قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 837|ئىنكاس: 3

نېمە قىلدىم، نېمە قىلغىنىمنى بىلمىدىم (10) ئەدەبىي خاتىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

5

دوست

3549

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 257
تۆھپە : 983
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-21 23:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىشتا دېلىغۇل بولۇپ قالدىم، ئەسلىي مەن ئەدەبىي خاتىرەمنىڭ 9-قىسمىنى يېزىۋاتقاندا غۇلجىدىن بىر يىغىنغا ئۇقتۇرۇش كېلىپ قالدى، يىغىنغا ئەتە ئەمەس شۇ كۈنى كېلىشىم ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. مەن ئۆزىنى ئىز قوغلاپ يېزىۋاتقان بۇرادىرىمنى يوقلاپ ئۇنىڭغا بېرىدىغان لەۋھەنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ ئويلاپ تۇرغان ئىدىم، بەلكىم «ئۇنىڭغا بېرىدىغان نېمە لەۋھە ئۇ؟» دەپ سوراپ قېلىشىڭلار ئېنىق، بۇ ھەقتە مەن ئايرىم توختىلىمەن. گەپكە كەلسەك 9-قىسىمنى يېزىپ بولۇپ تەھرىرلەش باسقۇچىغا كەلگەندە تېزرەك يولغا چىقىشىم ئۇقتۇرۇلدى، مانا شۇ چاغدا مەن بۇ تېمىنى «باغداش» تورىغا يوللىدىممۇ يوق بىلەلمىدىم. دېمەك شۇ قېتىم يازغان مەزمۇنۇم  باغداش تورىدا كۆرۈلمىدى، شۇنىڭ بىلەن كانغا كېلىش جەريانىدىكى تەپسىلات تۈپەيلى بۇ ئەدەبىي خاتىرەمدە باغلاشمىغاندەك، رەت-تەرتىپ بۇزۇلۇپ كەتكەندەك تەسىر مەندە پەيدا بولۇپ قالدى، شۇڭا شۇ قىسىمنى سەل ئۆزگەرتىپ قايتا يېزىشقا توغرا كەلدى،

     مەن بالىدىن چىرايلىق نېمە بار؟ دېدىم. مەن مۇھەببەتتىن كۈچلۈك نېمە بار؟ دېدىم. مەن ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئادەملەرنى، ئىشلارنى سىدام، پەردازدىن خالىي ھالدا ماختاشقا، تەرىپلەشكە تىرىشتىم. سەۋەب مەن ئۆزگىگە قايىل بولۇپ تۇرۇقلۇق، قايىللىقىنى دېيىشتىن ، شۇ ئىنساننىڭ قۇياشتەك چاقناپ باشقىلارغا نۇر بېرىۋاتقان يۈرىكىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، كۆزىنى يۇمۇۋېلىشقا ئۆزىنى مەجبۇرلايدىغان ئادەملەرگە ھەيران قالاتتىم. بىراۋنى يۈرەكنى قاندۇرۇپ تۇرۇپ، ئىككى ئېغىز تەرىپلەشنىڭ ئورنىغا يېغىرىنى ئاچىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ھەممىدىن گۇمان قىلىدىغان، بىراۋنى تەرىپلەشتىن تولا، ئەيىبلەشكە خۇمار قىلىپ قويىدىغان ئىشلاردىن بىزار ئىدىم.

     بۇ خۇشامەت بىلەن جان باق دېگەنلىك ئەمەس. بىر ھېكمەتتە «ئوننى توغرا قىلساڭ بىر ئادەم كۆرىدۇ يا كۆرمەيدۇ، ئەمما بىرنى خاتا قىلساڭ ئون ئادەم قىستىلىشىپ تۇرۇپ كۆرىدۇ» دېيىلگەن ئىش بەزىدە مېنى خىياللارغا تاشلاپ قويىدۇ، بالىمىز ئەنە شۇنداق تەرىپلەش يوق ئائىلىدە چوڭ بولۇپ قالسا دەيدۇ بۇرادىرىم. ئۇ ھېچقانداق نەرسىدىن مىننەتدار بولمايدۇ. ئالدىغا ئات بېشىدەك ئالتۇن قويۇپ قويساڭمۇ ئۇ سېنىڭ ئەقىدەڭدىن تەسىرلىنىشتە يوق، ئۆزىنىڭ بايلىققا ئېرىشكىنىدىن بېشى كۆككە يېتىدۇ. دەيتتى. توغرا بىزدە كۆرۈشنى بىلىدىغان كۆز. تەرىپلەشنى بىلىدىغان تىل، قىلىشنى بىلىدىغان ۋۇجۇد بولسىكەن دېمەكچىمەنغۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئادەم خۇشاللىقنىڭ دەرياسىغا چۆمىلەلەيدىكەن. شادلىقنىڭ نۇرىدا چاقنىيالايدىكەن. مەن تاپقان خۇشاللىقمۇ ئەنە شۇ رېتسىپتىن كەلمەكتە ئىدى.

     مەن شۇ كۈنى كېپەكيۈزىدە بۇرادىرىمدىن ئايرىلىپ، غۇلجىغا كېلىۋالغان ئىدىم. ئەتىكى لېكسىيە ۋە دەرس ئۈچۈن مەن چوقۇم ئۈلگۈرمىسەم بولمايتتى. بۇرادىرىمنى بۇ ئىشتا يەنە ماشىنىسىنى ئاۋارە قىلىشنى، ئۇ بىللە ئېلىپ چىقىدىغان ئادەملەرگە قولايسىزلىق ئەكېلىپ قويۇشنى توغرا كۆرمىدىم. ئۆزۈمگە «سەۋەب قىل، تەلەپ قىل» دېگەن خىتابنى جاكارلىدىم. ماڭا ئەتە سەھەردە كانغا بارىدىغان كىرا ماشىنىسىنىڭ ئۇچۇرى بولسا بولاتتى. قاينۇقتىكى تونۇشۇمغا تېلېفون قىلدىم، ھايالشىمايلا بۇ ئاغىنەم ماڭا ئۇچۇر يوللاپ، «مۇشۇ نومۇرغا تېلېفون قىلساڭ، سەن نەگە دېسەڭ يەتكۈزۈپ قويىدۇ» دېدى. مانا قاراڭ مەندە ھوقۇق يوق ئىدى، مەندە «ئۇستاز»دېگەن بۇ بۈيىك نامدىن باشقا ئىمتىيازمۇ يوق ئىدى. مەن مۇشۇنداق ياخشىلىقلارغا يولۇققىنىمدا ھەم بىراۋغا مۇشۇنداق ياخشىلىقلارنى قىلالىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ ئېسىللىكىنى ھېس قىلىمەن. مەن ئۇچۇردىكى نومۇرغا تېلېفون قىلدىم.تېلېفون ئۇلاندى. مەقسىتىم يەتكۈزىلىشىگىلا قارشى تەرەپ، «ئاكا بىزنىڭ ئۆيدە قونامسىز، ئالدىڭىزغا بارسام، ئەگەر توغرا كەلمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز ئەتە سەھەر سائەت ئالتە يېرىملار بىلەن كونا كۆۋرۈك يېنىدىكى قىزىل چىراغتا ساقلاپ تۇرالىسىڭىز ئېلىۋالسام» دېدى. مانا بۇ مەن تونۇمايدىغان بىرىنىڭ جاۋابى ۋە مەسلىھەتى ئىدى. سىز تەقەززا بولۇپ تۇرغاندا بىراۋدىن ئاشۇنداق تاتلىق سۆزنى ئاڭلىسىڭىز يۈرىكىڭىز تىترىمەمدۇ؟قېرىنشىم، بىز شۇنداق گەپنى قىلالايمىزمۇ دەپ سوراپ باقالامدۇق قېرىندىشىم.

     سەھەر مەن يۈگۈرمىدىم. ماڭدىم، مەن قونالغۇ قىلغان ئۆي بىلەن كونا كۆۋرۈك ئارىلىقى بەش كىلومېتىرلىق يول ئىدى. سەھەردە پۇل تېپىۋېلىش ئۈچۈن چىققان تاكسىلار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. غۇلجىنىڭ چىرايلىق كوچىلىرىغا ھەممە نەرسە ياراشقاندەك كۆرۈنەتتى. مەن تاكسىغىمۇ چۈشمىدىم، ماڭغۇم كەلدى، گۈس-گۈس دەسسەپ، بۇ يوللار ئاجايىپ يوللاردە، مەن سەھەردە ئاجايىپ ھېسلار قوينىدا كونا كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ قانداقلارچە قىزىل چىراغ يانغان جايغا كېلىپ قالغىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن، سائەتكە قارىدىم نەق ئالتە يېرىم بوپتۇ، ئەتراپقا قارىدىم. بىر يىگىت ماشىنىسىنى يېنىمغا توختىتىپلا ماشىنا ئىشىكىنى تەۋەززۇ بىلەن ئاچتى. قاراڭ ئىككىمىز تەڭلا كەپتۇق. بۇ بىزگە لەۋزى ھالاللىقنى، ۋەدىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاجايىپ سېھىرلىك تۇيغۇدا كۆرسەتكەن ئىدى. مەن ماشىنىغا چىققىنىمدا بۇ يىگىت بىلەن بۇرۇندىنلا تونۇشتەك بىلىنىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە مەن بۇ يىگىتنى كۆرۈپ باقمىغان. يولدا يەڭگىل تەۋرىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئاغىنەمنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئالدىمغا چىققان بۇ يىگىتكە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىدىم. بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى مەن بۇ يىگىتنىڭ ئەتىگەندىكى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كېچىپ ماڭا قىلغان بۇ راپاۋىتى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە ئىدى.

     ماشىنا دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختىغاندا. يانچۇققا قول ئۇزاتتىم. يىگىت قولۇمدىكى قىزىل قەغەزگە قاراپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ قارىشىدىن ھېچنېمىنى چۈشەنمەي يەنە يانچۇققا قول ئۇزاتتىم. «توختاڭ، دېدى يىگىت. بىز نۇرغۇن ئىشلارنى پۇلغا باغلىۋېلىپ، نۇرغۇن ئىزگۈلۈكلەردىن قۇرۇق قالماقتىمىز. ياشتا چوڭ تۇرۇپ، كۆمىلىپ قالغان گۆھەرنى قېزىۋېتىپسىز، ياشتا چوڭ بىر ئادەمنىڭ مانا مۇشۇ يولدا باسقان قەدىمىنى پۇلغا سۇندۇرساق بولارمۇ ئاكا. مەن سىزگە ئەنە شۇ پۇرسەت ئۈچۈن ياردەم قىلالىغىنىمدىن خۇشال بولىۋاتسام، بۇنىمۇ پۇل بىلەن تارتىۋالسىڭىز بولماس» يىگىت پەقەت شۇنىلا دېدى. ئۇ شۇ سەھەر توقسەن كىلومېتىر يول باسىدۇ، ئۇ شۇ سەھەر ماشىنىسىغا ماي كۆيدۈرىدۇ، ئۇ شۇ سەھەر مېنى مەنزىلىمگە يەتكۈزۈپ قويدى، مەن ئۇنىڭ ئۇزاقلاپ كېتىۋاتقان ماشىنىسىغا قاراپ قالدىم، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز، ئەجەب مېھىرلىك ھە؟! بىزنىڭ ئادەملىرىمىز نېمە دېگەن قەدىرلىك ھە؟! مەن شۇ گەپنىلا پىچىرلىدىم ۋە كان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئالدىم، قېرىنداشلىرىم ئەمدى 9-قىسىم بىلەن 10-قىسىمنىڭ تەرتىپىنى ئۆزۈڭلار باغلاشتۇرۇپ بىرنېمە قىلارسىلەر، مەقسەت سان-سېفىردە ئەمەس. ئاشۇ يىگىت، مەن. بۇرادىرىم ۋە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىدە.
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 15:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا چەكتىڭىز قېرىندىشىم، ھازىرچە ئ‍الدىراشچىلىقتا تولۇق ئ‍وقۇپ بولالمىدىم، قولۇمنى بىكار قىلىپ چوقۇم ئ‍وقۇيمەن، ھازىرچە رەھمەت دىگەچ تۇراي، ھارمىغايسىز…

0

تېما

3

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 01:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2016-12-22 15:40
كۆپ جاپا چەكتىڭىز قېرىندىشىم، ھازىرچە ئ‍الدىراشچىلىق ...

سىز   مىسرانىمدىكى    ھېلقى   مۇنبەرداش   شۇما  ...؟

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 08:49:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
brdash يوللىغان ۋاقتى  2016-12-23 01:20
سىز   مىسرانىمدىكى    ھېلقى   مۇنبەرداش   شۇما  ...؟

قايسى تورداشنى  دەيسىز؟
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )