قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2409|ئىنكاس: 8

مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرىدىن دۇردانىلەر (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

7

دوست

8474

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72597
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 2693
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-25

قىزغىن ئەزا تەشۋىقات ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 19:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى: ناپالېئون خېئول (ئامېرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئازادجان نىزامىدىن

مەغلۇبىيەت

1.jpg

1.ئېدىسون لامپۇچكىنى ياساشتا 10 مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ ئاندىن ياسىغان. شۇڭلاشقا بىر قېتىملىق مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

2.«ئادەتتىكى كىشىلەر» بىر قېتىم مەغلۇپ بولسىلا ۋاز كېچىدۇ. شۇڭلاشقا «ئادەتتىكى كىشىلەر» كوپ، ئەمما ئېدىسون پەقەت بىر.

3.قىلچە نىشان بولماسلىق، شامال قاياققا چىقسا، شۇياققا مېڭىش-مەغلۇپ بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.

4.ئوڭۇشسىز شارائىتتا، ئوڭۇشلۇق شارائىتتا يوق پۇرسەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

5.بالىلار كىچىكىدە «ھالاۋەت» كۆرسە، چوڭ بولغاندا «جاپا» تارتىدۇ.

6.باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تەنقىد قىلغاندا، ئازراق ماختاشنىمۇ قوشۇپ قۇيۇش كېرەك.

7.مەغلۇپ بۇلۇش بىلەن ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىقنىڭ زور پەرقى بار. ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلگەندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

8.نۇرغۇن كىشىلەر بىر مىنۇت كۆپرەك چىدىسا، بىر قېتىم كۆپرەك تىرىشسا، مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.

9.مال تۈرى بىلەن، ئادەم خېلى بىلەن دېگەندەك، مۇۋەپپەقىيەت مۇۋەپپەقىيەتنى جەلپ قىلىدۇ، مەغلۇبىيەت مەغلۇبىيەتنى جەلپ قىلىدۇ.

10.تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئويلايدىغانلار كۆپىنچە ھاللاردا ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.

11.باشقىلارنىڭ خاتالىقى سىزنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىڭىزنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ.

12.ئەگەر سىز بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسەتكەن بولسىڭىزلا، مەغلۇپ بۇلۇش ئۇنچە نومۇس ئەمەس.

13.بالىلارنى ئەسكى دەپ ئەيىبلىمەڭ، گۇناھ ئاشۇ بالىلارنى ئوبدان تەربىيەلىمىگەن چوڭلاردا.

14.خاتالىق خۇددى گۈللۈكتىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنى ۋاقتىدا يۇلۇۋەتمىسە، پۈتۈن گۈللۈكنى بېسىپ كېتىدۇ.

15.ئۆز-ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىش كىشىنى خۇمار قىلىدىغان ناركوز دورىسى.

16. ئاقىللار ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە دىققەت قىلىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپتۈرىدۇ.

17.مۇۋەپپەقىيەتنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز، بىراق مەغلۇبىيەتكە ھامان باھانە تېپىلىدۇ.

18.باھانە-سەۋەب تېپىشقا كەلگەندە كاللىسى بەك ئىشلەيدىغان، ئەمما خىزمەتتە كاللا ئىشلەتمەيدىغانلارغا زادى نېمە دېگۈلۈك؟

19.ئۈنتۇپ قالماڭ، دۇنيادا خاتالاشمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق.

20.مەغلۇبىيەت بىر ئادەمنى مەغرۇرلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشىراق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىيەلىسە، مەغلۇبىيەتنى تەلەي دەپ بىلىش كېرەك.

21.مەغلۇبىيەت ئادەمنىڭ تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىدىكى تەييارلىق.

22.ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشەنگەندە، مەغلۇبىيەت بىرخىل بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئادىللىق

2.jpg

1.كىچىك ھالقىلارغىمۇ سەل قارىماڭ. كائىناتمۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن.

2.ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى باشقىلارغا ياردەم بېرىش.

ئىشەنچ

19300438640458133827534194770_950.jpg

1.ئىشەنچ ئادەمنى ئالدىمايدۇ، ئىشەنچنى قوبۇل قېلىشقا تەييارلانغان كىشىلەرلا ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ.

2.ئىشەنچتىن قانچە پايدىلانغانسېرى، ئۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ.

3.سىزدىن باشقا ھېچكىم سىزنىڭ ھەرقانداق ئىشقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوق قىلىۋىتەلمەيدۇ.

4.ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچنىڭ قۇدرىتىدە يارىتىلغان.

5.بەختسىزلىك ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە تولغان كىشىلەرگە ناھايىتىمۇ ئاز يېپىشىدۇ.

6.ئىشەنچ ئۈچۈن ئاساس بولۇشى كېرەك، بىراق قورقۇنچ ئاساسسىزلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

7.ئىشەنچ ئېنىق نىشاندىن ۋە ئاكتىپ روھىي-ھالەتتە ئېنىق نىشان ئۈچۈن تىرىشىشتىن كېلىدۇ.

8.ئىشەنچ بىر خىل پوزىتسىيە بولۇپ، «مۇنكىن بولمايدۇ» نى يوق قىلىدۇ.

9.ئىشەنچ سىزگە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى بېرەلمەيدۇ، بىراق سىزگە ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىشنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

قورقۇنچ

4.jpg

1.سىز ئوڭۇشسىزلىقنى قورقماي قوبۇل قىلسىڭىز، ئۇ سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ.

2.قۇرۇق ھەيۋە قېلىش كۆپىنچە ھاللاردا يۈرىكى پوك-پوكلۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

3.قورقۇنچ تۈپەيلى ئىككىلەنمەسلىك كېرەك، ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا قورقۇنچنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

4.قورقۇنچ ئالۋاستىلارنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.

5.ئوي-خىيالى ئېنىق كىشىلەر ھەرقانداق نەرسىدىن ئۈنچە بەك قورقۇپ قالمايدۇ.

6.ئەركىنلىك بىلەن قورقۇنچ ھەرگىزمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

7.ئۆزىڭىزنىڭ قورقۇنچى ئۆزىڭىزدە قالسۇن، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قورقۇنچى بار.

8.ئۇخلاشتىن بۇرۇن دۈئا-تىلاۋەت قېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، بىر كۈنلۈك خىزمىتىڭىزدىن رازى بولىسىز ۋە خۇشال بولىسىز.

9.ئىتتىن قورققان ئادەمنى ئىتمۇ ھۆرمەتلىمەيدۇ.

10.ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىز ئۈچۈن تىرىشقاندا، ئېرىشمەكچى بولمىغان نەرسىلەردىن قورقۇشقا چولىڭىز تەگمەيدۇ.

11.قورقۇنچ داۋراڭ سېلىشقا ئۇستا كېلىدۇ، ئىشەنچ بولسا كەم سۆز كېلىدۇ. بىراق ئىشەنچ كەم سۆز بولغىنى بىلەن كارغا كېلىدۇ. ئىككىلىسى ئۇچراشقاندا، ئىشەنچ ھامان قورقۇنچنى يېڭىدۇ.

12.پالاكەت ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا ئامراق.

13.ئۈمىد بىلەن قورقۇنچ ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ.

14.يوقسۇزلۇقتىن قورققان ئادەم مەڭگۈ بىيىيالمايدۇ.

مەنبە: «توغرا تەپەككۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

چاي خالتىسى: مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرىدىن دۇردانىلەر
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=74613&fromuid=72597

مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرىدىن دۇردانىلەر 2
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=77515&fromuid=72597

داۋامى بار.
bagdax

0

تېما

3

دوست

388

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 04:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر   قانداق  بىلىم ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ .
ناپالېئۇن خېئولنىڭ   بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ ناملىق كىتابىدىن ...

13

تېما

7

دوست

8474

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72597
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 2693
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-25

قىزغىن ئەزا تەشۋىقات ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 12:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
brdash يوللىغان ۋاقتى  2016-12-22 04:41
ھەر   قانداق  بىلىم ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ .
ناپالېئۇن خېئ ...

بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ جايىدا ئېيتىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا ئەرزىگودەك ئىش بولسا، بۇ سۆزلەر بىلەن تېمىنىڭ ھېچ بىر زىتلىقى يوقتۇر

0

تېما

3

دوست

388

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 13:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qayhaltisi يوللىغان ۋاقتى  2016-12-22 12:26
بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ جايىدا ئېيتىلغان.شۇنىڭ بىلەن ب ...

مەنمۇ   زىتلىقى   يوق   دەپ  ئويلىغاچ   يوللىدىميا   ئاينا ...
bagdax

2

تېما

18

دوست

798

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 01:10:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەغلۇبىيەت، ئاخىرلىشىش ۋەيران بۇلۇش ئەمەس بەلكى كۈرەش جەريانىدىكى تاساددىبىي سىناقتۇر
   



           _زەپەر ئابدۇلھەي

2

تېما

18

دوست

798

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 01:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز-ئۆزۈڭدىن نارازى بولغان ۋاقىتتاكىشلەر بەرگەن تەسەللى بىلسەڭ-يۈزۈڭگە ئۇرۇلغان كاچاتتۇر.

2

تېما

18

دوست

798

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 01:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۈشمەننىڭ نەسىھىتىنى قۇبۇل قىلىش خاتا،ئاڭلاپ قۇيۇش راۋا،چۈنكى ئۇنىڭ تەتۈرسىچە ئىش قىلساڭ توغرا بۇلۇپ چىقىدۇ.


       _شەيىخ سەئىدى

0

تېما

1

دوست

1243

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51339
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 373
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 19:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىر  بىلەن پەنجىلىشىش، قىلىچقا مۇش ئىتىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.

دانالار ئۇزاق-ئۇزاقتا تاماق يەيدۇ،تەقۋادارلار چالا قورساق غىزالىنىدۇ،دەرۋىشلەر جىنى ئامان قالغۇدەكلا يەيدۇ،ياشلار قاچا-قومۇشنى يىغىشتۇرغىچە يەۋىرىدۇ،ياشانغانلار تەرلىگىچە يەيدۇ،ئەما قەلەندەر مەيدىسىدە نەپەس ئالغۇدەك يەرۋەداستىخاندا بىر نەرسە قالمىغۇچە سىرىپ -سۈپۈرۈپ يەۋىتىدۇ.
قورساققا ئەسىر بەندە ئىككى كىچە ئۇخلىيالماس ،بىر كىچە تاماق غىمىدە ،يەنە بىر كىچە قورساق تاشتەك.
تاماق يىيىشتىن مەقسەت ياشاش ئۈچۈندۇر،سىنىڭچە ياشاش تاماق يىيىش ئۈچۈندۇر.
ھەر قانداق ئىش سەۋىرچانلىق بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق كىشىنى پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ.
تىز ھاسىل بولغان نەرسە ئۇزۇن داۋاملاشماس.

           ‹‹نەتىجە ئىتبارى بىلەن گۈزەلدۇر››
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )