قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 906|ئىنكاس: 8

شۈكرانى: سورىساڭ مېنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

2

دوست

2450

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63451
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 00:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يامان!..»  دېمە ئ‍الدىراپ  يامانلاردىن يىراق مەن،
ھەم يامانلىق قۇترىغان  ئ‍ايۋانلاردىن  يىراق مەن.


ئۆز يورغام بار مېنىڭمۇ ئۆز يولۇمدا ماڭارغا،
ئ‍ىتتىن سۆڭەك تالاشقان قاۋانلاردىن يىراق مەن.


قارا سۈركەپ ئ‍اق يۈزگە ئ‍ەلگە قارا كۆرسەتكەن،
خۇسۇمەتلىك، تۆھمەتلىك بايانلاردىن يىراق مەن.


«چېقىپتۇ!.. » دەپ ئ‍اڭلىدۇق پايدا ئۈچۈن كىملەرنى،
شۈكرى!  نەشتەر سانجىشار  چايانلاردىن  يىراق مەن.


خۇش چىراي، خۇش سۆز بىلەن ئاۋۇندۇردۇم كۆڭۈللەر،
ئ‍ەل قەلبىنى تىلار تىغ، ساپانلاردىن يىراق مەن.


تاللىمىدىم سورۇندا پېقىر، باينى، ھېقىرنى،
كىبىرلىككە باشلار تون، چاپانلاردىن يىراق مەن.


يۇرت غېمنى مېنىڭ دەپ ۋايىم يىگەن چېغىم بار،
ئ‍ەل بېشىدا ئ‍وينىغان شادانلاردىن يىراق مەن.


قانائەتسىز نەپسىدە  كۆپ رىزقىغا چاڭ سالغان،
ھارام تاماق  قاپاقباش خاپانلاردىن يىراق مەن.


  تىلەكلىرىم نۇرانە: نۇر ئ‍ىچىدە كۆكلەيمەن!
  ئ‍ەقىدەمگە  بىراۋا  زامانلاردىن يىراق مەن.
bagdax

3

تېما

7

دوست

3074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 917
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 01:26:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شا مەشرەپ ئەمەسسىز ؟   چاخچاق

7

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 3369
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 10:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?m ... 6&fromuid=22397

راس  دىدىڭ    ئۇكا   ،  راسلا   مەشرەپنىڭ  شېئىرىدەك  چىقىپتۇ   ، تىللىرى   يېنىك   ،  ئادەمگە  بىر  خىل  ھوزۇر  ئاتا  قىلالايدۇ  ، رەخمەت   بەھىر  ئالدۇق  !  

0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85972
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 11:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېر.....ئۆز خەلقىنىڭ ئازاپلىرى بەدىلىگە خوشاللىق تاپىدىغان نادانلار ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك ئېسىل مەزمۇن.....
bagdax

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3925
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 18:30:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، تولۇمۇ ھۆزۇرلاندىم ! رەخمەت

2

تېما

2

دوست

4068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 18:41:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست بەك يېقىشلىقكەن .  قەلىمىڭىز داۋاملىق يۈگۈرسۇن !

2

تېما

18

دوست

768

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 23:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،بەك مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ،بىراق    خۇسۇمەت    دىگەن سۆزىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

28

تېما

2

دوست

2450

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63451
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 12:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇسۇمەت -   ئۆچمەنلىك، ئ‍اداۋەتلىك، دۈشمەنلىك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )