قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4313|ئىنكاس: 99

ئاجراشقاندىن كېيىن ئوغۇل بالىنى كىم باقسا ياخشىراق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87088
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 15:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جەمئىيەتتە ئاجرىشىش خىلى ئېغىر دېسەك بولىدۇ، مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرسى ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى ئاپىسى ئالغان، ھەر ئىككى تەرەپ قايتىدىن ئائىلە قۇردى، ئەلۋەتتە ئاجرىشىش چوڭلارغا بەك چوڭ تەسىر قىلمىسىمۇ لېكىن كىچىك بالىلارغا تەسىرى بەك چوڭ، ھەر خىل تەتقىقاتلاردا كۆرسېتىپ تۇرۇپتۇ، خۇدايىم ساقلىسۇن دەپ يۈرىمىز ئەلۋەتتە، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق بالىنى ياخشى تەربىيەلەشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن مۇكەممەل ئائىلىدە چوڭ بولمىغان بالىدا ھەر خىل پىسخىكىلىق تەسىرلەرنىڭ بۇلىشى تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسېتىپ تۇرۇپتۇ، قارشى تەرەپ ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن بالىلىق بولۇپ ئالدىنقى بالىنى ئۆز كۆرمەسلىك ھەرخىل كۆرۈنمەس چەتكە قېقىش قاتارلىقلار بالىنىڭ پىسخىكىسىدا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسېتىپ تۇرماقتا، كىچىك بالىلار بەك سەزگۈر كېلىدۇ، ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىنچىكە مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزگىرىشلەرنى ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ، بىز كىچىك بىلمەيدۇ دېگەن بىلەن لېكىن ئاسان بىلىپ قالىدۇ.

     بەزەن بىر كىشىلەرنىڭ قايتا ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن بالىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۆز بالىسىغا قىلغان مۇئامىلە بىلەن يەنە بىر ئۆز ئەمەس بولغان بالىغا قىلغان مۇناسىۋەتلەر ئېغىزدا دېمىگەن بىلەن كۆرسېتىپ تۇرۇپتۇ، بەزەن ئاشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ دېگەن گەپلىرى ھېسسىياتلىرىنى ئاڭلىساق ھەر ئىككى  ئائىلىگە بولغان ئۆچمەنلىكى جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقى بالاغەتكە يەتكەندە بولسا چوڭلارغا بولغان قارشى تۇرۇشى (叛逆期) بەك باشقا بالىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك.

     ئاپىسىدىن رەنجىسە دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىشى، دادىسىدىن رەنجىسە ئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىشى، ھەر ئىككى تەرەپنى ئالداپ يۈرىشى كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىپ تۇرماقتا.

     بىز پەقەت بالىغا قەرز دەپلا مەيلىگە قويۇشىمىز ئاخىردا بالىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قۇيىدۇ.

     شۇڭا سوراپ باقسام سىلەر قانداق تەربىيەلەۋاتىسىلەر؟ بالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىۋاتامسىلەر؟

     ئامال بار بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىنكاس يېزىڭلار، يارىشىۋېلىڭلار ياكى قېيىداش پىسخىكىسىدا ئىنكاس يازماڭلار. رەھمەت.
bagdax

0

تېما

0

دوست

1317

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6668
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 12:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ بېقىش ھوقوقى بولماسلىقى كېرەك.بوۋا،مومىسى بولسا شۇلار باققىنى ياخشى.ئەڭ ياخشىسى ئاجىراشماسلىق كېرەك.ئەتىراپىڭىزدىكى (بۇلۇپمۇ يېزىلاردىكى)ئاتا ئانىسى ئاجىرشىپ قايتا نىكاھلانغان ئائىلىلەردىكى بالىلار ئەھۋالىغا ئىنچىكە دىققەت قىلىڭ،مەيلى ئەربولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ،ئاجىراشقاندىن كىيىن بالا بولسا پۈتۈن زېھنىنى بالىنى ياخشى تەربىيلەشكە قارىتىشى،قايتا نىكاھلىنىشنى ئويلاشماسلىقى كېرەك مېنىڭچە.

4

تېما

36

دوست

3400

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38521
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1060
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 13:04:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، رەھمەت، مېنىڭغۇ بېشىمدىن ئۆتۈپ باقمىدى ، بىراق مەن ئىزچىل بالىلار تەربىيسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا بۇ جەھەتتە ھېس قىلغانلىرىم ئاز ئەمەس ، مەنغۇ ئاجرىشىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن . لېكىن ئىگىمىزنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرغان تەقدىر- قىسمەتلىرىگە بەزىدە ئىنساننىڭ بۇنىڭغا راستىنلا ئامالى بولمايدۇ . لېكىن قىز بولامدۇ ياكى ئوغۇل بولامدۇ چۇقۇم دادىسى ئۆز تەربىيسىگە ئېلىشى كېرەك . بۇلۇپمۇ قىز بالىنى دادا ئۆزى بېقىشى كېرەك . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇق دېمىسەممۇ ھەممىگە بەش قولدەك ئايان .
تەربىيلىك ، مەرىپەتۋەر ئايال بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا . لېكىن بالىنى دادا تەربىيلەپ بېقىشى كېرەك دەپ قارايمەن .
بەزى جەھەتلەردە ئەرلەرنىڭ بالىنى بېقىشى بەك قولايسىز ........... قىسقىسى ، ئامال بار ئاجراشماي بالىنى بىرگە تەربىيلەشنىڭ يولىنى قىلساڭلار بولاتتى ..
بالا يىتىم قىلىشنىڭ ، بالىنى ياخشى تەربىيلىيەلمەسلىكنىڭ قانچىلىك يامان بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭلار كاشكى ، ئىككىلا دۇنيا لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىڭلارنى چۈشەنسەڭلار ، بالىلارنى كىچىك چېغىدا يىغلاتساڭلار ، كېيىنكى ۋاقىتتا سىلەر چوڭلارنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ ، ئۆلگەندىن كېيىنكى ھىساب بېرىشنى دىمەيلا قوياي ...........

بالىلارنى ياخشى تەربىيلىمەسلىك ، بالىلارنى يىتىملىك كوچىسىغا ئىتتىرىش ئاقىۋەتتە ئاتا - ئانىلارنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ . بالىلىق بۇلۇپ ئاجراشقان ئاتا - ئانىلار  بىر - بىرىڭلار يارىشىپ قېلىشقا نىيەت قىلىڭلار ، ئىگىمىزنىڭ رەھمىتى سىلەرگە بولسۇن ..

4

تېما

36

دوست

3400

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38521
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1060
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 13:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qintomor يوللىغان ۋاقتى  2016-12-21 12:48
ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ بېقىش ھوقوقى بولماسلىقى كېرەك.بو ...

بوۋا مومىسى باقسىمۇ بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشى ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ، يەنە كېلىپ ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ، كۆڭلى قىسىقا ، بويۇن قىسىپ قالسا بولمايدۇ دېگەن ئىچ ئاغرىتىش ھېسياتى بىلەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالىدۇ . بۇنداق كۆيۈنۈش بالىلارنى پۇرسەتپەرەس قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس .
بالىنى دادا باقسا بولىدۇ ، لېكىن كېيىن ئالغان ئايالىغا بۇ جەھەتتە ياخشى تەربىيە ئىشلىيەلىسە ياخشى ئۈنۈم بولىدۇ . چۈنكى دادا ، بالا بىلەن كېيىنكى ئانا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك . بۇ كۆۋرۈك ياخشى قۇرۇلسا بالىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە گەپ يوق .
لېكىن بالىنىڭ ئۆز ئانىسى بالىنى كىچىك ۋاقتىدا ياخشى باققىنى بىلەن يەنىلا بالا چوڭ بولغاندا بالىنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالالمايدۇ . ئىقتىساد مەسىلىسى بىلەن بىرگە بالىنى قانداق تەربىيلەش مەسىلىسىنى ئاياللار ئۇنداق ئاسان ھەل قىلالمايدۇ .


بالىنىڭ ئەڭ ياخشى تەربىيلىنىش ۋاقتى - قورساقتا تۆرەلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ئۇششاق يېشىنى تۈگەتكۈچە . مانا مۇشۇنداق ئالتۇندەك تەربىيلىنىش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ھەم قويىۋاتقان ئاتا - ئانىلارغا نىمە دېگۈلۈك ............
bagdax

8

تېما

6

دوست

9089

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   81.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2688
توردىكى ۋاقتى: 635
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 13:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇل بولسا دادىسى،قىز بولسا ئانسى باقسا ياخشى.چۈنكى ئايالى قايتا ئۆيلەنگەندە قارىشى تەرەپ بالىسى قىزمۇ ،ئوغۇل بۇنى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىدۇ.قىز بولسا ئەلۋەتتە ئۇ ھامان ياتلىق بولىدۇ ياكى قىز بالا ئۆگەي دادسىغا يانمايدۇ.ئەرلەر ئەرلەردىن خىرىس قىلىدۇ.بۇ فىزىئولوگىيلىك ئامىل. ئاندىن ئوغۇل بالا دېگەن چوقۇم ئاتا تەربىيسنى كۆرۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە ئاجراشقان ئەرمۇ ھەقىقى ئەركەك بولۇشى كېرەك.ئەرلىك مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالمىسا،مىيىپ بولسا،ئاجىز بولسا ياكى ۋەيران بولغان ئەر(كەيىپ ساپادا بار بولسا) بولسا ئۇنىڭغا مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن بالا بەرمەسلىك كېرەك. سوتمۇ كىمنىڭ بېقش شارائىتى ئەۋزەل شۇنىڭغا قارايدۇ.

12

تېما

0

دوست

5939

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64372
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1773
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 14:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ بۇ تېمىنى توغرا مەقسەتتە يوللىغانلىقىنى سەمىمىي نىيەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئارزۇسىغا يېقىندىن ماسلىشىشىمىز كېرەك.
     ياش ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، شۇ سەۋەبتىن بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشى ۋە ئاتا- ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقىدىن ئاسانلا جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشى خېلىلا ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنداق مەسىلىگە كارىمىز بولمىسا، بۇمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ھاماقەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇنداق ئىشلارغىمۇ چامىسىنىڭ يېتىشىچە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتى بار. مېنىڭچە ئەر- ئايال ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن پەرزەنتى ئوغۇل بولسا كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەك. بۇنىڭدا قايسى تەرەپنىڭ بېقىش ئىقتىدارى يۇقىرى دېگەن مەسىلىگە قاراش كېرەك. ئەلۋەتتە «بېقىش ئىقتىدارى» كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇننى ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئوغۇل بالىنى ئىمكانبار ئايال تەرەپ بېقىشى (ئەلۋەتتە قىز بولسا تېخىمۇ شۇنداق)، ئەمما ئەر تەرەپمۇ ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ ئايال تەرەپكە ماسلىشىپ بېرىشى، مەسىلەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بالىنىڭ بېقىش ھەققىنى مۇناسىپ ئۈستىگە ئېلىشى، بالىنىڭ تەربىيەلىنىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى، ئايال تەرەپكە تاشلاپ بەرمەسلىكى كېرەك. ھالبۇكى، بىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا شۇنىمۇ كۆرۈپ يەتتۇقكى، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بەزەن ئەرلەر ئايال تەرەپكە قېيداش ياكى ئايال تەرەپتىن قەستەن ئۆچ ئېلىش ۋە ياكى ئايال تەرەپنى قەستەن ئوسال ئەھۋالدا قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئوغلۇمنى ئۆزۈم باقىمەن دەپ، بالىنى ئۆزى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، بالىغا ياخشى قارىيالماي، بالىنىڭ نورمال تەربىيەلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. ئەلۋەتتە مۇنداق خاھىش ئايال تەرەپتىمۇ بار. شۇنداقتىمۇ مۇنداق ئەھۋال ئاياللارغا قارىغاندا ئەر تەرەپتە بىر قەدەر ئېغىر.
     ئوغۇل بالىنى ئىمكانبار ئايال تەرەپ بېقىشنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەندە، بۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىلمىي زاكونى بار. ئاددىيسى ئايال تەرەپنىڭ ئوغۇل بالىنى بېقىش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتى ئەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە ئوغۇل بالىنى ئايال تەرەپ باققاندا بەزەن قولايسىز ئەھۋالمۇ بولىدۇ. لېكىن ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ ئايال تەرەپ مۇنداق قىيىنچىلىقنى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلالايدۇ. ئوغۇل بالا تەرپتىن ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئانا تەرەپتە قېلىپ تەربىيەلىنىشنى بەكېەك خالايدۇ. مانا بۇمۇ بىر ئاساس بولۇشى مۇمكىن.
     ئەلۋەتتە ئوغۇل بالىنى بېقىشنى ئەر تەرەپمۇ ئۈستىگە ئالالايدۇ. لېكىن، ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنىلا ئايال تەرەپ بەكرەك مۇناسىپ كېلىدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش شۇكى، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن كۆز ئالدىدىكى رېئاللىققا توغرا قاراپ، بالىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى يېتىلىش جەھەتتىكى ئەھۋالىغا جەزمەن ئەر- ئايال ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاجرىشىپ كېتىش تۈپەيلىدىن بالا بىر تەرەپنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەك.  
      «ئاجراشماڭلار ئاتا- ئانىلار، يېتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار» !

2

تېما

2

دوست

2015

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55047
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 603
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 14:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ قانۇنى

34-ماددا: ئايال ھامىلدار مەزگىلدە، تۇققاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەر ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر ترەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

36-ماددا: ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىېۋەت ئاتا-ئانىنىڭ ئاجىرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى باقسۇن ئۇ يەنىلا شۇ ئاتا-ئانىنىڭ بالىسى. ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيلەش مەجبۇريىتى بولىدۇ.

ئاجراشقاندىن كېيىن، ئەمچەكتىكى بالىنى بېقىشتا ئېمىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ بېقىشى پىرىنىسىپ قىلىندۇ. ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش كۆرۈلۈپ بالىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.( بۇ يەردىكى كونكىرىت ئەھۋال تەن ساغلاملىقى، ئىقتىسادىي شارائىتى، بىلىم سەۋىيە قاتارلىقلار كۆرسىتىدۇ، يەنى سىز قارشى تەرەپتىن بايراق، ۋە بىلىملىكرەك بولسىڭىز بالىنى ئېلىشى نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ، ئاپتۇردىن).

37-ماددا: ئاجراشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپ بېقىۋاتقان بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتىنى ۋە تەربىيە خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۈستىگە ئالدىغان خىراجەتنىڭ مىقتارىىنى ۋە تۆلەش مۇددىتىنى ئىككى تەرەپ كىلشىدۇ، كىلىشەلمىسە خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

38-ماددا: بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتى توغۇرسىدىكى كېلىشىم ياكى ھۆكۈم زۆرۈر تىپىلغاندا ئاتىسىغا ياكى ئانىسىغا كىلىشم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقتاردىن ئارتۇق مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ.( يەنى كېيىن زۆرۈر تىلپىلغاندا بىر تەرەپ ھۆكۈم ياكى كىلشىمدە بەلگىلەنگەن بېقىش راسخوتىنى ئۆرلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئاچچىغىنى كەلتۈردىغىنى نەق مۇشۇ يەر. ئاپتۇردىن)



2

تېما

2

دوست

2015

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55047
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 603
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 14:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xemer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-21 14:44  

    ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە كونكرېت پىكرى››نىڭ 7-ماددىسى:  پەرزەنتلەرنى بېقىش خىراجىتنىڭ مىقدارى پەرزەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئاساسەن بېكىتىلسە بولىدۇ.
مۇقىم كىرىمى بولغانلار بېقىش خىراجىتىنى ئومۇمەن ئايلىق كىرىمىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن 30پىرسەنتىگىچە بولغان نىسبەت بويىچە بەرسە بولىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنتنىڭ بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغانلار بېقىش خىراجىتى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ. بىراق ئادەتتە ئايلىق ئومۇمىي كىرىمنىڭ 50 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
مۇقىم كىرىمى بولمىغانلار بېرىدىغان بېقىش خىراجىتىنىڭ سوممىسى شۇ يىللىق ئومۇمىي كىرىمى ياكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىگە ئاساسەن، يۇقىرى نىسبەتتىن پايدىلنىپ بېكىتىلسە بولىدۇ.(سىز مائاشلىق بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئاجراشماڭ، ئايالىڭىز ىسزنىڭ مائاش جەدۋىلىڭزىنى سوتقا ككتۈرۈپ بارىدۇ، لىكىن ئادەتتىكى دىھقان بولسىڭىمۇ ئوخشاش ناھىيىيلىك سىستاتىستىكا ئىدارىسى شۇ يىزا ياكى بارار ئاھالىسىنىڭ يىللىق كىشى بىېىشىغا توغرا كىلدىغان كىرىمىنى چىقىرپ بىرەلەيدۇ. ئاپتۇردىن)
ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىرى يۇقىرىقى نىسبەتنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە ياكى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ.
18-ماددا: پەرزەنتلەر بېقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرىدا ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ بېقىش خىراجىتى بېرىش ئىقتىدارى بولسا، پەرزەنتلەرنىڭ تەلىپىنى قوللاش كېرەك:
1)ئەسلى بېكىتكەن بېقىش خىراجىتىنىڭ مىقدارى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى قامداشقا يەتمىسە؛
2)پەرزەنتلەرمەكتەپتە ئوقۇش، كىسەل بولۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەمەلىي ئېھتىياجى ئەسلى بېكىتكەن مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن بولسا.
3) باشقا يوللۇق ئاساسى بولۇپ، كۆپەيتىپ بېرىشكە تىگىشلىكلىرى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )