قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2186|ئىنكاس: 26

مېنى چوڭقۇر ئويغا سالغان خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

36

دوست

3400

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38521
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1060
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 12:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقا كېچىكىپ قالدىم دەپ ئالدىراپ - تېنەپ ، ئىش ئورنۇمغا كەلدىم . ئىشخانىغا كىرسەم ، خىزمەتدىشىم ئالتۇنگۈل ئاچام ئېڭىكىنى يۆلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.

     - ئۆزلىرىنىڭ ئەتىگەندە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشلىرى ئىسسىقتىنمۇ ياكى سۇغۇقتىنمۇ ؟ قارىسام شۇنچىلىك غەمكىن ئولتۇرىسىز  ، ئائىلىڭىزدە بىرەر ئىش يۈز بەرمىگەندۇ ،ھە ؟،- دەپ چاقچاق قىلدىم ئۇنىڭغا .

     - ھەي ، دېسەم - دېسەم گەپ تۈگىمەيدۇ . <<ئۆزۈم قىلغان بالاغا ، نەگە باراي دەۋاغا >> دېگەندەك ئىش بولدى ،- دېدى ئۇ ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ .

     - قېنى دېسىڭىزچۇ ؟ ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ ئولتۇرسىڭىز قانداق بولغىنى ؟ ئۆزىڭىزنىڭمۇ ، ئۆزگىنىڭمۇ ئىچىنى سىقىپ ،- دېدىم يەنە .

     - سىڭلىم ، سىز ئادەتتە ئۇنى - بۇنى يېزىپ باقىسىز. كىچىك بولسىڭىزمۇ تۇرمۇشنى خېلى چۈشىنىسىز .......... مەن ھازىرقى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولالمايمەن . بۇ خەتنى ئوقۇپ بېقىڭ ، شۇندىلا ھەممىنى چۈشىنىپ يېتىسىز . لېكىن ماڭا ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن ، ھەممىسى ئۆزۈمدىن كەتكەن ، بىر يېتىم ، ناتىۋانغا قىلغانلىرىمنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمەنغۇ ....................- دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپ تۇرۇپ .

     مەن ئۇنىڭ چۈشىنىكسىز گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېڭىرقاپ قالدۇم-يۇ، ئىتتىك قۇلۇمدىكى خەتكە كۆز يۈگۈرۈتتۈم ............

*****                                           ****************                           ******

     ھۆرمەتلىك ئالتۇنگۈل ئاچا !

     بۇ گەپلەرنى سىز بىلەن قارىشىپ ئولتۇرۇپ دېگۈم بار ئىدى . لېكىن سىز ماڭا ئون ئۈچ يېشىمدا ئاچا بولغان . ئۇزۇن يىل ئاچا - ئىنى بولۇپ ئۆتكەچكە ، كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى سىزگە يۈز تۇرانە دېيىشنى خالىمىدىم . مەن سىزنى ھېلىھەم ھۆرمەتلەيمەن ، سىزنى ئۆز ھەدەمدەك  كۆرىمەن . ھەتتا ئاكامنى ياخشى كۆرگەندىمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن ، سىزمۇ ماڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىڭىز.............  بىراق ،  سىز ماڭا شۇنچىلىك ئامراق تۇرۇپ ، يۈرىكىمگە مەڭگۈلۈك جاراھەت سالدىڭىز ....................

     ئەزىزەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالمىغان بولسام ئۆزۈمنى يەنىلا گۇناھسىز چاغلاپ ، بارچە گۇناھنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئارتىپ يۈرەر ئىكەنمەن .لېكىن ، خاتىرىنى باشتىن - ئاخىرى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ،  ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . ئەزىزە ئالى مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، ئوڭلۇق ، مۇلايىم بولغاچقا ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ قالمىسۇن دەپ ، سىلەردىن كۆڭلى شۇنچىلىك ئازار يېسىمۇ ماڭا دېمەپتۇ . بىچارە ، مېنى ھۆرمەتلەپلا قالماستىن كۆڭلۈمنى شۇنچىلىك ئاۋايلايتتى . ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ماڭا يوغان كۆزى بىلەن قارىمايتتى ، سەۋەنلىك كۆرۈلسە ئۆزىمىزنىڭ ھۇجرىسىدا بىر - بىرىمىزگە چۈشەندۈرۈش بېرىش ئارقىلىق ئەپلىشىپ قالاتتۇق . بىز بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپلا قالماستىن بەلكى ، بىر- بىرىمىزگە سادىق ئىدۇق. ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، مەن سىلەرنى ئۆيدە مەن بار چاغدىكىدەك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن . ئۇنىڭ روھى - ھالىتىگە قىلچىلىك دىققەت قىلماپتىمەن . يىغلاپ كۆزى قىزىرىپ كەتكەن چاغلاردا چىشىم ئاغرىپ قالدى ، زۇكامداپ قاپتىمەن دېسە مەن ئەخمەقمۇ ئىشىنىپ كېتىپ ، كارىم بولماي يۈرۈپتىمەن . سىلەر ئۇنىڭغا ئازار بەرسەڭلار، يېتىم ئوغلاق دەپ ھاقارەت قىلساڭلار ، ياقا يۇرتلۇق دەپ چەتكە قاقساڭلار ، ئۇ شۇ گەپلەرنىڭ بىرىنىمۇ ماڭا دېمەپتۇ ، قەھرىتان سوغۇق بولغان كېچىسى كىچىككىنە ئىشنى باھانە قىلىپ ، ئۇنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتسەڭلارمۇ ئۇ ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلماپتۇ . بەلكىم مېنى قېرىنداشلىرى بىلەن ئازارلىشىپ قالمىسۇن دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك . مەن خىزمەتكە ماڭدىم دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم ، ئېغىرلىشىپ قالغان ھامىلىدار ئايال كىشىنى رەھىمسىزلەرچە ئېغىر ئىشقا ساپسىلەر . ئويلاپ بېقىڭ  ئاچا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىلەر؟ سىز باشلىق تۆت كېلىن نېمىنى ئويلىدىڭىز ؟ بىلمەيمەن ، ئەزىزە ئېغىرلىشىپ قالغان كۈنلەردە سىلەرنىڭ ئەزىزەگە قارىتا <<گەپ - سۆزۈڭلار>> تۈگىمەي قالماستىن ئاۋۇپ كەتتى . ماڭا خوتۇنۇڭ بىزگە ئۇنداق قىلدى ، بۇنداق قىلدى دەپ گەپ قىلىپ قۇلاق - مېڭەمنى يەپ كەتكەچكە ، مەن ئەخمەقمۇ سىلەرنىڭ چالغان دېپىڭلارغا ئۇسسۇل ئويناپ ، ئۇنىڭغا روھى جەھەتلەردىن ئازار بېرىپتىمەن . ھەتتا ئەركىشى دېگەن خوتۇنىغا ئۇنچىۋالا سادىق بولغان بارمۇ؟ <<ئەركىشى دېگەن ئۆيدە بىر ئايالغا ، تالاغا چىقسا مىڭ ئايالغا تەۋە >>دەپ يۈرۈشۈڭلار بىلەن ھامىلىدار بولغىنىغا يەتتە ئاي بولۇپ تۇرۇپمۇ ، سېزىك ئازابىدىن چىقالماي يۈرگەن ھەمراھىمنى تاشلاپ سىرتتىكى ئاياللارغا ساقال تاشلاپ يۈرۈپتىمەن . بىچارە ھەممە ئىشىمنى سېزىپ قالغان ئىكەن . ماڭا << قورسىقىمدىكى بالىڭىزنى ئويلاڭ ، ئۇنداق قىلماڭ >> دەپ يۈرسە ، ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ << مەن ساڭا بالىلىق بولايلى دېگەنمۇ ؟ >> دەپ ھۆركىرەپتىمەن ، شۇ چاغدا ئۇ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتسە ، ئاجىزلىقى دەپ مىيىقىمدا كۈلۈپ يۈرۈپتىمەن . ئەمما ، ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك زەربە بولغانلىقىنى ھېس قىلماپتىمەن .............

     مانا ئاشۇ چاغدىن كېيىن ئۇ جىم بولۇپ قالدى . بۇ چاغدىمۇ ھوشۇمنى تاپماپتىمەن ، ئەكسىچە ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا تەن بەردى دەپ ئويلاپتىمەن ، ھەممىڭلار بىرلىشىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ << تەتۈر پېشانە يېتىم ئوغلاق >> دەپ ھاقارەتلەپ يۈرسەڭلارمۇ ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق تۇرسا دەپ بەخىرامان يۈرۈپتىمەن ...............

     شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى بىكاردىن بىكار << چوشقا >> دەپ ھاقارەتلەپ سىلكىپتىمەن ............

     ئۇ شۇ كۈنى بىر ياتقانچە ئىككى كۈن يېتىپ قالدى ........... كېيىن قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ ، ئاي - كۈنى توشمايلا بويىدىن ئاجراپ كەتتى . ئاشۇ چاغدىمۇ سىلەر << نىيىتى دۇرۇس ئەمەس ، قەستەن قورسىقىدىكى بالىنى چۈشۈرۈۋەتتى >> دېيىشسەڭلار ، گېپىڭلارغا ئىشىنىپ كېتىپتىمەن . شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئاجرىشىپ كېتىشنى ئېيتىپ ، بىزنىڭ ئۆيگە قايتقىلى ئۇنىمىدى . مەنمۇ چوڭچىلىق قىلىپ ، ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى سورىمايلا ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ يۈردۈم .ھەتتا سىلەر << ئۇنىڭ ئەزەلدىن نىيىتى بۇزۇق ، ئاجرىشىپ كېتىش ئۈچۈن بالىنى يوقاتتى ، ئارقىدىن ئاجرىشىمەن دەپ جار سالدى >> دەپ يۈرگەچكە ، ئاجراشقان چاغدىمۇ ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن كۆپ ئازار بەردىم . ھەتتا باشقىلارنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا كۈشكۈرتتۈم ، ئۇ ھەممىگە سۈكۈت قىلدى . بەلكىم ، مېنى ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ ۋە ياكى تەقدىر جازالىسۇن دەپ ئويلىدىمۇ بۇنى بىلمەيمەن .................

     مەن ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەممىنى چۈشەندىم ..............

     نەچچە كۈنگىچە ئويلاندىم ، ئاخىرى ، سىزگە بۇ خەتنى يازدىم : ھۆرمەتلىك ئاچا ! ئەگەر ئاكام سىز ئىككى قات ھالەتتە سىرتتا باشقا ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرسە ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ - كەلمەمدۇ ؟ چوقۇم ئازابلىنىسىز ، قايغۇرىسىز ، ياش تۆكۈسىز .................

     ئەگەر ئاچا - سىڭىللىرىمنىڭ بىرەرسىنىڭ ئەرلىرى ئاشۇنداق ئىش قىلىپ يۈرسە ، مېنىڭ ئاچچىقتىن مۇشتۇملىرىم تۈگۈلمەسمۇ ؟ مەن مانا مۇشۇنداق ئاچچىقنى ئەمدىلا چۈشىنىپ يەتتىم ، ھېس قىلدىم .........

     ئەزىزە سىزدىن ئون  ئۈچ ياش كىچىك ، گەرچە بىلىم سەۋىيەسى بولسىمۇ ، تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل . شۇڭا بىرەر خاتالىقتىن خالى بولۇشى ناتايىن ئىدى . سىز چوڭ كېلىن بولغاندىكىن ئۇنى تەربىيەلەپ ، ما ئىشنىڭ يولى بۇنداق ، بۇ ئىشنى بۇنداق قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ دەپ تەربىيەلىگەن بولسىڭىز ، ئۇمۇ رايىشلىق بىلەن قوبۇل قىلار ئىدى . ئاچا ، بۇ دۇنيادا يېتىم بولمايدىغان كىم بار ، ئاللاھ ئىگەم ، ئۆزى خالىغان بەندىسىنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىدۇ ...........

     ئۇنىڭ دادىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىشى گۇناھ ئەمەسقۇ . سىز ئەزىزەنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق ھېسسىياتقا كېلەر ئىدىڭىز ؟ مەن بەك پۇشايمان قىلدىم . لېكىن ، قانچە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ھەممە ئىش ئەسلىگە كەلمەيدۇ . << تەن يارىسى ساقايغان بىلەن كۆڭۈل يارىسىنىڭ ساقايمايدىغان >> لىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم . ئاھ ، ئۇرغان بىلەنمۇ ھەممىسى بىكار .............. بىزنى ئايرىپ سىلەر خوش بولدۇڭلار ،،،،،،،،،،

     ئازابتا قالغىنى ئەزىزە ئىككىمىز بولدۇق . نېمىلا دېگەن بىلەن بىز بىر يىلدىن ئارتۇق بىللە ئۆتكەن ئىدۇق . كونىلارنىڭ << بىر كۈنلۈك ئەر - خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بار >> دېگەن سۆزىدەك ئاجرىشىش خېتىنى ئىتتىك بېجىرگەن بىلەن ، مېھرىمنى ئۇنداق ئىتتىك ئۈزەلمىدىم . ئۇ كۆزۈمگە شۇنچىلىك ئۇز كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭغا ئازار بەرسەممۇ ، يەنىلا بىئارام بولۇپ قالاتتىم ، تۇرۇپ ئىچىممۇ ئاغرىپ قالاتتى . كېيىن جاھاندىكى ھەممە ئايال ئوخشاشقۇ ، توي قىلسام ئاستا - ئاستا ئۇنتۇپ كېتەرمەن دەپ سىلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىڭلار بىلەن مەھەللىدىكى ئون سەككىز ياشلىق ئەلانۇر بىلەن توي قىلدىم . لېكىن كۆڭۈل يارام ساقايماقتا يوق ، تېخىمۇ يامان بولۇپ كەتتى . ئايال كىشى ئوخشىغان بىلەن مىجەز - خۇلقى قەتئىي ئوخشىمايدىكەن . ئەلانۇرنىڭ ھازازۇللىقى ، مىجەزىنىڭ ئەسكىلىكى ، مەينەتلىكى ، ئۆيگە كىرسەممۇ ، چىقساممۇ كارى بولماسلىقى ، ھە دېسە دادام - ئانامغا يوق ئىشلارنى چېقىشتۇرىشى مېنى بەكمۇ بىزار قىلدى ، ئۆيدىن جېدەل قۇرۇمىدى ..............

     بۇنداق تۇرمۇشتىن بەكلا تويۇپ كەتتىم . چوڭلارغا گەپ تۇشۇمايدىغان ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىززىتىمنى قىلىدىغان ، يامان يولدىن يوللۇق نەسىھەتلىرى بىلەن توسىدىغان ، ئېسىل پەزىلەتلىك ئەزىزەنىڭ قەدرىگە بەكمۇ  يەتتىم . ئاچا ، سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم ، مەن چوڭ كېلىن دەپ باشقا كېلىنلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشماڭ . چىرايلىق تەربىيە بەرسىڭىز بېرىپ ، ئىشنىڭ يولى ماۋۇ دەپ ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۆگىتىشكە تىرىشىڭ ....

     بۇ ئالەم ھەقىقەتەنمۇ ئۆتنە ئالەم ئىكەن<< قىلىپ سالساڭ كىشىگە ، توپا تىقار كۆزۈڭگە >>دېگەندەك ،  ھازىربۇرۇنقى ئايالىمغا قىلغانلىرىمنىڭ جازاسىنى بىر - بىرلەپ تارتىۋاتىمەن .............  ئەمدى مەن ئەلانۇر بىلەن ئۆي تۇتمايمەن . ئەزىزەنى ئىزدەپ ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە قايتا يارىشىش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىمەن . شۇڭا ، مېنى چۈشىنىپ ئىللىق بىر ئائىلە قۇرۇۋېلىشمغا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . ماڭا ھەقىقەتەن ئامراق بولسىڭىز ، مېنىڭ بەختلىك بۇلۇشۇمنى ئويلىسىڭىز مېنى قايتا  ئوتقا ئىتتىرمەڭ .

     ئاخىرىدا سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن .

     ئىنىڭىز ئالىمجان  

  ***********                                          ***********                       ***************

     خەتنى ئۇقۇپ بولۇپ ئالتۇنگۈل ئاچامغا قارىدىم . لېكىن ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان كۆز - ياشلىرىنى كۆرۈپ ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .

     - ئەھۋال ، ئەنە شۇنداق سىڭلىم ، بىر ئوبدان خوتۇننى كۆكەمىلىكىم سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدىم . ھازىر بولسا كۈندە جېدەل ئايرىپ بولالماي ، بەك چارچاپ كەتتىم ،- دېدى ئۇ  يەنە ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ .

     - ئەمدى قانداق قىلماقچىسىز ئاچا؟ ئەزىزەنى ئۇچرىتىپ باقتىڭىزمۇ ؟ - دېدىم يەنە

     - ئەمدى ئۆيىمىز بىر ناھىيەدە بولغاندىكىن ، ئۇچرىشىپ قالىمىز ، لېكىن ئۇ مېنى كۆرسە ماڭا قارىمايدۇ ، مېنىڭ يېنىغا بېرىپ كۈرۈشۈشكىمۇ يۈزۈم يوق ، سىڭلىم ، بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق قېيىنئىنىمنىڭ مەندىن قالغان كۆڭلىنى ئالغۇم بار . كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمايمەن . بولسا سىز ماڭا ياردەم قىلىپ ، بۇ ئىشنى ھەل قېلىشىمغا يول كۆرسىتەلەمسىز ؟- دېدى ئۇ ماڭا يېلىنىپ. - مەن ئويلىنىپ بىر نەرسە دەي ، ئاچا ،- دېدىم -دە ، ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتىم .  

     ئەسكەرتىش :

     بۇ ھەقىقىي بولغان بىر ۋەقە، تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇپ ، ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك يەرلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ئائىلىسىنى بۇزماسلىقىنى ، ئاياللىرىنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى ، بىكاردىنلا ئازار بەرمەسلىكىنى ، ئىللىق ئائىلىسى تۇرۇپ ، تالاغا قارىماسلىقىنى ، تالادىكى ئاياللارغا بىھۇدە ۋاقىت ئاجراتماسلىقىنى ، شۇنداقلا يۇقىرىقى تېمىدىكى ئالىمجاندەك پۇشايمانغا قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .  شۇنى ئۇنتۇماڭ : ئەرلەر پادىچى ، پادىسىنى ياخشى قوغدىيالمىسا ئۇنىڭ چوقۇم سورىقى بولىدۇ .    بۇ ۋەقە خىزمەتدىشىمنىڭ ۋە قېيىن ئىنىسىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىش . خىزمەتدىشىم بۇ ھەقتە دەرد تۆكۈپ ، ئۇشبۇ خەتنى ماڭا كۆرسەتكەندىن كېيىن ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلاندىم ، شۇنداقلا تورداشلارنىمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ئويلانسۇن ، پىكىر يۈرگۈزسۇن دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم . تۇرمۇش - خالىغانچە ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ، ئاياللارمۇ بىر چىشلەپ تاشلايدىغان ئالما ئەمەس ، قېرىنداشلىرىم . ئاياللار- سىلەرنىڭ ئاناڭلار، ئاچا - سىڭىللىرىڭلار .......

     بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭلار ئەلۋەتتە سىلەرمۇ تاقەت قىلالمايسىلەر..........

     ھەقىقىي ئەركەك ئائىلىسىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ ، يامانلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خوتۇن - بالىلىرىنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىللىق ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ..........

     ئانىسى ، ئاچا - سىڭىللىرى ،  خوتۇن - بالىلىرىنى ،ئەتراپىدىكى قىز - ئاياللارنى قوغدىيالماي يۈرگەن ئەرلەر ئەركەك ئەمەس ، بەلكى لاتا غىلاپتۇر .............

     بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن سىز ، ئانىڭىزغا ، ئاچا - سىڭىللىرىڭىزغا ، خوتۇن - بالىلىرىڭىزغا قانچىلىك مېھىر - مۇھەببەت بىلەن باقتىڭىز ؟ قانچىلىك قوغدىيالىدىڭىز ؟ مۇشۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىڭ ....................

     ئايالىڭىز ھەققىدە قالايمىقان گەپ قىلغانلارنىڭ گېپىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەڭ ، شۇنداقلا ئايالىڭىز يەتكۈزگەن ھەممە ئۇچۇرلارغىمۇ قارىغۇلارچە ئىشەنمەڭ ، بەلكى ھەر بىر ئىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىڭ ، چۈنكى ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ .............   

     قەدىرلىك تورداشلار ، بۇ خەت مېنى ناھايىتى چوڭقۇر ئويغا سالغاچقا بەك قايناپ كەتتىمغۇ دەيمەن ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئۈچكىنىڭ مېغىزىنى ئايرىۋېلىپ ، شاكىلىنى تاشلىۋېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . قارىغۇلارچە ئىنكاس يېزىشىڭلارنىمۇ قىلچە ياقتۇرمايمەن .
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 20:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cayram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-19 21:30  

قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئ‍ادەملەرنىڭ  قەدرىنى ،  ۋاقتىدا بىلەلمەسلىك  ،بەلكىم  ئ‍ادەملەردەكى  تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ ئ‍از بولىشى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن…  كىيىنكى پۇشايمان يۈرەكنى قىيناپ   ئ‍ادەمنى بىر ئ‍ۆمۈر ھەسرەتلەنىلىدىغىنىم شۇڭلاشقا  قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم،    ھەر كۈنى كەش ئ‍ۇخلاش ئ‍الدىدا، ئ‍ۆزىمىز توغرۇلۇق ئ‍ويلىنىشنى ئ‍ۇنتۇپ قالمايلى، ،، مەسلەن ~ مەن بۈگۈن نىمىنى توغرا قىلدىم، نىمىنى خاتا قىلدىر؟؟؟  تۈزۈتۈشكە ۋە جارى قىلدۇرۇشقا تىگىشلىك قانداق ئ‍ادەتلىرىم بار؟؟؟مەن بۈگۈن ئ‍ۆزەمگە ۋە يېقىنلىرىمغا پايدىلىق قانداق ئىش قىلدىم، قانداق زىيانلىق ئ‍ىش قىلدىم؟؟  مىنىڭ ھازىرقى ياشاش يولۇم توغرىمۇ؟ ئ‍ۆزگەرتىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر بارمۇ؟ …  

0

تېما

0

دوست

591

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  80225
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 23:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قات ئايالىغا كۈيۈمەسلىك ئادەمنىڭ قىلىقى ئەمەس قۇمۇ.

32

تېما

0

دوست

8575

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 2698
توردىكى ۋاقتى: 1260
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 09:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    « ئىنسان » دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى « ئۇنۇتقاق » دىگەن بولۇدۇ . ئۇنۇتقاق 2 خىل بولۇدۇ . 1. خىلى - يامانلىقنى ئۇنتۇش ۋە يامانلىق قىلماسلىق . 2- خىلى -ياخشىلىقنى ئۇنتۇشدۇر . يامانلىقنى ئۇنتۇپ ، ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇر غاندىلا بۇ يازمىدىكىدەك پاجىئەلەر يۈز بەرمەيدۇ .
bagdax

0

تېما

4

دوست

5394

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11106
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 1671
توردىكى ۋاقتى: 623
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 10:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر ئۆتۈپ مۇشۇ كۈنلەر ‹ئالتۇنگۈل› نىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا كەپ قالمىسا بولاتتىغۇ.

0

تېما

2

دوست

626

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25285
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 17:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىز يوللىغان ۋاقتى  2016-12-20 10:56
كۈنلەر ئۆتۈپ مۇشۇ كۈنلەر ‹ئالتۇنگۈل› نىڭ پەرزەنتلىرىن ...

ئايال كىشى ئايالغۇچىدۇر،ياخشى ئايال ئەركەك زاتى ئۈچۈن ياراتقۇچى ئاتا قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ ئاقى نېمەتتۇر.

3

تېما

3

دوست

288

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66494
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 12:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى سىز ئىلگىرى مىسرانىمغا يوللىغانغۇ دەيمەن ؟ مەن شۇ چاغدا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى خىىلى كۆرەتتىم .

0

تېما

0

دوست

2360

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 12:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە ئۆلچەپ  بىر كەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )