قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9563|ئىنكاس: 134

قاسىم سىدىق: مەسخىرىلىك نەتىجىدىن ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

79

تېما

40

دوست

11 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 31265
توردىكى ۋاقتى: 10489
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-28

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈجىنى كۈزدە ساناڭ

_ ئۇيغۇر خەلق ماقالى

كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى 20-ئەسىردىكى ئەڭ كاتتا فىزىكا مۇۋەپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.ھەتتا ،ئېينىشتىيىن 1950-يىلدىكى ئوبزورىدا فىزىكىدىكى باشقا ساھەلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، فىزىكا ئاساسلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىشتىكى سىناقلىرىمدىن ئېرىشكەنلىرىمنىڭ ھەممىسىدە، ئەگەر بىرەر ئاساسىي ئۇقۇم باشلىنىشىدىنلا كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، ھامان بەخىتسىزلىككە دۇچار بولىدۇ".

كومىدىيىلىك يېرى شۇكى، ھازىر كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئۆزى بۇ نەزەريىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالغان تارتىش كۈچى دولقۇنى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىش تەقدىرىگە دۇچ كەلدى. مەن بۇ تېمىدا  ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋە تەسىراتلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

تارتىش كۈچى دولقۇنى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن،بۇ تەتقىقاتقا مەبلەغ ئاجراتقان دۆلەتلەرمۇ ئازئەمەس.ئامىرىكا،ياۋرۇپا ئىتىپاقى،جۇڭگۇ،ياپۇنيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ تەتقىقات تۆرىنى تۇرغۇزۇپ ئازبولمىغان مەبلەغ،ئادەم كۈچى ئاجراتقان.

2014-يىلى ئامىرىكا خارۋارىت ئونىۋېرىستېتى -سىمتسون ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى مەركىزى  تەتقىقاتچىلىرى  بۇ دولقۇننى بايقىغانلىغى ھەققىدە داغدۇغىلىق ئاخباراتلارنى ئېلان قىلغان.ھالبۇكى،ياۋرۇپالىقلارنىڭ قايتا تەكشۈرىشى نەتىجىسدە بايقالدى دەپ قارالغان بۇ دولقۇن ئالەم چاڭ-تۇزاڭلىرىنىڭ سىگنالى بولۇپ چىققان.
2016-يىلى 2-ئايدا ئامرىكا LIGO    (لازىر ئىنتېرېفېرومېتىرى ئارقىلىق تارتىش  كۈچى دولقۇنىنى ئاڭلاش ئەسۋابى) گۇرۇپپىسى بۇ دولقۇننى بايقىغانلىغى ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

131310378.png


1-رەسىم: بايقالغان تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئالاقىدار گىراپىك

نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇ بايقاش كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى ئولۇغ غەلبىسى دەپ تەنتەنە قىلىندى.كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلغانلارغا بۇ "كاتتا ئىسپات" ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇلدى.ئۇيغۇر توردۇنياسىدا مەن بىرقانچە يىللاردىن بېرى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ لوگىكىلىق زىدىيەتلىرىنى تەكىتلەپ،تەنقىت قىلىپ كەلگەنلىگىم ئۈچۈن بۇ بايقاش ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بىرمۇنچە ئاچچىق "نەسىۋە"لەرگە ئىرىشتىم.بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تارتىش كۈچى دولقۇنى گۇيا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزغاندەك قىلاتتى.مەن شۇ ۋاقىتلاردىمۇ تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقىلىشى تارتىش كۈچىنىڭ،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىغىنى ئەسكەرتىكەن ئىدىم.لىكىن،ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا مىنىڭ بۇنداق نىدالىرىم بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە«جاھىللىق» دەپ قارالدى.تاكى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە تارتىش كۈچى دولقۇنى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيسىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى سۈپىتىدە تەنتەنە قىلدى.لىكىن، مەسخىرىلىك مەنزىرە تېخى ئالدىمىزدا ئىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى LIGO  قولغا كەلتۈرگەن  ئەينى ۋاقىتتىكى سانلىق قىممەتلەرنى تەھلىل قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئوخشىمىغان مەزمۇندا ئېلان قىلىندى.بۇ ھەقتە "تەبىئەت"تورى "LIGO بايقىغان قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەكىس ساداسى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ بەربات بولىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى" ماۋزۇلۇق خەۋەر بەردى.
35f4164d59b74fd8b303ff007b9aa6e5_th.jpeg


2-رەسىم: تەبىئەت تورىدىكى ئالاقىدار تېما


يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ نەتىجە ئېنگىلىز،خەنزۇ تىلى دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا "نۇر"تورى بۇ ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە سۇندى.خەۋەردىن مەلۈم بولدىكى ،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ توغرىلىغىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ سانلىق قىممەتلىرىنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەغلوبىيىتىدىن بېشارەت بەرگەن.ئېنگىلىزچە،خەنزۇچە مەنبەلەردە بۇ نەتىجە مەسخىرىلىك نەتىجە دەپ قارالغان.مەسخىرىلىك دېيىلىشىدىكى سەۋەپ،تارتىش كۈچى دولقۇنى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئىسپاتى،دەپ قارالغان ئىدى.ئەمدى كېلىپ ئالاقىدار سانلىق قىممەتلەرنى تەھلىل قىلىش نەتىجىسى بۇ نەزەريىنىڭ ئىنكارى بولۇپ چىققان.

بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن "ھە"دىگەندىلا كاللامغا كەلگىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ "چۈجىنى كۈزدە ساناڭ"دىگەن ماقالى بولدى.

كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىنكارى بولۇپ چىققان بۇ قېتىمقى بۇ نەتىجە مەندە بىر قانچە تەسىراتلارنى پەيدا قىلدى.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.نوپۇز ئىگىلىرىنىڭ ھەممە قاراشلىرىنىڭ توغرا بولۇپ كېتىش ناتايىن ئىكەن.مۇشۇ تارتىش كۈچى دولقۇنى دىگەن پەرەزنى ئالساق ئېنىشتېيىن بۇ قاراشنى 1915-يللىرىلا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بۇ نەزەريىنىڭ قىياسەن بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.گەرچە ئېينىشتېيىن ئۆزى بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنى پەرىزىدىن ئىككى قېتىم يېنىۋالغان بولسىمۇ كىيىن يەنىلا بۇ پەرەزگە قايتىپ كەلگەن.ئەپسۇسكى،ئاقىۋەت تارتىش كۈچى دولقۇنى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت ئەمەس،ئەكسىچە ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىت بولۇپ چىقتى.مۇشۇنەتىجىگە ئىرىشكىچە 100يىل ۋاقىت كەتتى.تۆلەنگەن بەدەل ئاز ئەمەس.دەرۋەقە،چۈجىنى كۈزدە سانىغان ئەۋزەل ئىكەن.نوپۇز ئىلمى ھەقىقەتنى ئۆلچەشنىڭ ئادىل ئۆلچىمى بولالمايدىكەن.ئىلمى گۇمانلىنىش روھى ھەقىقەتەنمۇ ئىلىم-پەن تارىخدىكى مۇھىم پوزىتسىيىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.كىلاسسىك ئىدىيەلەرنى ئۆلۈك يادىلاش ۋە چوقۇنۇش، ئىلم-پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش قىلىپ بېرەلمەيلا قالماي ھەتتا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىكەن.


2.دەرۋەقە،ماتىماتىكىلىق فۇرمۇلا  تەبىئەت پەنلىرى،فىزىكىدا مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى.لىكىن، بۇ قېتىمقى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئاز بولمىغان پاكىتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ماتىماتىكا ھەممىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر قورال دەپ قاراشتىمۇ ئېتىياچانراق بولۇش لازىم ئىكەن.كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ،نىيوتوننىڭ بەزى  قانۇنلىرىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىنىش جەريانىدا مەسىلە يوق تۇرۇغلۇق نىمە ئۈچۈن يەنىلا ئۇلاردىن چاتاق چىقىدۇ؟

بىر فىزىكىلىق تەڭلىمىنىڭ ئىپادىلىرى ماھىيەتتە مۇئەييەن ئۇقۇم،ھادىسە ۋە مىقدارلارنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.فۇرمۇلانىڭ بىرئەزاسىدىن چاتاق چىقسا بۇ فۇرمۇلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.دىمەك،فىزىكىلىق فورمىلانىڭ ئەزالىرىنى ھەر تەرەپلىمە،چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.بۇنداق تەكشۈرۈش قورالى لوگىكىلىق تەھلىل بولىشىمۇ،تەجرىبە بولىشىمۇ ۋە ياكى يەنىلا ماتىماتىكا بولىشىمۇ مۆمكىن.لىكىن،بىر نۇقتا ئېنىق.تەجرىبە ۋە ماتىماتىكا ھامان فىزىكىلىق ئىدىيەگە خىزمەت قىلىدىغان قورال.بىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشىمىز كىرەك.ئېينىشتېيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ماھىيەتتە "ماكان ئەگرى،زامان بىلەن ماكان بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق"  دىگەن ئىدىيە ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان.مەنتىق ۋە پاكىت تەرىپىدىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بۇنداق خاتا ئىدىيەنى ئۇنىڭ ماتىماتىكىلىق "ئىسپات"لىرى قانچىكى "گۆزەل" بولىشدىن قەتئى نەزەر قوتقۇزۇپ قالالمايتى.دىمەكچىمەنكى،نوقۇل ماتىماتىكا تەشەببۇسىغىلا كۈچىمەي،باشقا ئۇسۇللارنىڭ زۆرۆرى ئەھمىيىتىنمۇ تونۇپ يېتىش،ئوقۇغۇچىلارغا ئونىۋىرسال بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇش كىرەك.بۇ ھەرگىز فىزىكىغا ماتىماتىكا موھىم ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس.ماتىماتىكا ئىنتايىن موھىم،لىكىن،ماتىماتىكىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس.بۇ قېتىمقى بۇ مەسخىرىلىك نەتىجىدىن ساۋاق ئېلىش لازىم.ئېينىشتېيىننىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق ئۇچۇرنى سىرىتقا تارقاتمايدۇ،دەپ قارالغان قارا ئۆڭكۆردىن يېتىپ كەلگەن "ئاۋاز"- تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ ئۆزىلا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىكى بىر لوگىكلىق زىدىيەتتىن ئىبارەت.

نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى ۋېنبېرىگ "ئېينىشتېيىننىڭ خاتالىغى"ماۋزولۇق ئەسىرىدە"ماتېماتىكىنى فىزىكىلىق تەسەۋۇرنىڭ مەنبەسى قىلىش ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتقان چېغىدا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان، بىراق ھازىر ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىيىن بولماقتا."دەپ يازغان ئىدى.فىزىكىلىق تەڭلىمە -فورمىلالارنىڭ رولىنى زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ،ئۇلارغا چوقۇنۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلەرنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ،چوڭقۇرراق ئويلۇشۇپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.


3.بىر قانچە يىللاردىن بېرى خەلقئارادىكى ئاز بولمىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان مۇناسىۋەتلىك پەرەز،ھۆكۈملىرىنى قوللىغان ئىدى.بۇ قېتىم بايقالغان بۇ مەسخىرىلىك نەتىجە شەكىل نەزەريىسى تەپەككۈر يۆلىنىڭ دادىل مېڭىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان توغرا يول ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.مەن خۇشاللىنارلىق بۇ پەيىتلەردە شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۆل بۆلگەن،قوللىغان،قاتناشقان بارلىق دۇسىتلار ۋە ئۇستازلارغا سەمىمى رەھمەت ئېتىمەن.ئۇلارنىڭ بۇ خوشاللىنارلىق ئۇچۇردىن بەھىرلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

مەن يەنە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن،كەسىپ ئىگىسى،مۇتەخەسىسلەرنىڭ شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا قاتنىشىشىنى چىن قەلبىمدىن تەكلىپ قىلىمەن.بىز تارىخى پەيىتلەرنى چىڭ تۇتمىساق،تارىخمۇ بىزنى تاشلاپ كېتىدۇ!
bagdax

79

تېما

40

دوست

11 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 31265
توردىكى ۋاقتى: 10489
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-28

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 17:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتېيىن:"ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، فىزىكا ئاساسلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىشتىكى سىناقلىرىمدىن ئېرىشكەنلىرىمنىڭ ھەممىسىدە، ئەگەر بىرەر ئاساسىي ئۇقۇم باشلىنىشىدىنلا كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، ھامان بەخىتسىزلىككە دۇچار بولىدۇ".

ــــــــــــــــــــــــــــــــــ-

ھازىر بايقالغان يېڭى پاكىتلاردىن قارىغاندا ،يۇقۇردا دېيلىگىنىنىڭ دەل  ئەكسىچە بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

11

تېما

0

دوست

5687

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64372
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 1701
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 17:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل تېما

262

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33022
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 522
تۆھپە : 4705
توردىكى ۋاقتى: 797
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 17:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2016-12-18 17:01
ئېينىشتېيىن:"ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، فىزىكا ئاساسل ...

زىيا ئەپەندى، ئۇشبۇ ئەسەرىدە ئىلمىي ئىزدەنىشكە قاراتا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىككى مەسىلەنى ئوتتۇراغا قويغان. بىزنىڭ بارلىق بىلىشلەرىمىز، كۈزۈتۈش، تەجىرىبە قىلىش ۋە پەرەز قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇنىڭدا، ماتىماتىكا، ئەسۋاپ قاتارلىق قوراللارنى ۋاستە قىلغان. دىمەك، كۈزۈتۈش، تەجىرىبە قىلىش ۋە پەرەز قىلىش ، ماتىماتىكا، ئەسۋاپ قاتارلىق بارلىق مەۋجۇد ئامىللارنى ئادەم كەشىپ قىلغان.  ئادەم گەرچە بارلىق جانىۋارلار ئىچىدە ئەڭ يوقارى ئورۇن ياكى مەرتىۋەگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم جانىۋارلارنىڭ بىئولوگىيەلىك، خىمىيەلىك ۋە فىزىكالىق ئىقتىدارىنى يەتىلدۈرمەگەن. بارلىق ئىلىملەردىكى ھەر قايسى ھەمىدلەرمۇ شۇنداق. زىمىنلەم، قۇياشلەم، سامالەم قاتارلىق يەتتە ئالەم گەرچە ئايرىم مۇستەقىل ئالەم بولسامۇ، پانى ئالەمدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن سىستېمىغا نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭ بىر كىچىك قىسمىدىن ئىبارەت. بۇلاردىكى مۇرەككەپ تەركىپ ۋە رۇللارى توغراسىدىكى ئىزدەنىشلەرىمىز، خۇددى ئەمانىڭ پىلنى سىلاپ ھۆكۈم قىلغانىغا ئوخشايدۇ. ئەھۋال شۇنداقكەن، بارلىق ھەمىدلەرنىڭ بىلگەنلەرى پەقەت ھادىسىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇدۇ. چەكلىك بولۇدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەپتىن ئادەمگە تەپەككۇر ئاتا قىلىنغان، ئىزدەنىشكە بۇيرۇلغان. قولغا كەلگەن نەتىجەلەر، ئادەملەرنى ھازىرقى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۇردى. شۇنداق بولسامۇ، بۇلار تېخى شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتىنى ياكى ھەقىقەتىنى بىلىپ بولغانلىقى ئەمەس. ئومۇمەن ئالغاندا، ئىلمىي ئىزدەنىش يولىدا، ھەمىدلەرگە ھۆرمەت قىلىش، قۇرال-سايمانلارنى ئەتىۋارلاش كېرەككى ئۇلارغا مۇتلەق ھەقىقەت دەپ چوقۇنماسلىق لازىم. چۈنكى، چوقۇنۇشنىڭ نەتىجەسىدە، تەپەككۇر توختاپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.
bagdax

1

تېما

14

دوست

5199

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 20:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sayaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-18 20:28  

تەقسىر بەك ئالدىراپ ھاياجانلىنىپ قاپسىز، مەنبەدىكى مەزمۇننى تەپسىلى ئوقۇڭ
ھازىر ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش چىگرىسى ئەتراپىدا ئەكس سادا بايقالدى، يەنە تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلوماتلارنىڭ ئاشكارلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئەكس سادا يوقىلىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇ ئەكىس سادا يوقالمىسا، بۇ تەتقىقات كەڭ مىنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ خاتالىقىدىن تۇنجى بىشارەت بەرگەن بايقاش بولىشى مۇمكىن…… دېيىلىپتۇ خەنزۇچە مەنبەدە

سۆز ئويۇنى بولمىسۇن
http://m.news.baidu.com/news?cip ... 579.shtml?_k=pxmmk4

1

تېما

14

دوست

5199

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 20:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم پەندە قۇيروق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ماڭا ئايدىڭ
سىزنىڭ ئىزدىنىش روھىڭىز، ئىلىم غايىڭىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار، ئەمما ئىلىمگە تۇتقان پوزتسەيىڭىزدىكى بىپەرۋالىققا ئاچچىغىممۇ بار.

يەنە بىر ئىش، بولمىش شەكىك نەزەرەيسىگە ئىشەنمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىسپىيلىك نەزەرەيسىگە چوقۇنغۇچىلاردىن، نوپوزپەرۋەرلەردىن ئەمەس، بۇنى سەمىڭىزگە سالاي
شەخسەن مېنىڭ شەكىل نەزەرەيسى دېگەن بۇ گەپكە پاسىپ قارىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، سۆز ئوينىتىشنىڭ كۆپ بولىشى، ۋە  ئىنتايىن ماس كەممىگەن دەلىللەرنى  مەسىلەن پۇتبۇلنىڭ يايسىمان ھەركىتى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى سەۋەبىدىن بولىدىغان تۇرۇقلۇق، بۇ شەكىل نەزەرىيسىنىڭ ئىسپاتى شەكلىدە پاكىت ئويدۇرىشىڭىز  سەۋەبىدىن

http://m.youku.com/video/id_XMTUwMDc4ODE4OA==.html#vfrm=2-3-0-1
مانا ماۋۇ فىلىمدە بۇ ھادىسە ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن

79

تېما

40

دوست

11 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 31265
توردىكى ۋاقتى: 10489
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-28

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 20:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-18 21:20  
Sayaq يوللىغان ۋاقتى  2016-12-18 20:09
تەقسىر بەك ئالدىراپ ھاياجانلىنىپ قاپسىز، مەنبەدىكى مە ...

"تەبىئەت"تورى :  "LIGO بايقىغان قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەكىس ساداسى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ بەربات بولىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى"

ئۇلىنىشى: http://www.nature.com/news/ligo- ... y-breakdown-1.21135

مەن ئانچە ئالدىراپ كەتمىدىم.خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە مەنبەلەردە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ بەربات بولىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى.كۈچتىن قالىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى.ئاغدۇرلىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى،مەسخىرىلىك ئىش بولدى، دەپ يېزىلىۋاتىدۇ.

ــــــــــــــــــــــــــــ


لازىر نۇر كاشىلىسى تارتىش كۈچى دولقۇنى رەسەتخانىسى (LIGO) بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بايقىغان قارا ئۆڭكۈر بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان تارتىش كۈچى دولقۇنى ھەققىدىكى دەلىللەر ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىق نەزەرىيەسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىسپاتى دەپ قارالغان، ئەمما ئۇ يەنە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىق نەزەرىيەسىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن بىشارەت بەردى.

فىزىكا ئالىملىرى LIGO تۈرى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، قارا ئۆڭكۈردىكى ئەكس سادا بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىق نەزەرىيەسى ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. فىزىكا ئالىملىرى ئىزچىل تۈردە: «ئېينىشتىيىننىڭ ئۇلۇغ نەزەرىيەسى چېكىگە يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا مەغلۇب بولىدۇ» دەپ قارىغان. مەسىلەن: قارا ئۆڭكۈرنىڭ يادىروسى.

قارا ئۆڭكۈردىكى ئەكس سادا كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىق نەزەرىيەسى قارا ئۆڭكۈرنىڭ گىرۋىكىدە مەغلۇب بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

قارا ئۆڭكۈرنىڭ گىرۋىكى دەل كۆرۈش دائىرىسى، كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىق نەزەرىيەسىدە «كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەن يورۇقلۇقنى ئۆزئىچىگە ئالغان ھەرقانداق نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ.


مەنبە:




79

تېما

40

دوست

11 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 31265
توردىكى ۋاقتى: 10489
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-28

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 21:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ئاددى بىر سوئال نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىنى ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈرۆپ قويىدۇ،ئۇ سوئال شۇكى: ئالەم نىمە ئۈچۈن كېڭىيىدۇ،تارتىش كۈچى نىمە ئۈچۈن كېڭىيىشنى چەكلىيەلمىدى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )