قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4346|ئىنكاس: 11

خارۋارد پرافېسسورى-بەختىنىڭ 3 سىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

874

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 20:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغۇچى: شەرىفىدىن قارلۇق

تەرجىمان قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى ماگىستىر ئاسپرانتى

مەنبە: SherfMPD  سالونى

خۇشاللىق ياكى بەخت ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ھەم شۇنداقلا بەختىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى.
خارۋاردتىكى سايكايتىرىست (روھى كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى)، «خارۋارد چوڭلار تەرەققىياتى تەتقىقاتى»نىڭ مەسئۇلى Robert Waldinger ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ مۇكەممەل تەتقىقاتىنى تاماملىدى. Robert Waldinger يېقىنداTed Talk دا تەتقىقات نەتىجىسىدىن خۇلاسىلەنگەن بەختنىڭ بىرنەچچە سىرىنى ئاشكارىلىدى.

تەتقىقاتچىلار كۆزىتىش ئوبيېكتى بولغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ھەر ئىككى يىلدا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتى، خىزمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا ھەر 5 يىلدا ئۇلارنى تولۇق تۈردىكى سالامەت تەكشۈرۈش قىلغۇزغان. ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى شۇ بولغانكى-ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئالاقە باغلاش Relationship)) ئىنساننىڭ ساغلاملىقىنى ۋە خۇشاللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

Robert Waldinger يېقىندا Ted Talkدىكى سۆزىدە «بەخت»كە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئۈچ مۇھىم مۇھىم نۇقتىنى كۆرسەتتى.

1. يېقىن مۇناسىۋەت

مۇشۇ قېتىمقى تەتقىقات ئوبيېكتى بولغان ئىككى ئەر گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە دوستلىرى بىلەن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋە ئۆزىنىڭ ئالاقە دائىرىسىدىكىلەر بىلەن بەكرەك يېقىن بولغانلىرى بەكرەك ساغلام ۋە خۇشال ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ھەم بۇ بەكرەك خۇشال ۋە ساغلام گۇرۇپپىدىكىلەر ئۇزۇنراق ياشاشقا ئىنتىلىدىكەن. ئىككى گۇرۇپپىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يالغۇزلۇق ھېس قىلىمىز دېگەن كىشلەر ئانچە بەخىتلىك ئەمەسكەن. ھەم ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ناچار ھالەتتە ئىكەنلىكى بايقالغان.

2014-يىلىدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن تەتقىقات نەتىجىسىدىن شۇنى خۇلاسىلىگىلى بولىدۇكى، يالغۇزلۇق روھىي جەھەتتىكى ئىقتىدارلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرخىل كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەتتا ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىش گىردابىغا ئاپىرىدىكەن.

2. كىشىلىك ئالاقىنىڭ سۈپىتى (سان ئەمەس سۈپەت)

توي قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ھەققىدە «دائىم تالاش-تارتىش قىلىمىز ھەم ئۆزئارا مۇھەبىتىمىز سۇس» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىرى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن «جىق توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان ئائىلە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن ھەم بۇلار توي قىلمىغانلارچىلىكمۇ بەخىتلىك ئەمەسلىكى بايقالغان.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئادەملەرنىڭ يېشى كىشىلىك ئالاقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنىمۇ نەزىردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. 2015-يىلىدىكى «پىسخولوگىيە ۋە ياشىرىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، كىشىلەر 30 ياش ۋاقتىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتنىڭ سانىنى 20 ياشتىكى ۋاقتىدىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارايدىكەن، ئەمما 30 ياش ۋاقىتتىكى كىشىلىك ئالاقىنىڭ سۈپىتى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە پسىخولوگىيەلىك جەھەتتە ياخشى بولۇشىغا تەسىرى بەكرەك چوك بولىدىكەن.

3. مۇستەھكەم ۋە ئۆزئارا قوللايدىغان نىكاھ تۇرمۇشى

ئىجتىمائىي بولۇش ياكى باشقىلار بىلەن كىشىلىك ئالاقە باغلاش كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، شۇنداقلا روھىي جەھەتتىكى چېكىنىش ياكى ئاجىزلىشىشقىمۇ ئاكتىپ ياردىمى بولىدىكەن. يەنە خارۋاردنىڭ  تەتقىقاتىنىڭ بايقاشلىرىغا ئاساسلانغاندا، توي قىلىپ 50 ياشقىچە تۇرمۇشىدا ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئېغىر توقۇنۇش، ئۇزۇن مەزگىللىك ئايرىلىپ تۇرۇش ۋە ئاجرىشىش يۈز بېرىپ باقمىغان كىشىلەر دەل ئەكسىچە تۇرمۇشىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن كىشىلەردىن «ئەستە ساقلاش سىنىقى»دا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. 2013-يىلدىكى تەتقىقات ۋە PLOS ONE ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسى يۇقىرىدىكى تىلغا ئېلىنغان نەتىجىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىمۇ نىكاھ تۇرمۇشىغا ئ‍وخشاش، كۈچلۈك مۇناسىۋەت كىشىنىڭ ساغلاملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەن.

Waldinger مۇنداق دەيدۇ: دۇنيا ساغلاملىققا ۋە ئۇنى تەتقىق قىلپ ئۆگۈنىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بىزنىڭ 75 يىلدىن بۇيانقى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ئوخشاشلا شۇنى كۆرسىتىدۇكى- ئادەملەرنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ئالاقىگە، ئائىلىگە، دوستلىرىغا ۋە جەمئىيەتكە يېقىن تۇرىدىغانلىرى ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى بېجىرىشتە ماھىر ۋە ھاياتىدا ساغلام، بەخىتلىك ياشايدىكەن.

بۇ ماقالىنى تەييارلىغۇچى Tanya Lewis ئەپەندى Business Insiderنىڭ پەن بىلىملىرى مۇخبىرى، ئالاھىدىلىكلىرى بىيولوگىيە ۋە تېخنىكا كېسىشىدىغان تېمىلار.

شەخسى ھايات، ئۆگىنىش، سودا، كارخانىچىلىق ۋە لېدىرلىقتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن زەرەتلىنىپ، ئاكتىپ پەرق بەرپا قىلىش!

سوئال، تەكلىك-پىكىر ۋە قوشۇپ قويىدىغانلىرىڭىز بولسا قارشى ئ‍الىمىز ئەۋەتتە!

SherfMPD QR code.jpg

مەزكۇر ماقالىنى SherfMPD سالونى تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز SherfMPD ئارقىلىق ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ سالونىمىزغا دىققەت قىلىڭ.
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 22:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە بىر تەكلىۋىم، ئ‍ېنگىلىزچىنى قوشماي ئ‍ۇيغۇرچىدىلا ئ‍ىپادىلەپ يېزىڭ…كىشى ئ‍ىسىملىرى، ۋە پەن تۈرلىرى ھەممىسى ئ‍ېنگىلىزچىدىكەن، ئ‍امال بار ئ‍ۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ…

باشقۇرغۇچىغا تەكلىۋىم، مۇشي تېما ئ‍اپتۇرىغا تۆھپىكار ئ‍ەزالىق مىدالىدىن بىرنى بەرسەك، …   بەلكىم  مەدەت بوپ قالار…يېقىندىن بويان ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىدۇ…

0

تېما

3

دوست

388

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 04:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ بەخىتنىڭ   سىرى ››  .    ‹‹ دەرۋازا يوغان , بىر نان يوق . سەللە يوغان ئىمان
يوق ››   دېگەندەك   جايىدا   قويۇلمىغان   ماۋزۇ   بوپتۇ .
لىكىن   مەن   قانداق  قىلغاندا   بەخىتلىك   بولغىلى   بولىدىغانلىقىنى  بىلىمەن .

2

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85351
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 23:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
brdash يوللىغان ۋاقتى  2016-12-22 04:07
‹‹ بەخىتنىڭ   سىرى ››  .    ‹‹ دەرۋازا يوغان , بىر نان يوق .  ...

باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدىن قۇسۇر تاپماق ئاسان ، بىراق قىلماق تەس، تەتقىقاتچىلاردىن قۇسۇر تاپقىچە سىزمۇ بىرەر نەرسە بايقاپ مۇنبىرىمىزنى ئاباد، كۆڭلىمىزنى شاد قىلىپ بېقىڭ.
bagdax

2

تېما

18

دوست

798

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 01:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
brdash يوللىغان ۋاقتى  2016-12-22 04:07
‹‹ بەخىتنىڭ   سىرى ››  .    ‹‹ دەرۋازا يوغان , بىر نان يوق .  ...

ئاتتىم لەنەت ئوقىنى قاراتۆھمەت -ھىممەتكە،
تۆھمەتخورلار بالاسى ئىكەن رەندە يۈرەككە.
ھايات شۇنداق سۈيۈملۈك غەيۋەت ،تۆھمەت يوق بولسا،
تۆھمەت-غەيۋەت ئارىدىن كەتسۇن مەڭگۈ لەھەتكە.


    بۇمۇنبەردە بىر بىرىنى قوللايدىغانلارغا قايلىغاندا ،بىر- بىرىدىن قۇسۇر تاپىدىغانلار نىمانچە كۆپ ................

0

تېما

3

دوست

388

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 03:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HUXPURAHGUL1 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-23 01:35
ئاتتىم لەنەت ئوقىنى قاراتۆھمەت -ھىممەتكە،
تۆھمەتخور ...

مەن   تەڭرىدىن   باشقا    ھەر قانداق   ئادەمنىڭ   سۆزى  ئۈستىدە تەپەككۇر
قىلىش ، پىكىر  يۈرگۈزۈش ۋە  گۇمانلىنىشقا   ھوقۇقلۇق ...
نادان  ،  مەيدانى ، مۇستەققىل  قارىشى  يوق كىشىلەرلا  ، باشقىلارنىڭ ئانچىكى
سۆزلىرىنىمۇ   تۇتىيا   بىلىپ   ياشايدۇ ...

2

تېما

18

دوست

798

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 17:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
brdash يوللىغان ۋاقتى  2016-12-24 03:07
مەن   تەڭرىدىن   باشقا    ھەر قانداق   ئادەمنىڭ   سۆزى  ئۈ ...

نادانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاپ -سۈكۈت قىلىش.
ئاچچىقىڭىز راسا كەلگەندەك قىلىدۇ،راست گەپ بەك ئاچچىق ھە!!!  

0

تېما

3

دوست

388

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 00:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HUXPURAHGUL1 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-24 17:23
نادانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاپ -سۈكۈت قىلىش.
ئا ...

نىمىگە   ئاچچىقىم  كەلگۈدەك ...؟ توردىكى   ئەرزىمەس ، ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ
سۆزىگىما ... ؟   كۈلكىلىك گەپ  قىلدىكەنسىز ...؟ ئالدىنقى ئىنكاسىمنى ھەزىم
قىلىپ   پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )