەتتا دىن چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى. كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى دولقۇنىغا كاياك بولدى.  

image.jpg

1986-يىلىغا كەلگەندىلا دۆلىتىمىزگە كىتاب يەرمەنكىسى كىردى، يەنى ساق 30 يىل بولدى. ھازىر شياڭگاڭ، بىيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق بىرقانچە شەھەرلەردە ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۇپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، دىيارىمىزغا تىخى ئاياق بىسىپ باقمىدى. باشقا تۈردىكى يەرمەنكىلەرنىڭ دىيارىمىزغا كىرگەن ۋاقتى ھەم ئىنتايىن قىسقا. بەلكىم ئاستا-ئاستا كىتاب يەرمەنكىسىمۇ رايۇنىمىزغا ئىللىق چىراي ئاچىدۇ. چۈنكى بۇ بىر زۆرۈرىيەت ھەم ئىستەك. ئۇيغۇر كىتاپچىلىقىمىز خىرىسقا مۇھتاج ! ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز ھەم رەقىبكە مۇھتاج ! خىرىسسىز كىتاپچىلىقنى پاخال باسىدۇ دىسەك، رەقىبسىز يازغۇچىنىڭ ئۆزى پاخال دىيىشكە بولىدۇ. دىيارىمىزدا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئىلىپ بىرىلىشى تەرەققىي تاپقان ئىچكىرى ئۆلكە ۋە دۆلەت سىرتى نەشىرىياتچىلىق كىتابلىرىنىڭ رايۇنىمىزغا كۆپلەپ كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ يەردە قانداقتۇر كىتاپچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى نوقۇل ھالدا كىتاب يەرمەنكىسىگە باغلاپ قويۇشتەك تەنتەكلىككە يوچۇق ئىچىش ھەرىكىتىدە بولمىدىم. بەلكى ئۇنىڭ باشلامچى ئاكتىپ تەسىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم خالاس. كىتاب ئوقۇشنىڭ قىممىتىنى قايتا تەكىتلەشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە زۆرۈرىيىتى قالماسلىقى كىرەك ئىدى. لىكىن ئاخىرىدا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ : جەسىتىمىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئوكسىگېن بولسا، مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى كىتاب، يەنە شۇ كىتابتۇر.
bagdax

7

تېما

6

دوست

5400

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 1499
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 14:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىق مەنبەيىمىز ئوكسىگېن بولسا، مەنىۋىيىتىمىزنىڭ  مەنبەسى كىتاب، يەنە شۇ كىتابتۇر.

。。。。。。。。。。。。。。
تېمىڭىزغا تەشەككۇر!

11

تېما

44

دوست

4356

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66756
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 564
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 14:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىسىل يازمىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن، رەھمەت.

11

تېما

44

دوست

4356

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66756
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 564
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 14:30:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى خېلى يوقىرى بولىۋاتىدۇ.
bagdax

27

تېما

8

دوست

6271

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 2015
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 16:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ماقالىلىرىڭزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز

1

تېما

5

دوست

2428

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 17:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب-تۈگىمەس بىلىم كانى ،كىتاب ئۇقۇغانچە ئادەمنىڭ دىلى يۇرۇپ ،تەپەككۈرى ئويغىنىدۇ....
ياخشى تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 17:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپنى تەرىپلەشكە تىل ئ‍اجىزلىق قىلىدۇ…

0

تېما

1

دوست

886

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74862
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 19:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور خاتالىشىپسىز، جۇڭگو كىتاب يەرمەنكىسى رايونىمىزدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )