قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3513|ئىنكاس: 120

تارتىش كۈچى مەسخىرىلىك نەتىجىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

18

دوست

8682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2860
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 17:26:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىلگۈچى

     يېقىندا بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تارتىش كۈچى دولقۇنى بايقىغۇچى ئەسۋابى لىگونىڭ سانلىق قىممەتلىرىنى قايتىدىن ئانالىز قىلىپ يېڭى بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ زادى قانداق بايقاش؟ رەسىمي ھالدا جەزىملەشتۈرۈلگەنمۇ؟ ئەگەر جەزملەشتۈرۈلسە بۇ نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ كەسىپ ئەھلى بولۇش مەجبۇرىيىتى بىلەن مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە چۈشەنچە بەرمەكچى، چۈنكى بۇرمىلانغان، خاتا چۈشۈنچىدە يېزىلغان بىرقانچە يازمىلارنى ۋە خەۋەرلەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ يازمىنىڭ خەلقىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىگە ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

     ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالىملار ئامېرىكىنىڭ لىگو ئىسىملىك تېلېسكوپى ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن ئىككى تارتىش كۈچى دولقۇننى بايقاپ جەزملەشتۈردى، يەنە بىرنى ئۆلچەنگەن سانلىق قىممەتلەر يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبلىك جەزم قىلالماي، بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۇتتۇرغا قويدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئالدىنئلا مەن تۇنجى بولۇپ باغداش تورى ئارقىلىق خەلقىمىزگە سۇنغان (بۇ كىچىككىنە ھەقىقەتمۇ ھەدىسە باشقىلار تەرىپىدىن بۇرمىلۇنۇپ ئىنكار قىلىندى). بۇ بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن فىزىكا ۋە ئاستىرونۇمىيە ساھەسىدە ھەتتاكى دۇنيادا ناھايىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقات ماقاللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى، مېنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجەم پۈتۈپ، نوپۇزلۇق ژۇرنالدا ئېلان قىلىش ئالدىدا، پات ئارىدا بۇ ھەقتە يازما يوللايمەن.  تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ بايقىلىشى بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغانلىقى ئۇچۇن بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپتىغا ئىرشەلمەي قالدى، ھەريىللىق نوبېل مۇكاپاتى شۇ يىللنىڭ 2-ئېيىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەرگە بېرىلىدۇ. بەلكىم كىيىن بېرىلىشى مۇمكىن.

     تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقىلىشى ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ئىسپاتى ئىدى، ئەمما بۇ خۇشاللىق بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي يېقىندا بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر لىگونىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتىدى ئانالىز قىلىپ، بايقالغان تارتىش كۈچى دولقۇنىدا 'ئەكس سادا' بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەتىجىمۇ ھازىر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ھەم گۇمانىنى قوزغىماقتا، شۇڭا فىزىكا ۋە ئاستىرونۇمىيە ئالىملىرى بۇ يېڭى نەتىجە ئۈستىدە قايتىدىن تەپسىلىي ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ يېڭى نەتىجە تېخى جەزملەشتۈرۈلۈپ ئورتاق توغرا دەپ قوبۇل قىلىنغان نەتىجە ئەمەس، بۇ ئىشتا زەررىچە ئېتىبارسىزلىق ياكى خاتالىق كۆرۈلسە بولمايدۇ، شۇڭا قايتا-قايتا تەكشۈرۈلۈپ جەزىملەشتۈرۈلىشى كېرەك.

     بۇ 'ئەكس سادا' دېگەن زادى نېمە؟ ئەگەر بۇ جەزملەشتۈرۈلۈپ توغرا بولسا نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ مەن تۆۋەندە بۇنى شەرھلەپ ئۆتىمەن:

     كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش ئۇپۇق سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەرقانداق نەرسە غايىب بولىدۇ، كۆرۈش ئۇپۇق سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بۇ كۆرۈش ئۇپۇق سىزىقى بولسا ھەتتا نۇر ئۆتۈپ كېتىپ قالسىمۇ قېچىپ كېتەلمەي يوقاپ كېتىدىغان بىر سىزىق  دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.  لېكىن يېقىنقى بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان ئالىملار بۇ ئېنىقلىمىدىن گۇمان قىلىشقا باشلاپ بەزى ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى، چۈنكى كىۋانىت مېخانىكىسىدا بۇ كۆرۈش ئۇپۇق سىزىقىدىن ئۆتكەن نەرسىلەر مەلۇم ئۇچۇرلارنى قالدۇرىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر پۈتۈن فىزىكا ئالىملىرىنى قىيناۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرسى دەل قانداق قىلغاندا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسى ۋە كىۋانىت نەزەرىيەسىنى قانائەتلەندۇرىدىغان ئورتاق بىر قارا ئۆڭكۈر كۆرۈش ئۇپۇق سىزىقى نەزەرىيەسىنى تېپىپ چىقىش. 2012-يىلى بۇ ھەققىدە بىر نەزەرىيە يەنى 'ئوت تام' نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ نەزەرىيەدە 'قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش ئۇپۇق سىزىقى ئەتراپىنى بىر قەۋەت يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك زەرىچىلەر قاپلىغان، ئەگەر ئۇپۇق سىزىقىدىن بىر نەرسە ئۆتسە بۇ زەرىچىلىك قەۋەتتە بەزى ئۇچۇرلارنى قالدۇرىدۇ' دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما بۇ زەررىچە قاتلىمى ھازىرغىچە بايقالمىدى. سىتىفىن خاۋكىڭ بولسا قارا ئۆڭكۈرنى بىر قەۋەت 'تۈكچىلەر' قاپلىغان ، بۇ 'تۈكچىلەر' تۆۋەن ئېنېرگىيەنىڭ قوزغىتىلىشى دەپ، قارا ئۆڭكۈر يۈتىۋالغان نەرسىلەر بۇ 'تۈكچىلەر' دە مەلۇم ئۇچۇرلارنى قالدۇرىدۇ دېگەن، ئەمما بۇنىڭغىمۇ قانائەتلىنەرلىك ئىسپات يوق.

     ئەمدى مەسىلىگە كەلسەك بۇ 'ئەكس سادا' دەل ئاشۇ قارا ئۆڭكۈر نەرسىلەرنى يۈتىۋالغان چاغدا ئەتراپىدا قالغان مەلۇم ئۇچۇرلار سەۋەبلىك بولىدىغان بىر ھادىسە، ئىككى قارا ئۆڭكۈر سوقۇلۇپ بىرلىشىپ كەتكەندە ئەگەر بۇ 'ئەكس سادا' بولسا چىقارغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ تارقىلىش ۋاقتىدا پەرق ھاسىل قىلىدۇ، يەنى 'ئەكس سادا' يوق بولغانغا قارىغاندا ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن ئىنتايىن ئىنتايىن قىسقا، شۇڭا قايتا-قايتا ھىسابلاب تەكشۈرۈپ دەلىللەش كېرەك.

     'ئەكس سادا' نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم، ئەمدى بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۇرەلەيدۇ؟ بۇ 'ئەكس سادا' راست بولسا، ئۇ قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىنىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىدە ئېيتىلغاندەك پاكىز ئەمەسلىكىنى، قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدا بايا دەپ ئۆتۈلگەندەك بىر قەۋەت نەرسە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ خالاس، ھەرگىزمۇ تارتىش كۈچىنىڭ خاتالىقىنى بىلدۇرمەيدۇ، تارتىش كۈچى دولقۇنى يەنىلا مەۋجۇت دەپ قارىلىدۇ بۇنىڭدا. بۇ ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىنىڭ قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيەسىدە كەمتۈكلىك، خاتالىق بارلىقىنى، قارا ئۆڭكۈر ئەتراپلىق توپمۇ توغرا شەرھلەشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ خالاس، ھەرگىزمۇ پۈتۈن نەزەرىيەنىڭ خاتالىقىنى بىلدۇرمەيدۇ، چۈنكى بۇ 'ئەكس سادا' تارتىش كۈچى دولقۇنى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تارتىش كۈچى دولقۇنىنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايدۇ. تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقىلىشىدىن  ئىبارەت بۇ پولاتتەك پاكىت كۈچكە ئىگە بۇنى ھېچكىم ھازىرغىچە ئىنكار قىلغىنى يوق. بۇ 'ئەكس سادا' راست بوپ چىقسا، پەقەت كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىنىڭ بەزى جايلىرى تۈزىتىشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭسىزمۇ، بۇرۇن ئالىملار رادىكال (يەنى چەكتىن ئاشقان) شارائىت ئاستىدا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىنىڭ قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيەسىدە خاتالىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان.

     شۇڭا مەن قېرىنداشلارنىڭ ئىلمىي بولمىغان، بۇرمىلانغان، خاتا چۈشەنچە ئاساسىدا يېزىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ھېسسىي نەرسىلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن، فىزىكا دۇنياسىدا بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس، مەيلى نىسبىلىك نەزەرىيەسى ۋەياكى كىۋانىت نەزەرىيەسى بولسۇن ھېچقايسىسى مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن پۈتۈنلەي خاتامۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىسپاتلانغان توغرا جايلىرى بار، يېتەرسىز جايلىرىنى تۈزىتىپ مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى. بۇ دېگەنلىك بۇرۇنقى ھەممىسى خاتا دەپ يەنە بىرنى دەسسىتىش دېگەنلىك ئەمەس، بۇرۇنقىنىڭ توغرا يەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىز جايلىرىنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەنلىك. مىسال قىلسام:  ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسى ھەرگىزمۇ نىيوتۇننىڭ مىخانىكىسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ يېتەرسىز جايلىرىنى تولۇقلاپ يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرگەن (مەسىلەن نىيوتۇن تارتىش كۈچىنى بايقاپ ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى ئادام، لېكىن تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيالمىغان، ئېينىشتىيىن مۇشۇ ئاساستا تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپاتلاندى).

     يېغىپ ئېيتقاندا، بۇ 'ئەكس سادا' نەتىجىسى تېخى تەكشۈرۈپ جەزىملەشتۈرۈلمىدى، ياخشى يېرى ئامېرىكىنىڭ لىگو تېلېسكوپى سېزىمچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلۈپ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتى، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇ يەنە تارتىش كۈچى دولقۇنلىرىنى بايقىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا بۇ 'ئەكس سادا'  نىڭ بار-يوقلىقى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىسپاتلىنىشى مۇمكىن. بۇ 'ئەكس سادا' بار بولۇپ، توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت قارا ئۆڭكۈر ئەتراپى ھەققىدە يېڭى بىر نەزەرىيە چىقىشىغا پايدىلىق خالاس. بىزنىڭ قارا ئۆڭكۈر ئۇپۇق سىزىقى، قارا ئۆڭكۈر مەركىزى دېگەندەكلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشىمىزگە باشقا نۇرغۇن ئىسپاتلار نەزەرىيەلەر كېرەك. قىسقىسى، بۇ 'ئەكس سادا' چوڭ دېسە كىچىك، كىچىك دېسە خېلى ئەھمىيىتى چوڭ بىر ئىش، ئەمما بىزنىڭ ئالەمنى ۋە ئۆزىمىزنى ھەققى بىلىپ، مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزغا خېلى زامانلار بار. ئاللاھ ھەممىمىزنى دىيانەتلىك، ساغلام قىلغان، ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي!

2016.12.19

بېيجىڭ
bagdax

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29897
توردىكى ۋاقتى: 10412
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 20:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-19 21:05  

تورداشلارغا مەلۈم بولغايكى ،دۇنياغا داڭلىق "تەبىئەت"ژورنىلى "LIGO بايقىغان قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەكىس ساداسى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ بەربات بولىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى" ماقالىنى ئېلان قىلغان."تەبىئەت"تورىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىلگەن. "مەسخىرىلىك "دىگەن ئىبارە مۇشۇنداق ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەرگىز مەن ئاغىزىمغا كەلگىنىچە توقۇپ چىقارغان گەپ ئەمەس:


2-رەسىم: تەبىئەت تورىدىكى ئالاقىدار تېما



黑洞回声暗示广义相对论的失效

4

تېما

17

دوست

4567

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1325
توردىكى ۋاقتى: 578
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 21:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۈر!

قارا ئۆڭكۈر ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

قارا ئۆڭكۈر ئالەمنى چەمبەرسىمان ھالدا سىرتىدىن  قورشاپ تۇرامدۇ؟ ياكى ئۇ ئۆزگىچە ئايرىم بىر جىسىم بولۇپ ئالەمنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغانمۇ؟

5

تېما

18

دوست

8682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2860
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 21:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ماقالە ھەرگىزمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىنىڭ پۇتۇنلەي خاتالىقىنى بىلدۇرمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭ قارا ئۆڭكۈر جەھەتتىكى بەزى يىتەرسىزلىك،خاتالىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ تېمىسلىنىلا ئەمەس ئىچىدىكى مەزمۇنىنى ۋە مېنىڭ ماقالەمنى ياخشى تەپسىلىي چۈشۈنۈپ ئوقسىلا ھەمىسى ئايدىڭ بولىدۇ. بىزگە نۇرغۇن يول بار تېخى ماڭىدىغان ...
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 21:04:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىزىكا ۋە ئ‍استىرونومىيەدىكى ئ‍ىنىقلىغىلى تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان مەۋھۇم بىلىملەركەن…

5

تېما

18

دوست

8682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2860
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 21:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umud007 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-19 21:02
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۈر!

قارا ئۆڭكۈ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قارا ئۆڭكۈر ئالەم ئىچىدىكى بىر ئاسمان جىسىمى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىلىرىمنى ئوقۇپ كۆرۇڭ؛ئىنتىلگۈچى:قاراڭغۇ ئۆڭكۈر
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?m ... 9&fromuid=27532

زامان-ماكان ۋە تارتىش كۈچى
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?m ... 7&fromuid=27532

جۈپ زىچلىقى يۇقىرى يۇلتۇزلار ۋە تاتىش كۈچى دولقۇنى
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?m ... 2&fromuid=27532

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29897
توردىكى ۋاقتى: 10412
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 21:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-19 21:32  
intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2016-12-19 21:03
ئۇ ماقالە ھەرگىزمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيەسىنىڭ ...

ئەپەندىم،تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرى ئورۇنلۇق بولسا ئالەم كېڭەيمىگەن بولاتتى.قارا ئۆڭكۆردىن ئۇچۇر قېچىپ چىقمىغان بولاتتى.ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى زادى قانداق چۈشەندۆرىسىز؟

بىلىپ قېلىڭكى،ماۋۇ ماۋزۇنى مەن قويمۇدۇم:

"LIGO بايقىغان قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەكىس ساداسى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ بەربات بولىدىغانلىغىدىن بېشارەت بەردى"

تورداشلارغا يەنە مەلۈم بولغايكى،تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ سانلىق قىممەتلىرىنى تەھلىل قىلىشنىڭ نەتىجىسى مەسخرىلىك نەتىجە دەپ قارالدى.چۈنكى بۇ نەتىجە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى قوللىماي،ئەكسىچە ئۇنىڭ بەربات بولىشىدىن بېشارەت بەردى.ئەسلى، تارتىش كۈچى دولقۇنى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى قوللايدىغان ئىسپات،دەپ قارىلىپ كەلگەن.

0

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 6082
توردىكى ۋاقتى: 2371
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 21:18:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپ ئەھلى بولۇش مەجبۇرىيىتى بىلەن مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە چۈشەنچە بەرمەكچى
================
كەسىپ ئەھلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېلىم دۇنياسىدىكى قىززىق نوقتا مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىر-قاراشلىرىڭىزنى ئۇيغۇر تورداشلار بىلەن ئورتاقلىششنى مەجبۇرىيەت دەپ تونىغان بولسىڭىز سىزدىن پەخىرلەنگەن بولاتتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )