قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1075|ئىنكاس: 7

ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن ھېسسىيات بۆلۈنمىسى-قايسىسى مۇھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

874

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 20:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IQ & EQ (EI)

تەرجىمان: شەرىفىدىن قارلۇق

تەرجىمان قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى ماگىستىر ئاسپرانتى

مەنبە: SherfMPD  سالونى
               
     ھېسىيات بۆلۈنمىسى (EQ)  دېگەن نېمە؟        

     يېڭى ھامپىشىر ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «ھېسىيات بۆلۈنمىسى (EQ) -«ھېسىياتنى ياكى كەيپىياتىنى لوگىكا ياكى پاكىتقا ئاساسلىنىپ ئىپادىلەش ۋە ھېسىياتنى تەپەككۇرنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىقتىدارى». يەنى ھېسىيات بۆلۈنمىسى شەخسنىڭ ھېسىياتنى پەرقلەندۈرۈش، كونترول قىلىش، باھالاش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى بىلدۈرىدۇ. ھېسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرىراق كىشىلەر ھېسىياتىنى ياخشى كونترول قىلالايدۇ، ھېسلىرىنى تەپەككۇرىنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ھېسىياتلىرىنىمۇ توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ھېسسىيات بۆلۈنمىسى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر شەخسنىڭ ھېسىياتىنى باشقىلارغا قانداق ئىپادىلىشى ۋە ھېسىياتىنى قانداق كونترول قىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

     ئەقىل بۆلۈنمىسى (IQ) دېگەن نېمە؟

     ئەقىل بۆلۈنمىسى  (IQ) ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەملىك سىناق ياكى باھالاپ نومۇر قويۇش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئەقىل بۆلۈنمىسى شەخسنىڭ ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ۋە شۇنداقلا، ئۆگەنگەن ئۇچۇرلارنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماھارەتكە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىل دەرىجىسى  يەنە لوگىكىلىق سەۋەب نەتىجىلەندۈرۈش، سۆزلەرنى چۈشىنىش ۋە ماتېماتىكا ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.  ئەقىل دەرىجىسى  يۇقىرىراق كىشىلەر ئىشلارنى ئابستراكىت ياكى نەزەرىيىۋى ئويلايدۇ ۋە ئاسانلا ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلاش ئارقىلىق باغلايدۇ.

     خىزمەتتە ۋە ئىش ھاياتىدا

     ئەقىل بۆلۈنمىسى مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ئانالىز قىلىش ۋە نەتىجىگە باغلاش، تەتقىقات ۋە نەتىجە چىقىرىش ئىقتىدارى.

     ھېسىيات بۆلۈنمىسى كوللېكتىپ خىزمەت قىلىش، لىدېرلىق، ئۈنۈملۈك ئالاقە، مۇلازىمەتنى تۇنۇشتۇرۇش، قوزغىتىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، ھەمكارلىق ئىقتىدارى.

     ئەقىل بۆلۈنمىسىنى  ۋە ھېسىيات بۆلۈنمىسىنى يۇقىرىلاتقىلى بولامدۇ؟

     ھېسىيات بۆلۈنمىسىنى يۇقىرىلىتىدىغان ئويۇنچۇق ۋە ئويۇنلار بار ھەمدە كىشىلىك ئالاقىنى ياخشى قىلالمايدىغان بالىلار « SEL كىشىلىك ئالاقە ۋە ھېسىيات ئۆگىنىش» دەرسلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ بالىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئالاقە قىلالايدىغان بولغانلىقى ئىسپاتلانغان.  قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ  ھېسىيات بۆلۈنمىسىنى ياخشى يېتەكچى يېتەكلىشى ئارقىلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈستۈرەلەيدۇ.
ئەقىل بۆلۈنمىسى بەكرەك ئېرسىيەتتىن بولىدۇ. ئەمما ئەقىل دەرىجىسىنى مەلۇم مىقداردا ئۆستۈرىدىغان ھەر خىل ئويۇنلار بار. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق كۇبىك، شاھمات، كۆچمە سۇپىلاردىكى مېڭە چېنىقتۇرۇش ئويۇنلىرى، ماتېماتىكىلىق ھېسابلارنى ئىشلەش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سىزنى ھالقىپ ئويلاشقا زورلايدىغان ئويۇنلار.

     قايسىسى بەكرەك مۇھىم؟ ئەقىل بۆلۈنمىسىمۇ ھېسىيات بۆلۈنمىسىمۇ؟

     بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان كۆز قاراش مەۋجۇت. ھېسىيات بۆلۈنمىسى مۇھىم دېگۈچىلەر: يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسى سىزنى مەكتەپتە نەتىجە قازاندۇرىدۇ، ئەمما يۇقىرى ھېسىيات بۆلۈنمىسى سىزنى ھاياتتا نەتىجە قازاندۇرىدۇ، دەپ جار سالىدۇ.

     ئەقىل بۆلۈنمىسى مۇھىم دېگۈچىلەر: يۇقىرى ئەقىل دەرىجىسى مۇۋاپىققىيەتتە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، ھېسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ رولى بەك يۇقىرى دەرىجىلەندۈرگەن ھەم ھېسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرىلىقى خىزمەتنىڭ كەيپىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەيدۇ. ھەم ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئەقىلچى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى - خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئورۇندىشىغا 14%دىن بەكرەك ئەقىل بۆلۈنمىسى، %1دىن تۆۋەن ھېسىيات بۆلۈنمىسى تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ چىققان.

     ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە ھېسىيات بۆلۈنمىسى سىنىقىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى

     ھېسىيات بۆلۈنمىسى ياكى ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى تالاش-تارتىش ئىچىدىكى ئېنىق بولمىغان بىر تېما.

     ھېسىيات بۆلۈنمىسى تەرەپدارلىرى بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسىنى شەخىسنىڭ ھەمكارلىق ۋە مۇۋاپىققىيەت قازىنىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەشكە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ سىناق ئارقىلىق شەخىسنىڭ ئىلىم-پەن ۋە خىزمەتتىكى نەتىجە قازىنىش قازىنالماسلىقىنى توپتوغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى قاتناشقۇچى سىناقنى، جاۋابىنى ياخشى بېرىش ئۈچۈن سوئالغا ھەقىقى توغرا جاۋابنى يازماسلىقى مۇمكىن.  شۇنىڭ بىلەن سوئالنىڭ نەتىجىسى رېئاللىقتىن چەتنەپ كېتىدۇ.

     ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقى ئادەتتە مائارىپتا جىقراق ئىشلىتىلىدۇ ھەم باشقا ساھەلەردىمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەقىلچىلەر ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقى تەرەپدارلىرى سىناقنىڭ نەتىجىسىنى ئەقىل ۋە ئىدراكنى كۆرسىتپ بېرىدىغان ئۆلچەملىك باھالاش دەپ قارايدۇ. ھەم شەخىسنىڭ گۇمانسىز تالانتىنى بايقاپ بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما سىناقنىڭ چەكلىكلىكى بىزگە چەكلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، بۇ سىناق ئارقىلىقمۇ شەخىسنىڭ ئىلىم-پەن ۋە خىزمەتتىكى نەتىجە قازىنىش قازىنالماسلىقىنى توپتوغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەم ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقى مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا كۆز قاراش ۋە ئىپادىلەشنىڭ ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن مەلۇم سوئاللار ئارقىلىق بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن.

     مەنبە: Diffen

     شەخسى ھايات، ئۆگىنىش، سودا، كارخانىچىلىق ۋە لېدىرلىقتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن زەرەتلىنىپ، ئاكتىپ پەرق بەرپا قىلىش!

     سوئال، تەكلىك-پىكىر ۋە قوشۇپ قويىدىغانلىرىڭىز بولسا قارشى ئ‍الىمىز ئەۋەتتە!

     مەزكۇر ماقالىنى SherfMPD سالونى تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز SherfMPD ئارقىلىق ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ سالونىمىزغا دىققەت قىلىڭ.
SherfMPD QR code.jpg
bagdax

8

تېما

6

دوست

9089

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   81.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2688
توردىكى ۋاقتى: 635
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-19 23:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭدەك يېڭلىقلارنى كۆپلەپ ئېلىپ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمز. بۇرۇن بىر ماتىريالدا ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسنىمۇ مۇشۇنداق رايون بۆلۈمچلەرگە ئايرىغان سىخىمنى كۆرگەندەك قىلىغان. يەنى نېرىپلارمۇ ئەقىل ۋە ھىسياتنى بەلگىلەيدىغانلىرى بار ئىكەن. بەلكىم شۇ ئاساستا ئوتتۇرغا قويۇلغان قاراشلاردۇر. ئاپتورغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.

1

تېما

0

دوست

1236

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6299
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 319
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 10:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۈمكىن بولسا ئەقلى بۆلىنىمنىڭ ئىقتىدارى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېساپلاش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولاتتۇق

13

تېما

7

دوست

6358

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72597
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 1985
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

قىزغىن ئەزا تەشۋىقات ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 14:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېينچىلىق بۆلۇنمىسى (AQ) تۇغۇرلۇقمۇ مۇۋاپىق توختىلىپ قويغان بولسىڭىز بۇلۇپ تېكەن.
bagdax

13

تېما

7

دوست

6358

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72597
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 1985
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

قىزغىن ئەزا تەشۋىقات ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 14:22:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tunji يوللىغان ۋاقتى  2016-12-20 10:30
مۈمكىن بولسا ئەقلى بۆلىنىمنىڭ ئىقتىدارى قانچىلىك ئىكە ...

مەن قىيۋالغان بىر ماتىرىيالدا مۇنداق دېيىلگەن ئىكەن(مەنبە ئىزاھلاپ قېيۋالمىغان ئىكەنمەن سەت بولدى)
ئامېرىكا سىتانخورد ئالىي مەكتىپىدىكى پسىخولوگ تۇمانت ئەقلىي بۆلۈنمىسىنى ھېسابلايدىغان فورمۇلانى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەقلىي قابىلىيەت يېشى/ فىزىئولوگىيىلىك يېشى 100 ×، نورمال بالىلارنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى 110-90 غىچە بولىدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت بولسا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا ياكى ئۆزىڭىزگە ئەگىشىپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى، ئەستا ساقلاش ئىقتىدارى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال قابىلىيەتتىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە بولغان باھا ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆلچەش (ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش) ، جەمئىيەتتىكى ماسلىشىش قابىلىيىتىنى باھالاپ بېكىتىش (شەخسىي تۇرمۇش، شەخسىي تازىلىق ئادىتى) ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە بولغان باھا قاتارلىق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، نوقۇل ھالدا ئەقىل بۆلۈنمىسىنى خاتا ھالدا ئەقلىي قابىلىيەت دەپ چۈشەنمەسلىك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەقلىي بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاشنىڭ پايدا ۋە زىيىنىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش بولسا بىر خىل پەرق ئېتىش ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىشىنى بايقاپ، مۇۋاپىق بولغان تەربىيە ئۇسۇلىنى يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. چوڭلارنى ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى ياكى ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق ئەگەر نوقۇل ھالدا ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق بالىنى ئۆلچىمەكچى بولساق، ئەقىل بۆلۈنمىسى تۆۋەن چىققان بالىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان باھاسىغا تەسىر يېتىپ، پسىخىكا جەھەتتە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87095
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 17:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بېرقېتىم توردىن مېنسا تەشكىلاتىنىڭ   يۇقىرى ئەقىل سىناق تورىدىن  يەنى  20مىنوتلۇق ئەقىل سىناش باسقۇچىدىن  131نومۇر بىلەن ئۆتكەن!  بەيدۇدىن  ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!  

1

تېما

4

دوست

5550

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1711
توردىكى ۋاقتى: 360
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-15

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 13:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركەتتىكى شەيئىگە قانداقسىېگە توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بۇلىدۇ چۈنكى ئۇ ئۆزگىرەپ تۇرىدىغان تۇرسا

0

تېما

3

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 04:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىسيات  بۈلۈنمىسى   دىگەن  تەبىردە   ؛ جىنسىي  ھىسياتنىڭ  كۈچى ۋە ئۇنى
تۈرلەندۈرۈشنىڭ  ئاساسىي مەزمۇنى  سۆزلەنمەپتۇ . چۈنكى بارلىق ھىسياتلار
ئىچىدە جىنسى ھىسىيات  1 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ .
بۇ ئەلۋەتتە ؛ جىنسىي ھىسياتنىڭ فىزولىگىيەلىك ئىپادىلىنىشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ .
مەسىلەن  :  ئاقتا  قىلۋېتىلگەن  بۇقىلا   ، قوچقارلار يا ئوردا ئاغۋاتلىرى خېنىم
مىجەزلىشىپ يۇۋاشلاپ كېتىدۇ ...
ناپالېئون خېئولنىڭ : ‹‹ بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ ›› دېگەن كىتابىدىمۇ ؛ جىنسى
ھىسياتنىڭ كۈچى  توغرۇلۇق مەخسۇس باپتا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن .
ناۋا ئىنسان ئۆزىنىڭ جىنسىي ھىسيات كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۈنى تۈرلەندۈرۈش
قانۇنىيتى ئىگەللىسە ئۆزى ئويلىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى قەيىت
قىلىنغان .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )