قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 9

دوكتور: مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

2003

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-7

قىزغىن ئەزا نادىر يازما چولپىنى ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-20 17:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان

     ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان ياكى تونۇشلىرىڭىزدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقانلار بار بولسا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالنى چوقۇم ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان. ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق ۋاقتىنى ئۆگىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئويۇن تاماشالار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بۇرۇن بۇ خىل ئەھۋالنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا سەۋەبلەرنى كۆپرەك ئوقۇغۇچىلاردىن ئىزدەيتۇق. كۆپرەك ئېيتىلغان سەۋەب <بۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئويۇن تاماشىغا بېرىلىپ كەتتى، ئىرادىسىنى يوقاتتى> دېيىش بولدى. بۇ تەھلىل توغرا. خاتاسى يوق. لېكىن ھەر قانداق بىر مەسىلە ئايرىم مەسىلە بولماي، ئومۇمىيلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاندا، ئاددىي ياكى تاق سەۋەبلەردىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشنى ياخشى قىلمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارمىقىمىز بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز ئەمەس. بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەممە مەكتەپتە، ھەممە كەسىپتە، ھەممە يىللىقتا بار. دېمەك مەسىلە ئومۇمىيلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولدى. ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلمىساق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلىنى تاپالمايمىز.

     يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ئېيتىلمىغان مۇنداق بىر نەچچە نۇقتا بار دەپ ئويلايمەن. ئەسلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىغان، ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كېلىپ قالغان. بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كېلىپ قېلىشىدا يەنە مۇنداق سەۋەبلەر بار. بىر سەۋەب، ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشقا ياخشىراق تاللاش يوق. ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، قىزىقىشى بۇيىچە تاللاش قىلىش پۇرسىتى تېخى كەڭ ئەمەس. ئالى مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپ مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىش تەس. تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت بولسا، ھەر خىلدىكى ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى، قىزىقىشىغا ئاساسەن تۇرمۇش يولىنى تاللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. ياپونىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلارمۇ ئاسان مۇقىم خىزمەت تاپالايدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغانلاردىن بەك چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن ياپونىيەدىكى بەزى ئادەتتىكى ساتىراشخانىلاردا ئىشلەيدىغان ساتىراشلار ھەر كۈنى ئون بەش مىڭ ياپونىيە يېنىغا ئىشلىيەلەيدۇ. 1 ئايدا 10 كۈن دەم ئېلىپ 20 كۈن خىزمەت قىلسا، 300 مىڭ ياپونىيە يېنى كىرىم قىلالايدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ياپونىيەدىكى باشلانما مائاشى ئېيىغا 200 مىڭ ياپونىيە يېنى بىلەن  220 مىڭ ياپونىيە يېنى ئوتتۇرىسىدا. مەن تونۇيدىغان بىر دوكتورنىڭ <توشى با> دا خىزمەتكە چۈشكەن ۋاقتىدىكى ئايلىق مائاشى 280 مىڭ ياپونىيە يېنى. قۇرلۇش مەيدانلىرىدا جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلارمۇ  ھەر كۈنى 10 مىڭ ياپونىيە يېنىغا ئىشلىيەلەيدۇ. بىر ئاز تېخنىكىسى بارلار تېخىمۇ كۆپ مائاشقا ئىشلىيەلەيدۇ. قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا ئىشلەش ئېغىرراق خىزمەت بولسىمۇ، بۇ خىل خىزمەتنىڭ ئارتۇق خىزمەت ۋاقتى يوق. كەچ سائەت 5 بىلەن ھەممە خىزمەت توختايدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھاۋا تەڭشىگۈچلىرى بار ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئىشتىن چۈشۈش، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. دېمەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەنلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان، ھەتتا ئاسپىرانتلىق، دوكتورلۇقتا ئوقۇغانلاردىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قانداق بىر ياش، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا، قابىلىيىتىگە، قىزىقىشىغا قاراپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئوقۇماسلىقنى تاللايدۇ. نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، <ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرايچۇ> دەيدىغان ئىش ئۇنداق كۆپ بولمايدۇ.  قابىلىيەت جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يولنى تاللايدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى نىشان قىلغانلار. بۇنداق بولغاندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان، تىرىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا باش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار مەۋجۇت بولمايدۇ. ئوقۇش يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى، شاللىنىش شۇنچە يۇقىرى ھەم تەلتۆكۈس بولىدۇ.

     ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىر قىسىمى، قابىلىيەت جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان، لېكىن نىشانىنى يوقاتقان ئوقۇغۇچىلار. بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلاردىن كۆرۈش بىلەن مەسىلىنى يەنىلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەن نىشانى پەقەت ھەم پەقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش. بۇنى مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆرۈپ كېتىشكە بولمايدۇ. مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىلارغا بېسىم بار. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ساپاسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش نىسبىتى ياكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى بىلەن ئۆلچىنىدىغان مۇشۇنداق تەلەپ ئاستىدا، ئامال يوق، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار بارلىقى بىلەن مۇشۇ تاق نىشانغا يېتىشقا تىرىشىدۇ. باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مەكتەپنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زېھنى يوق. بۇ خىل تەلەپ ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاكتىكىسى سوئالنى ئاسان چىقىرىش، ياكى سوئالنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش، ئىمتىھانلاردا كۆچۈرۈشلەرگە، ساقتىلىقلارغا كۆز يۇمۇش بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈش بېسىمى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتى، زېھنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان، ھالىغا يېتىدىغان، ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان ئىشلارغا تۇلۇق يېتىشىپ بولالمايدۇ. ئۆتۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىمايدىغان، قانداق تاللاش قىلىشنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە قىزىقتۇرىدۇ. قىزىقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى شۇنداق ياخشى، قىزىقارلىق قىلىپ تەسۋىرلەش. ئۈچ يىل چىدىسىلا ھەممە ياخشى ئويۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكرارلاش. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن قانداق قىلىش، كېيىنكى ھاياتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزىگە قانداق مەسئۇل بولۇش، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىن ئويلىشالايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس.

     نىشان بولۇش، نىشان ئۈچۈن تىرىشىش، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تونۇشتۇرۇلغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلەر، ھەرخىل كەسىپلەردىن، ھەر قايسى يۇرتلاردىن بولسىمۇ، ئوخشاش ئورتاقچىلىقلارنى تاپقىلى بولىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئېيتقان، نىشانى بولۇش، نىشان ئۈچۈن ۋاقتى، زېھنىنى سەرپ قىلىشقا چىداش، بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. نىشان بەك يۇقىرى بولۇش ھاجەتسىز، لېكىن چوقۇم ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى كېرەك. نىشان كىشىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە نىشانىدىن بىر ئاز يۇقىرى بولسىلا بولىدۇ. دوستلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوقۇشنى توختىتىشنى نىشان قىلغان بولسا، سىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشنى نىشان قىلىڭ. دوستلىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىچە نىشانى تولۇق ئوتتۇرا بولسا، ئالىي مەكتەپ سىزنىڭ نىشانىڭىز بولسۇن. ياخشى نىشان ياشلىرىمىزنى، بالىلىرىمىزنى نۇرغۇن يامان ئىشلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ. ياخشى نىشان بولغاندا قىزىقتۇرۇشلارنى رەت قىلغىلى، پاسسىپ كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.   

     ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئازايتىمىز ياكى يوق قىلىمىز دەيدىكەنمىز، يۇقىرىدا دېيىلگەن بىر نەچچە نۇقتىلاردىن تىرىشىشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا ئورنىنى تاپالايدىغان شارائىتنى بارلىققا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتمەي تۇرۇپ، پەقەت تەنقىد، تەربىيە بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداق جەمئىيەتنىڭ كېلىشىدىن بۇرۇن بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيەسىدە، ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بۇلۇش، توغرا نىشان تۇرغۇزۇش تەربىيەسى بولۇشى كېرەك.

     ئاخىرىدا ئانچە ئاكتىپ بولمىغان مىسالدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي. مەھەلىمىزدە بىر تونۇشۇم بولىدىغان،  تېخنىك مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت بولمىدى. جەمئىيەتتە ھەر خىل يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈردى. كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە باردى. نەچچە يىلدىن كېيىن مەھەللىمىزگە قايتىپ كەلدى. مەن قايتىپ كېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇنىڭ جاۋابى <يەنە بۇ يولدا مېڭىۋەرسەم، يا ئاق چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، يا ئاق سېتىپ ئېتىلىپ كېتىمەن، يا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ سەۋەبىدە نابۇت بولۇپ كېتىمەن. قانداقلا ئويلىسام ئاقىۋىتىم ياخشى بولمىغۇدەك، شۇڭا قايتىپ كەلدىم>. مەن ياپونىيەگە ئوقۇشقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا بۇ تونۇشۇم كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كىراكەشلىك تىجارىتىنى باشلىۋالدى. بۇ مىسالدىكى تونۇشۇم، نىشانى بولۇش، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش، كەلگۈسىگە مەسئۇل بۇلۇش، نىشانى ئۈچۈن تىرىشىش دېگەن تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ. ھەممىڭلارغا رەھمەت.
bagdax

0

تېما

1

دوست

5321

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1620
توردىكى ۋاقتى: 485
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 13:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل

0

تېما

6

دوست

3173

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 880
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 13:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلندىغان  ئىشلىرمىزنىڭ  بۇنچە  كۆپلگىنى  ئويلماپتكەنمەن ،،رەخمەت

3

تېما

1

دوست

1578

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 14:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلىلەرنىڭ ماھىيتى 1
ئىككىنچى قىسمى بارمۇ نىمە ؟
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 15:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋجۇت مەسىلىنى بايقاشقىمۇ ئ‍ۆتكۈر كۆز، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدىغان كاللا كېرەك بولىدۇ، مەسىلە بايقىلىپ ئ‍وتتۇرغا تاشلانغاندا ئ‍ۇنى ھەل قىلىش ئ‍ىمكانىيتى توغۇلغان بولىدۇ…

كۆزۈتىشىمچە ئ‍الىي مەكتەپتە ئ‍وقۇش ئ‍ىناۋەت مەسىلىسى بوپ قالدى،   ئ‍الىي مەكتەپتە ئ‍وقۇش چوقۇم ئ‍ىستىقبالى بولۇشنىڭ ھەم مۇقۇم خىزمىتى بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالەتنامىسىگە ئ‍ايلىنىپ قالدى،

2

تېما

8

دوست

2003

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-7

قىزغىن ئەزا نادىر يازما چولپىنى ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 18:14:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
toghrakuyuxmisi يوللىغان ۋاقتى  2016-12-21 14:48
مەسلىلەرنىڭ ماھىيتى 1
ئىككىنچى قىسمى بارمۇ نىمە ؟

شۇنداق ئاخىرى بار

7

تېما

0

دوست

2037

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12397
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 297
تۆھپە : 441
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 23:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدىغان ئوغلاندىن يەنە بىرنى كۆردۈم،رەھمەت قېرىندىشىم

1

تېما

6

دوست

3820

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1174
توردىكى ۋاقتى: 206
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 19:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرىقى سۆز قالتىس ،زادى كاللىدا بىلىم ،ئاق قارىنى  پەرىق ئىتىش بولسا ھەرقانداق ئۆزىگە ئۆزگىگە زىيانلىق يوللاردىن قايتىپ كىلەلەيدۇ ،،
بۇنىڭ مىسالى ئوغرى يانچۇقچى ،بالا ئوغرىسى مىسالى ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )