قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 5

سودا پىلانى قانداق يېزىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

874

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئۆزلەشتۈرگۈچى: شەرىفىدىن قارلۇق


قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى ماگىستىر ئاسپرانتى


مەنبە: SherfMPD  سالونى
               
سودا پىلانى - قىلماقچى بولغان سودىنى قانداق جەريان ۋە ئۇسۇللار بىلەن نىشانغا يېتىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دوكلات ياكى بايان. بەزىدە سودا پىلانى يەنە شۇ شىركەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ياكى شۇ پىلاننى تۈزگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ نىشانغا يېتىش شەكلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سودا پىلانى چۈشەنچىسى ۋە شەكلى خېرىدار، ئىستېمالچى ياكى باج تاپشۇرغۇچى ۋە ياكى جەمئىيەتكە قاراپ ئ‍وخشىماسلىققا ئىگە بولىدۇ. ئادەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر سودا چوڭراق ئۆزگىرىش قالماقچى ياكى يېڭىدىن مەبلەغ قوبۇل قىلماقچى بولسا، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان سودا پىلانى يېزىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ئادەتتە مەبلەغ سالماقچى بولغانلارمۇ شۇنچىلىك ۋاقىت بۆلىكىدە پايدا ئالالايدىغان ياكى ئالالمايدىغانلقىغا قارايدۇ.
ئەمدى سىز سودا پىلانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىشقا ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بىرمۇنچە ئۇچۇرلارنى توپلاش كېرەكلىكىنى چۈشىنەلەيسىز. ئۇنداقتا بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چاپاننى سېلىپ، قەلەمنى ئېلىڭدە كاللىڭىزدا ئويلىغان پىلانىڭىزنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. تۆۋەندە بىز سودا پىلانى يازغاندا چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك بولغان يەتتە بۆلەكنى كۆرۈپ باقايلى.


1. قىسقىچە مۇھىم مەزمۇن
سودا پىلانىدىكى بارلىق بۆلەكلەرنىڭ ئىچىدە «قىسقىچە مۇھىم مەزمۇن» ماۋزۇدىن كېينلا يېزىلىدۇ. سودا پىلانىنى ئوقۇغان كىشىگە بۇ «قىسقىچە مۇھىم مەزمۇن» سىزنىڭ نېمە قىلماقچى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك. بۇ بۆلەك ئىنتايىن مۇھىم. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نۇرغۇن سودا ئىگىلىرى بۇ بۆلەكنى سودا پىلانىنىڭ ئاخىرىدىكى بەتلىرىگە كۆمۈپ قويىدۇ.


2. سودىنى چۈشەندۈرۈش
ئادەتتە بۇ بۆلەك سىز قىلماقچى بولغان سودا تەۋە بولغان چوڭ ساھەنى چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلىنىدۇ. چوڭ ساھەنى چۈشەندۈرگەندە ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بەزى ئەمەلىي پەرەزلىرىڭىزنىمۇ بايان قىلىڭ. بۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلەكتە يەنە شۇ سىز كىرمەكچى بولغان چوڭ ساھەدىكى ھەرخىل بازار پۇرسەتلىرى، يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە مەھسۇلات تەتقىقاتىغا ئ‍وخشاش سىزنىڭ سودىڭىزغا پايدىسى ۋە تەسىرى بولىدىغان ئۇچۇرلارنى بايان قىلىڭ.


3. بازار ئىستراتېگىيەسى
بازار ئىستراتېگىيەسى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنغان بازار ئانالىزىنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىدۇ. بازار ئانالىزى كارخانىچىنى ئۆزى نىشان قىلغان، كىرىپ سېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئاشۇ بازارنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشلۇق بولۇشىغا ۋە چوڭقۇرراق دەرىجىدە چۈشىنىشكە ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بازار ئىستراتېگىيەسى يېزىش ئۈچۈن بازار ئانالىزى قىلىش كېرەك.


4. رىقابەت ئانالىزى
رىقابەت ئانالىزىنىڭ مەقسىتى سىز كىرمەكچى بولغان بازاردىكى رىقابەتچىلىرىڭىزنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى بىلىش سىزگە سىز كىرمەكچى بولغان بازاردىكى رىقابەت چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بەزى توسالغۇلاردىن ئاتلاپ، كۈچلۈك ھالدا بازارغا كىرىشىڭىز ئۈچۈن ئارتۇقچىلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ھەم شۇنداقلا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بازارغا كىرگەندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان بەزى ئاجىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


5. لايىھەلەش ۋە تەتقىقات پىلانى
«لايىھەلەش ۋە تەتقىقات پىلانى»نىڭ مەقسىتى، مەبلەغ سالغۇچىلارغا دىئاگرامما ۋە جەدۋەللەر ئارقىلىق مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت لايىھەسىنى، ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازار ئېچىشنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈش، ۋە شۇنداقلا شېركەتنىڭ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قىلىدىغان تەتقىقات چىقىملىرىنى بايان قىلىش.




6. يۈرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش پىلانى
يۈرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش پىلانى شىركەتنىڭ قايسى خىل فۇنكسىيەنى ئاساس قىلىپ يۈرۈشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك. بۇ بۆلەك پىلان شىركەتنىڭ ئارقا سەپ (ئىچكى) خىزمەتلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. مەسىلەن باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ھەر خىل مەسئۇلىيىتى، شىركەتنىڭ ھەر بىر بۆلۈملىرىگە تەقسىم قىلىنىدىغان ۋەزىپىلەر، مۈلۈك ۋە شىركەتنىڭ يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك چىقىملىرى قاتارلىقلار.


7. مالىيە ئامىللىرى
يۈرگۈزۈش چىقىملىرى، مەبلەغ چىقىمى، سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش چىقىملىرى ۋە باشقا مالىيىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار دائىم سودا پىلانىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئ‍ۈستىدىكى باشقا بۆلەكلەرگە قارىغاندا مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مالىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار چوقۇم يېزىلىشى كېرەك.




مەنبە: ئۆزلەشتۈرۈلگەن




  شەخسى ھايات، ئۆگىنىش، سودا، كارخانىچىلىق ۋە لېدىرلىقتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن زەرەتلىنىپ، ئاكتىپ پەرق بەرپا قىلىش!
سوئال، تەكلىك-پىكىر ۋە قوشۇپ قويىدىغانلىرىڭىز بولسا قارشى ئ‍الىمىز ئەۋەتتە!


مەزكۇر ماقالىنى SherfMPD سالونى تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز SherfMPD ئارقىلىق ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ سالونىمىزغا دىققەت قىلىڭ.
SherfMPD QR code.jpg


bagdax

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 00:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سودا قىلۋاتقانلارغا بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرەي~ كەسكىن رىقابەتتە ئ‍ۇتۇپ چىقىشنىڭ  ئ‍اقىلانە ياخشى چارىسى  يىڭىلىق يارتىش…، يىڭىلىق يارىتىش ئ‍ەلۋەتتە ئ‍اسان ئ‍ەمەس، لىكىن قىلۋاتقان كەسىپنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ كەسپىي بىلىمنى ئ‍اشۇرغاندىلا، تەپەككۇر ئ‍ەندىزىسىنى ئ‍ۆزگەرتىپ  يىڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى بېسىشقا ئ‍ۇرۇنۇپ بېقىش كېرەك…

ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئ‍امالى بولىدۇ، قىيىنچىلىقنى يىڭەلمەي باھانە ئ‍ىزدىگەنلەر يارىماس سانىلىدۇ…

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

23

تېما

10

دوست

4081

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-5

پەخىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 13:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozkurt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-18 13:38  

ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم قېرىندىشىم،مەن يازمىڭىزنى باشتىن ئ‍اخىرى ئ‍وقۇپ چىقتىم،ئاممىباپ تىلدا ياخشى تەسۋىرلەپ بېرىپسىز،چۈشۈنۈشلىك،ئىخچام بولۇپتۇ،مەيلى كاخانىچىلار بولسۇن ياكى ئ‍ائىلە ئ‍ىقتىسادىنى ياخشىلاشنى ئ‍ويلايدىغانلارنىڭ بۇ ماقالىنى ياخشى ئ‍وقۇپ  ئ‍ەمىلىيەتكە تەدبىقلاپ،چىقىشىڭلارنى ،ھەممەڭلارنىڭ باي بولۇپ،كارتاڭلارنىڭ كۆپ پۇل،ئائىلىنى باقالايدىغان مەسئۇلىيەتجان قىز ئ‍وغۇل،ۋاپادار ئ‍ەركەكتەك ئ‍ەركەكۇل،شەرمىي ھايالىق ياخشى ،ئ‍ىشچان خوتۇن قىز بىلەكۇل   ،كۆيۈمچان ئ‍اتا،مېھرىبار ئ‍انا،سادىقى ئ‍ەر، ئ‍ىپپەتلىك ئ‍ايال،ئىناق ئ‍ائىلە مۇھىتى يارىتىشىڭلارنى ئ‍ۈمۈد قىلىمەن.


8

تېما

6

دوست

9111

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2696
توردىكى ۋاقتى: 637
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-21

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 15:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيدۇ تورىغا كىرىپ 企业计划,创业计划书دەپ يازسسىڭىز چىقىدۇ. بەرىبىرى خەنزۇ تىلىدىكىسنى قوبول قىلىدۇ
bagdax

نىكاھنىڭ قىيىنل

38

تېما

0

دوست

9782

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1713
تۆھپە : 1895
توردىكى ۋاقتى: 1513
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 00:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز؟

نىكاھنىڭ قىيىنل

38

تېما

0

دوست

9782

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1713
تۆھپە : 1895
توردىكى ۋاقتى: 1513
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 00:27:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )