قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2081|ئىنكاس: 23

مىجىت يىمىت: چاتما ئۇيغۇر تېبابەت مۇھاكىمىلىرى (9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

8717

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   74.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 2746
توردىكى ۋاقتى: 1271
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 17:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ دەرىجى تەلىماتىنى تىكلەش ھەققىدىكى مۇھاكىمىلىرى(9)

1. تەڭپۇڭلۇق تىبابەتچىلىك بەلگىسىنى پۈتكۈل يەر شارىداقوللىنىش

1.jpg
2.jpg
3.jpg


2. بەلگىنى رايونلارغا تەتبىقلاپ ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش

يەر شارىنىڭ ھەر قانداق جايىدىكى بىر كىشى مىلادىيە بويىچەشۇ پەسلىدە قايسى ئايلىقىنى بىلىپ ئالىدۇ ( ئاخىرىدىكى ئاي جەدۋىلىگە قاراڭ)ئاندىن بۇ ئاينىڭ فورمۇلاسىنى مودېلنىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى شۇ ئاي فورمۇلاسىغاتوغرىلاپ ئالىمىز. ئاندىن خەرىتىدىن ئۆزىمىزنىڭ يەر شارىدىكى قايسى كەڭلىكتەتۇرىۋاتقانلىقىمىزنى تاپىمىز. ئاندىن خەرىتىدىكى كەڭلىكنى ئايلانما مودىلدىكىكەڭلىكىدىن تاپىمىز ھەم بۇ كەڭلىكتىكى فورمۇلاغا قارايمىز. بۇ فورمۇلا شۇ كەڭلىكتەقايسى تەبىئەتلىك، قانچىنچى دەرىجىلىك پەسلى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. نەتىجىدەبىز شۇ ئايدا تۇرغان جايىمىزنىڭ پەسلى دەرىجىسىنى بىلىپ ئالدۇق. فورمۇلانىتىبابەتچىىك بەلگىسىدىن تېپىپ ئالىمىز. ئاندىن بۇ ئوقنى يۇقىرى تەرەپ قىيامغاتوغرىلايمىز. ئاندىن پەسىل ئايلىرى جەدۋىلىدىن بۇ فورمۇلانىڭ قانچىنچى ئايغاتەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇ ئاي بېشىدىن باشلاپ ماڭدۇرىمىز. مەسىلەن:شىمالىي كەڭلىك  33075   دىن 45 ئارىلىقىدا ياشاۋاتقان بىر كىشى 6-ئايدا تېبابەتچىلىك بەلگىسىنى ماڭدۇرماقچى،بۇ ۋاقىتتا يەر شارى ئايلانما مۇدىلنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى ھەرپلەرنىڭ يۇقىرىقىتەرىپىدىكى 5-ئايغا توغرىلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ كەڭلىكتە قايسى فورمۇلائىكەنلىكىنى شۇ كەڭلىكتىكى كۆزنەكتە تاپىدۇ. ( بۇ 1122 تىپىلىدۇ) كۆزنەكتىن تېپىپئالغان فورمۇلانى تېبابەتچىلىك بەلگىسىدىن تاپىمىز. ئاندىن بۇ بەلگە ئوقنىيۇقىرىقى قىيامغا توغرىلايمىز. يۇقىرىدا 6-ئايدا تېبابەتچىلىك بەلگىسىنىماڭدۇرماقچى ئىدۇق. بۇ ئوقنى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈش سائەت 12دىن باشلاپ ماڭدۇرىمىزياكى قىيامغا قانچە كۈن قالدى، ئۇ كۈننى يەر شارى مۇدىلىدىكى «م» بىلەن « ئە» نىڭئارىلىقىدىكى 22.5 گىرادۇس يەنى22.5 كۈنلۈك نۇقتىلاردىن تېپىپ، ئاشۇ كۈننىڭنۇقتىسىغا ئوخشاش نۇقتىغا توغرىلاپ ماڭدۇرساقمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىلاشنى قاچانلاقىلسا بولىدۇ. مەلۇم بىر مەۋسۇمنىڭ باش كۈنىلا قىلىش كېرەك دىيىلمەيدۇ. بۇ 16ئوقلۇق تېبابەتچىلىك بەلگىسىنى تېخنىكىلىق ئىشلەپ ياسىدىم. ئۇنى دوختۇرخانىلارنىڭئىلىم-پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىغا ۋىۋىسكا قىلىپ تاقاش كېرەك. ھەم بۇ 16ئوقلۇق تارازىنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلىنى ئىزناك قىلىپ ياساپ تىبابەتچىلىكخادىملىرى، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر تاقاش كېرەك. چۈنكى بىز ياشاۋاتقان تەبىئەتدۇنياسىنىڭ بىردىن-بىر تۈپكى قانۇنىيىتى 16 لىك تارازا قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت.بولۇپمۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدا بۇ قانۇنىيەتتىن ئەڭ تولۇقپايدىلىنىپ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، تەتقىقات، ئوقۇتۇشلارنى ئېلىپبارىمىز.

ھەر بىر ئوقنىڭئۇچىدىكى ئالاھىدە ياسالغان ئەسۋاب ئىچىگە فورمۇلالار يېزىلىدۇ. ئالدىغا ئەينەكئورنىتىلىدۇ. ئىچىگە چىراغ ئورنىتىلىدۇ. كېچىسى چىراغنىڭ يورۇتۇشىدىن فورمۇلالارنىئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان قىلىنىدۇ. ياكى فورمۇلالارنى قەغەز، سولياۋ، قەلەيقاتارلىقلارغا فوسفور قاتارلىق پارقىراپ كېچىسى نۇر چىقىرىدىغان نەرسە بىلەن يازساقمۇبولىدۇ. ھەر بىر ئوقنىڭ ئۇچىدىكى فورمۇلالار يېزىلغان ئەسۋاب ئوققاھەرىكەتلىنىدىغان قىلىپ ئورنىتىلىدۇ. ھەر بىر فورمۇلالارنىڭ يېنىغا كىچىك رەقەمبىلەن 22.5 ساننى ( بۇ 1222 فورمۇلاغا 27.5 يېزىلىدۇ) يېزىپ قويساقمۇ بولىدۇ.

3. تىبابەتچىلىكبەلگىسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى

تىبابەتچىلىكبەلگىسىنىڭ 16 تال ئوقى ئوڭدىن سولغا ئايلىنىدۇ. بىر ئوق يەنە بىر ئوقنىڭ ئورنىغاكەلگىچە 22.5 كېچە-كۈندۈز ۋاقىت كېتىدۇ ( بۇ بىر فورمۇلا 1222 قىيامغا كەلگىچە27.5 كېچە-كۈندۈز ۋاقىت كېتىدۇ) نەتىجىدە بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46سېكۇنت ۋاقىت بولىدۇ. 4 يىلدا بىر قېتىم كەبىسە يىلى بولغاندا يەنى مىلادى 2-ئاينى 29 ھېسابلانغاندا 2-ئاينىڭ 28-كۈنىنى شىمالىي قۇتۇپ 2 كۈن كۆرسىتىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەرىكەتنى باشلايدۇ. ( 2 كۈن بىر نۇقتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ)بىر كۈن توختىتىش ئۈچۈن بەلگىنى بىر كۈن توختىتىپ ماڭدۇرماسلىق كېرەك. بۇ 16 لىكبەلگىدىكى قانۇنىيەت يەر شارىدىكى بارلىق پەنلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ۋەكىلىكقىلىدۇ، يەنى پەنلەرنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

4. ئالەمدىكى تۈپكىقانۇنىيەت بۇ 16 ئوقلۇق تەڭپۇڭلۇق تارازىسىغا مۇجەسسەملەنگەن ۋە جەۋھەرلىنىپتوپلاملاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بۇ تارازىدىكى قانۇنىيەتنى ئۆزىگە ئاساسقىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەڭپۇڭلۇق تېبابەتچىلىك بەلگىسى دەپ ئاتالدى.

1) ئالەم تەڭپۇڭلۇقى

پۈتكۈل ئالەمدەجۈملىدىن قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانتلاردا، پلانتلار بىر-بىرىنى تەڭشەپ تۇرىدىغانئاستىرونومىيەلىك ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق قانۇنىيىتى مەۋجۇت بولىدۇ. تارازائۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يەر شارى

يەر شارىدا شىمالىيقۇتۇپتىن جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بولغان 16 كەڭلىكلەردە 16خىل پەسىل تەبىئەتلىرى دەۋرلىنىپتۇرىدۇ. ھەر بىر كەڭلىكلەردە بولىدىغان بىر يىللىق پەسىللەردىمۇ 16 خىل پەسىلتەبىئەتلىرى دەۋرلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل دەۋرلىنىش خۇددى مەسلىھەتلىشىپئالغاندەك قانۇنىيەتلىك خىزمەت ئىشلەيدۇ. پەسىللەرمۇ بىر-بىرىنى ئىكۇلوگىيەدەتەڭشەپ تۇرۇشىغا تارازا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

پەسىللەر

بىر يىل تۆت پەسىلدىكى3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كېلەر يىلقى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان 365 كۈن 5 سائەت 48مىنۇت 46 سېكۇنت ۋاقىتلىرى بىر يىل تۆت پەسلى، ھەر بىرپەسلى 4دىن دەرىجە مەۋسۈملىرىبىلەن بىر-بىرىنى تەبىئەتتە تەڭشەپ تۇرىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئادەم بەدىنى

ئادەم بەدىنىدە مۇھىم16 ئىچكى ئەزالار بولىدۇ. بۇلار بىر-بىرىنى 4 تەبىئەتلەر بويىچە بىر-بىرىنىئىكولوگىيەدە تەڭشەپ تۇرىدۇ. كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىزلار تۆت ئەزا بولۇپ ھەربىرىدە 4 خىلىت نىسبەتلەر بويىچە ئىگىلەپ ۋە خىزمەت ئىشلەپ 16 لىك خىزمەتنىئورۇنلايدۇ. مېڭە ھەم سىزىش، ئەسكە ئېلىش، ئايرىش، پىكىر قىلىشلارغا بۆلۈنىدۇ. ھەربىرىدە 4 خىلىت نىسبەتلەرنى ئىگىلەپ 16 لىك خىزمەتنى ئورۇنلايدۇ. بۇلارنڭ ھەممىسىھەر تۆتدىن ئىكولوگىيەدە بىر-بىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىكقىلىدۇ.

خىلىتلار

ئادەم بەدىنىنىڭ پۈتۈنقۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ تۇرغۇچى ماددىلار سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدادىن ئىبارەت 4خىلىت بولۇپ بۇلارنىڭ ھەر بىرى 4دىن دەرىجىدىن جەمئىي 16 دەرىجىلەردە بولىدۇ.تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

كېسەللەر

ئادەم بەدىنىدىكىكېسەل بولۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى 4 خىلىتنىڭ ھەر تۆتدىن دەرىجىلىرىنىڭئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىدىندۇر. خىلىتلار ئەزالاردا خۇددى تارازىدىكىدەكتەڭپۇڭلۇقتا تۇرسا ئادەم سالامەت بولىدۇ. بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا كېسەللەرنى پەيداقىلىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

داۋالاش

كېسەلنى داۋالاپساقايتىش، ئەزالار ۋە خىلىتلاردىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەتقىلىدۇ. تەڭپۇڭلۇق ئەسلىگە كەلسە كېسەل ساقىيىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دورىلار

ئۇيغۇرتىبابەتچىلىكىدە دورىلارنىڭ ھەر بىر تەبىئەتلىكى 4دىن دەرىجىلەرگە بۆلۈنۈپ تۆت خىلتەبىئەتلىك دورىلار 16 ھەر تۆتدىن دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىكقىلىدۇ.

تىبابەتچىلىكئەمەلىيىتى

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنەزىرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى بۇ تارازا ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمەلىي داۋالاشلارۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى قانۇنىيەتلەر بۇ 16 لىك تارازىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ سىرتىدائەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تارازىنى تېبابەتچىلىك بەلگىسى قىلىپ ئىشلىتىش كېرەك. بۇبەلگىگە قاراپلا تېبابەتچىلىك قانداق پەن، ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى قانداق ئېلىپبېرىلىدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلالايدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتىنى ھەمچۈشىنەلەيدۇ.

خىمىيە

يەر شارىنىڭ ئاساسىماددىسىنى تۈزۈپ قۇرغۇچى ماددىلار ھىدروگېن ( ) ، ئوكسىگېن (   )، كاربون (    )، ئازوتلاردىن (    ) ئىبارەت 4 خىل بولىدۇ. ھەر بىر ئېلېمېنتلار دىن دەرىجىلىك ئىلمىنتلار قاتلىمىغا بۆلۈنىدۇ. خۇددى خىلىتلار 4 دىن 16دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەن قانۇنىيەتكە ئوخشايدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

فىزىكا

تەبىئەت دۇنياسىدائۆزئارا تەسىرى 4 خىل بولىدۇ. يەنى تارتىشىش كۈچىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى، ئېلېكتىرماگىنىتنىڭ ئۆزئارا تەسىرى، ئاجىز ئۆزئارا تەسىر ۋە كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىردىنئىبارەت. فىزىكىدىمۇ تەسىرلەر ئۆزئارا تەدرىجىلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈپ 16 خىلدەرىجىلەردە بولىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

4 خىلىت

ھىپپوكراتنىڭ قارىشىچەئادەم ئورگانىزىمى 4 خىل تەن سۇيۇقلۇقى سېرىق ئۆت سۇيۇقلۇقى، شىلمىشىق سۇيۇقلۇقى،قان، قارا ئۆت سۇيۇقلۇقىدىن تەركىپ تاپىدۇ دېگەن. دېمەك، بۇ 4 خىل سۇيۇقلۇق 4 دىن16 دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

نىسبىلىك

نىسبىلىك نەزىرىيىسىدەبوشلۇقنىڭ ئەركىنلىك ددەرىجىسى3 بىلەن ۋاقىتنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى 1 بىلەنبىرىكىپ بىرلىككە كەلگەن 4 ئۆلچەملىك بوشلۇق يەنى مىنكىۋىسكى بوشلۇقىنى ھاسىلقىلىدۇ.

بوشلۇقنىڭ ئەركىنلىكدەرىجىسىمۇ 4 دىن 16 دەرىجىلىك دەۋر بويىچە بولىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىكقىلىدۇ.

ئارىستوتىلنىڭ « 4سەۋەبىيات نەزىريىسى» دە 4 ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچەشەيئىلەرنىڭ ھايات-ماماتلىق ئۆزگىرىشى 4 خىل سەۋەپتىن يەنى ماددا ئامىلى، شەكىلئامىلى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئامىلى ۋە مەقسەت ئامىلى سەۋەبىدىن بولىدۇ دەپقارىلىدۇ. سەۋەبىياتلارمۇ 4 دىن 16 دەرىجەلىنىشلەرنى  باشتىن كۆچۈرىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىكقىلىدۇ.

زەررىچە

ئاساسىي زەررىچەتەتقىقاتىدا زەررىچىلەرنى پروتون ، ئانتى پروتون، نېيتىرون، ئانتى نېيتىرون دەپ تۆتخىلغا ئايرىيدۇ. زەررىچىلەرمۇ تەدەرىجىلىك دىن 16 دەرىجىلىنىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ.تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

سېستىما ئىلمىي

نيوتون مىخاينىكائىلمىدە، سېستىمىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى جەريانىدا 4 خىل تارتىشىش ئىئونىبارلىققا كېلىدىغانلىقى بايقالغان، كاپتالىستىك ئىقتىسادىي سېستىمىدا 3 يىلنى، 10يىلنى، 50 يىلنى بىر دەۋرلىك قىلغان ئىقتىسادىي قىسقا ياكى ئۇزۇن دولقۇن بولسۇنبۇلارنىڭ ھەممىسى 4 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 1. كاساتلىشىش باسقۇچى. 2. ئەسلىگە قايتىشباسقۇچى. 3. ئۆرلەش باسقۇچى. 4. كىرزىس باسقۇچىدىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچلارمۇ 4 دىن16 تەدرىجى باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ. تارازا بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

سىياسىي سېستىما

سىياسىي سېستىمىدا100يىلنى بىر دەۋر قىلغان دۇنياۋى سىياسىي ئۇزۇن دولقۇنمۇ 4 سېستىمىغا بۆلۈنىدۇ.

1. دۇنيادىكى چوڭدۆلەتلەر باسقۇچى. 2. غەيرى ئورتودوكسال باسقۇچى. 3. كۆپ قۇتۇپلاشقان باسقۇچ. 4.يەر شارى خاراكتېرلىك توقۇنۇش باسقۇچىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەربىرى يەنە 4دىنتەدرىجى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

ئارىستوتىل نەزىرىيىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئىلىم-پەن دولقۇنىنىڭ ھەر بىردەۋرى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنۈپ كەلمەكتە. 1-يىتەكچىلىك ئۈلگە باسقۇچى- غەيرىئورتودوكسال باسقۇچى- ئۈلگىنىڭ كۆپ خىللىش باسقۇچى- كىرزىس ۋە ئىنقىلاب باسقۇچىدىنئىبارەت. بۇ باسقۇچلارمۇ 4دىن 16 تەدرىجى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. تارازابۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئالىملارنىڭ يەكۈنلىرى، ئىسپاتلىنىۋاتقان، ئەمەلىيەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلەنمۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىنى يەنىلا « 4» بولۇپ پىغاگور ئىلمىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ مادداتۆت خىل ئامىلدىن يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەركىب تاپقان. بۇ تۆت خىل ئامىل،يەنە قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق، قۇرۇق سوغاقتىن ئىبارەت، تۆت خىلئاساسى ماددا خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ قۇرۇلما تۈزۈلۈشىمۇمۇنداق بولىدۇ. قۇرۇق+ ئىسسىق- ئوت، ھۆل+ئىسسىق-ھاۋا، ھۆل+ سوغاق- سۇ، قۇرۇق +سوغاق- تۇپراق بولۇپ دەۋرلىنىدۇ. ھەر بىرى تۆتتىن 16 تەدرىجىلىككە بۆلۈنىدۇ. يەنى16 دەرىجىلەر ( دەرىجە ھەر بىر فورمۇلادىكى تۆت قەۋەت قۇرۇلمىلارنىڭ ماددانىسبەتلىرى تەدرىجى يۇقىرى ۋە تۆۋەن بولۇشلىرىغا قارىتىلغان. مەسىلەن: بىر يىلنىڭتۆت پەسلى تەدرىجى دەۋرلەنگەنگە ئوخشاش) گە بۆلۈنىدۇ. ئالىملار يوقۇرىقىلاردەكدۇنياغا مەشھۇر نەزىرىيىلەرنى 4 بىلەنلا تەتقىق قىلىپ چەكلەنگەن. مەن 4 نى بېيىتىپ16 لىك قانۇنىيەتنى تۈزۈدۈم ۋە 16 لىك قائىدە بويىچە 16 فورمۇلالاردىن پايدىلاندىم.ھەر خىل قانۇنىيەتلەرنى تۈپكى بىرلىك قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت 16 لىك بەلگىگەمۇجەسسەملىدىم ۋە جەۋھەرلەپ توپلاشتۇردۇم.
bagdax

3

تېما

46

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3277
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 19:13:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى سەمرىپ قالغاندەك بولسا قايسى كېسەلنىڭ ئالامىتى.

0

تېما

3

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 05:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىت ئوينىغاندىن ، مۇنبەر ئوينىغان ياخشى...

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86491
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 29
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 10:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىنىق چەك -چىگراسىنى ئايرىۋەتسەك ياخشى بولغۇدەك .بىراق قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك سەۋدا خىلتىنىڭ  غالىپ  كىلىشىدىن بولغان ساراڭلىق كىسىلىنى ، ھۆل ئسسىق تەبىئەتلىك قان خىلىتى پەيدا قىلغۇچى قوغۇن بىلەن داۋالاش ....تازا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەسمىگى .
bagdax

32

تېما

0

دوست

8717

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   74.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 2746
توردىكى ۋاقتى: 1271
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 16:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2016-12-21 19:13
تىلى سەمرىپ قالغاندەك بولسا قايسى كېسەلنىڭ ئالامىتى.

    ئاغىزدىكى شىللىق پەردىلەر سەپىراغا ( ئۆتكە ). تىل موسكولى قانغا ( يۈرەككە ) . تىل شۆلگەيلىرى بەلغەمگە ( ئۆپكىگە) . چىش ۋە پەيلىرى سەۋداغا ( تالغا ) تەئەللۇق بولۇپ مەركىزى ئەزالارنىڭ تەربىيىتىدە بولۇدۇ . تىل يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇدۇ .1-يۈرەكنى تەكشۈرتۈڭ . 2-يۈرەك قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدىغان داۋا قىلىڭ .

32

تېما

0

دوست

8717

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   74.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 2746
توردىكى ۋاقتى: 1271
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 17:26:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalguzjigda يوللىغان ۋاقتى  2016-12-22 10:35
بۇنداق ئىنىق چەك -چىگراسىنى ئايرىۋەتسەك ياخشى بولغۇدە ...

     تەبىئى پەنلەرنىڭ ( تىبابەتنىڭمۇ ) كەسكىن ھۆكۈمى بار بولۇدۇ . ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ -ئەمەسمۇ دەپ مۇجىمەل قارىمايدۇ . قوغۇننىڭ خەمەكدىن پىشىشقا يېقىن بولغان ۋاقتى ھۆل سوغاق ، ياخشى پىشقان ۋاقتى 1-دە ھۆل ئىسسىق ، مەي بولۇپ ياخشى پىشقان قوغۇن قېقى ھەقىقى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ئۇنى ساراڭغا يىگۈزۈپ قاننى ، بەدەننى قۇۋەتلەندۈرۈپ داۋالاش ياخشى مەنپەت قىلىدۇ .

1

تېما

0

دوست

3535

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 17:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتكە قانداق ئامال بار،رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1528

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6529
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 22:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلىرىگەئېھتىراملار بولسۇن ،ھارمىغايلا ئۇستاز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )