قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 2

گۈل ساتقۇچى قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

623

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74780
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 179
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 02:04:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىدىيە ئىتالىيەدىكى قەدىمىي شەھەر پومپىدا تۇغۇلغان. گەرچە لىدىيە تۇغۇلۇشىدىنلا ئىككى كۆزى ئەما بولسىمۇ، ئەمما ھاياتنى تولىمۇ سۆيەتتى، تۇرمۇشقا ئەزەلدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان بولۇپ ئەزەلدىن تەقدىردىن ئاغرىنىپ باققان ياكى چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئەمەس.

     ئۇ ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئىچ ئاغرىتىپ ياردەم قىلىشىنى رەت قىلىپ نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش ياشاشنى يەنى گۈل سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىشنى يولىنى تاللىدى.

     بىر قانچە يىلدىن كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى ۋېسۇۋىيۇس يانار تېغى پارتلاپ پومپى شەھىرى تارىختا كۆرۈلمىگەن ئاپەتكە دۇچار بولدى، پۈتۈن شەھەرنى قاپقارا تۇمان قاپلاپ كىشىلەر قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكە ئامالسىز قالدى. قاراڭغۇلۇقتا ساراسىمىگە چۈشكەن كىشىلەر تەرەپ تەرەپكە ھەر قانچە قاتراپ باققان بولسىمۇ ئەمما  بۇ قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كېتىدىغان يولنى تاپالمىدى.

     دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لىدىيە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردىكى نەچچە يىللىق گۈل سېتىش جەريانىدا توپلىغان سېزىمى بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇراش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىگە تايىنىپ كۆپچىلىكنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا باشلاپ چىقتى.

     كۆپچىلىك ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بۇ ئەما قىزچاق بۇ شەھەردىكى نەچچە ئون مىڭ كىشىگە ياردەم قىلدى. كېيىنچە لىدىيەدىن چەكسىز مىننەتدار بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنىڭ شەرىپىگە تەرجىمىھال ۋە رومان يېزىپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلدى.

     مەڭگۈلۈك بەختسىزلىك مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك بەختمۇ مەۋجۇت ئەمەس، تەقدىر تولىمۇ ئادىل، سىز ئۈچۈن بىر ئىشىكنى ئېتىۋەتكەن بولسا يەنە بىر ئىشىك سىز ئۈچۈن داغدام ئېچىلغان بولىدۇ.

     igilik100 سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان
bagdax

7

تېما

3

دوست

9801

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   96.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 3183
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 17:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
....قىززىق   ،  بۇ  تېمىنى  ئوقۇپ  تۇرۇپلا   شىمالى   كورىيەنىڭ  [  چاۋشىان ]   «  گۈل  ساتقۇچى  قىز  »   دىگەن   كىنوسى  كۆز  ئالدىمغا  كەلدى   ، 70 - 80  يىللاردا   جوڭگۇ -چاۋ شىەن  ئايرىلماس  ياخشى  دوس  ئىدى  ،  كۆپ كېنولىرى   كىرگەن  ، شۇ  ۋاخلاردا    كىنولارنىڭمۇ    تايىنى  بولمۇغاشقا    ، بىر  كېنونى  10  قېتىم 15  قېتىم  كۆرۈپ  زېرىكمەيتتۇق   ،  پالان  يەردە  كېنو  قويۇدىكە  دىسە  يالاڭ ئاياق  توپا  كېچىپ   كېتىۋېرەتتۇق   ،  ھەي  بالىلىق ......

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3925
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 18:16:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ كۇنونىڭ قىززىقى بىلەن بۇ تىمىنى باشتىن كۆرۇپ چىقتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )