قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1814|ئىنكاس: 11

بۇغىنىڭ ھالقىپ ئۆتۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

4068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 19:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تور باشقۇرغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار يېڭى يىل كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە چوڭقۇر مېھىرلىك سالام يوللايمەن. ھارمىغايسىلە جاپا چەكتىڭلار! تۆۋەندە يوللىماقچى بولغان تېمام بىر ۋىدويىنى كۆرگەندىن كېيىن ئالغان تەسىراتىم. ھەم شۇنىڭدىكى بىر قىسىم ۋەقەلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئۆتىمەن.

     بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى بىر جىلغىدا يۈز بەرگەن بولۇپ مېنى ھەم بىر قىسىم (ۋىدويىنى كۆرگەن) ئوقۇغۇچىلىرىمنى تارام-تارام ياش ئاققۇزۇشقا سەۋەب بولدى. ۋەقەنىڭ ئاساسى ئەھۋالى: نەق 12 نەپەر ئوۋچى ئۆو ئاتلىرىغا مىنىپ، بۆرە ئوۋ ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوۋغا چىقىدىكەن، ئۇلار بىر بۆك-باراقسان ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا، بىر توپ بۇغا ئۇلاردىن بىرە يۈز مېتىر يىراقلىقتا ئەركىن، شاش ھالدا ئوتلاۋاتقىنى، ئوۋچىلار باشلىقى بىلىندۈرمەي، ئۇلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى تىرىك تۇتماققا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەچ يېقىنلىشىدىكەن، بىرئاز يېقىنلاشقاندىن كېيىن سەركە بۇغا كۆزىنى ئەتراپقا تىكىپ، ئۆز ھەمراھلىرىغا شۈركىنىش ئىچىدە مى دېگەن پېتى ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدىكەن، ئوۋچىلارمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ئوۋ ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قوغلايدىكەن، بىر مەھەل قوغلىغاندىن كېيىن ھېلىقى بۇغىلا، ئىككى تەرىپى ئۈزۈك بولغان بىر ساسلىققا كېلىپ توختايدىكەن، ئارقىدىن بۇ  پىشقان ئوۋچىلار ئوۋ ئىتلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېلىقى جىلغا بويىغا قىستاپ كېلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئوۋچىلارنىڭ باشلىقى، قالغان ھەمراھلىرىغا ۋە ئوۋ ئىتلىرىغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا: تىرىك تۇتىمىز دەپتۇ، شۇ ئارىدا ھېلىقى بۇغىلارنىڭ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى مانا مەن دەپ مەلۇم بولۇپ تۇراتتى، بۇ ساسلىق ئىككى تەرىپى ئۈزۈك بولۇپ، قارشى قىرغاق بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 6 مېتىر، ساسلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 100 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يان تەرىپى بولسا تىكرەك تاغ، بۇغىلارنىڭ سەركىسى (باشلىقى) ئۇ تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن ھەمراھلىرىغا مەيۈس بىر قاراپ قويۇپ، ئارقىغا بىرقانچە مېتىر داجىغاندىن كېيىن، تىرېنېر كوماندا بەرگەندەكلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن (يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىنى باشلىۋەتتى) ئالغا سەكرەيدىكەن ئەپسۇس، ئارىلىق كەڭرى بولغاچقا سەركە بۇغا ئۇ قاتقا ئۆتەلمەي ھاياتىنى بىر قېتىملىق سىناق قىلىپ بېرىدىكەن، شۇ ئەسنادا ئىككىنچى سەركە بۇغا مى دېيىشگىلا ھەممىسى بىر چوڭ، بىر كىچىك بولۇپ سەپراس تۇرىدىكەن، ھېلىقى ئىككىنچى سەركە بۇغا ئۆزىنى ئالدىغا ئېتىشىغا ئارقىدىكىمۇ تاپ بېسىپ، ئۇنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئۇ قاتقا ئۆتىدىكەن بۇ ئارقىمۇ-ئارقا، ھايات-ماماتلىق مەنزىرىدىن ئوۋچىلار ۋە ئوۋ ئىتلىرى ئاغزىنى ئېچىپ قاراپلا قالىدىكەن.

     دېمەك بۇ ياشتا چوڭ بۇغىلارنىڭ، كىيىنكى ئەۋلادلىرىغا يول ئېچىپ بەرگەن كۆرۈنۈشى. (ياشلىرى ھەممىسى دېگەندەك قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ ھاياتنى داۋام ئېتىدىكەن) بىز ئىنسانلار ئەنە شۇ بۇغىلاردەك قىلالىدىقمۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئىككىلەنمەي "ياق" دەپ جاۋاب بېرەلەيمەن. ئىنسان بىرە يۈز يىل ياشىغانلىقى بىلەن بۈيۈك ئەمەس. بەلكى، ئۆز ۋەتىنى، ئۆز خەلقى، ئۆز قەۋىم-قېرىنداشلىرىغا قانچىلىك مېھرىبانلىق، قانچىلىك ئادىمىيلىك قىلالىغىنى بىلەن بۈيۈكتۇر.

     توغرا، جەمئىيىتىمىزدە خېلى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز مېھرىبانلىقىنى، ئاجىز، يېتىم يېسىرلارغا، قېرىنداشلىرىغا بېغىشلاۋاتىدۇ. بۇلارنى ھەرقايسى ئاخبارات ساھەلىرى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، ھەم جەمئىيىتىمىزگە ناھايىتى ياخشى بولغان ئابىدىلەرنى تىكلەپ بەردى. شەخسەن مەن ئۇلاردىن چەكسىز سۆيۈندۈم ھەم پەخىرلەندىم، لېكىن مەن جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار بولغان، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنلىك، بىر-بىرىگە قىلتاق قۇرۇش، كۆرەلمەسلىك، چېقىمچىلىق، ھەسەت، سۈخەنچىلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى كۆرگىنىمدە، ئىچىم قاتتىق ھەسرەتكە تولۇپ، بىزدە نېمىشقا بۇغىلاردەك، ھەسەل ھەرىلەردەك روھ يوق دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاب قىلىمەن. بىز بىراۋغا ياخشىلىق قىلساق ئۇنىڭدىن ماڭا يانسۇن دەپ قىلمايمىز. بىز ئالەمنىڭ مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇنىڭغا بىز بىر ئاڭلىق، تەپەككۇر، قىلالايدىغان ئىنسان بولۇشىمىز سۈپىتىمىز بىلەن "بۇغا،ھەسەل-ھەرىسىنىڭ " روھىدىن بىرئاز ئىلھام ئالساق ۋۇجۇدىمىز تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن 2017-يىلىغا قەدەم قويغان بولاتتى دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ئېيىق ئادەم بولمايدۇ يۈز يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ،

يەرگە پاتماس شوينىنى بازغا بىلەن قاقساڭمۇ.

ئىچىڭ قار بولسا گەر ،ئاقارمايسەن   ئۆلگىچە،

ناشتىلقتا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ.


     باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەھرىرلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت ! ئەسكەرتىش: ئاخىرىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى "بىز" دەپ ئالدىم توغرا قارىشىڭلارنى سورايمەن!
bagdax

2

تېما

2

دوست

4068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 19:43:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئادەتتە مۇشۇنداق كاللىسىنى ئاچىدىغان ۋىدىيولارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ، تەربىيىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمەن.

2

تېما

2

دوست

4068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-22 19:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xikayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-23 18:22  

مەن بىر ھەۋەسكار بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ،ئالدىنقى قېتىملىق يازمامنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى  بىلەن بۇ قېتىمقى يازمامنىڭ ئوتتۇرسىدا ىېلى زور پەرقلەرنىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم ،يەنە ھازىقىدەك ئالدىراش ۋاقىتنىڭ ئىچىدە باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ يازمامنى كۆرۈپ چىقىپ ،بولمىغان يەرلىرىنى تۈزىتىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلاتتىم . رەخمەت !

2

تېما

2

دوست

4068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 18:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە باقساڭمۇ ئىشەك ئات بولماس ،
بەيگىدە چاپتۇرساڭ كۆڭۈل شاد بولماس .
خوش-خوش دەپ بېشىدا كۆتەرگەنلەردە،
سەن ئىشەنچ قىلغاندەك ئېتىقاد بولماس.
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 13:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2017چى  يىلىغا تەييارلىقسىزلا  ھاڭۋېقىپ  كىرىپ قالمايلى دوستلار…

1

تېما

14

دوست

5193

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1592
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 14:54:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىمنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بولمامتى؟

2

تېما

18

دوست

768

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 18:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىدىيەنى ئويغاتقۇدەك تىمىلار كۆپرەك يوللانسىكەن،  بەرىكەت تېپىڭ.
دىمەك:
بىرلىك بۇزۇلماس قورغان.
بىرلەشكەن ئۇزار.
...........................

1

تېما

6

دوست

3806

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1170
توردىكى ۋاقتى: 206
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 20:38:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ بۇغىلارنى سازلىقنىڭ قىشىغا ئەكىلىپ قويغان ،قەھرىمان ئىنسانلارچۇ قانداق قىلىپتۇ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )