قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2253|ئىنكاس: 3

نېمە قىلدىم، نېمە قىلغىنىمنى بىلمىدىم (9) ئەدەبىي خاتىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

5

دوست

3560

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 257
تۆھپە : 987
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-30

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 21:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كان يېزىسىغا يېتىپ كەلدىم، بېسىۋاتقان سەپىرىمدە خەيىرلىكنىڭ بارلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. كان يېزىسى ماڭا تونۇش بولمىسىمۇ، ئادەملىرى ماڭا بۇرۇندىنلا تونۇشتەك بىلىندى.مەن كىمنى سورىماي، نەنى ئىزدىمەي ماڭا ئادىمىيلىك مۇئامىلىدە، ماڭا قېرىنداشلىق تۇرغۇدا ياردەم قولىنى سوزغانلار چىقتى. ئۇلار ياردىمنى ئېغىزدا ئېيتىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمىدى. ئۇلار ھەرىكىتى بىلەن، قەدەملىرى بىلەن ماڭا مەن تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلىپ بەردى. شۇڭىمىكىن مەندە بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇردى.مەن كارىدورغا كىرگەندە چاپچال، تېكەس،نىلقا ۋە مېنىڭ يۇرتۇمدىن بولۇپ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇرادىرىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغان ئىدى.بۇرادىرىم غۇلجا ناھىيەسىدىن بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يولغا چىققانلىقىنى ماڭا خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەپسۇس شۇ كۈنى چاپچال بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلگەچكە، بۇرادىرىمنىڭ ماشىنىسى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار كەلگۈچە مەن بۇ قېتىمقى تەجرىبە ئېلىشقا كەلگەن بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئەھۋاللاشتىم. كان مەكتىپىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرلۇشلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم. مېنى خوش قىلغىنى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. بۇ بالىلار ئادەمگە ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق سالىمى ، ئەدەپلىك ھەرىكىتى بىلەن ياخشى تەسىر قالدۇراتتى. مەن يەنىلا تېمىدىن چەتنەپ كېتىشىمدىن قورقۇپ قېلىۋاتىمەن.چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەقەززاسى مېنىڭ قۇرۇق گېپىم ئەمەس،بۇرادىرىمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئىدى. شۇ ئارىلىقتا بىرى «ئاكا، قاچان كەلدىڭ ؟»دەپ مېنىڭ بىلەن قول ئېلىشتى، بۇ يىگىت يارىشىملىق كىيىنىۋالغان بولسىمۇ، بەدىنىدىن بىلىنەر بىلىنمەس ئىسپىرتنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى.ئوڭ قاپىقىنىڭ ئاستى كۆكەرگەن بولۇپ مۇنداقلا قارىغان ئادەمگە كۆك سىياھ سۈرتۈپ قويغاندەك تەسىر بېرەتتى.مەنمۇ ئۇنى تونۇدۇم. بۇ يىگىت بىزنىڭ يۇرتتىن ئۆيلەنگەن بولۇپ،بۇنىڭدىن يەتتە يىللار ئىلگىرى مېنىڭ ئۆي سېلىش ئىشلىرىمغا ياردەملەشكەن ئىدى.مەن ئۇنىڭ ئوزايىدىن كەيپىياتىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،ئۇ«رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىدۇ دەپ، قارا ئىككىمىزنىڭ مېنىڭ يۇرتۇمدا يەنە كېلىپ، بىلىم بېرىدىغان جايدا ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى ، مەن سېنى مېھمان قىلىمەن» دەپ قولىنى كۆكسىگە قويدى.مەن ئۇنىڭ گېپىگە تۈزىتىش بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، پەيتى ئەمەسلىكىنى پەملەپ ئۇنىڭ بالا-چاقا، ئايالى ھەققىدە ئەھۋال سورىدىم. «ئايالىمدىن ئاجراشتىم ئاكا، مانا ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ ئېلىپ بولدۇم.بالام بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيتى، شۇنىڭ بىلەن خوشلىشېۋېتىپ كېتەي دەپ كېلىشىم ئىدى» دېدى ئۇ مەيۈس ھالدا.«بالاڭغا سەنمۇ قارىمىساڭ، ئاپاڭمۇ قارىمىسا كىم قارايدۇ؟»دېدىممەن ھەيران بولۇپ،«ئاپام قارايدۇ».مېنىڭ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغۇم كەلگەن ئىدى. بىراق تەكرار دەۋاتقان گەپلەر ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرەرمۇ دېگەن خىيال بىلەن نېمە دېيىش ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرسام، بۇرادىرىممۇ يېتىپ كەلدى.بۇنى مەن بالىنى يېتىم قىلماسلىقنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىدىم.تەلىيىمگە ئۇنىڭ ئوغلى بۈگۈن بۇرادىرىم ئۈلگە كۆرسۈتىدىغان سىنىپتا ئىكەن. مانا بۇمۇ كەلگىنى ئىدى.

     مەن بۇ يىگىتكە باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت مەن بىلەن ئاشۇ بۇرادىرىمنىڭ دەرسىنى ۋە لېكسىيەسىنى بىرگە ئاڭلاش تەكلىپى بەردىم. ئۇ خىجىل بولغاندەك بولدى، ئەمما مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپ تارتىشماي مەن بىلەن بىرگە سىنىپقا كىردى. بۇ قائىدىگە چۈشمىسىمۇ ئاشۇ بىر بالا ئۈچۈن جاۋابىنى ئۆزۈم بېرىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. ئۆمرىدە پەقەت 3-يىللىققىچە ئوقۇغان بۇ يىگىت ،بۇرادىرىم ئۆتكەن بۇ دەرستىن ھەيرانلا قالدى،دادىسىنىڭ چوڭ زالدا دەرس ئاڭلاۋاتقىنىدىن يېتىملىك يولىغا قەدەم باسقان بالىسىمۇ ھەيران قالماقتا ئىدى.دەرس ئارىلىقىدا بۇرادىرىمنىڭ ئاشۇ سەبىلەرنى باغرىغا باسقاندىكى كۆرۈنۈش،قولىدىكى قېرىنداشنى،قەلەمنى ئۇتۇق قازانغان بالىلارغا بەرگەندىكى كۆرۈنۈش،ئەنە شۇ مېھىرگە قانمىغان سەبىلەرنىڭ پېشانىسىگە ھەقىقىي ئاتىلىق مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويۇشتىكى كۆرۈنۈش مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ يىگىتنى تاڭ قالدۇرماقتا ئىدى.50ياشقا كىرىپ قالغان بۇ بۇرادىرىمنىڭ پات-پات چېكىسىدىكى يۇلتۇزلاردەك پارقىراپ قالغان تەرلىرىنى سۈرتىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈش بۇ يىگىتكە ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ قانداق كەسىپ ئىكەنلىكىنى غۇۋا ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى.دەرس تۈگەپ ساۋاقداشلار بۇرادىرىمنى «دادا سىز چىقىپ كەتمەڭ»دەپ چۇقىراشقاندا، دەرس ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار گۈلدۈراس چاۋاك چالغاندا بۇ يىگىت مەڭدەپ قالغىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى.

     ئەمدى ئۇ مەن دېمىسەممۇ بۇرادىرىمنىڭ لېكسىيەسىگە قاتناشتى، ئەتىگەن ئۇ شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى. لېكسىيە دەرسكە ماسلاشتۇرۇلۇپ باشلاندى، لېكسىيە يېرىمىغا كەلگەندە ئۇ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن يانچۇقىمدىن ياغلىقىمنى ئېلىپ (مەن قەغەز ئەمەس ياغلىق سېلىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن) ئۇنىڭغا بەردىم، ئۇ يۇميۇم تۆكىلىۋاتقان يېشىنى سۈرتۈشكە باشلىدى، چىن سۆزۈمنى قىلسام ئۇنىڭدىن ياش چىقماسمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم لېكسىيە تۈگىدى، ئۇ مېنىڭ پېشىمدىن تۇتۇپ تالاغا ئېلىپ چىقتى-دە، «ئاكا مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز، بالامنى يېتىملىك ئازگىلىدىن تارتىۋالدىڭىز، گۇناھ مەندىكەن، مەن بالامغا ئاشۇ ئۇستاز بەرگەن مېھىرنىڭ مىڭدىن بىرىنى بەرمەپتىمەن. مەن ئايالىمغا ھېچنېمە قىلىپ بەرمەپتىمەن» ئۇنىڭ ماڭا رەھمەت ئېيتىۋاتقىنىنى ياكىي بۇرادىرىمگە رەھمەت ئېيتىۋاتقىنىنى بىلەلمەي قالدىم. «سىز ئىككى سائەت ساقلاپ تۇرۇڭ ئاكا ئۆتۈنىپ قالاي، مەن قوغلىۋەتكەن ئايالىمنى قايتۇرۇپ كېلەي، مانا بۇ مېنىڭ ئوغلۇم» ئۇ كۆزلىرى مۇڭغا تولغان چىرايلىق بىر ئوغۇلنى ماڭا تۇتقۇزدى-دە، كارىدوردىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ كەتتى. مەن بۇنى ھەممىمىز ئويلايدىغان، بىر دەملىك ھاياجانمىكىن دەپ قالغان ئىدىم، ئەمما ئويلىغىنىم تۈپتىن خاتا چىقتى. ئالاھەزەل بىر يېرىم سائەتلەر بىلەن ئۇ مېنىڭ يۇرتلىقىمنى باشلىغىنچە كىرىپ كەلدى. مېنىڭ قولۇمدىكى بالا قولۇمدىن يۇلقۇنغاندەك چىقتى-دە، ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى. بۇ كۆرۈنۈشنى ئەتىمالىم كىنولاردىلا كۆرگۈلى بولىدۇ، مەن بۇرادىرىمگە بولغان ھەقىقىي قايىللىقىم بىلەن بۇ يىگىتنىڭ يەنە قانداق ئارمانلىرى بار ئۇقۇشۇپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.
bagdax

1

تېما

0

دوست

343

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11703
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 75
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 14:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شوتا ئەپەندىم،ياخشى يازمىدىن بىرنى يوللاپسىز.ئۆز ئەمىلىيىتىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن،سىز سەۋەپ بولغان بىر كاتتا ساۋابلىق ئىشنى بايان قىپسىز،سىزگە ۋە بۇرادىرىڭىزگە كاتتا ئەجىرلەر بولسۇن!

2

تېما

0

دوست

5066

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1586
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-18

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 14:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋھپلىق ئىش بوپتۇ

2

تېما

1

دوست

2864

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10162
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 217
تۆھپە : 753
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 01:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ! بىزدىكى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان تۇل خوتۇن، يىتىم بالىلار،
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )