قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2859|ئىنكاس: 11

قاسىم سىدىق: مىنىڭ نەزىرىمدىكى فىزىكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

79

تېما

40

دوست

11 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 31265
توردىكى ۋاقتى: 10489
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-28

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 10:56:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:

مەن بۇ تېمىنى«تەبىئەت پەنلىرىگە «شەكىل»ئۇقۇمىنى ئىلىپ كىرىش نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟»ناملىق ماقالەمنىڭ 5-بۇلىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ بىيتىپ تاماملىماقچى.قىززىققۇچىلارنىڭ«شەكىل نەزەريىسى»نى چۇشۇنۇشى ئۇچۇن بۇنداق بىر تىما زۇرۇركەن،دەپ ئويلۇدۇم.ئېھتىمال مىنىڭ«فىزىكا»ھەققىدىكى قاراشلىرىم بىر تەرەپلىمە ۋە ھەتتا خاتادۇر.مۇھاكىمە-مۇنازىرىلەر ئارقىلىق «فىزىكا»غا تىخىمۇ يىقىنلاشساق ئەجەپ ئەمەس.

1

مەن تور دۇنياسىدا «فىزىكا»نىڭ نىمىلىگى ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم.بۇ ئۇچۇر ۋە كۇز قاراشلاردا تەجىرىبە -كۇزۇتۇش ، ماتىماتىكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش،ماددىنىڭ ھەركەت قانۇنلىرىنى تەتقىق قىلىش ــــــــ فىزىكىنىڭ يادرۇلۇق ۋەزىپىسى ئىكەنلىگى ئىلگىرى سۇرۇلىدۇ.ئەلۋەتتە بۇخىل قاراشنى خاتا دىيىشكە بولمايدۇ.لىكىن، مەن ئۇچراشقان «فىزىكا»ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى «فىزىكا»نىڭ تولوق ئېنىقلىمىسى ياكى يىتەرلىك شەرھى،دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ.بونداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ،مەن ئۇچراشقان«فىزىكا»ھەققىدىكى تەشەببۇسلاردا پەلسەپە ۋە لوگىكىنىڭ فىزىكىدىكى ئورنى،«نەزەرىيە»نىڭ كۇپ خىللىقلىغى ۋە ئەھمىيىتىگە سەل قارالغان.فىزىكا تەتقىقاتىنىڭ كونكىرىت قەدەم باسقۇچلىرىدا بىزنىڭ قانداق كۇنكىرىت خىزمەت تەرتىپلىرىنى باشتىن كۇچۇرۇدىغانلىغىمىز،ئۇلارنىڭ قايسى ساھالەرگە چىتىلىدىغانلىغى ھەققىدىكى تەپەككۆرقىلىنمىغان.«فىزىكا» («تەبىئەت»)ئاتالغۇسىنىڭ ئىتمۇلۇگىيىسى،ئوقۇم مەنبەسى ئۇنتۇپ قىلىنغان...ئەلۋەتتە ھەرخىل مەنبەلەردە بىرەر پەنگە ياكى ئۇقۇمغا بىرىلىدىغان تەبىر-ئېنىقلىمىلار ئانچە تەپسىلى بولمايدۇ.«فىزىكا»نىڭ ھەرخىل مەنبەلەردىكى تەبىر-ئېنىقلىمىلىرىنىڭ بۇخىل نىسبى ئابىستىراكىتلىغى ،يىتەرلىك دەرىجىدە ئونىۋىرىسال بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە تەپەككۆر ئېقتىدارىنى ھازىرلىمىغان كىشىلەردە بۇ تەبىر -ئېنىقلىمىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۇلۇك يادىلاش ۋە ئۇلۇك تەدبىقلاش خاھىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدو.
پەلسەپە ۋە لوگىكىدىن خەۋەرسىز بىر فىزىكىچى بار دەپ پەرەز قىلايلى،ئۇنىڭ نەزىرىدە «ماددا»،«ھەركەت»،«زامان(ۋاقىت)»،«ماكان»...دىگەندەك بۇ ئۇقۇملار(ناھايتى كۆپ) پەقەت «فىزىكا» نىڭ خاس ئۇقۇملىرى ھىساپلىنىدۇ.لىكىن،«فىزىكا»دىن خەۋەرسىز بىر پەيلاسۇپ بولسا بۇ ئۇقۇملارنى پەلسەپەنىڭ خاس ئۇقۇمى دەپ دەۋا قىلىدۇ.ئەمدى بۇ جىدەلنىڭ ئۇستىگە ھەم فىزىكىدىن ھەم پەلسەپەدىن ھەم لوگىكىدىن خەۋىرى بار بىرسى كىلىپ قالدى ،دەپ پەرەز قىلايلى،ئۇ, بۇ جىدەلنى قانداق ئايرىيدۇ؟.
مىنىڭچە ئۇنىڭ توغرا بايانى تۇۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن:
ـ تەبىئەت دۇنياسى ئورگانىك بىر پۇتۇن گەۋدە،كونكىرىت پەنلەر ئوخشاش بىر خىل رىياللىقنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن تەتقىق قىلىش زۇرۇرىيىتىدىن مەيدانغا كەلگەن .بۇ مەلۇم مەنىدە ئىش تەقسىماتىغا ئوخشايدۇ.بۇ خىل ئىش تەقسىماتىنىڭ مۇقەررەرۋە توغرا نەتىجىسى ئوخشاش بىر رىياللىقنى ئايرىم-ئايرىم بۇلەكلەرگە بۇلىۋىتىش ئەمەس،بەلكى،ئومۇملاشتۇرۇپ بىر پۇتۇن گەۋدە سۇپىتىدە بىلىشتىن ئىبارەت.
ئەمدى«فىزىكا»غا كەلسەك،يەنىلا ئوخشاش.ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىمۇ خۇددى ئىش تەقسىماتىغا ئوخشايدۇ.بۇ تارماقلارمۇ ئوخشاش بىرخىل رىياللىقنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن ئۇگۇنۇپ بىر پۇتۇن گەۋدە سۇپىتىدە بىلشنى مەقسەت قىلىدۇ.ھىچكىم«زەررىچىلەر فىزىكىسى»نى «ئالەمشۇناسلىق »بىلەن ئالاقىسى يوق ياكى «ئالەمشۇناسلىق»نىڭ «زەررىچىلەر فىزىكىسى» بىلەن ئالاقىسى يوق دىيەلمەيدۇ.ھەر بىر كونكىرىت تارماقنىڭ ئوخشاش بىر خىل رىياللىق ھەققىدىكى  نەتىجىسى ۋە قارىشى بىر-بىرىدىن پەرىقلەنسە ۋە زىدىيەتلىك بولسا بۇنى توغرا بىلش دىگىلى بولمايدۇ.مانا مۇشۇنداق مەنزىرىدە «لوگىكا»جەڭگە چۇشۇدۇ.دىمەك «فىزىكا»،«پەلسەپە»،«لوگىكا» لارنى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسى يوق دىيىشكە بولمايدۇ.ئۇلار بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن.پەقەت «فىزىكا»نىڭ تەجىربە ۋە كۇزۇتۇشنى ،مىقدارلىق كەلتۇرۇپ چىقىشنى نوقتىلىق ئورونغا قويۇدىغانلىغىدا ئىختىلاپ يوق.لىكىن بۇ دىگەنلىك ،«فىزىكا»دا پەلسەپە ۋە لوگىكا مەۋجۇت ئەمەس.فىزىكا ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،دىگەنلىك ئەمەس.
بۇيەردە ئوبىكتىپ«تەبىئەت» بىلەن«فىزىكا» نىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل رىياللىق ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقارماسلىغىمىز كىرەك.ئالدىنقىسى بىزنىڭ ئاڭ-ئىرادىمىزگە بىقىنمايدىغان مەۋجۇتلۇك،كىيىنكىسى بولسا بىزنىڭ «تەبىئەت» ئۇستىدىكى بىلىش پائاليىتىمىز ۋە بۇ پائاليەتنىڭ نەتىجىسى.ھىچكىم«فىزىكا»نى»تەبىئەت»نىڭ نەق ئۇزى دىيەلمەيدۇ.ھالبۇكى ،«بىلىش»جەريانى خىلى كەسكىن مەنىدە «پەلسەپە»،«لوگىكا» جەريانىدۇر.
  ئۇنداقتا«فىزىكا»زادى نىمە؟:
-نوقۇل تەجىرىبە ۋە كۇزۇتۇش جەريانىمۇ؟.
-ياق!.
ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەر تىزمىسىمۇ؟
-ياق!.
-پەلسەپەۋى ئابىستىراكىيەمۇ؟.
-ياق!.
-لوگىكىمۇ؟.
-ياق!.
-نەسىرى بايان شەكلىدىكى نەزەريەمۇ؟.
-ياق!.
.....
مانا بۇيەرگە كەلگەندە سىز خاپا بولۇپ ۋاقىراپ كىتىشىڭىز مۇمكىن:
-ئەپەندىم،سىز فىزىكىنى ھىچنىمە ئەمەس،دىمەكچىىمۇ؟!.
ياق،ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس،«فىزىكا»ــــ يوقۇرقىلارنىڭ ئورگانىك بىر پۇتۇنلىگى.خۇددى پىروتۇن،نىتىرۇن،ئىلىكتىرۇنلار«ئاتوم»نى شەكىللەندۇرگەنگە ئوخشاش،يوقۇرقىلار زۇرۇرى نىسبەتلەردە ئورگانىك ئۇيۇشۇپ«فىزىكا»نى شەكىللەندۇرۇدۇ.
-ئۇنداقتا خاسلىق نەگە كەتتى؟!- سىزيەنە بوغۇلۇپ ۋاقىرايسىز.
-مەيلى قايسىلا پەن بولمىسۇن،ئۇلاردا مۇتلەق مەنىدىكى خاسلىق بولمايدۇ.خاسلىق  نىسبى بولىدۇ.«تەجىرىبە»نى ئالساق ئۇ يالغۇز «فىزىكا»نىڭ پاتىنتى ئەمەس.خىمىيە،بىئولوگىيە...قاتارلىقلارمۇ«تەجىرىبە»نى تەشەببۇس قىلىدۇ.ماتىماتىكىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىس تېخىمۇ كەڭ.«خاسلىق» پەقەت خۇددى يوقۇردا دىيىلگەندەك ئوخشاش بىر ئوبىكىتنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۆزۆتۆشتە ئىپادىلىنىدۇ.لىكىن مىكىرۇ دۇنياغا سۇرۇلگەنچە(ھەتتا بەزىدە ماكرۇ دۇنيادىمۇ)بۇنداق خاسلىق يوقاپ كىتىدۇ.سىز بىر خىمىكنىڭ «ئاتوم»ى بىلەن بىر فىزىكنىڭ «ئاتوم»ىنى پەرىقلەندۇرۇپ بىقىڭ،ئاندىن كىين پىرۇتۇن،نىترۇن،ئىلىكتىرۇنلارغا ــ تېخىمۇ مىكرۇ دۇنياغا شۇتەرىزدە نەزەر تاشلاپ كۇرۇڭ.بۇ يەردە «خاسلىق»نىڭ بارغانچە يۇقۇلۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى بايقايسىز.بونىڭ سەۋەبى،يۇقۇرىدائەيتىپ ئۇتكەندەك ،بىز تەتقىق قىلىۋاتقان ئوبىكتىپ ئالەمنىڭ ئۇزى ئورگانىڭ بىر پۇتۇن گەۋدە .شۇۋەجىدىن بۇ بىر پۇتۇن گەۋدە ئۇستىدىكى بىلىشلىرىمىزمۇ بۇ ئالەمنىڭ ھەر بىر كۇنكىرىت نوقتىلىرى بىلەن بىرمۇ بىر ماسلىق تۆزۆشكە ۋە بىر پۇتۇنلۇككە ئىنتىلىدۇ.شۇنداق بولغىنىدىلا ئۇ توغرا بىلىش بولىدۇ.
ھىچقايسىمىز تەجىرىبە پەنلىرىنىڭ خالىغان بىرىنى تەتقىقات نىشانىنى تېخىمۇ مىكرۇ بولغان دۇنياغا قاراتمايدۇ ۋە قاراتماسلىغى كىرەك دىيەلمەيمىز.بۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى نىمە؟.يىراق ئۇتمۇشتە تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت تەبىئەت پەلسەپەسىدىن ئىبارەت بىرلا ساھاگە مەنسۇپ بولغىنىدەك،مىكرۇ دۇنيادا ئۇلار يەنە بىرلىشىپ ـ گىرەلىشىپ كىتىدۇ.شەكىل نەزەريىسىدە گىرەلەشمە تەتقىقات مىتۇدىنى تەشەببۇس قىلغاندا مۇشۇ نۇقتىمۇ كۇزدە تۇتۇلغان.ئۇنىڭ ئۆستىگە ھازىر ئاز بولمىغان ئارىلىق پەنلەر مەيدانغا كەلمەكتە.
«فىزىكدا تەجىرىبە بىلەن نەزەريىنىڭ قايسى بەك موھىم؟»دىگەن بۇ سۇئالغا مۇتلەق كۇپ ساندىكى كىشىلەر «تەجىرىبە موھىم»دەپ جاۋاپ بىرىشى ۋە بۇجاۋاپ ئەڭ توغرا جاۋاپ دەپ قارىلىشى مۇمكىن.مەن ئۇنداق قارىمايمەن.بۇ ئىككىسىنىڭ قايسى موھىملىغىنى كونكىرىت شارائىت بەلگۇلەيدۇ.بىزدە ھەممىمىزگە مەلۇم ،لىكىن چۇشەندۇرۇلمىگەن بىر تەجىرىبە ياكى كۆزۆتۆش نەتىجىسى بار دەپ قارايلى،بۇنداق ئەۋال ئاستىدا بۇتەجىرىبە ياكى كۆزۆتۆش نەتىجىسىنى زىددىيەتسىز چۆشەندۆرەلەيدىغان نەزەرىيە موھىم ۋە زۇرۇر بولىدۇ.بىزدە لوگىكىلىق زىددىيەتلەردىن خالى بىر يىڭى نەزەرىيە بار دەپ قارايلى ئەمدى بىزگە زۇرۇر بولىدىغىنى بۇ نەزەريىنى دەلىللەيدىغان تەجىربە ياكى كۆزۆتۆش نەتىجىسىدىن ئىبارەت.ئولارنىڭ قايسىنىڭ موھىم ۋەزۇرۇرلىگى كونكىرىت ئەھۋلغا قاراپ بەلگۆلىنىدۇ.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ئاز بولمىغان چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغان تەجىرىبە،كۆزۆتۆش نەتىجىلىرى بار،ئۇلارغا نىسبەتەن ئىتقاندا قايىل قىلىش كۆچىگە ئىگە نەزەرىيە زۇرۇر.ھازىر شۇنچە ھەيۋەتلىك ۋە شۇنچە نۇرغۇن نەزەريىلەر باركى ئۇلارغا ئەمدى زۇرۇر بۇلغىنى ئۇلارنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلايدىغان تەجىرىبە ۋە كۆزۆتۆش نەتىجىسىدۇر.


2

مېنىڭچە فىزىكا نوقول «ماددىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى»نىلا تەتقىق قىلىدۇ ياكى قېلىشى كېرەك دېيىلسە بۇ فىزىكىنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىغىغا ئانچە ئويغۇن بولمايدۇ. بۇ تەشەببۇسنىڭ بىر قانچە ئاساسلىرى بار، ئۇلار:
1. ماددا تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش تارىخى يونانلىقلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. يونانلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان «ئاتوم» (قايتا پارچىلانمايدىغان ئېلمنتار زەررىچە)نى ئىزدەش ھازىرغىچە ئاياقلاشقىنى يوق. شەكىل نەزەرىيىسىدە بۇ خىل زەررىچەگە گىگانىت ئالىم ئېينىشتىيېننى خاتىرىلەش يۇزىسىدىن«ئېن» دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئەسكەرتېش زۆرۈركى دالتون، تومسونلاردىن باشلاپ ھازىرقى فىزىكلار ئاتوم دەۋالغان نەرسە يونانلىقلار كۆزدە تۇتقان «ئاتوم»ئەمەس. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ «ئاتوم»ى، تۈزۈلۈشكە ئىگە.
2. ھازىر  تېخىمۇ ئېلمىنتارراق بولغان زەررىچىلەر ئۈستىدە  ئىزدىلىنمەكتە، «ئاتوم فىزىكىسى»، «زەررىچىلەر فىزىكىسى» دېگەندەك فىزىكا تارماقلىرى ئاتوم ۋە زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە تۈزۈلۈشلىرىنى تەتقىق قىلمىدى دىيەلمەيمىز. ئاتوم يادرۇسى، ئاتومنىڭ ئېلىكتېرۇن قەۋەتلىرى قاتارلىقلار ...تۈزۈلۈش مەسىللىرىدىن ئىبارەت. نەزەرىيىۋى مودېل بولغان كىۋارك ئۆزىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زەررىچىلەرنى تۈزۈش جەريانلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ نوقتا تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ. تېخىمۇ مىكرۇ بولغان ئىزدىنىشلەر ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە (شەكىل نەزەرىيىسىدىكى «ئېن»)گە بىرىپ توختايدۇ.خاۋكىڭ«بىز راستىنلا كىۋارىك ۋە ئېلېكتىرۇن  ــــــ بىز ھازىر«ئاساسى»دەپ قاراۋاتقان زەررىچىلەر ـــ دىنمۇ ئاساسى بولغان بىر قانچە يىڭى تۇزۇلۇش قاتلاملىرىنى ئىزدەپ تاپالايمىز،دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ» دەپ يازغان ئىدى.

3.«فىزىكا» نوقۇل تەجىربە ئىلمى ،نوقۇل ماتىماتىكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش جەريانى ،دەپ قاراشلارنىڭ ھەممىسى بىرتەرەپلىمە ۋە ھەتتا خاتا.كىۋانىت مىخانىكىسنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ھېزىنبىرىگ«فىزىكىنىڭ تارىخى يالغۇز بىريۇرۇش تەجىرىبە ۋە بايقاشلارلا ئەمەس،ئۇ يەنە ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەش تەرتىۋى،شۇنداقلايەنە بىر تۇركۇم ئۇقۇملار تارىخىدىن ئىبارەت.ھادىسىلەرنى چۇشۇنۇشتىكى بىرىنجى شەرىت،مۇۋاپىق ئۇقۇملارنى كىرگۇزۇشتۇر.»دىگەن ئىدى.دىمەك ،فىزىكا ئالدى بىلەن لوگىكىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن فىزىكا ئۇقۇملىرى مەيدانغا كىلىشى كىرەك.ھەر قانداق بىر كونكىرىت پەن ئۇزىنىڭ ئۇقۇملىرىدىن ئايرىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.«فىزىكا»مۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە.ھالبۇكى،«ئۇقۇم»لار بولسا «لوگىكا»نىڭ مەھسۇلى ۋە تەتقىقات ئوبىكتىدۇر.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكا نەزەريەلىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق «نەزىرىيە» ــــــــ مەيلى ئۇ ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلدا ياكى نەسىرى بايان ئۇسولىدا بايان قىلىنسۇن،يەنىلاماھىيەت جەھەتتىن لوگىكلىق بايان شەكلى ھىساپلىنىدۇ.
«نەزىرىيە»نىڭ لوگىكا مەسىلىسى ئىكەنلىگى ھەققىدە ئېينىشتىيېن قاتارلىق ئاز بولمىغان مەشھۇر زاتلار توختۇلۇپ ئۇتكەن.ئېينىشتىيېن ئۇزىنىڭ«نەزەرىيە ۋە تەجىرىبە»دىگەن يازمىسىدا«سېستىملىق نەزەرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز تەجىرىبە ئىلىمىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىندوكسىيە جەريانى ئىكەنلىكنى پەرەز قىلالايمىز. كىشىلەر خىلمۇ-خىل نەزەرىيلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى،بۇ نەزەرىيلەر كىچىك دائىرىدە كۆپ ساندىكى يەككە كۆزەتكۈچىنىڭ بايان قىلغىنىنى تەجىرىبە قانۇنى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىپ، بۇ تەجىرىبە قانۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇمۇمىي قانۇنىيەتنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا،ئىلىم-پەن تەرەققىياتى مۇندەرىجىنى تۈرگە ئايرىپ تەھرىرلەشكە ئازراق ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت بىر خىل تەجىرىبە كەسپى بولىشى مۇمكىن.بىراق، بۇ خىل كۆز قاراش پۈتكۈل ئەمەلىي جەريانىنى كۆرۈپ باقمىدى؛ چۈنكى ئۇ بىۋاستە سېزىم (ئىنتۇئىتسىيە) ۋە دېدۇكسىيە تەپەككۈرىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىغا سەل قارىغان.» دەپ يازىدۇ.بۇيازمىدا تىلغائىلىنغان«ئىندوكسىيە»،«دېدۇكسىيە»قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ لوگىكا كاتىگورىيىلىرى(ئاساسى ئۇقۇملىرى) ئىكەنلىگىنى ئونتۇماسلىق كىرەك.
بىز بۇيەردە «ماتىماتىكىلىق لوگىكا»نىڭ بىر تارماق پەن سۇپىتىدە رىياللىققا ئايلىنىپ بولغانلىغىنى كۇزدە تۇتۇپ،«فىزىكىلىق لوگىكا»نىڭ شۇنچە زۇرۇر بولىۋاتقانلىغىنىمۇ تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى ۋېنبىرېگ«فىزىكا ھەرگىز بىر مۇكەممەل لوگىكا سىستىمىسى ئەمەس.ئەكسىچە،ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت-ھەرزامان نۇقتىنەزەر جەھەتتە بەزى چوڭ قالايمىقانچىلىقلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.»دەپ يازغىنىدا ھەرگىز فىزىكىنىڭ بۇخىل رىياللىغىدىن زوقلانغان ۋە مەمنۇن بولغان دىيىشكە بولمايدۇ. .ئۇنىڭ بۇ بايانلىرىدىن فىزىكا ئۇچۇن لوگىكىنىڭ نەقەدەر زۇرۇر ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ھەممىزگە مەلۇمكى،لوگىكا ــــ توغرا تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۇگۇتۇدىغان ئىلىم.فىزىكا ئۇچۇن لوگىكا موھىم ئەمەس،دەپ قاراش بارلىق فىزىكا نەزىريىلىرىنى،فىزىكىنىڭ پۇتكۇل ئۇقۇم سىستىمىسىنى يوققا چىقىرىش بىلەن ۋە فىزىكىدا ئالا-جۇقا سۇزلەۋەرسىمۇ بولىۋىرىدۇ،دىگەن بىلەن باراۋەر.

يەنە ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە،فىزىكا بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدۇر.ھازىر بىزدە ھە دىسىلا«فىزىكا پەلسەپەدىن ئايرىلىپ چىقتى»،دىگەن گەپ مودىغا ئايلاندى.بۇ ،بىر تەرەپلىمە ۋە ھەتتا خاتا قاراشتىن ئىبارەت...ھېزىنبېرىگ«بىر كىشىدە يونان تەبىئەت پەلسەپەسى بىلىملىرى بولمىسا،ئۇ كىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئاتوم فىزىكىسىدا ئىلگىرلىيەلىشى بەكمۇ قىيىن...بىز ھازىر  پەلسەپەنى مۇھاكىمە قىلىشنى باشلىشىمىز كىرەك.پەلسەپە مەيلى ئاڭلىق ياكى ئىختىيارسىز ھالدا بولسۇن،ئاساسى زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا  ئىزچىل ياندىشىپ كەلدى.»دەپ يازىدۇ.
ماتىماتىكا ئالىمى،جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى جاڭ جىڭ جوڭ ئەپەندى«ماتىماتىكا ۋە پەلسەپە» ناملىق ئەسىرىدە«غۇۋا پەلسەپە،رۇشەن ماتىماتىكا ئىنسانىيەتنىڭ تىلسىكوپى ۋە مىكىروسكوپىدۇر»دەپ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇسۇزى ئەلۋەتتە فىزىكا ئۇچۇنمۇ ئورونلۇق.
ھەتتا ئۇزۇپ ئىتىشقا بولىدۇكى،موبادا بىز قەدىمقى زامان يونان تەبىئەت پەلسەپەسى بىزگە قالدۇرغان فىزىكا ئۇقۇملىرىدىن ۋاز كەچسەك ،ھازىرقى زامان فىزىكىسى ھەش-پەش دىگۇچە غايىپ بولىدۇ.«پەلسەپە»نىڭ ئېنىقلمىسى مەسىلىسى ئۇستىدىكى ئىزدىنىش تېخى تاماملانمىغان بولسىمۇ لىكىن«پەلسەپە ــــــــــ سىستىمىلاشقان،نەزەرىيە يۇكسەكلىگىگە كۇتۇرۇلگەن دۇنيا قاراش» دىگەن بۇ نۇقتىدا ئىختىلاپ يوق.فىزىكىنىڭمۇ ئۇز پەلسەپەسى،پەلسەپەۋى قاتلىمى بولىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرى،ئېينىشتىيېن زامان-ماكان قاراشلىرى تىپىك پەلسەپەۋى مەسىلىلەردۇر.فىزىكىدىن پەلسەپەنى ئايرىۋىتىش ماھىيەتتە فىزىكىنى «دۇنيا قاراش»تىن ئايرىۋىتىش تىرىشچانلىغىدىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنداق قىلىنسا ھەدىگەندىلا فىزىكىنىڭ سىستىمىلاشقان ئىدىيە-نەزەرىيە قاتلىمى بەربات قىلىنىدۇ-دە،فىزىكا نوقۇل تەجىربە ئاخباراتچىلىغىغا ئايلىنىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ!.

يوقۇرقى سەۋەپلەر ۋە بايان قىلىنمىغان بىر مۇنچە سەۋەپلەر تۇپەيلى، مېنىڭ نەزەرىمدە «فىزىكا»بىرتوپلام ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىگە  فىزىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئۇقۇملار يېڭىدىن كىرگۈزۈلىدۇ ياكى فىزىكا يېڭى ئۇقۇملارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ جەرياندا بەزى ئۇقۇملار چۇشۇپمۇ قالىدۇ. نىيوتۇن «ئاتوم فىزىكىسى»، «زەررىچىلەر فىزىكىسى» دەۋرىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. «فىزىكا»نىڭ بۇ خىل ھالىتى تاكى فىزىكا بىرلىككە كىلىپ يېڭى مەسىلىلەر كىلىپ چىقمىغىچە داۋاملىشىدۇ.
فىزىكىنىڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە قاتلىمى بار.
1. ئۇقۇم، ئىدىيە قاتلىمى،-پەلسەپە ۋە لوگىكا باسقۇچى-نەزەرىيە باسقۇچى.
2. ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش باسقۇچى-نەزەرىيە باسقۇچى.
3. تەجىرىبە، كۈزۈتۈش -دەلىللەش باسقۇچى.
بەزىدە بۇ باسقۇچلارنىڭ ئورنى ئالمىشىدۇ، يېڭى كۈزۈتۈش- تەجىرىبە نەتىجىسى، يېڭى ئۇقۇم- ئىدىيىنى يارتىشى ۋە يېڭى نەزەرىيىنى تەلەپ قېلىشى-كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قارا جىسىم رادىئاتسىيىسى نىسبىلىك نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانت مىخاينىكىسىنى، ئارخىمىد مونچىغا چۇشكەندىن كېيىن، لەيلىتىش قانۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئۈچ باسقۇچنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ. فىزىكىلىق ئۇقۇم، فىزىكىلىق ئىدىيە سىستېمىسى بولمىغان «فىزىكا» مەۋجۈت ئەمەس. نەزەرىيە فىزىكىچىلىرىنىڭ يىتىدىغان مەقسىتىمۇ زىدىيەتسىز ئۇقۇم، ئىدىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۈپ چىقىش. بىر نەزەرىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەجىرىبە ۋە ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشلار پەقەت ۋاستىدىن ئىبارەت. بىر تەجىرىبە فىزىكچىسىنىڭ نەتىجىسى ياكى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيەنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش ياكى يېڭى بىر تەجىرىبە نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، بۇ مەسىلىنى نەزەرىيە ئارقىلىق شەرھىلەشكە تاشلاش، يېڭى نەزەرىيە بولسا ھامان يېڭى ئىدىيەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئېينىشتېيىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلار «فىزىكا»مەسىلسىدە ئىدىيىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئېينىشتېيىننىڭ «مەن خۇدانىڭ ئالەمنى يارتىشتىكى ئىدىيىسىنى بىلىپ باقسام دەيمەن، قالغانلىرى پەقەت تەپسىلات مەسىلىسىدۇر»دېگەن سۆزىدىن بۇ مەسىلىنى ئېنىق كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى؛ تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش فىزىكىنىڭ مەقسىتى ئەمەس، پەقەت ۋاستىسى. ئۇ بىزنىڭ «فىزىكىلىق ئالەم» ئۈستىدىكى بىلىشلىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش رولىنى ئوينايدۇ ياكى بۇ خىل بىلىشلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،خالاس.ئەڭ ئالى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت «بىلىش»تىن ئىبارەت، «بىلىش»بولسا ئۇقۇم، ئىدىيە، نەزەرىيە، پەلسەپەلەرنىڭ ئۆزىدۇر. توغرا بىلىش ۋەياكى بىر قەدەر توغرا بىلىش شەكىللەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنى تېخنىكىغا تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە فۇتۇ ئىلىكتىر ئىففىكتىنى ھېرتىسنىڭ1887-يلىلا تەجىربىدە بايقىغانلىغىنى،ھالبۇكى،ئېينىشتىيېن 1905-يىلى بۇ ئىففىكىتنى چۇشەندۇرۇپ بەرگەنلىگىنى،بۇ خىل چۇشەندۇرۇشنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا غايەت زور تەسىر كۇرسەتكەنلىگىنى ۋە شۇ تۇپەيلى ئېينىشتىيېن كىيىن ـ 1921-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغانلىغىنى ئەسلەپ ئۇتۇش ئارتوقلۇق قىلمايدۇ.
نوقۇل «تەجىرىبە»نى تەكىتلەش- ۋاستىنى مەقسەتكە ئايلاندۇرۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە نەزەرىيەنى پەقەت تەجىرىبىگە ئەگىشىپلا ماڭىدىغان كۈنگە قويىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بۇ ھالدا ئوخشاش بىر تەجىرىبە نەتىجىسىگە نىسبەتەن خىلمۇ-خىل چۈشەندۈرۈشلەر مەيدانغا كىلىپ، بىرسى «قىرقىپتۇ» دېسە يەنە بىرسى «تاقلاپتۇ» دەيدىغان مەنزىرە شەكىللىنىپ، فىزىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەن «ئېينىشتېين ئېفىرنى "پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان"مۇ؟» ناملىق ماقالەمدە مېكىلسۇن-مورلى تەجىرىبىسنىڭ نەتىجىسىگە ئېينىشتىيېننىڭ قانداق پۇزىتسىيەدە بولغانلىغى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۇتكەن ئىدىم.ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ماقالىنى كۇرۇپ چىقىشنى تەۋىسيە قىلىمەن.
تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈشنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم، لېكىن ھەرقانداق ئىدىيە (پەرەز)جەزمەن تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك دېيىلسە بۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق تەجىرىبىچى «چوڭ پارتىلاش»، «غەيرى نوقتا» ۋەھاكازالارنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. تەجىرىبە پەنلىرى دەرەخنىڭ غول-يوپۇرماقلىرىنى كۈزۈتۈپ -تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دەرەخنىڭ ئۆزى تېخى كۆرەلمىگەن يىلتىزلىرىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.

كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى «فىزىكا» كۇپ ئىلىمىنىتلىق بىر توپلام.ئۇنىڭ ھەممە ئىلىمىنىتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۇرۇرىيىتى بار.بۇ يەردە«يۇزىنى تاپالمىغان ئادەم»  دىگەن بىر ئۇيۇننى ئۇيناپ باقساق، بۇنۇقتىدىكى چۇشەنمەسلىكلەرنى تىخمۇ ئوبرازلىق چۇشۇنۇۋىلىشىمىز مۇمكىن.
مەن بىر دۇستۇمغا: ماڭا كۇرسەتكۇچ بارمىغىڭ بىلەن يۇزۇڭنى كۇرسۇتۇپ بەر،-دىدىم.
دۇستومنىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغى ھە دىگەندىلا بر نۇقتىنى كۇرسەتتى.
-ئۇ،يۇزۇڭ ئەمەس بۇرنۇڭ،-دىدىم مەن.
دۇستۇمنىڭ بارمىغى تىنىمسىز «سەيلە» قىلغىلى تۇردى. مەنمۇ بارماققا ئەگىشىپ ۋاقىراشقا باشلىدىم:
-قۇلۇغۇڭ!.
-كۇزۇڭ!.
-ئاغىزىڭ!.
-ئىڭىگىڭ!.
-پىشانەڭ!.
-......
شۇنداق قىلىپ دوستۇم ئۇزىنىڭ «يۇزى»نى تاپالمىدى.ئونىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغى قەيەرنىلا كۇرسەتسۇن باشقا بىر نىمە بولۇپ چىقاتتى.ئەسلى بۇ دۇستۇم بارمىغى بىلەن مەن ئىسمىنى ئاتاپ چىققان بارلىق ئەزالارنى ئىچىگە ئالغان بىرلا چەمبەر سىزسا ياكى ئالقىنىنى ئىچىپلا «يۇز»دىن ئىبارەت بۇ «توپلام »نىڭ ئۇستىگە قويسىلا بولاتتى.
دىمەكچىمەنكى، سىز ھەدىسىلا فىزىكىدىن ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئېلېمىنىتلىرىنى چىقىرىۋىتىمەن ،دىسىڭىز ئاخىرى «فىزىكا»نى يوقۇتۇپ قويۇسىز.

3

پەنلەرنى كىلاسلارغا(تۇرلەرگە)ئايرىيدىغان مۇتەخەسىسلەر ئازبولمىغان ئەمگەكلەرنى قىلدى ۋە قىلماقتا.بۇ ساھادە مۇنداق ئىككى خىل مۇتەخەسىسنى ئۇچرىتىش مۇمكىن،بىرى،رىيال «فىزىكا» پائاليەتلىرنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى ئاساس قىلىپ «فىزىكا»غا ئېنىقلىما بىرىدۇ ۋە فىزىكىنىڭ مۇشۇ دائىرە-قېلىپ ئىچىدەچەكلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.يەنە بىرى «فىزىكا»نىڭ ئۇتمۇشى،بۇگۇنى ۋە كىلەچىگى نۇقتسىدا تۇرۇپ ئېنىقلىما بىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يىڭى تەرەققىياتلىرىغا پۇرسەت قالدۇرۇدۇ.ئالدىنقىسىنىڭ «فىزىكا»سى تۇيۇق،ئىچىۋىتىلمىگەن بولىدۇ.كىيىنكىسىنىڭ «فىزىكا»سى بولسا ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ.ئالدىنقىسى ئۇزىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ ھەرقانداق يىڭلىقنى رەت قىلىدۇ.كىينكىسى مەيلى بۇ يىڭىلىقلار ئۇزىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە،پىرنسىپلىرىغا مۇخالىپ بولسىمۇ ــــــــــ لوگىكا ۋە تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە بولغان ھەر قانداق يىڭىلىقنى قوبۇل قىلىدۇ.ئالدىنقىسى «فىزىكا»نىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ، ۋە ھاياتى كۇچىنى بوغۇپ تاشلايدۇ،كىيىنكىسى «فىزىكا»نىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىدۇ ۋە ھاياتى كۆچ بەخىش ئىتىدۇ.ئالدىنقىسى كونسىرىۋاتىپ،قالاق،كىيىنكىسى ئىنقىلاۋى، ئىلغار بولىدۇ.ھالبۇكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدەئالدىنىقىسى مونۇپۇللوق ھوقوقىغا ئىگە«ئاساسى ئىقىم»دەپ قارىلىدۇ.مەن بۇيەردە مۇشۇ «كائىنات»تورىدا بىرەيلەنگە يىزىلغان ئىنكاسىمدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چاپلاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
« تەبىئىي پەن تەتقىقاتىدا ئاللىقانداقتۇر«ئاساسىي ئىقىم تەرەپدارى» بولۇش تەشەببۇسى قىلىش، تىگى –تەكتىدىن ئالغاندا ساۋاتسىزلىقتۇر. بۇخىل تەشەببۇس پەقەت مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىتىش ئۇچۇنلا ئەھمىيەتلىك، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى تەتقىقاتچىلارمۇ «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارى بولسا ئىشنىڭ بوزۇلغىنى شۇ!. تەپەككۈرتارىخنىڭ ھەر-بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆز دەۋرىنىڭ «ئاساسىي ئېقىم»لىرى بولغان.ئىنسانىيەتنىڭ ئىلمىي گۇمانلىنىش ۋە ئىلمىي تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي پەرزەنتلىرى ئاتالمىش«ئاساسىي ئېقىم» ئالدىدا تىز پۇكمەي فىزىكىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىنى ياراتتى. تاكى گالىلىيغىچە ئارىستۇتېلنىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرى، تاكى كوپىرنىككىچە پىتولمى ۋەسىقىلىرى «ئاساسىي ئېقىم»ئىدى. كوپىرنىك ۋە گالىلىلار ئۆز دەۋرىدە «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارلىرىنىڭ تىتىقسىزلىق ۋە دوق-ھەيۋە بىلەن تولغان ۋەز –نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىز پۇككەن بولسا، قوياش مەركەز تەلىماتى ۋەبۈگۈنكى دەۋىر تەجىرىبە فىزىكىسى، ئىلغار نەزەرىيىۋى فىزىكا مىتودولوگىيىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. گالىلىينىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرىمۇ تاكى پىلانىك ۋە ئېينىشتېيىنگىچە «ئاساسىي ئېقىم»ئىدى. پىلانىك ۋە ئېينىشتېينلار گالىلىنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەن «ئاساسىي ئېقىم»غا قانائەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈككەن بولسا، كىۋانت نەزەرىيىسى شۇنداقلا ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم»تەرەپدارلىرى بىلەن «ئاساسىي ئېقىم»غا قارىشى ئىجادىي تەپەككۈر جەڭچىلىرىنىڭ مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. بۇ قان-ياش بىلەن تولغان ئۈزۈن تارىخى جەرياندا ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارلىرى ھامان ئىلىم-پەن دۇنياسىنىڭ پاسسىپ،كونسىرۋاتىپ قاتلىمىنى شەكىللەندۇردى ۋە ھەتتا بەزىدە ئىلىم-پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ كەلدى. كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، ئىلىم-پەن دۇنياسىنىڭ ئىلغار،ئاۋانگارت قاتلىمىغا ۋەكىلىك قىلىپ تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىدى.
ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم تەرەپدارلىرى» ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەن بىلىملەرنى يەتكۈزۈشتە كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا تەييار بىلىملەرنى مىخانىك ھالدا يادلاتقۇزۇشنىلا بىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئىزچىل، ئەڭ مۇقەددەس روھى __ ئىلمىي گۇمانلىنىش ۋە ئىلمىي ئىختىرا روھىنى يەتكۈزمىسە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارخۇددى ئوتتۇرا ئەسىر مەدىرىسلىرىدىكى كونسىرىۋاتىپ   مۇدەررىسلەرگە  ئوخشاپ قالغان بولىدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مۇدەررىسلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئۇلار «ئاساسىي ئېقىم تەرەپدارلىرى»دېگەن مۇھاپىزەت كۈنلىكىنىڭ ئاستىداتەبىئىي پەن تارىخىنى ئىغىزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەمەننا قويغان ھالدا «قارى»لارچە يادلاپ بىرىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەستىخۇشلۇقلىرى خۇددى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىلىم-پەن تارىخىنى تەجۋىتكە سىلىپ، ئىككى ياققا ئىغاڭلاپ تۇرۇپ مېخانىك يادلايدىغان «قارى»لارنى كۆپەيتىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دەل مانا مۇشۇنداق مۇدەررىسلەرنى ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە مونۇپولىيە قىلغۇچى سۈپىتىدە ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىران ئىدىيەلەرگە بولغان«سادىقلىق»لىرى ئۇلارغا ھىچقاچان زىيان ئىلىپ كەلمەيدۇ. ئەكىسچە، ئۇلارنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن «تەلەيلىك»قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ «جان بىىقىش پەلسەپەسى» بىلەن «ئىلىم-پەن پەلسەپەسى»دىن ئىبارەت ئىككى پەلسەپەسى بولۇپ ،«ئىلىم-پەن پەلسەپەسى»ھامان «جان بىقىش پەلسەپەسى»گە خىزمەت قىلغان ۋە تىز پۈككەن بولىدۇ.  ئۇلار ھىچقاچان زىيان تارتقان ئەمەس!.
ئىلىم-پەن سىرلىقلاشتۇرۇش ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇش بىلەن سىغىشالمايدۇ. تارىخىتا ئۆتكەن ئىلىم-پەن نامايەندىلىرىنى مەبۇدقا ئايلاندۇرۋېلىشقا بولمايدۇ. دۇنياۋىي تۆت چوڭ دىننىڭ تۆت مۇقەددەس كىتاۋى ئىنسانىيەتنىڭ گۇمانلانماسلىقى ئۈچۈن يىتىپ ئاشىدۇ. قالغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى گۇمانلىنىش روھىنىڭ غەلۋىرىدە چوقۇم تاسقىلىشى كېرەك، بۇ تاسقاشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىرى ئەلۋەتتە، يېڭىلىنىدۇ!».
بۇيەردە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتمەكچىمەن.«ئاساسى ئېقىم تەرەپدارلىرى»دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇزىمۇ ئىزچىل ئۇزگۇرۇش ئىچىدە تورۇۋاتقان ئۇقۇمدەك قىلىدۇ.شۇسى ئىنىق بولسۇنكى «ئاساسى ئىقىم تەرەپدارلىرى» مۇئەييەن ئورتاق ئىلمى مەقسەتلەردە ھەمكارلاشقۇچىلار كوللىكتىۋىدىن ئىبارەت.ئۇنى ھەرگىز ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مونۇپول تەشكىلاتى ، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇلارلا شۇغۇللىنىشى كىرەك ،پەقەت شۇلاردىلا شۇنداق ھوقۇق بار دەۋىلىشقا بولمايدۇ.
ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى شۇي جىڭ خۇا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
«ئىلىم-پەندە جەزمەن ئىنقىلاب ئىلىپ بىرىلىشى، مۇتەخەسىسلەر باھالاش تۈزۈمى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىلىم دۇنياسى گالىلىي دەۋرىدىكىدەك تولىمۇ كونسىرۋاتىپ، قاتمال، چىرىك. ئىلىم-پەن ساھەسى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك، ئالىملار قالايمىقان گەپ قىلماسلىقى، پەقەت مۇكاپات ئۈچۈنلا ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم، ئىلىم-پەن پۇقرالار بىلەلەيدىغان نەرسىگە ئايلاندۈرۇلۇشى، ھەقىقى، چىن مەنىدىكى ياخشى بولغان ئىلىم-پەننىڭ جەزمەن ئىجدىمائىي رولى بولۇشى كېرەك، ئىلىم-پەندە ھەتتا نوبىل مۇكاپاتىغا چوقۇنۇشمۇ خاتالىقتۇر»
مەنبە:
美国科学院院士许靖华:二氧化碳是环保资源
http://bj.house.sina.com.cn/other/2009-04-14/1321308128.html


4

ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئومۇمەن مۇنداق ئىككى خىل ئادەملەرنى ئۇچرۇتىمىز.بىرى موددەرىس،مۇتەخەسىس تىپىدىكى ئادەملەر،يەنەبىرى تەتقىقاتچى،مۇتەپەككۇر تىپىدىكى ئادەملەر.سەھرايى تىل بىلەن ئىتساق ئالدنقىسى يادىلاشقاماھىر كاللىغا ئىگە،كىيىنكىسى بۇلسا ئىجادى تەپەككۇرگە ماھىر كاللىغا ئىگە.ھەر ئىكىسىنىڭ ئۇرنى ۋە قىممىتى بار.ئالدىنقىسى ئوقۇغۇچىلارغا دەلىللەنگەن دەپ قارالغان،مائارىپ مىنىستىرلىكلىرى تۇزۇپ بەرگەن دەرىسلىكلەردىكى بىلىملەرنى يەتكۇزۇش ۋە بۇ بىلىملەرنى ئومۇمىلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئەلۋەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان بولىدۇ.كىيىنكىسى بولسا يىڭى نەتىجە ۋە بىلىملەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش،يىڭى بىلىم ۋە نەتىجىلەرئۇستىدە ئىزىنىشكە ماھىر كىلىدۇ.ئالدىنقىسى كونسىرىۋاتىپلىققا مايىل بولسا ،كىيىنكىسى تەرەققىپەرۋەرلىككە مايىل بولىدۇ.كىيىنكىسى يىڭى بىلىملەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇدۇ،ئالدىنقىسى بۇبىلىملەرنى تارىتىدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ. ئالدىنقىسى تەييار بىلىم ۋە قۇراللارنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر،كىيىنكىسى تەييار بىلىم ۋە قوراللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۆچۆن يىڭى بىلىم ۋە يىڭى قورال تەييارلاشقا ماھىر.ئەسلى بىر ئىلىم-پەن خادىمىنىڭ مىڭىسىدە ھەر ئىككى خىل ئىقتىدار ھازىرلىنىشى كىرەك ئىدى ،لىكىن كونكىرىت بىرئادەمدىكى چەكلىمىلەر ،خاسلىقلار ۋە رىتىمى تىزلىشىپ،ئۇچۇر مىقدارى زىيادىلىشىپ كىتىۋاتقان ئىلىم-پەن رىياللىغى تۇپەيلى مۇشۇنداق«ئىش تەقسىماتى»مەيدانغا كەلدى ۋە بۇ بىر پۇتۇن جەريانلار «ئىش تەقسىماتى»شەكلىدە ئورۇنلىنىدىغان بولدى. كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تولقلايدۇ،بىر-بىرىنى شەرىت قىلىدۇ.ئىككىسىنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇشقا ھارگىز بولمايدۇ.

5
يۇقۇرقى سەۋەپلەر ۋە بايان قىلىنمىغان بىر مۇنچە سەۋەپلەر تۈپەيلى مەن شەكىل نەزەريىسىنى نوقۇل لوگىكا،نوقۇل پەلسەپە ئەمەس بەلكى ماھىيەت جەھەتتىن «فىزىكا»نەزەريىسى،يىڭى فىزىكىلىق ئۇقۇم ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بايانى دەپ قارايمەن.«فىزىكا»ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەرىقلىق بولىشى بىزنى ئورتاق تىلغا ئىگە قىلمايۋاتقان سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
«فىزىكىلىق شەكىل» بىر يېڭى ئۇقۇم، بۇ ئۇقۇمنىڭ فىزىكا دۇنياسىدىن ياشاش ۋە راۋاجلىنىش ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى پۇتكۈل فىزىكا تارىخىنىڭ ئەنئەنە-ئۇدۇملىرى نوقتىسىدىن قارىغاندا بەكمۇ نورمال ئىش، «شەكىل فىزىكىسى» ياكى «شەكىل ئالەمشۇناسلىقى»(ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتىنى شەكىل نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر)نىڭ مەيدانغا كىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ئۇنى قوبۇل قىلىش- قىلماسلىق ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ «فىزىكا»غا بولغان چۈشەنچىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ چۇشەنچىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىلىم دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دېيىشكە بولمىسا كېرەك. بىز ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا «شەكىل نەزەرىيىسى»نى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىلىم دۇنياسىغا بۇ ئۇچۇرنى تىزرەك يەتكۈزەيلى، شەكىل نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە «سەت ئۆردەك چۇجىسى»نىڭ تەقدىرىگە يولۇقىۋاتقان بولسا، كېيىنچە ئازراق بولسىمۇ ئىتىۋارغا ئىرىشىپ قالامدۇ تېخى؟!، كىلەچەككە كىسىپ ھۆكۈم چىقارماق قېيىن.

ــــــــــــــــ
پايدىلانمىلار:
1.ھېزىنبىرىگ:«فىزىكا ۋە پەلسەپە»
2.«ئېينىشتىيېن ئەسەرلىرى»
3.خاۋكىڭ:«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى»


2013-يىل
bagdax

0

تېما

0

دوست

974

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38167
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 12:47:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ماقالە !  قاسىم ئاكا ، فىزىكىغا بولغان ئۆز ئىدىيىڭىزنى مۇشۇ ماقالىدەك ئامىباب ئۇسلۇبتا كىتابچە قىلىپ يېزىپ چىقسىڭىز بولىدىكەن .

1

تېما

14

دوست

5199

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 15:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىغۇ بەلەن چىقىپتۇ

0

تېما

0

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85972
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 18:10:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر..!ئىلىم ئۈچۈن تاشلانغان ھەربىر قەدەم  مەيلى ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا  بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ....
bagdax

0

تېما

0

دوست

7482

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2265
توردىكى ۋاقتى: 594
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-6

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 19:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىياكو، ما يازغانلىرى ئادەم خېلى چۈشەنگۈدەك بىرنەرسە بوپتۇ.

0

تېما

17

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 6108
توردىكى ۋاقتى: 2390
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-26

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 22:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىزىكا نەزەريەلىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق «نەزىرىيە» ــــــــ مەيلى ئۇ ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلدا ياكى نەسىرى بايان ئۇسولىدا بايان قىلىنسۇن،يەنىلاماھىيەت جەھەتتىن لوگىكلىق بايان شەكلى ھىساپلىنىدۇ.
=============
بىزنىڭ نۇرغۇن تەتقىقاتچى، دوكتۇر، ئاسپىرانتلىرىمىزغا بۇنى چۈشەندۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كەتكىنىنى ئويلىسام ئىچىم ئېلىشىدۇ..

4

تېما

2

دوست

1783

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27267
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 587
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 11:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي مەنىدىكى قاسىم سىدىق ھەم ھەقىقىي مەنىدىكى فىزىكا!

1

تېما

1

دوست

2898

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40862
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 895
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 22:57:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى تەبئىي پەن(فىزىكا)دە ئوقۇمغانغا يەنە بىر قېتىم پۇشايمان قىلدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )