قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2674|ئىنكاس: 35

مىڭىنى تىرىلدۈرۈش ۋە ئالتۇن نىسبەت (ئۇمۇن سالونى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

37

دوست

6277

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 1989
توردىكى ۋاقتى: 439
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 05:59:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلگەن مىڭىنى جانلاندۇرۇش تەتقىقاتى ئىلىپ بېرىلىدۇ


ئۇمۇن سالونى خاس تەرجىمە سەھىپىسى


تەرجىمىدە: سەنجەر


ئۆلگەن مېڭىنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سىناققا يول چىقتى.  Reanima Advanced Biosciences نىڭ مەقسىتى غول ھۈجەيرىلەر، پېپتىتلەر ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئۆلگەن مېڭىنى تىرىلدۈرۈش. لايىھە، خىيالپەرەست ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇنداقتا راستتىنلا سىناق قىلمىقىمىز كېرەكمۇ ؟

ئەڭ دەسلەپ، مېڭە ئەگەر ئەسلىگە قايتىدىغان ھالەتتە بولسا كېلىنكا جەھەتتىن بۇ مېڭىنى ئۆلۈك دېيەلمەيمىز. يەنى تىلغا ئېلىنىدىغان مېڭىنىڭ ئۆلۈمى قوللىنىلىدىغان تېخنىكىغا باغلىق.  ئۆلۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئىپادىسى تىنىقتىن قېلىش ۋە يۈرەك سوقۇشى توختاپ قېلىش. تىنىق توختاپ قېلىشقا چارىلەر تېپىلماقتا. بەزى كېسەللەر تىنچىق ھاۋا مۇھىتىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە ئۇچرايدۇ، بۇ ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىلاردىكى تېببىي داۋالاش قوراللارنىڭ ياردىمىدە بۇ كىشىلەر قايتا نەپەسلىنىشكە باشلايدۇ.  ئۇنداقتا يۈرەكچۇ؟ ئۆلگەن يۈرەككە ئىگە بولسىڭىزمۇ ئوپېراتسىيە ئۈستىلى سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

زىنھار خاتا چۈشەنمەڭلار، ئەسلا ئۆلگەن بىرىنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلمايۋاتىمىز.  پەقەتلا كۈنىمىزدىكى تېخنىكا بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق كەلگۈسىدە بەزى قەدەملەر توغرا تاشلىنىدۇ.  ئەگەر Reanima نىڭ لايىھەسى ئوڭۇشلۇق بولسا ئۆلۈك دەپ بىلىنگەن كېسەللەرنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش (ياكى ئۆلۈپ كېتىشىنى توسۇش) مۇمكىن. باشقىچە چۈشەنسەك، بۇ لايىھە كەلگۈسىگە ئۈلگە بېرىشتە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

ئۇ چاغدا بۇ كىمنىڭ مېڭىسى؟

بۇ ئىشنىڭ بىر "ئەخلاقىي" تەرىپى بار. ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا ئۆلۈمنى توسۇپ قېلىشنى كىم بېكىتىدۇ؟ شەخسىي كىملىك، بىر خىل سىجىللىقتۇر. بىرسى ئۆلۈمدىن قۇتۇلغىنىدا ئادەتتە فىزىكىلىق جەھەتتە سىجىللىقتىن سۆز ئاچىمىز. بىراق ئارىدا يەنىلا پىسخولوگىيەلىك سىجىللىق بار. پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئويلىغىنىمىزدا مېتافىزىكىنى ئىشنىڭ ئىچىگە قاتقىنىمىزدا ۋە يۈز بەرگەن مېڭە زەخمىلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كىشىنىڭ "يېڭى" بىر كىشى ياكى ئەمەسلىكى مۇنازىرە تېمىسىدۇر. ئەگەر مېڭىگە زەخىم يەتسە ۋە كىشى تامامەن ئوخشاش پىسخولوگىيەلىك سىجىللىق بىلەن ھاياتىنى قايتا باشلىسا پۈتۈن بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنى قالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنداقتا بۇ مۇمكىنمۇ ؟

بىيولوگىيە جەھەتتە ئىمكانسىز ئەمەس بىراق تەس. خاتىرىسىنى، كىملىكىنى ۋە مېڭە فۇنكسىيەلىرىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن، يەنى يېتىشتۈرۈلگەن توقۇلمىلار بىلەن ئۆزگىرىشى مۇمكىن.  مۇشۇنداق بولغاندا ئۆلۈمگە بولغان قارىشىمىز تامامەن ئۆزگىرىشكە مەجبۇردۇر. يېڭى كىشى ئەگەر پىسخولوگىيەلىك سىجىللىقىنى ساقلىيالمىسا، فىزىكىلىق جەھەتتىن ياشاۋاتقان بولسىمۇ بىراق  ئالدىنقى ھاياتىدىكى كىشى ئەمەس بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىسىمۇ بۇ خىلدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش مەنتىقىگە ئۇيغۇنمۇ ؟ ئەگەر ھاياتلىقنى پەقەتلا كۆپىيىش مەقسىتىدە ئويلىۋالمىساق بۇ ھەر كىشى ئۈچۈن "ساقلىقنى قايتۇرۇپ ئېلىش" مەنىسىدە چۈشىنىلمەيدۇ.  ئەگەر ھەقىقەتەن فىزىكىلىق جەھەتتىن بىرىنى ياشىتىش ئىستىسەك، ئورگان كۆچۈرۈشمۇ ياخشى بىر تاللاش.

يېڭى بىر ئۈمىد

سىناق قىلىنغۇچى، سىناققىلىنىشقا ئەرزىمدۇ؟ يەنە قايسى نۇقتىدىن قارىساق ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ.  بەلكىم ھېچبىر ۋاقىت ئۆلۈك تىرىلمەيدۇ بىراق ئىلىم - پەن نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا كۆپىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىش يېڭى ئىزدىنىشلەرگە ئىشىك ئاچىدۇ.


ئەگەر ئىنسان 100% ئالتۇن نىسبەتكە ئۇيغۇن بولسا قانداق كۆرۈنىدۇ؟


ئۇمۇن سالونى خاس تەرجىمە سەھىپىسى


تەرجىمان: ئابدۇسالام


سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى


يۈزىمىز راستتىنلا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى "تالا ئۆسمىسى "دىكىدەك ئالتۇن نىسبەتكە ماس كېلىپ قالسا ، قانداق كۆرۈنەتتۇق؟ ئىلگىرى ئالتۇن نىسبەتكە ئوخشاش ماتېماتىكىلىق نىسبەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بەكمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولمىغانلىقى، ھەتتا خالىي بولالماس دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ، تەبىئەتتە "ئالتۇن نىسبەت " ياكى "تالا ئۆسمىسى نىسبىتى "گە ئوخشاش  نىسبەتلەرگە ماس ھالدا ئىكەنلىكى ئوتتتۇرىغا قويۇلغان جىسىملارنىڭ ئەسلىدە ھېچبىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن يازمىلارنى يازغانىدۇق.

بۇ يەردە سىز كۆرگەن رەسىملەر بولسا بۇنى ناھايىتى ھەجۋىي شەكىلدە كۆرسىتىدۇ.  بايا بېرىلگەن يازمىنى ئوقۇيدىغان بولسىڭىز، بىز قەيت قىلغان نىسبەتلەرنىڭ نە قەدەر زورلاش شەكلىدە بىزگە ماس كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز.

ئارىسىدىكى يۈزەكى ئوخشاشلىقلارنى تېپىش مۇمكىن ئەلۋەتتە، دېگىنىمىزدەك ، چوڭ نىسبەتتە "خالىي بولالمايمىز"، چۈنكى بۇ نىسبەتلەر ، بىرلا ۋاقىتتا بىر مۇنچە فىزىكلىق قائىدىنىڭ ماھىيىتىدىن كەلگەن نىسبەتلەر ھەم ئەتراپىمىز بۇ فىزىكىلىق قائىدىلەرگە ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇ نىسبەتلەرنى بۇ فىزىكىلىق قائىدىلەرنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە كۆرۈشىمىز ناھايىتى نورمال ئەھۋال.  مەسىلەن ، تالا ئۆسمىلىرىنىڭ سانى ، ھەر قېتىمىدا ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن سان بىلەن كېيىنكى ساننىڭ يىغىندىسى بىلەن كۆپىيىدىغان توقۇلمىدۇر. تەرەققىيات ، بار بولغان ئاخىرقى ماتېرىيالنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ ئىلگىرىلىگەن بىر باسقۇچ سۈپىتىدە قىياس قىلىنسا ، بەدىنىمىزدە بىلىپ بىلمەيلا تالا ئۆسمىسى توقۇلمىسىغا ماس نىسبەتلەرنى تېپىش مۇمكىن.  ئوخشاش بىر ئەھۋال ئالتۇن نىسبەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. ئالتۇن نىسبەت ، داۋاملىق تۈردە بىر توغرا پارچىسىنىڭ ئىككى بۆلىكىنىڭ يىغىندىسىنىڭ، بۆلەكلەرنىڭ چوڭىغا بولغان نىسبىتىدۇر. تەبىئەتتە بۇ شەكىلدە مول مىقداردا بۆلەك تاپقىلى بولىدۇ. بۇ بۆلەكلەر، بولۇپمۇ ئالتۇن نىسبەت ، بىر جىسىمنى ئوراش ھاسىلاتى نۇقتىسىدىن بىر خىل ئەۋزەللىك ياراتسا، بۇنداق ماس كەلتۈرۈش تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا تاللانغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن كېيىن بۇ نىسبەتنىڭ كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن مېڭىمىز بۇ نىسبەت ۋە ئەتراپىدىكىلىرىنى تېخىمۇ ئېستېتىك كۆرۈنىدىغان شەكىلدە ئالاھىدىلەشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇمۇ ناھايىتى زورلاش خاراكتېرىدىكى باياندۇر. چۈنكى بولۇپمۇ ھايۋانلاردا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان نىسبەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سۈنئىي ياكى خاتا ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

چۈنكى كائىنات قۇسۇرسىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، ماتېماتىكىلىق بىر نىسبەتنى بىرگە بىر تەبىئەتتە كۆرۈشنى كۈتمەك ئاساسىي جەھەتتىن ئىمكانسىز. مانا رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنىمۇ دەل مۇشۇ.  ئىنتېرنېتتا بىز كۆرەلەيدىغان كۆپ ساندىكى "ئالتۇن نىسبەتكە ماس كېلىدىغان X جىسىمى" سۈنئىيدۇر.  بولۇپمۇ ماس كېلىدىغانلار تاللىنىدۇ ماس كەلمەيدىغانلار كۆرسىتىلمەيدۇ. ھالبۇكى كۆپىنچە ۋاقىتتا نە كۆرسىتىلگەن جىسىملار ، نە باشقىلىرى بۇ نىسبەتكە ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن كىندىكىڭىزدىن بېشىڭىزنىڭ چوققىسىغىچە بولغان مۇساپىنىڭ، كىندىكتىن پەسكىچە بولغان مۇساپىگە بولغان نىسبىتىنىڭ ئالتۇن نىسبەتتە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئۆلچەپ بېقىڭ، ئومۇمەن بۇ ھېچقانداق ئىنسان ئۈچۈن توغرا ئەمەس، ئۆلچەپ بېقىڭ. سىز ئېرىشىدىغان سان 0.618بولغان ئالتۇن نىسبىتىمۇ ئەمەس، تەقرىبىي سانى 0.58 بولغان بىر سان چىقىدۇ،ھالبۇكى بۇ ساننىڭ ئالتۇن نىسبەت بىلەن ئالاقىسى يوق. ئوخشاش شەكىلدە، بۇ تېما ئۈستىدە قىلىنغان بايانلارنىڭ كۆپ ئىسمى ياسالما، زورلاش ياكى قايمۇقتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان. كېيىنچە بۇ تېما ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك يازمىلار ئېلان قىلىمىز. ئەمما بۇنداق بىر باياندا "ئازراق خاتالاشقانغا نېمە بولاتتى" دېگەنگە ئوخشاش ياقلاشنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمىز.چۈكى بۇ توقۇلمىلار ، بۇ نىسبەتلەر ناھايىتى ئالاھىدە سەۋەبلەردىن ئوتتۇرىغا چىققان نىسبەتلەردۇر. بۇلاردىن 30-40%ىىدە خاتالىق بار، ئاخىرىدا ھېچ ئەھمىيىتى يوق. ئەسلىدىنلا بۇ بايانلارنىڭ پەۋقۇلئاددىلىكى ، بىز دەۋاتقان بۇ قۇسۇرسىز نىسبەتلەرگە ماس كەلگەنلىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. بىر كىشىنىڭكى 0.58، يەنە بىرىنىڭكى 0.50 ، باشقا بىرىنىڭكى 0.70بولغاندا بۇنىڭ "قۇسۇرسىز بىر نىسبەتكە ماس كەلگەنلىكىنى " ئوتتۇرىغا قويۇش مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

  رەسىملەرگە قايتايلى... ئىنسان يۈزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تالا ئۆسمىسى توقۇلمىسى ياكى ئالتۇن نىسبەت

رەسىملىرىگە قاراڭ.  جەزمەن توقۇلمىنى يۈزگە ماس كەلتۈرۈش كۆپتۈرۈش، قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق ھىلىلەر ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن ئادەمنىڭ بېشى بىر تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئىچىگە تولۇق پاتمايدۇ. كۆزلەر قاتلاق نۇقتىلىرىغا ئۇدۇل كېلىدىغان شەكىلدە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، رەسىملەر كۆپتۈرۈلىدۇ ، ۋەھاكازالار.  چۈنكى يۈزىمىز تالا ئۆسمىسى توقۇلمىسىغا ماس كەلمەيدۇ.

   رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنىمۇ مۇشۇ. ئەگەر بىر نەچچە تونۇش مەشھۇر شەخسنىڭ يۈزىنى ئېلىپ قۇسۇرسىز ھالەتتە ھەقىقەتەن تالا ئۆسمىسى توقۇلمىسىغا ياكى ئالتۇن نىسبەتكە ماس كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولساقتۇق، ئەجەبا قانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەر ئىدۇق؟ بۇ بىزگە ئېستېتىك كۆرۈنەمتى؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا رەسىمدىكى يۈزلەرگە قاراپ ئېرىشەلەيسىز.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا تەڭداشلىق مەسىلىسى.  تەڭداشلىق،ھەقىقەتەن كۆركەملىك يارىتىدىغان ئامىلمۇ؟ مېڭىمىز، راستتىنلا تەڭداشلىق گۈزەل كۆرۈنىدىغان ھالەتتە تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانمۇ؟ بۇ ھەقتىكى بىر تەتقىقاتنى بۇ يەردە ئېلان قىلغانىدۇق.

سىز نېمە ئويلايسىز ئۇنى بىلمەيمىز . بۇ تېمىلاردا جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەمدە كۆپ خىللىق كۆرۈلىدۇ. ئەمما بىزدىن سورىسىڭىز ،مۇتلەق تەڭداشلىق پەقەتلا قورقۇنچلۇق بولمىغىنىدەك ، مۇتلەق ئالتۇن نىسبەتكە ماس كەلگەن يۈزلەرمۇ ئەسلىدىكى يۈزلەرگە قارىغاندا بەكلا كۆرۈمسىز.  بەختكە يارىشا تەبىئەتتە تەخمىنەن بۇ نىسبەتلەرگە ماس كېلىدىغان، ئەمما باشقا تەبىئىي سەۋەبتىن مۇتلەق نىسبەتلەردىن چەتنەشكە سەۋەبچى بولغان تەدرىجىي تەرەققىياتلار بار.

     سالۇنىمىز نامىدىن تەرجىمانلارغا رەھمەت ئىيتىمىز.ئۇمۇن سالۇنى ئارقىلىق ئەڭ يىڭى ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرىنى،سەنئەت، پەلسەپە ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئانالىز ماقالىلىرىنى ۋە ھەر خىل تەرجىمىلەرنى ئەڭ تىز سۈرەتتە كۆرەلەيسىز.كىيىنچە داڭلىق زىيالىيلار بىلەن بولغان ھەر خىل تىمىدىكى مۇنازىرە ۋە سۆھبەت سىنلىرىنى ئىلان قىلىمىز.

     ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىدىن (umun) نى ئىزدەپ قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
65_fibonacci-celebrities-designboom-04jpg.jpg
Screenshot_2016-12-05-15-44-57.jpg
bagdax

0

تېما

0

دوست

2562

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4928
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 765
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 11:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى سالونى باركەندە بۇنىڭ

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

23

تېما

10

دوست

4085

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19

پەخىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 12:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozkurt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-20 12:55  

ئ‍ەسسالام ئ‍ەلەيكۇم،مۇشۇ ئ‍ۇمۇن قېرىنداش يازغان ھەرقانداق ماقالىسى تورداشلارنىڭ كۈرەش قىلىش نوقتىسى بولۇپ قالىدىكەن،ئومۇمەن بۇ ئ‍ۇمۇن قېرىنداشقا نەشتەر سانجىيدىغان ،سانجىيمەن دەيدىغانلار غەلىتە ئ‍ىنسان،غەلىتە 2 تىللاچى  جىق ئ‍ىكەن،ئۇمۇن قېرىنداش بوشاشماڭ !داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ جۇمۇ!تورداشلار ئ‍ىنساندەك قېرىنداشلارچە ئ‍ىنكاس پىكىر يېزىشنى ئ‍ۆگۈنىۋالايلى،ئۇ يازسۇن،بىز كۆرەيل،ھەركىمنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار!ئ‍امان بولۇڭ!

1

تېما

1

دوست

4898

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1370
توردىكى ۋاقتى: 693
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 13:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   najlida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-20 17:04  

مەزكۇر يازمىدا ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئالتۇن نىسبەت» (توغرىسى: «ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى»، «ئالتۇندەك بۆلۈش ئۇسۇلى» «ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلى» تولۇقسىز ماتېماتىكا كىتابتا شۇنداق ئېلىنغان) ئاتالغۇسى كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى ئېنىق چۈشەنمىگەندە، يازمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ چۈشەنچىنى تولۇقلاپ قوياي دېدىم.
ماتېماتىكىلىق ئېنىقلىمىسى:
بىر كېسىكنى شۇنداق ئىككى كېسىك قىلىپ بۆلەيلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭراق كېسىك ئەسلىدىكى كېسىك بىلەن كىچىكرەك كىسىكنىڭ تاناسىپلىق ئوتتۇرا ئەزاسى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلىنى ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلى دەيمىز.
(تاناسىپلىق ئوتتۇرا ئەزا دېگىنىمىز: b نىڭ كىۋادىراتى= c×a  بولسا، b نى a بىلەن c نىڭ تاناسىپلىق ئوتتۇرا ئەزاسى دەيمىز)
يەنى بۇنىڭ مەنىسى: بىر كېسىكنى ئىككىگە پارچىلىغاندا، ئۈچ دانە كېسىك ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار: ئەسلىدىكى كېسىك، بۆلۈنگەندىكى چوڭ كېسىك ۋە بۆلۈنگەندىكى كىچىك كېسىكتىن ئىبارەت بولۇپ،
چوڭ كېسىك ئۇزۇنلىقىنىڭ كىۋادىراتى= كىچىك كېسىك×ئەسلىدىكى كېسىك
يۇقارقى شەرتنى ئورۇندىغان بۆلۈش نۇقتىسى «ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى»، بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلى «ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلى» دېيىلىدۇ.
ھېسابلاش ئارقىلىق، ئالتۇن بۆلۈنۈش كويفىنسېنتىنى تەقرىبى ھالدا 0.618 چىقارغىلى بولىدۇ.
يەنى: 1 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كېسىكنىڭ ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى 61.8 سانتېمېتىر (0.618 مېتىر) جايدا دېگەنلىك؛ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر كېلىدىغان سەھنىنىڭ «ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى»
12×0.618=7.416m
يەنى، بىر ناخشىچى 12 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەھنە ئالدىنىڭ قايسى ئورۇنىدا تۇرۇپ ناخشا ئوقۇسا، ئەڭ ئۆلچەملىك تۇرغان بولىدۇ دېگەن مەسىلىدە، سەھنىنىڭ بىر  تەرىپىدىن 7.416 مېتىر كېلىدىغان ئورۇندا تۇرۇپ ناخشا ئوقۇسا، باشقا جايدا تۇرۇپ ناخشا ئوقۇغاندىكىدىن بەكرەك كىشىگە ئىستىتېك زوق بېرىدۇ دەپ قارىلىدۇ (كىلاسسىك قاراش)
بىر كىشىنىڭ بوي ئېگىزلىك 1.75 مېتىر بولسا، ئۇنىڭ كىندىكىدىن پۇتىغىچە بولغان ئارىلىق
1.75×0.618=1.0815m
بولسا، بۇ كىشى ئۆلچەملىك بولغان بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ.
يەنە، كۆزنىڭ باش قىسمىمىزغا ئورۇنلىشىمۇ «ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلى» غا ماس كەلسە، ئۆلچەملىك بولىدۇ ... دەپ قارىشىدۇ (كىلاسسىك قاراش)
bagdax

0

تېما

0

دوست

7636

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2309
توردىكى ۋاقتى: 594
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-6

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 14:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرەز قىلىشىمچە تاشقى پىلانىتلىقلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارنى بەد-بەشىرە، غەلىتە مەخلۇق دەپ ئويلايدۇ، خۇددى بىز ئۇلارنى غەلىتە مەخلۇق دىگەندەك. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ يۈز شەكلى نىگولاس كوچنىڭكىدەك ئۆلچەملىك بولماي، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىدەك بىر كۆزلۈك، ئېغىزىنىڭ يېنىدا بۇرنى بار يارىتىلغان بولسا، بەلكىم بىر كۆزلۈك ئىنسانلار ئىككى كۆزلۈك ئىنسانلارنى بەد-بەشىرە، غەلىتە مەخلۇق دەپ قارىغان بولاتتى.

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9879

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   97.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3052
توردىكى ۋاقتى: 774
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 16:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىدىن ئىنكاسلار چۈشۇنۇشلۇك بولۇپتۇ.

2

تېما

0

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86475
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 133
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 16:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
najlida يوللىغان ۋاقتى  2016-12-20 13:25
مەزكۇر يازمىدا ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئال ...

ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

1

تېما

5

دوست

6622

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2045
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 17:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلگەن مىڭىنى تىرىلدۈرسە، ئەگەر ئۇنىڭدا ئۆز(مەن)لىك تۇيغۇسى بولسا،  ئۆلگەن ئادەم تىرىلدى دىيىلسە بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە. بىراق مەنچە بۇنداق تىرىلىش پانى ئالەمدە مۇمكىن ئەمەس(ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ). ئەگەر ئۆزلۈك تۇيغۇسى بولمىسا، بۇ بىر فىزىكىلىق تىرىلىش بولۇپ، ئېھتىمال مۇمكىن. بىراق ئەھمىيەتسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )