قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2861|ئىنكاس: 25

ھۈكەر: تەڭرىگە خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

دوست

1800

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 109
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-13 04:41:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرى جاندۇر، بىرى مۇھەببەت،
بىرى ۋىجدان، بىرىدە رىغبەت.
ساھىبىدۇر ئىككى ئالەمنىڭ،
ئۇلۇغ زادقا تۆكۈلسۇن ھۆرمەت.

1

ھەر زامان دادامنىڭ كۈلۈپ تۇرۇشۇنى خالايىتتىم.
دادام كۈلگەن ۋاقىتتا ئاغىنىلىرىم ئىزدەپ كەلسە كېتىپ قالاتتىم.
بىزنىڭ ئۆيدە تۆت جان بار.
دادام قارامتۇل، ۋىجىك ئادەم.
بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئالەم.
بىز  ياز پەسلى شۇنچىلىك گۈزەل يۇرتتا ياشايمىز.
ئىنىم ئىككىمىز يازنىڭ ئويۇنلىرىغا قانمايمىز.
ھەركۈنى تاڭ يورىغاندا دادامنىڭ يوتقىنى قۇرۇق ئىدى.
ئاشخانا ئۆيىمىزدە ناننىڭ ئۇۋاقلىرى ۋە دادام چاي ئىچكەن چىنىلا تۇراتتى.
ھەر سەھەر شۇنداق تۇراتتى.
چۈنكى دادام ئۆيگە نان ئەكىرمىسە، باشقىلىرىمىزنىڭ چىنىلىرىغا چاي تولدۇرمىسا بولمايىتتى.
پۇل تېپىپ ئىنىم ئىككىمىزنى ئوقۇتاتتى.
بىزگە كىيىم ئېلىپ بېرەتتى.
ئىنىم ئىككىمىز چوڭايغانسىرى كىيىم تاللايدىغان بولۇپ كەتتۇق.
دادام بازىمىزدىكى قىزىل چىراغ يېنىغا جايلاشقان دۇكانلاردىن بىز تاللىغان كىيىملەرنى تارتىشماي ئېلىپ بېرەتتى.
ئۇ شۇ چاغدا كۈلەتتى.
بىزگە قاراپ كۈلەتتى.
ئىچ-ئىچىدىن كۈلەتتى.
ھەر قېتىم بازارغا چىققىنىمىزدا ، «ئالىم كاۋاپخانىسى» دىن بىزگە تۆت زىخ تۇخۇم سۈركەلگەن تونۇر كاۋىپى ئېلىپ بېرەتتى.
ئۆزى بىر چىشلەممۇ يېمەي بىزگە قاراپ ئولتۇراتتى.
ئۇ شۇ چاغدا كۈلەتتى.
بىزگە قاراپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلەتتى.


بىر كۈنى دادام ئىشتىن بۇرۇنلا يېنىپ كەلدى.
بىز ھەممىمىز ھەيران قالدۇق.
دادامنىڭ قولىدا ئىككى خالتا تۇراتتى.
ئۇ شۇنچىلىك خۇشال ئىدى.
خالىتىنى ئىنىم ئىككىمىزگە ئۇزاتتى.
بىز خالىتىنى ئاچتۇق.
ئارقىدىنلا چىراغدەك ياندۇق.
خۇشال بولدۇق.
خالتىدا ئوپمۇ ئوخشاش قاپقارا، چىرايلىق تىكىلگەن خۇرۇم ئاياغ تۇراتتى.
ئالدىنقى كۈنى ئىنىم ئىككىمىز مەكتەپتىن قايىتىپ ئېرىقتىن ئاتلىغاندا ئىنىمنىڭ ئايىغى سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كەتكەنىدى.
مەن بىرنېمىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
«ئازراق ئىش قالغانىدى، بېرىپلا كېلەي» دادام شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى.


ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك كەچ قايتىپ كەلدى.
بۇ قېتىم بىز يېڭى ئاياغنىڭ خۇشاللىقىدا ئۇخلىماي دادامنى ساقلاپ تۇرغانىدۇق.
ئىنىم ئىككىمىز يېڭى ئاياغنى كىيىپ دادامنىڭ ئالدىغا چىقتۇق.
دادام ئايىغىنى يەشتى.
ئۇنىڭ پايقىنىڭ تاپىنى، ئۇچى تېشىلىپ كەتكەنىدى.
كۈلرەڭ كىگىزنىڭ ئۈستىگە پۇتىنى ئالغاندا پۇتىنىڭ ئاستىدىن قان چىققانلىقىنى بىلدۇق.
ئىنىم دادامنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈپ قارىدى.
ئاياغنىڭ چەمىدىن ئىچىگە يورۇقلۇق ئۆتۈپ تۇراتتى.
ئاھ! قەيسەر دادام!


ئىنىم ئىككىمىز گۈزەل ياز پەسلىنى ياقتۇرماس بولۇپ قالدۇق.
لېكىن دادام بەش كۈن يامغۇر يېغىپ، ئىككى كۈن ھاۋا ئوچۇق بولىدىغان بۇ پەسىلنى ياقتۇراتتى.
بۇ پەسىل كەلسىلا باشقىدىن جانلىنىپ كېتەتتى.

2

مەن ھەرزامان ئانامنىڭ خۇشال بولىشىنى تىلەيتىم،
خۇشال بولۇشىنى تىلەيتىميۇ، ئۆزۈم خۇشال بولغاندا ئانامنى ئۇنتۇپ قالاتتىم.
ئانام كۈلگەندە بىللە كۈلەتتىم،
ئانام يىغلىسا بىللە يىغلاشنى بىلمەيىتتىم.


بىزنىڭ ئائىلىدە تۆت جان بار،
بىز قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق جايدا ياشايمىز،
سوغۇق بولسىمۇ يولدىن ئازمايمىز…
ئۆيىمىزنىڭ ئىشىك ـ دېرىزىلىرى ھىم ئېتىلسىمۇ بىز يەنىلا مۇزلايمىز
چاپىنىمىزنى بەدىنىمىزگە چىڭ يۆگەيمىز
تام مېشىمىزغا مەھكەم يېپىشساقمۇ ئىسسىمايمىز.
ئىنىم ئىككىمىزنىڭ چىشلىرى كاسىلدايىتتى.
بەزىدە چىدىماي ئىنىم يىغلاپ سالاتتى
مېنىڭ ئۈنۈممۇ ئىچىمگە چۈشۈپ كېتەتتى.
ئانام ئۇچىسىدىكىنى ئىنىمنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قوياتتى
ئۇ مۇزلىمايىتتى
توڭلىمايىتتى…
ئۇ شۇنچىلىك قەيسەر ئىدى.
ئۇ قارا گازلىق ياغلىقىنى ئېڭىكىگىچە چىڭ چىگىپ،
ئاناردەك قىزراغان مەڭزىنى بىزنىڭ يۈزىمىزگە ياقاتتى.
ئۇزۇن يەڭلىك قارا يەكتىكىگە قولىنى پۈرۈشتۈرۈپ بىزنى قۇچاقلايىتتى.
ئۇنىڭ تېنى ئىللىق ئىدى.
سۆيۈشلىرى «جانلىق» ئىدى.
قاپقارا تام مەشمۇ بىزنى ئانىمىزدەك ئىسسىتالمايىتتى.
بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىنىمۇ ئاچچىق تىترەپ كېتەتتى.
ئىنىم ئۇنىڭغا يېپىنچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەتتى
مەنمۇ ئانامغا ئالغىن دەيىتتىم.
«مۇزلىمىدىم» دەيىتتى ئۇ،
بىزدىن تەشۋىش يەيىتتى ئۇ
«كۆمۈر ئېلىپ چىقاي» دەپ سۈرلۈك ئامبار ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى.
قىروۋ مۇز قاپلاپ كەتكەن كۆمۈرنى سېپى يوق سوغۇق گۈرجەك بېشىغا ئۇسسۇپ چىقاتتى.
ئامبار ئۆيدىن چىقىپلا ئاچچىق قاردا قولىنى چىداپ يۇيىۋېتەتتى.
ئۇنىڭ گۆشلىرى، سۆڭەكلىرى، قىپقىزىل قانلىرى بۇنچىلىك سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلەيىتتى.
چۈنكى ئۇ مۇزلىغىنىنى، توڭلىغىنى چاندۇرمايىتتى.
ئاھ! پەرىشتىدەك قەيسەر ئانام!
ئۇ سوغۇقنى بويسۇندۇراتتى.
لېكىن ئاغرىپ قالاتتى.
ئۇنىڭ بوينىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قالغانىدى.
لېكىن ئۇ سوغۇققا باش ئەگمەيىتتى.
سوغۇقنى باش ئەگدۈرۈپ بولۇپ ئاندىن يېتىپ قالاتتى.
دوختۇرخانىغا بېرىشنى خالىمايدىغان جاھىل ئىدى.
ساقايغىچە «باللىرىم، باغرىم» دەيىتتى.
بىز ئۈچۈنلا ياشايىتتى.
شۇڭا ئىنىم ئىككىمىز قىشقا ئۆچ ئىدۇق.
لېكىن ئانام ھېچنىمىدىن ۋايسىمايىتتى.
ئاھ! تۆمۈردىن قاتتىق ئانام!

………………

ئىنىم ئىككىمىز چوڭ بولدۇق،
ئىش ئۇققىدەك ئوڭ بولدۇق.


بىز ئوقۇشىمىز پۈتكىچە تەڭرىدىن تىلەيدىغان بولۇپ قالدۇق.
«ئەي تەڭرى! دادامغا جەسۇرلۇق، ئانامغا ساقلىق بەرگىن. قەدىردانلىرىمىزنى سالامەت قىلغىن»

2016-يىل 13- ئۆكتەبىر، خوتەن
bagdax

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3856
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-13 13:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ تېما ئىسمىدىن باشقا يەرلىرىنى ياقتۇردۇم ، مۇمكىن بولسا ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋىتىڭ ، ئاندىن كىيىن بىز ئوقۇشىمىز پۈتكىچە تەڭرىدىن تىلەيدىغان بولۇپ قالدۇق. ماۋۇ جۈملىڭىز پەقەت ئوقۇش پۈتكۈزگىچىلا تىلەپ ئاندىن كىيىن تىلىمەيدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويدى ، ئىگىمىزدىن كىچە كۈندۈز تاكى جان ھەلقۇمدىن چىققۇچە تىلەشكە لايىقمىز ، مەلۇم ۋاقىتلا ئەمەس . ياقتۇردۇم ، رەھمەت

3

تېما

7

دوست

3074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 917
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-13 21:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپقۇيدىكەن

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3024
توردىكى ۋاقتى: 774
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-13 21:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ.
بارلىق مىھرىبان ئاتا ئانىلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بۇلىشىنى تىلەيمىز.
bagdax

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86322
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-13 21:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.

0

تېما

1

دوست

2036

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18442
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-14 11:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izbasar375 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-13 13:21
تېمىڭىزنىڭ تېما ئىسمىدىن باشقا يەرلىرىنى ياقتۇردۇم ،  ...

گەپ چۈشىنىشتە ئوخشايدۇ، مەن ئوقۇش ھاياتىدىكى تېلەكلەرنى ھېس قىلدىم .

0

تېما

1

دوست

2036

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18442
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-14 11:56:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچما شېئىر دەيمىزمۇ بۇنى، مەن ياقتۇردۇم.

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3856
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-14 12:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yapirim يوللىغان ۋاقتى  2016-12-14 11:53
گەپ چۈشىنىشتە ئوخشايدۇ، مەن ئوقۇش ھاياتىدىكى تېلەكلە ...

بەلكىم چۈشىنىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى بولۇشى مۇمكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )