قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1766|ئىنكاس: 32

ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلىرى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

13

دوست

5016

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47659
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1501
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 03:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھى دۇنيارىمىزنىڭ زاۋاللىق يولى: ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلىرى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

     يەنە بىر داڭلىق تارىخ ئالىمىمىز بىزدىن ئايرىلدى . . .

     بۇ مەشھۇر ئالىمنى  نېمە ئۈچۈن بىز ياشلار بىلمەيمىز؟

     «شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر سانىدا مۇنداق ماقالە بولىدىغان: ئوقۇغۇچىلار پەقەت چولپانلارنىڭ  ئىسمىنىلا بىلىدۇ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلارنىڭ، ھازىرقى زامان ئالىم-تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسمىنى ئەسلىي بىلمەيدۇ. ھەم بۇ ھادىسە تەنقىد قىلىنىدۇ.

     بۈگۈنگە كەلگەندە شۇنداق ھادىسىلەر ئۆزگەرمىدى، ئەجەبا يەنە ماقالىلەر يېزىلىپ تەنقىدلەنسىمۇ؟ ياكى ئەخلاق تەرغىب قىلىدىغان ئەخلاقنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان، ئىلغار مەدەنىيەتنى يۈزەكى چۈشنۈپ ، تەبىقە، كېلىپ-چىقىشىنى ئەلا بىلىدىغان بەزى يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش تەنقىد ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ئۇقۇۋرىمىزمۇ؟ تەنقىدى ئەدەبىيات راسىتىنلا تەنقىد قىلغان ھادىسىلەرنى ئۆزگەرلىدىمۇ؟ جەمئىيەتنى ھالقىلىق تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرسى  ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ،ھەرگىزمۇ ھېسسىي تەپەككۇرنى ئاساس قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئەمەس.

     ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلىرى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ؟ ياكى ئىجتىمائىي پەنلەر بىز  ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ ؟ بۇ دەل بىزنىڭ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىمىز.

     ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىغۇ دېمەيلى ھەتتا  ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلەر سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشمۇ  بىر مەسىلە. كۆپىنچە كىشىلەر  ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇ كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەسلا كەسپىنى ياخشى ئۆگەنمەيدۇ ياكى  ئىلىم مەسئۇلىيىتىنى بىلمەيدۇ ياكى ئىلىمنى مەنپەئەت-شۆھرەت ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ. تەبىئىي پەنلەر ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ،غەمخورلۇق قىلىشنى ئۇنتۇيدۇ.

     ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغىنى نېمە ؟ كىم بىلەن مۇھەببەتلىشىش؟ قانداق قىلىپ قىزلارنى كارىۋاتقا چىقىرىش؟ سودىغا دۈم چۈشۈش، ماددىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىش. خىزمەت تېپىش، ئەڭ مۇھىم مەسىلە.قالغان ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ باھاسىنى جاكارلاپ، ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، قىممىتىنى، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

     كىشىلەرنىڭ ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلەرگە كۆڭۈل بولۇپ بولالمايدىغانلىقىنى توغرا چۈشەندۇق،ئەمما بۇ بىزنىڭ ئىلىم-پەننى ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئىجتىمائىي ئىشلارغا، تۇرمۇشقا ئىلمىيسىز قارايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىزگە باھانە بولالمايدۇ. ئىلىم-پەنگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئالىم-تەتقىقاتچى، پىروفېسسور، زىيالىيلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان جەمئىيەت بىر ساغلام جەمئىيەت ئەمەس. يۇقىرى مائاشتىن، راھەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئىلىمگە ئۆزنى ئاتىغان، مەدەنىيەت،جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنمسىز تىرشىۋاتقان كىشىلەر كۈلكىلىكمۇ ؟

     جەمئىيىتىمىز دوختۇرلۇقىنى تاشلاپ كىشىلەر روھنى داۋالاش ئۈچۈن ئەدىب بولغان لۇشۈنغا ئامراق،«روھى دۇنيا»-«خىيال» ئىچىدىكى ئەدىب-شائىرلار ئېسىل بىلىپ، ئىلاھلىق ئورنىغا چىقىرىلدى،لېكىن لۇشۈندەك بىر ئەدىب چىقىپ باقتىمۇ؟

     ئاخىرىدا جەمئىيىتىمىزدە «پەلسەپە دېگەن نېمە؟»«پەيلاسوپ قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمەسلىك پاجىئەسى يۈز بەردى. باشقا جەمئىيەتلەر ئەللىك، يىگىرمە يىل بۇرۇنلا ئويناپ تاشلىۋىتلگەن پىسخىك ھەۋەس دىسكىلىرى 200يۈەندىن سېتىلدى.مانا بۇ كۈلكىلىك ئىش.

     ئىلىم-پەننى بىلمىسەك ئۆگەنسەك بولىدۇ، ئەمما ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلەرنى ھۆرمەتلىمەي، قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇپ،خىيالمىزدا ياشىساق، روھى دۇنيارىمىز زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

     (بۇلتۇر يوللانغان دوستلار چەمبىرىكىمدىكى ئوبزوردىن كېڭەيتىلىپ يېزىلدى)
bagdax

1

تېما

14

دوست

5193

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1592
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 14:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجتىمائى پەن ئىلىمگەرلىرىلا ئەمەس تەبئى پەن ئىلىمگەرلىرىنىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ناخشىكەشچىلىك بىلمەيدۇ ۋە كۆرمەيدۇ.
بۇنى تاراتقۇدىن ئايرىپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ.
تىلىۋىزىيە رادىيو گىزىتلەردە ناخشا ئۇسۇل نىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى  ئىلىم پەنگە ئايىت ئۇچۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ ھەسسىسىدىنمۇ ئاشىدۇ.

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 30589
توردىكى ۋاقتى: 10467
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 15:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆرۆرى تېما،ئورۇنلۇق  تەشەببۇسلار.

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3856
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 16:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئادىمىيەت-ئىجتىمائىي پەنلىرى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izbasar375 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-24 17:32  
Sayaq يوللىغان ۋاقتى  2016-12-24 14:51
ئىجتىمائى پەن ئىلىمگەرلىرىلا ئەمەس تەبئى پەن ئىلىمگەر ...

توغرا ئېيتىسىز ، ھازىر ھەر خىل سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سىرتىدا يەنە تېلىۋىزور ياكى رادىئودا ھەممە ئېلان تەشۋىقاتنىمۇ شۇلار قىلىدىغان بولغاندىكىن كۆزىمىز بىرىنچى بولۇپ شۇلارنى كۆرىدۇ
bagdax

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3856
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 16:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
内容بۈگۈن تۇنجى قېتىم تىلىفۇندا ئىنكاس يېزىشىم ، بەك قىينالدىم بىر قانچە جۈملە خەتنى يېزىپ بولالماي

2

تېما

18

دوست

768

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 18:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلا بىزنىڭ يېنىمىزدىلا،بىزپەقەت بۇلارنىڭ قەدرىنى قىلمايمىزھەم قىلمىدۇق،خۇددى چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولغىنىدەك.

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

23

تېما

10

دوست

4081

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-5

پەخىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 21:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozkurt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-24 22:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداش ،سىز ئاۋۇ تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار.بارات.ئۆزباش شۇمۇ؟يېزىش ئۇسۇلىڭىز،ئنتوناتسىيە،ۋەزىن،پۇراق،سۆز ئىشلىتىشىڭىز .....ئالامەت ئوخشاپ تۇرىدۇ؟Adam-zئەپەندى!

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3024
توردىكى ۋاقتى: 774
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 23:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )