قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 2

ھۈكەر: ئىككى غەزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

دوست

1788

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 109
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 17:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلتىجا

شىرزات ئادىلجان ئۈكەر


قۇي جېنىم كۆكسۈمگە چاي بىر ۋىسالنى تولدۇرۇپ،
ئاھ! ئىچەي جىمجىتقىنە بۇ يۈرەكنى قاندۇرۇپ.


لەۋلىرىم چاك-چاك بىلەن كەتسۇن مۇھەببەت بابىدا
كۆزلىرىڭ دەشتىسىدە قويما كۆزۈمنى چاندۇرۇپ.


جان تەلەپ قىلما پەقەت، بۇ جان سېنىڭكى دىلبىرىم،
نازلىنىپ جان ئۈستىگە قوي گۈلۈڭنى قىستۇرۇپ.


مەسىت ئەمەس دەلدەڭشىدىم، كور ئىكەنغۇ بۇ يۈرەك،
يار ئازابلىق قايغۇنى كەت تېنىمدىن سالدۇرۇپ.


كۈندۈزى كۆرمەي سېنى كۆزگە ھەققىم يەتمىدى،
قاپقارا دىل ئۈستىگە بەر چىراغنى ياندۇرۇپ.


شاھ ئەمەس مىسكىن دىلىم مەن قەلەندەر سەن ئۈچۈن،
قويمىغىن كەلسەم يېتىپ بوسۇغاڭدا قالدۇرۇپ.


ئالمىساڭ قوينىڭغا بىر، بەرمىسەڭ سۆيگۈمگە دىل،
ئات مېنى كۆكتىن ئېگىز، كەتسۇن جامالىم ئۇنتۇلۇپ.

2016-يىل 22- دېكابىر، خوتەن لوپ


چۆچەكتىكى قىز

شىرزات ئادىلجان ھۈكەر


سامانىڭ چۆچىكىدۇرسەن لېۋڭدە ئۇخلىدى مىسران،
قاناتلىق دۇلدۇلۇم كىشنەپ كۆزۈڭدىن سورىدى ئېھسان.


يۈزۈڭدىن ئايلىناي بىر پەس تىنىڭدىن ئايلىناي ئوخشاش،
كوھىقاپتىن ئېغىز ئاچساڭ سۈرىڭدىن تىترىدى ئاسمان.


دىۋە سۈرلۈك غەزەبلىكسەن، گۈزەل باغنى بېسىپ ياتساڭ،
ئاشۇ باغدا ئۆزۈڭ خانىش، ئۆزۈڭ گۈلسەن، ئۆزۈڭ رەيھان.


چېپىلماس زۇلپىقاردا تاغ سېنىڭ ھۆكۈمىڭ ئارا ئازماي،
ئۆچەر سەنسىز يەنە شۇنداق ئىلاجسىزدىن قىزىق ۋولقان.


يىقىلماي ئاتلىدىم دەريا سىنى ئوكياننى تۇتسۇن دەپ،
ۋىسال تەماسىدا مىڭ ئەر، سەۋەبكار! پۇتلىرىم چاققان.


قىرىق كۈندۈز قىرىق تۈننى ياياق يۈردۈم، يامان يۈردۈم،
لېۋىڭدىن قۇي قېنىق بىر چاي ئۆچۈپ كەتسۇن قارا ھىجران.


يېقىلدىم يەتتە كۈنلۈك ئاھ! لېۋىمگە سۆي كېلىپ دىلبەر،
تامام ئوتلۇق سۆيۈشلەردىن تىرىلسۇن باشقىدىن ئارمان.


2016.12.23    خوتەن لوپ
bagdax

29

تېما

2

دوست

2417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63451
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 764
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 14:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەرنى يەنە بىر پىششىقلاپ ئ‍ىشلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن

2

تېما

17

دوست

597

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85519
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 18:11:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ھۈكەر: ئىككى غەزەل

بۇغەزەللىرىڭىز يېقىشلىق چىقىپتۇياقتۇردۇم،سىزگە تۈۋەنچىلىك بىلەن تەكلىپ بەرسەم:
1- بەزى يەرلەردە تاۋۇشلار،بەزى يەرلەردە تىنىش بەلگىللىرى چالا قاپتۇ.
2-تۈۋەندىكى مىسرالار  بىر - بىرىگە زىتمۇ قانداق؟
دىۋە سۈرلۈك غەزەپلىكسەن گۈزەل باغنى بېسىپ ياتساڭ،
ئاشۇ باغدا ئۈزۈڭ خانىش،ئۈزۈڭ گۈلسەن ،ئۈزۈڭ رەيھان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )