قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 7

نېمە قىلدىم، نېمە قىلغىنىمنى بىلمىدىم (11) ئەدەبىي خاتىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

5

دوست

3537

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 257
تۆھپە : 979
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-23 22:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن، ماخاتما مۇخانداس كارامچاند گەندىنىڭ «مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم» ناملىق تەرجىمىھال كىتابىدىن، «ئادەم ئىدىيەنىڭ مەھسۇلى، نىيىتىڭ قانداق بولسا شۇنداق ئادەم بولىسەن»، «ھەمىشە، ئوي-پىكرىڭ ۋە ئىش ھەرىكىتىڭنىڭ بىردەكلىكىنى كۆزلە، ھەمىشە، ئوي-پىكرىڭنى پاكلاشتۇرۇشنى ئويلا، ئىشلىرىڭ شۇ چاغدىلا بەرىكەت تاپىدۇ» دېگەن بۇ مەشھۇر سۆزلىرىنى، ئىختىيارسىز يالقۇن تۇردى ئىسىملىك بۇ دوستۇمغا تەنبىقلىگىم كېلىپ قالدى. ئۇ ئەللىككە تاقاشقاندا ئالدىراپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. دېمىسىمۇ ئادەم ئەللىككە تاقاشقاندا كېيىنكى يېشىنىڭ قىسقىلىقىنى چۈشىنىدۇ، ياشلار ئۆمۈرنىڭ بۇ نۇقتىلىرىغا ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمەيدۇ. سەۋەبى ئۇلارغا ئۆمۈر تۈگىمەيدىغان كاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار تېخى ئەللىك ياشنى كۆرمىگەچكە، قالغان ئۆمرى ئۇزاقتەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ تېزلا ئەللىككە يېتىشىۋالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارمۇ ئىختىيارسىز مەن نېمە قىلدىم، نېمە قىلغىنىمنى بىلمىدىم دېگەن خىياللارغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بەنت بولىدۇ. خوش يالقۇن تۇردى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ساۋاتىنى ئىككى ئايدا چىقىرىۋېتىدىغان بۇ چارىنى بۇنىڭدىن ئون ئالتە يىل ئىلگىرى تېپىپ چىققان. بۇ چاغلار ئۇنىڭ جۇشقۇن چاغلىرى ئىدى (ھازىرمۇ شۇنداقتەك تەسىر بەردى ماڭا)، بىراق ئۇ مىڭبىر جاپادا يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىسىنى بىرى يوقاتتى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ئالىي ئۇنۋاننىڭ دەستىكى قىلىۋالدى، بىراق بۇ تەجرىبە شۇ بويىچە كېڭەيمىدى.

     ياكى يولغا قويۇلمىدى، ھالبۇكى يالقۇن تۇردى ساق ئون بەش يىل بۇ ئىشتىن ئۆكۈندى، ئازابلاندى. بىراق ئۇ بۇ جەرياندا باشقىلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارىمىدى، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئويى بىلەن ھەرىكىتىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىپ ساپ ياشىدى. ھەمىشە ئۆزىدىكى نەپرەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىدىيەلەرنى قوغلاپ تۇردى، مانا شۇ تۈپەيلى ئون ئالتە يىلدىن كېيىن يەنە ئۆزىنى تېپىۋالدى، ئەسلى بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئانا تىلدا ساۋاتى يوق ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ئۇنىڭ ئەنە شۇ ئون ئالتە يىل ئىلگىرىكى تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بىر خالىس تۆھپىسىنى بېغىشلاشنى ئويلىدى، بولمىسا «تۇردى فورمۇلا » دېسە، ئۇ ياشاۋاتقان تۆڭگىرەكتە ئۇنىڭ دادىسىنى تونۇمايدىغان ئادەم يوق. ئەنە شۇنداق ماتېماتىكىدا فورمۇلا ئىجاد قىلغان رەھمەتلىكنىڭ ئوغلى بولغان يالقۇندىمۇ، ئاشۇ دادىنىڭ قېنى، ئاشۇ دادىنىڭ ئەقلىي بار ئىدى، بىراق، ئۇ دەرس ئۆتكەندە، مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى ئوقۇيالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ، ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇنداق قىلىپ قويغان بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇنىڭ ئىچى پۇشتى. ئىچى ئېچىشتى،«بالىدا نېمە گۇناھ؟»دەيسىز.ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندە نەچچە كويغا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئويلىدى، شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلدىممۇ؟ دەپ ئۆزىگە سوئال قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماتېماتىكا ئۆتۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئانا تىل دەرسى ئۆتۈشنى تاللىۋالدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۇخلىمىدى، ئۇ ئىزدەندى، ئۇ ئىدىيەسىنى تاۋلىدى، شۇنداق ئۇ بالىغا مېھىر بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇ ئىزدەنسە ئىشلاردا بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى. بىز كۆپ ھاللاردا بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىمىز، بىراق بۇ ھاياجانلىنىشنىڭ خۇددى قۇرۇپ كەتكەن ساماندەك گۈررىدە ئوت ئېلىپ، ئاخىرىدا ھېچقانداق ئىسسىقى قالمايدىغان تەپتى يوق ئوتقا ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا ئۈندىدارلاردىكى «يىغلىمىسىڭىز ھېساب ئەمەس، كۈلمىسىڭىز ھېساب ئەمەس» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالىمەن. يىغلايمىز يۇ قىلمايمىز، كۈلىمىز يۇ باشقىلارنى كۈلدۈرەلمەيمىز. ئەمما يالقۇندا ئۈندىدار يوق، يالقۇندا دەپدەپە يوق، ئۇنىڭ «دەيدۇ قىلىدۇ» دېگەن بۇ مەنتىقىگە چۈشىدىغان بۇ ئىشى مېنى تولا قايىل قىلىدۇ.

     مەن ئىلگىرى دەيتتىم، دېگەندىمۇ ئېزىپ ئىچۈرۈپ دەيتتىم، ئەمما دېگىنىمنى قىلىپ باقايچۇ دېگەننى ئويلاپ قويمايتىم. مانا يالقۇننىڭ بۇ قېتىمقى ئىش-ئىزلىرىنى يېزىۋاتقىنىمدا مەنمۇ دېگەننى، ئاڭلىغاننى قىلىپ باقايچۇ، قىلالمىغان ھالەتتىمۇ دوراپ باقايچۇ دېگەن ئىدىيەگە كېلىپ قىلىپ بېقىپتىكەنمەن، دوراپ بېقىپتىكەنمەن، بۇنىڭ ماڭا قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ كەلگەن بەرىكىتىدىن ئاجايىپ تاتلىق تۇيغۇلارغا كەلگىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئەسلى مەنمۇ گۆھەرگە تېگىشكۈسىز ئەركەنمەن ئەمەسمۇ؟ مەن يالقۇندىن يۇقىۋاتقان ئەنە شۇ تەسىرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاشۇ ئويناقشىپ تۇرغان تايچاقلاردەك سەبىلىرىمگە باشقىچە نەزەردە قاراشنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن ئەپۇنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم، ئەسلىدە ئاجىزلار ئەپۇنى بىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟ قېرىندىشىم، ئەپۇچانلىق كۈچلۈكلەرگە تەئەللۇق ئەنگۈشتەر ئىكەن ئەسلىدە، سىز بىزمۇ شۇنداق بولساق قولىمىزدىن كېلىدىكەنغۇ بۇرادىرىم، قېرىندىشىم. كىچىككىنە ئەمەلىي تەجرىبىمۇ بىھىساپ مەدداھلىقتىن ياخشىكەن ئەمەسمۇ، شۇڭا مەن ئىلگىرىكى مەدداھلىقىمنىڭ ئورنىغا مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشنى توغرا تاپتىم.

     مەن يالقۇننى يۇرتۇمغا ئەكېلىشنى توغرا كۆردۈم، بىر ياخشى يېرى ئۇ دەرىسىگىمۇ، لېكسىيەسىگىمۇ پۇل ئالمايتتى. ھەيدىگەن ماشىنىسىغا ماي قۇيۇپ بېرىشنىمۇ خالىمايتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى بىزگە ۋە ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىگە ماس كەلمەيتتى. بىراق ئۇ ئەنئەنىنى قوغداۋاتاتتى، ئۇ «ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ بىلمىسۇن» دېگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسۈتىۋاتاتتى.،بىز ھەممىنى پۇلغا باغلىۋېلىپ قانداق بىر ئەخلاقىي چىركىنلىككە يول قويۇۋاتقانلىقىمىزدىن ئۆكىنەتتى، ئۇنىڭغا پۇل لازىم ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ شۇ يىراق يوللارغا مېڭىۋاتقان ماشىنىسى تۇرۇبىدىكى سۇ بىلەن ماڭمايدىغۇ؟ ماي ئىچمەمدۇ؟ئۇنىڭغا پۇل لازىم، ئۇنىڭ ئائىلىسى بار، ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسى بار، ئۇنىڭمۇ پېشانىسىدىن سىمابتەك تەر ئاققۇزماي بەگدەك ياشىغۇسى بار، بىراق ئۇنىڭ تەبىئىتى بۇنى خالىمىغان گەپ، ئۇنىڭ يۈرىكىدە  قانائەتتىن ئۇلۇغ بەخىتنىڭ يوقلىقىنى بىلىدىغان تىۋىش بار. ۋاھالەنكى، بۇنى چۈشىنىدىغانلار ئاز.نامى چىقىپ قالغان زىيالىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئاز، دەبدەبىلىك لېكسىيىلىرىگە ھەق ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يالقۇننى مازاق قىلىدىغانلار كۆپ.  

     بىراق ئۇنىڭ يۈرىكىنى چۈشىنىشكە ۋاقىت ئاجرىتىدىغانلار يوق دېيەرلىك، مەنمۇ شۇ قۇتۇپتا بولغاچقا، يالقۇننى بىرى ساۋاقداشلىق، يەنە بىرى دوستلۇق يۈزىسىدىن تاغلارنىڭ ئېتىكىدە كۈمۈشتەك قارنى يېپىنچا قىلىپ تۇرىدىغان يۇرتۇمغا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ ياق دېمىدى. مەن ئۇنىڭغا يۇرتۇمدا نېمە قىلىپ بېرىمەن، يالقۇن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ئالدىنقى قىسىمدا لەۋھە توغرىلىق گەپ قىلغان ئىدىم. بۇ ئىشنى شۇ چاغدا دېيىشەيلى. ئاخىرىدا ماخاتما گەندىنىڭ يەنە بىر مەشھۇر سۆزىنى سىزلەرگە سوۋغا قىلاي «قورقۇنچاقلار مۇھەببىتىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، سۆيگۈ -مۇھەببەت باتۇرلارنىڭ ئىمتىيازىدۇر».
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 01:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە …

1

تېما

14

دوست

5228

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1602
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 14:20:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىغا نېمىشقا ئىنكاس ئاز چۈشىدۇ زادى؟
مەن شۇنىڭغا ھەيران.
نەدىكى ئاقماس تىمىلاردا مەدھىيەلەر كەلكۈن بولىدۇ بەزىدە

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

4106

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1210
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 16:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېرىمدا باغداشنى ئاچسام ip رىڭىز چەكلەنگەن دەپ چىقىۋالدى، بۇ قانداق گەپ، بىلىدىغانلار چۈشەندۇرۇپ قويۇڭلار، مەن نېمە قىلغانغا چەكلىۋەتكەندۇ. مەن نېمە قىلغاندىمەن توۋا.
bagdax

1

تېما

0

دوست

730

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52155
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 18:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن بۇ تېمىنى باشتىن - ئاخىرى يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقتىم ، ئىنسانى مېھرى - مۇھەببەتتىن  ، ۋەتەن  ، مىللەت ۋە كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقتىن  سۆيۇندۇم . تىلىگىم ياخشىلار ئامان بولسۇن !

44

تېما

5

دوست

3537

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 257
تۆھپە : 979
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 09:29:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xota تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-25 09:30  

ياخشى تېمىغا نېمىشقا ئىنكاس ئاز چۈشىدۇ زادى؟
قېرىندىشىم رەھمەت سىزگە،ئادەمدە يوشۇرۇن ئاڭ دەيدىغان بىر سېزىم بار، ئەگەر بۇ تېما«شەرمەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ رەسۋا قىلىقى»دەپ قويۇلغان بولسا بۇنىڭ كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولاتتى،مەن شۇ تېما ئاستىدا مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنى پۇخادىن چىققۇچە تىللىغان بولسام،ئۇ چاغدا ئىنكاس يېزىپ پۇخادىن چىقىدىغان ئىنكاسچىلار قوشۇنى زور بولغان بولاتتى.چۈنكى بىزنىڭ تەربىلىنىش باسقۇچىمىزدا باشقىلارنىڭ ئەجرىدىن ،تۆھپىسىدىن مىننەتدار بولۇشتىن، بىراۋنىڭ ئەسكىلىكىدىن ھوزۇرلىنىپ سۆكۈش چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.بىز بۇنى ئېتىراپ قىلمىساقمۇ، ئەمما يوشۇرۇن ئاڭ بۇنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.مەن مۇشۇ باغداش تورىدا«تۆھمەتخورغا» ناملىق شېئىر بىلەن ئەلى قۇربان ھەققىدە يېزىلغان بىر ماقالىغا چۈشكەن ئىنكاس قىزغىنلىقىدىن ھەيران قالغان ۋە كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم.سەۋەبى مەن باشتا دىگىنىمدەك.شۇڭا قېرنداشلىرىمنىڭ بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغانلىقىدىن ئۆكۈنمىدىم، ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ ئۇستازنىڭ روھىغا تۆت ئېغىز تەشەككۈرىنى بىلدۈرەلمىگىنىدىن رەنجىپمۇ كەتمىدىم.چۈنكى بىز يول ئۆزىمىز  تېپىشقا ئەمەس باشقىلارغا يول كۆرسۈتىشكە ئامراق.مېنىڭ خوش بولغان يېرىم ساياچ قېرىندىشىم.سىز ئىزچىل بۇ تېمىنى ياقتۇردىڭىز،مانا بۇ مېنىڭ غەلىبەم.ماختىغىنىم ئەمەس،سىزدىكى بۇ ماقالا ئارقىلىق كەلگەن ئاكتىپ روھ سىزدىن مېنى مىننەتدار قىلدى.باشقىلارمۇ سىزدەك ھېسسىياتتا بولسا  دىگەن بۇ ئۈمىت  مېنىڭ ئارزۇيۇمتى.

0

تېما

0

دوست

277

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8138
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 18:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنى بۈگۈن ئوقۇپ چىقتىم، ئاخىرى قاچان چىقار دەپ ساقلاۋاتىمەن.
كۆپ رەھمەت مۇشۇنداق رىئال، سەمىمىي ئادەملەر ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكنىڭىزگە.

0

تېما

0

دوست

275

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51176
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 23:59:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان مۇنداق ئېسىل ماقالىنى تا ھازىرغىچە كۆرمەي نەدە قالغاندىمەن مەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )