قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4485|ئىنكاس: 9

پۇلىڭىز بولمىسىمۇ سودا ياكى تىجارىتىڭىزنى باشلىيالايسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

874

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-9 22:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى: شەرىفىدىن قارلۇق

قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادپەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى

مەنبە: SherfMPD سالونى

     بىرەيلەن دوستىدىن: «مېنىڭ تورت ۋە ھەرخىل تاتلىقلارنى چىقىرىدىغان قەھۋەخانا ئاچقۇم بار، ئەمما مەندە مەبلەغ يوق. نەچچە يىل بۇرۇن ئاتا-ئانام مېنىڭ ئارزۇيۇمغا قوشۇلماسلىقى ۋە مېنى باشقا كەسىپكە زورلىشى بىلەن مەن بۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. ھازىر ئويلىسام يەنە شۇ ئارزۇيۇمدىكى ئىشنى قىلمىغانغا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. مېنىڭ ھەقىقەتەن تورت ۋە ھەرخىل تاتلىقلارنى چىقىرىدىغان قەھۋەخانا ئاچقۇم بار، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇنداقتا دوستىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن «ئالتە قەدەم باسقۇچ لۇق جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى.

     1. ئويلاشنىڭ قالپىقىنى ئۆزگەرتىش
     سىزنىڭ ھازىرقى بىئارام ھېسسىياتىڭىزنى، ھازىرقى ئۆزىڭىز رازى بولمىغان ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان كىشى پەقەتلا سىز. ئاتا-ئانىڭىزدىن ۋە سىزنى قوللاپ بەرمىگەن دوستلىرىڭىزدىن رەنجىشتەك پاسسىىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇڭ. تورت ۋە ھەرخىل تاتلىقلارنى چىقىرىدىغان قەھۋەخانا ئاچماقچى بولغان ئادەم دەل سىز. بۇ ئارزۇغا يېتىشىڭزدە پەقەت سىزلا ئاساسلىق رولچى. ئەگەر بۇ خىل كەيپىياتتىن قۇتۇلمىسىڭىز مۇشۇ خىل ھالىتىڭىز داۋام قىلىدۇ. ئىشىڭىزنى باشلىغان تەقدىردىمۇ يېرىم يولدا ۋاز كېچىسىز. پىسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتساق، ئادەم ئەنسىز ۋە ئۈمىدسىز ھالىتىدە ياكى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشىنىڭ بولىدىغىنىغا ئىشەنمىگەن ھالەتتە قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. شۇڭا ئويلاش شەكلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.

     2. مەھسۇلاتنىڭ ياكى مۇلازىمەتنىڭ شەكلىنى تاللاش
     سىز تاللىماقچى بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت چوقۇم ئەتراپتا ئاكتىپ پەرق ياسىيالايدىغان بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ياكى خۇشاللىقىغا ۋە ياكى ئۇلارغا نىسبەتەن مەلۇم قولايلىق كەلتۈرلەيدىغان بولۇشى كېرەك. يۇقىرىدا دېيىلگەن ئ‍ۈچ تۈرنىڭ ئاز بولغاندىمۇ بىرسىنى ئۆزىدە بار قىلغان مۇلازىمەت شەكلى ياكى مەھسۇلات بولۇشى كېرەك.

     3. نۇسخىلاش
     ئەگەر سىز، سىز ئىش قىلماقچى بولغان ساھەدە ياكى شۇ كەسىپتە تەجرىبىسى بار بىرەيلەن بولسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز. سىزدە سىز تاللىغان ساھەگە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە يوق بولسا سىز چوقۇم شۇ ساھەدە سىز باسماقچى بولغان قەدەمنى بېسىپ بولغان كىشىلەرنىڭ كىتابلىرى ئوقۇش، لېكسىيە دەرسلىرىگە قاتنىشىش ۋە ياكى شۇلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلارنى نۇسخىلاشنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىدا توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇڭ. بۇ ئارقىلىق سىز نۇرغۇن قەدەملەرنى قىسقارتىپ ۋە نۇرغۇن چىقىملارنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانغا تېزراق يەتكىلى، ئىش ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     تورت ۋە ھەرخىل تاتلىقلارنى چىقىرىدىغان قەھۋەخانا ياكى شىركەت قىلماقچى بولغان ئىكەنسىز، ئاۋۋال بولكا ياكى تاتلىقلارنى سېتىشتىن باشلاڭ ۋە ياكى شۇنى قىلىدىغان ئورۇنغا بېرىپ ئىشلەڭ. بۇ ئارقىلىق شۇ ساھەنىڭ قانداقلىقىنى، شۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ قانداق تەمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، قانداق تۈردىكى رېتسېپلارنىڭ بارلىقىنى ۋە  قايسى خىل شەكىلدىكى يەتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىنەلەيسىز. ئەگەر تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسە، باشقۇرغۇچىلار بىلەن ياكى لىدىر بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شۇ ئورۇننى قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، قايسى خىل شەكىلدە باشقۇرىدىغانلىقىدىنمۇ ئانچە-مۇنچە خەۋەردار بولالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا شەكىلدە نۇسخىلاش ئىنتايىن مۇھىم.

     4. بازارنى تاللاش ۋە شۇ بازاردىكى ئېھتىياجنى بىلىش
     ئىمكان بولسا توردا ئېلېكتىرونلۇق ياكى قەغەز ئارقىلىق كىچىك تۈردىكى بازار ئانالىزى قىلىڭ. سىز كىرمەكچى بولغان بازار قانچىلىك، يېقىن كەلگۈسىدە قانچىلىك چوڭىيىش ئىمكانىيىتى بار، سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى ياكى مۇلازىمىتىڭىزنى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەر كۆپمۇ ياكى ئاياللارمۇ، ياشلارمۇ ياكى قېرىلارمۇ ۋە توردىن سېتىۋالىدىغانلار كۆپمۇ ياكى بىۋاسىتە سېتىۋالىدىغانلارمۇ دېگەندەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىشىڭىز، بۇ سىزنىڭ كىرمەكچى بولغان بازارنىڭ ھازىرقى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى چوڭلۇقى ۋە ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەخمىنلەرنى توغرا قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.

     5. خاسلىقىنى بېكىتىش
     سىزدە شۇ ساھەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلق رىقابەتچىلەردىن چوقۇم پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاسلىقىڭىز بولۇشى كېرەك. بۇ خاسلىق مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىدە، باھاسىدا، ئوراپ قاچىلاشتا، تەشۋىقاتتا ۋە يەتكۈزۈشنىڭ شەكلى دېگەندەك تۈرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىرسىدە چوقۇم پەرق بولۇشى كېرەك. ئەڭ بولمىغاندا سىز كىچىك پەرق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىڭىز كېرەك. ئۇنتۇماڭكى، بازار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرسى شۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتىكى خاسلىق.

     6. چوڭ ئويلاش كىچىك باشلاش
     «ئاينى نىشانلا تاغقا تېگىدۇ». ئەگەر سىزدە يېتەرلىك مەبلەغ بولمىسا ھېچقىسى يوق. دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ كارخانىلار بىر ئادەم بىلەن ئىنتايىن كىچىك ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى كارخانىغا ئايلانغان. كىچىك باشلىسىڭىز خەتىرى ئاز بولىدۇ، سىزگە نىسبەتەن بەك تەسكە توختاپمۇ كەتمەيدۇ ۋە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشمۇ ئاسان بولىدۇ. لېكىن چوقۇم چوڭ ئويلاشنى ئۇنتۇماڭ. ئويىڭىزنى، ياكى شۇ چوڭ نىشانىڭىزنى كەسلەپ كىچىك-كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىڭ. چوڭ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كىچىك ھالەتتىن باشلاڭ. دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك ھەرقانداق ۋاقىتتا پىسخىكىلىق ھالەت ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيلى قانچىلىك چوڭ ئويلىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز مېڭىڭىز، سىزگە توختىماستىن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەپ قىيىنچىلىقىڭىزنى يېڭىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇندىلا سىز ئويلىغان ئاشۇ چوڭ نۇقتىغا يېتەلەيسىز، ھېچ بولمىسا ئىنتايىن يېقىن يەرگىچە يېتىپ بارالايسىز. چوڭ ئويلاڭ، كىچىك باشلاڭ.

     شەخسى ھايات، ئۆگىنىش، سودا، كارخانىچىلىق ۋە لېدىرلىقتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن زەرەتلىنىپ، ئاكتىپ پەرق بەرپا قىلىش!

     سوئال، تەكلىك-پىكىر ۋە قوشۇپ قويىدىغانلىرىڭىز بولسا قارشى ئ‍الىمىز ئەۋەتتە!

     مەزكۇر ماقالىنى SherfMPD سالونى تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز SherfMPD ئارقىلىق ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ سالونىمىزغا دىققەت قىلىڭ.

SherfMPD QR code.jpg
bagdax

0

تېما

5

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86323
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : -7
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-9 23:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇردۇم...............

1

تېما

5

دوست

2428

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-9 23:34:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق تەكلىپلەركەن ،چۇقۇم ئېسىمدە تۇتىمەن

20

تېما

94

دوست

6423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2226
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-5

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-9 23:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى نادىرلاپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك
bagdax

2

تېما

7

دوست

4929

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1587
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-9 23:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى .  بۇمۇ تىجارەتچىلەرنىڭ  ، ئاڭ سەۋىيەسىنى  ئۆستۈرىشىگە تۈرۈتكە بولغىدەك ياخشى تېمىكەن ...

0

تېما

0

دوست

169

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82504
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-10 17:06:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل دىگەننىڭ نىمانچە مىھرى ئىسسىقتۇ!!مەن پۇل تېپىشتىن كۆرە خەجلەشكە بەك ئۇستا،بۇنداق ئەدەملەر ئاسان گادايلىشىپ كىتدىكەن ئەپسۇس.......!

0

تېما

3

دوست

3155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12252
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 683
تۆھپە : 500
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 22:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل مېنىڭ ھىكايەمدەكلا بىلىندى،رەھمەت.... بەك ياخشى ۋە ئەمەلىي ،توغرا پىكىر تەكلىپلەر يېزىلىپتۇ......رەسمىي مۇشۇ باسقۇچلارباسقاندا ئاندىن مەلۇم نەتجىگە ئىرىشكىلى ،شۇنداقلا كىيىنكى قەدەملەردە نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ يىتىدۇ

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4400
توردىكى ۋاقتى: 1144
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 23:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى تېما ئىكەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )