قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3884|ئىنكاس: 152

ئىنسانشۇناسلىق دېگەن نېمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

2

دوست

6023

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1696
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 10:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
41VdgSL1NYL._SS300_.jpg

ئىنسانشۇناسلىق-(人类学,anthropology) ‹‹ئاممىباپ ئىنسانشۇناسلىق ›› ۋە ‹‹تۆت تارماق›› ئىنسانشۇناسلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى، بىئو-ئىنسانشۇناسلىق، ئارخىئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى ۋە تىل ئىنسانشۇناسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ تۆت تارماق ئىچىدە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر زور. كۆپلىگەن ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتىتلىرى بارلىق تۆت تارماق دەرىسلىرىنى تەسىس قىلغان.

ئىنسانشۇناسلىق ئىنسانلاركۆپ خىللىقىغا بولغان ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىنى-ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى؛ بىئولوگىيلىك خۇسۇسىيىتى، جەمئىيەت، تىل ۋەمەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرلىكلىكىدىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىنسانشۇناسلىق بولسا بىر قەدەر سىلىشتۇرۇشچانلىق ۋە ئۇنۋىرساللىققا ئىگە پەن.

ئىنسانشۇناسلىق 19-ئەسىردە شەككىللەنگەن ياش پەن.ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن: ھىنىرى مورگان، ئىدۋارىد تەيلور، فىرانز بوس، مالىنوۋىسكى، روس بىندىكىت، مارگىرىت مىد قاتارلىقلار بار. دەسلەپتە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى سانائەتلەشمىگەن، تەرەققىي قىلمىغان ئىنسانلار توپىنى تەتقىق قىلغان بولسا، يەر شارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئېقتىساد، ئالاقە، قاتناش تەرەققىياتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دۇنياۋىي مەسىلىلەرنىمۇ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى قاتارلىقلارمۇ ئىنسانشۇناسلار كۆڭۈل بۆلىدىغانمەسىلىلەرگە ئايلانغان. تۆۋەندە تۆت تارماق ئىنسانشۇناسلىقنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرمەن.

u=3688822092,2634918634&fm=58.jpg
u=131682591,539147478&fm=58.jpg
u=769098907,1607999197&fm=58.jpg
سولدىن:بىندىكىت، فىرانز بوس، مارگىرىت مىد

1.مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى(文化人类学)

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاشلىق ۋە پەرقىنى تەسۋىرلەيدىغان، ئانالىز قىلدىغان، چۈشەندۇردىغان ۋە شەرھىيلەيدىغان تارماق ئىلىمدۇر. مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھىيلەش ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرى ئىككى خىل پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىرى ئېتنوگىرافىيە- (民族志) يەنى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى، يەنە بىرى مىللەتشۇناسلىق-(民族学) (ھالقىما مەدەنىيەت سىلىشتۇرمىسى) دىن ئىبارەت. ئېتنوگىرافلار كىچىك تىپتىكى رايونلاردا تۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ قىلىق، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، ياشاش ئۇسۇلى، ئېقتىساد، سىياسىي ۋە دىننىي تۇرمۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە بىرىنجى قول ماتىرىياللارنى يېغىدۇ. مىللەتشۇناسلىقدا ئېتنوگىرافلار ئوخشىمىغان ھەر قايسىرايونلاردىن يىغىپ كەلگەن ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈش، شەرھىيلەش، تەھلىل قىلىش ۋە سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق نەتىجىنى خۇلاسىلەيدۇ. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوخشاشلىق ۋە پەرقىنى ئايرىيدۇ.

2.ئارخىئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى (考古人类学)

ئارخىئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى قىسقارتىلىپ ئارخىئولوگىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ساقلىنىپ قالغان ماددى بويۇملارنى قايتا رەتلەش، تەسۋىرلەش ۋە شەرھىيلەش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قىلىق ۋە مەدەنىيەت فورمىسىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئارخىئولوگلار ئىنسانلارياسىغان، ئىشلەتكەن بويۇملارنى مەسلەن: ھەر خىل قورال-سايمان، ئۇرۇش قوراللىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، ئەخلەت قاتارلىقلارنى <<سۆزلىتىدۇ>> بۇ ئارقىلىق يىل دەۋىرىنى بىكىتىش، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادى ئۆزگىرش قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدۇ.

1_201410230959221Rt79.jpg

گەرچە ئارخىئولوگلار تارىختىن ئاۋۋالقى،يېزىق ئىجاد قىلنىشتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن داڭلىق بولسىمۇ،ئۇلار يەنە تارىختىكى ۋە ھازىرقى بار بولغان مىللەتلەر، مەدەنىيەتلەرنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ.

3.بىيو-ئىنسانشۇناسلىق ياكى بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى (体质人类学或生物人类学)

بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ئىنسانلار كۆپ خىللىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى بەش ئالاھىدە نۇقتىغا قىزىقىدۇ:

(1)تاشقاتمىلار ئارقىلىق خاتىرلەنگەن ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى

(2)ئىنسانلارنىڭ ئىرسىيەت ئىلىمى

(3)ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى

(4)ئىنسانلارنىڭ بىيولوگىيلىك ئەۋرىشىملىكى (بەدەننىڭ ھەر قايسىبىسىملارغا يەنى ئىسسىق، سوغۇق، ئىگىزلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغا ماسلىشىىشى)

(5)مايمۇن، ئادەمسىمان مايمۇن ۋە باشقا پىرماتلارنىڭ بىيولوگىيەلىك خۇسۇسىيىتى، تەدرىجى تەرەققىياتى، قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

8(3).jpg

بۇ بەش نۇقتا بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى بىلەن باشقا پەنلەرنى-بىيولوگىيە، ھايۋانات ئىلىمى، گىئولوگىيە، ئاناتومىيە تۇتاشتۇرىدۇ. بىيو-ئىنسانشۇناسلىق يەنە مۇھىتنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ۋە تەرەققىيات جەرىيانىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

4.تىل ئىنسانشۇناسلىقى (语言人类学)

تىل ئىنسانشۇناسلىقى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى ئاستىدا زامان، ماكاندىن ھالقىغان ھالدا تىلنى تەتقىق قىلىدۇ. تارىخى تىلشۇناسلىق (历史语言学) تارىخنىڭ ئۆزگىرشىگە دىھقەت قىلىدۇ. مەسلەن: ئوتتۇرا ئەسىر ئىنگىلىز تىلى (1050-1550) ۋە ھازىرقى ئىنگىلىز تىلىنىڭ سىلىشتۇرمىسى، تەلەپپۇز، گىرامماتىكا، سۆزلۈك جەھەتلەردىكى ئۆزگىرشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق بولسا (社会语言学)، جەمئىيەت ۋە تىلئۆزگىرىشلىرى ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. تىل ئۆزگىرىشى، تىلغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار، قوش تىللىشىش قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدۇ.

u=613440568,3216740899&fm=23&gp=0.jpg

ھەم پەنلىك ھەم ئادىمىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئىنسانشۇناسلىق تەبئىي ھالدا كۆپلىگەن پەنلەر بىلەن ئالاقىدار. تەبئىي پەنلەر (گىئولوگىيە، ھايۋانات ئىلمى) ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر(جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە) دىن باشقا، ئىنسانشۇناسلىق يەنە ئادىمىيەت ئىلىملىرى بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق. مەسلەن: تىل، سىلشتۇرما ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە سەنئەت قاتارلىقلار.
bagdax

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

23

تېما

10

دوست

4081

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-5

پەخىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 12:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozkurt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-20 12:17  

ئ‍ەسسالام ئ‍ەلەيكۇم قېرىنداش،ياخشى يازمىدىن بىرىنى ئ‍ېلىپ كېلىپسىز،بەلكىم بۇ يازمىڭىز ماۋۇ باغداش تورىدا ھاياجان بىرلە ئ‍ىنكاس يازىدىغان تورداشلارنى ئ‍اق تاغلىق بىلەن قارا تاغلىق دەپ ئ‍ىككى توپ شەكىللەندۈرمىسىلا،كاتتا ئ‍ىش بولاتتى دەپ قارايمەن،رەھمەت،ئامان بولۇڭ!

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

29

تېما

24

دوست

7312

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2275
توردىكى ۋاقتى: 575
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-21

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 13:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانشۇناسلىق ھەققىدە ياخشى بىلىم ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرگەنلىرىگە رەھمەت.

4

تېما

17

دوست

4514

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1315
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 14:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Rahmat،insanxunaslik Hakkida heli kop bilimga iga bolduk.
Bolsa kelar ketim jamyatxunaslik Hakkida tohtalgan bolsigiz.
bagdax

22

تېما

2

دوست

6023

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1696
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 18:08:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bozkurt يوللىغان ۋاقتى  2016-12-20 12:08
ئ‍ەسسالام ئ‍ەلەيكۇم قېرىنداش،ياخشى يازمىدىن بىرىنى ئ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام ،ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس.زامانىۋىي ئىلملەر بىلەن تونۇشۇش خاتا ئەمەس.بۇنى يېزىشتا ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنۋىرستىتىنىڭ پىروفىسورى كوتتاكنىڭ ‹‹ئىنسانشۇناسلىق››دىگەن كىتابىدىن پايدىلاندىم.ھەم شۇنى ئۈگنىۋاتىمەن.بۇنى پەقەت مىنىڭ ئۈگنىش خاتىرەم دەپ ئويلىسىڭىز بولدى.

22

تېما

2

دوست

6023

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1696
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 18:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umud007 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-20 14:48
Rahmat،insanxunaslik Hakkida heli kop bilimga iga bolduk.
Bolsa kelar ketim jamyatxunaslik Hakkida  ...

جەمئىيەتشۇناسلىق توغرسىدا يەنىلا كەسىپ ئەھلىلىرى سۆزلىسۇن.ئىنسانشۇناسلىق بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى توغرسىدا يازما يوللاپ قىلشىم مۇمكىن.

262

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33022
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 522
تۆھپە : 4705
توردىكى ۋاقتى: 797
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 21:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-20 22:48  
elxatrahim يوللىغان ۋاقتى  2016-12-20 18:10
جەمئىيەتشۇناسلىق توغرسىدا يەنىلا كەسىپ ئەھلىلىرى سۆ ...


«ئىنسانشۇناسلىق» دىگەن سۆز توغراسىدا مەن خېلىدىن بېرى ئويلانىپ كەلىۋاتىمەن. بۇ سۆز، مەنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەستەك قىلىدۇ. مۇۋاپىق سۆزنى مەن تېخى تاپالمادىم. شۇڭا، يەنىلا ئانتروپولوگىيە دەپ ئاتاپ تۇرساق بولامدىكىن دەيمەن.
ئانتروپولوگىيە، بىر ئىلىمنىڭ نامى. بۇ ئىلىم، زامانىمىزدا شەكىللەنگەندە، ئۇنىڭ نامى ئېنگىلىشچەدە شۇنداق ئاتالغان ئىكەن. بۇ نام، باشقا تىللاردا ھەر خىل ئاتالغان. مەسەلەن، خەنزۇچەدە، رېنلېيشۇې، رېنۋېنشۇې دەيىلگەن. ئەرەپچەدە، پارىسچەدە، ئىنسانشۇناسلىق دەپ ئاتالغان. بىزدىن باشقا بارلىق تۈركى تىللىق مىللەتلەر، ئانتىروپولوگىيە دەپ ئاتايدۇ. تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانشۇناسلىق دەپ ئاتاماسلىقىدىكى سەۋەپ، بۇ سۆز ئېھتىمال ئانتروپولوگىيەنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىنى ئانىق بىلدۈرەلمەسلىكىدىن بولغان دەپ قارايمەن.
ئانتروپولوگىيە، ئىنسان، ئىرقى، مىللەت، يازىق، ئارخولوگىيە، جەمىيەت، مەرىپەت، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپلەگەن ساھەلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. شۇڭا، ئانتروپولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، قەدىمشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، مەرىپەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق دىگەندەك كۆپلەگەن تارماق ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا قاراغاندا، ئىنسانشۇناسلىق ياكى جەمىيەتشۇناسلىق دىگەن ئىسىم بىلەن ئانتروپولوگىيە دىگەن ئىلىم نامىنى ئىپادىلىسەك مۇۋاپىق ئەمەس.

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4400
توردىكى ۋاقتى: 1144
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 23:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىزدىنىشلىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )