قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1736|ئىنكاس: 7

خىزمەتچى خادىملارنى جانلاندۇرۇشنىڭ بەش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

874

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 21:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور: ۋىكتور لىپمان (Victor Lipman)

تەرجىمان: شەرىفىدىن قارلۇق

تەرجىمان قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى ماگىستىر ئاسپرانتى

مەنبە: SherfMPD  سالونى

تەتقىقاتلاردىن شۇنى بىلەلەيمىزكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىۋاستە باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خادىملارنىڭ خىزمەتكە كىرىشەلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل. تۆۋەندە خىزمەتچى خادىملارنى جانلاندۇرۇشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.


1.خادىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېھتىياجى ياكى تەلىپىنى  شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ياكى مۇلازىمەت (ۋە ياكى خادىم قاتناشقان كونكرېت تۈر) نىڭ نەتىجىسىگە باغلاش

بىرىنچىسى باشقا ئۇسۇللاردىن ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن ھەم بۇ ئۇسۇلنى يۇقىرى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى خادىملارغا قوللىنىش ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى خادىملار ئۈچۈن قوللىنىشتىن كۆپ ئاسان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شىركەتنىڭ روناق تېپىشقا ئەگىشىپ، ھەرقايسى قاتلامدىكى خادىملارنىڭ ھەرخىل تۈردىكى تەمىناتنى ئېلىش پۇرسىتىنى كۈچەيتىدىغان تەمىنات پروگراممىسى خادىملارنى تەبئىيلا جانلاندۇرىدۇ ۋە ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.


2.خادىمنىڭ ئىش ۋە خىزمەت ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى نىشان ۋە پىلانىغا ھەقىقى رەۋىشتە كۆڭۈل بۆلۈش

باشلىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ھەقىقىي رەۋىشتە خادىمنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى نىشان ۋە پىلانىغا كۆڭۈل بۆلۈش خادىمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە خادىمنىڭ شۇ ئىشلىرىغا پايدىسى تېگىدىغان مەسلىھەتلەرنى بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يول كۆرسىتىش خادىمغا پايدىسى تېگىشى مۇمكىن ۋە خادىم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ.

3.خادىمنىڭ خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ھەقىقىي رەۋىشتە كۆڭۈل بۆلۈش

بۇنى قىلىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خىزمەت ۋاقتىدا خادىمغا ئازراق ئەركىن ۋاقىت بېرىش، يەنى خادىمنىڭ بىر قىسىم ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلار (دوختۇرغا تېلېفون قىلىش) ۋە شۇنىڭدەك ئىشلىرىغا ئازراق ئەركىن ۋاقىت بېرىشتەك ئاكتىپ سەزگۈرلۈك خادىمنى ئىنتايىن خۇشال قىلالايدۇ. بەزىدە كىچىك مۇئامىلە چوڭ پەرق پەيدا قىلالايدۇ.

4.ئاڭلاش

بۇ ئەڭ ئاسىنى، ئەمما دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ. ئەگەر خادىم ئۆزىنىڭ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئىدىيەلىرىنى، مەسىلىسىنى، ئەندىشىلىرىنى، بالىلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلىرىنى دەپ بەرسە دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ. بۇ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شاكىلى بىلەن مېغىزىنى سىزگە قالىدۇ ئەلۋەتتە. بىراق كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش خىزمەتنىڭ بىر قىسمى. ئەگەر دېمىسىمۇ بولىدىغان ياكى كېسەل خاراكتېرلىك پاراڭ قىلىدىغانلار بولسا گېپىنى جايىدا توختاتقۇزۇپ، خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرۇش كېرەك. ئەمما مۇۋاپىق بولسىلا چوقۇم ئاڭلاش كېرەك، چۈنكى ئادەمدە ئۆزىنىڭ ئاۋازى دىققەت بىلەن ئاڭلانغاندا خۇشاللىق ھېسياتى پەيدا بولىدۇ.

5.ئۆزىگە مۇۋاپىق كۆرگەننى خادىملارغىمۇ مۇۋاپىق كۆرۈش-«پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا باشقىلارغا»

«پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا باشقىلارغا» دېگەن ماقالىدىكىگە ئوخشاش، بولۇپمۇ خادىم بىلەن قول ئاسىتىدىكىلەر ئارىسىدىمۇ چوقۇم بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر سىزگە مەلۇم ۋەزىپە بېرىلسە، ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتۈرۈشكە ئىمكانىيەت ئاساسەن يوق دەپ قارىسىڭىز، بۇ خىل ۋەزىپىنى خادىملىرىڭىزغىمۇ تاپشۇرماڭ. خادىمڭىزنىڭ تەمىنات ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى جەھەتتىمۇ ئۆزىڭىزنى خادىمنىڭ ئورنىغا قويۇپ قارار چىقىرىڭ. بۇنداق قىلغىنىڭىز سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى خادىمغا ۋە ئۇنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىگە قىلىنغان ھۆرمەتنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: فوربېس
   
شەخسى ھايات، ئۆگىنىش، سودا، كارخانىچىلىق ۋە لېدىرلىقتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن زەرەتلىنىپ، ئاكتىپ پەرق بەرپا قىلىش!
سوئال، تەكلىك-پىكىر ۋە قوشۇپ قويىدىغانلىرىڭىز بولسا قارشى ئ‍الىمىز ئەۋەتتە!


مەزكۇر ماقالىنى SherfMPD سالونى تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز SherfMPD ئارقىلىق ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ سالونىمىزغا دىققەت قىلىڭ.

SherfMPD QR code.jpg
bagdax

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 23:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىختىدارلىق خادىملارنى شىركەتتە ئ‍ۇزۇن ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ كونكىرت ئ‍ۇسسۇللىرى  تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، لىكىن تىلغا ئ‍المىغان تەرەپلىرىمۇ كۆپكەن،،مەسلەن قول ئ‍استىدىكىلەرگە ھە دىگەندە كىبىرىنى كۆرسىتىش ۋە تۆۋەن كۆرۈش ئ‍ىدىيەلىرىنىمۇ تۈگىتىشى كېرەك…
شەرفىدىن ئ‍ەپەندىگە كۆپ رەھمەت، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى تەرجىمىلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمىز،ھارمىغايسىز…

0

تېما

3

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 18:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0 ـ ھەر قانداق ئىنساندا  ئۆزىنىڭ  قەدىرلىنىش  ئىھتىياجى بولىدۇ .
ھەممىمىزنىڭ  پىشانىسىگە  : ‹‹ مىنى  ھۆرمەتلەڭ   ››  دەپ  يېزىلغان ئىككى
جۈملە   سۆز   بار .  خىزمەتچىلەرنى   ھۆرمەتلەش ، ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش
كېرەك .
خىزمەتچىلەرگە  : ‹‹  مەن ساڭا   مائاش  بىرىپ ئىشلەتتىم  ›› دىگەندەك
سۆزلەرنى  ئېيىتماسلىق ، خىزمەتچىللىرىم   ماڭا   بايلىق  يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ
دىگەن  مىننەتدارلىق   تۇيغۇسىدا   بولۇش  ...

ۋاقىت ھەممىنى ئۇ

0

تېما

1

دوست

1108

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12670
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 309
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 21:05:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوجايىنلار ئىشچىلاردىن رازى ئەمەس ئىشچىلار خوجايىندىن   مۇھىمى بىزدە قىلغاننى بىلىدىغان ئىشچىلار كەم
bagdax

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

8388

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 2600
توردىكى ۋاقتى: 516
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 23:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى گەپلەركەن ، ‹‹ مۇئەللىملار مۇدىرلاردىن رازى ئەمەس ،مۇدىرلار مۇئەللىملەردىن رازى  ئەمەس››.

13

تېما

2

دوست

6005

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1850
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 10:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bu tima mahtaxқa ərziydu.

0

تېما

6

دوست

5695

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1787
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 10:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارخانىلارغا ماس كىلىدىكەن، يېزا-بازارلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ماس كەلمەيدىكىن، بۇياقلاردا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ تاپشۇرىدۇ، دەم ئېلىش يوق، ئەزەلدىن خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئويلاشمايدۇ،شۇڭا ھەممە بىر خىل كۈن ئۆتسىلا بولدى دىگەن كويغا چۈشكەندەك، ئىشنىڭ ئۈنۈمى يوق

نىكاھنىڭ قىيىنل

38

تېما

0

دوست

9740

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1713
تۆھپە : 1881
توردىكى ۋاقتى: 1511
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 10:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ساقلاپ قۇياي. ۋاقىت چىقىرىپ تەھلىل قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )