قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6842|ئىنكاس: 16

بەدەندىكى قىشلىق توك ۋە ئۇنى تارقىتىۋېتىش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

7482

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2265
توردىكى ۋاقتى: 594
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-6

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-24 21:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Imtl-fxyxute2959707.jpg


     ھەممەيلەنگە ئايانكى، قىش يېتىپ كېلىشى بىلەنلا قېلىن كىيىملەرنى سالغاندا ‹‹پاراس-پۇرۇس›› ئاۋاز چىقىدۇ، مېتالنى تۇتقاندا ‹‹چاس›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئادەم ئەندىكىپ كېتىدۇ، باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە بارماق ئۇچى تېگە-تەگمەيلا باشقىلارنى قورقىتىۋېتىدۇ، ھەتتا ماي قاچىلاش خىزمەتچىلىرى ماي قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى تۇتقاندا تۇراقلىق زەرەت تەسىرىدىن ئوت كېتىپ جېنىدىن ئايرىلغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.

     1- بەدەندىكى تۇراقلىق توك نەدىن كېلىدۇ؟

     بەدەندىكى تۇراقلىق توكنى ئادەم بەدىنى ئىشلەپچىقارمايدۇ، بەلكى، ھەركەت جەريانىدىكى سۈركۈلۈپ زەرەتلىنىشتىن تۇراقلىق توك پەيدا بولىدۇ، قىش كۈنلىرى سوغۇق ۋە قۇرغاق ھاۋانىڭ تەسىرىدە يۇڭ كىيىم، ياكى خىمىيە تالالىق كىيىملەرنىڭ سۈركىلىشىدىن ئاسانلا تۇراقلىق توك پەيدا بولىدۇ. بۇنى ئىلمىي چۈشەندۈرگەندە ئاتوم يادروسى بىلەن يادرو سىرتىدىكى ئېلىكترونلارنىڭ تارتىشىش كۈچىدە تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا پەيدا بولىدىغان يۇقۇرى بېسىملىق ئاجىز بىر خىل زەرەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە نەملىك تەركىبى %40 دىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە يادرو سىرتىدىكى ئېلىكترونلارنىڭ تارقىلىش يولى توسۇلىدۇ-دە بەدەنگە تۇراقلىق توك يىغىلىپ قالىدۇ. كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سۈركۈلىشىدىن پەيدا بولغان زەرەت ئادەم بەدىنىنىڭ قول، بويۇن، يۈز، باش(چاچ) قاتارلىق بەدەننىڭ ئوچۇق قىسىملىرىدىن سىرىتقا تارقىلىپ، يۇقۇرى بېسىملىق زەرەت قىسقا ۋاقىتتا مېتال قاتارلىق توك ئۆتكۈزۈشچان ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ‹‹توك سوقۇۋېتىش›› كېلىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا بارماق ئۇچى قاتارلىق جايلاردا يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولۇپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.

     2-بۇ خىل تۇراقلىق توكنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارمۇ؟

     بەدەندىكى تۇراقلىق توكنىڭ بېسىمى 2000 ۋولتقا يەتكەندە بارماق ئۇچىدا سېزىم پەيدا بولىدۇ، 3000 ۋولتقا يەتكەندە ئۇت ئۇچقۇنداپ، بارماقتا يىڭنە سالجىلغاندەك  سېزىم بولىدۇ، 7000 ۋولتتىن ئاشقاندا ‹‹توك سوقۇۋېتىش››تەك ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل يۇقۇرى بېسىملىق توكنىڭ توك ئۆتكۈزگۈچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىكتر ئېقىمى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىگە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. لېكىن بۇنداق تۇراقلىق توك ئادەمنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدە ئەسلىدىن بار بولغان تۇراقلىق توك بېسىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا يۈرەك كېسەل بىمارلىرىغا نىسبەدەن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى، ھەتتا ساغلام كىشىلەرنىڭمۇ يۈرەك، نېرۋا قاتارلىق ئەزالىرىغا تەسىر قىلىپ كېسەل پەيدا قىلىشى، ياكى قورقۇنچاقلىق قاتارلىق پىسخولوگىيەلىك بېسىملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېمەك يۈرەك، نېرۋا كېسىلى بىمارلىرى ۋە نېفىت، نېفىت-خىمىيە سانائىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقۇچىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

     3- قانداق قىلغاندا بەدەندە تۇراقلىق توك يىغىلىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

     (1) سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، بولۇپمۇ تېلېۋىزور ياكى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ سىرىتقا چىقىشتىن بۇرۇن قول، بويۇن، باش، چاچ قاتارلىق بەدەننىڭ ئوچۇق قىسىملىرىنى يۇيۇپ ئاندىن ئىشىكتىن چىقىش.

     (2)  تۇراقلىق توكنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆينىڭ نەملىك تەركىبىنى ئاشۇرۇش. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆينىڭ نەملىكى %45-%65 بولسا مۇۋاپىق. قۇرغاق ھاۋانى نەملەشتۈرۈشتە ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش، پات-پات پۈركۈپ سۇغۇرۇش، داس(جاۋۇر)دا سۇ قويۇپ قويۇش، پولنى نەم سۈرۈتكۈچ بىلەن دائىم سۈرتۈش، مەش قويغان ئۆيلەردە مەش ئۈستىدىكى چەينەكنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويۇش،  پار بار ئۆيلەردە سۇنى ھورلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ، ھاۋانىڭ نەملىكى ۋە ساپلىقىنى ئاشۇرۇش.

     (3) پاختا كىيىملەرنى كىيىش. كىيىملەر-كېچەكلەرنىڭ سۈپىتىمۇ تۇراقلىق توك پەيدا قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، خىمىيە تالالىق كىيىملەر، يۇڭ كىيىملەر ۋە كاۋچۇكتىن ياسالغان ساپما كەشلەر، ئۇنىڭدىن باشقا نىلون گىلەم ياكى يۇڭدىن توقۇلغان گىلەملەر سۈركۈلۈشنى ئاشۇرۇپ، بەدەندە تۇراقلىق توكنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا پاختا كىيىم (بولۇپمۇ ئىچ كىيىم)، يىپ پايپاق، يىپ پەلەي ۋە پاختا رەختتىن ئىشلەنگەن ساپما كەشلەرنى كىيىش.

     (4) پات-پات يۇيۇنۇش ۋە دائىم كىيىم يۆتكەش. ئادەتتىكى ئەھۋالدا قىش كۈنلىرى ھەر كۈنى يۇيۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم يۇيۇنۇش كۇپايە، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ، تېرىدىكى تۇراقلىق توكنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى ئازايتىش.

     (5) چاچنى يۇمشاقلاشتۇرىدىغان سۈپەتلىك چاچ سوپۇنى بىلەن يۇيۇش، ياغاچ تارغاق بىلەن تاراش. قولغا سىيلىقلاش مېيى سۈرتۈش، پەلەي كىيىۋېلىش.

     4-تۇراقلىق توك يىغىلىۋالغاندا تارقىتىۋېتىش ئۇسۇللىرى

     (1) كىيىمنى ئالدىرىماي سېلىش، سېلىپ بولغاندىن كېيىن، تامنى بىر قېتىم سىيلاش، ئىشىك تۇتقۇچى، ئاچقۇچ، جۈمەك قاتارلىق مېتال بويۇملارنى تۇتۇشتىن بۇرۇن تامنى بىر قېتىم سىيلاش.

     (2) يالاڭ ئاياق ھەركەت قىلىش. ئۆي ئىچىدە پايپاقنىمۇ سېلىۋېتىپ يالاڭ ئاياق مېڭىپ بەرگەندە سۈركۈلۈشتىن پەيدا بولغان زەرەتنى تارقىتىشقا پايدىلىق.

     (3) ئاۋال ئىشىك رامكىسىنى، ئاندىن ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇش. ماشىنىغا چىققاندا سول قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ماشىنا گەۋدىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوڭ قول بىلەن ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇش. ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن يېنىڭىزدىكى مېتال قاپلىق تېلېفۇن، ئاچقۇچ ياكى سومكا بېغى قاتارلىق ئۇششاق مېتاللارنى بىر قېتىم سىقىمداپ تۇتۇپ، ئاندىن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىش.

     (4)شوپۇر دوستلار ماشىنىدىن سۇنى ئايرىماي قولنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ماشىنىغا ماي قاچىلاشتىن بۇرۇن شۇنداق قىلىش.

     (5) خانىم-قىزلار ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق مېتاللاردىن ياسالغان ھالقا، زەنجىر، ئۈزۈك، بىلەيزۈكلەرنى تاقىۋېلىش.

     بەيدۇ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

     ئۇلانما:http://wenku.baidu.com/link?url= ... XAcbnnayalYtb75Thvi
resize.jpg
bagdax

0

تېما

0

دوست

3952

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2224
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 1140
توردىكى ۋاقتى: 167
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 11:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،بىلىۋالدىم،شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە مەندە بىر خىل ماددا كەم ئوخشايدۇ،دەپ ئەنسىرەيتتىم

0

تېما

1

دوست

2054

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18442
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 11:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ زەرەتلىنىش ئانچە كۈچلۈك بولمىغان بىلەن ئەمما ئادەمنى بەك قورقىتىدۇ  ،

ئالدىنقى ھەپتە پەلەمپەينىڭ رىشاتكىسىنى تۇتسام چاس قىلىپلا ئوت چاقناپ كەتكەن ئىدى ، بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم، ئەسىلى بەدىنىمىكى توك3000ۋولتتىن ئېشىپ كېتىپتىكەندە.

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3876
توردىكى ۋاقتى: 784
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yapirim يوللىغان ۋاقتى  2016-12-26 11:40
مۇشۇ زەرەتلىنىش ئانچە كۈچلۈك بولمىغان بىلەن ئەمما ئاد ...

توك كەم ئوخشايدىكەن ئەسلى
bagdax

2

تېما

1

دوست

1893

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 94
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىۋو ئەڭ ئاخىردىكى بىر خىل ئۇسۇلىنى يازماي قويسىڭىزچۇ....

0

تېما

6

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 13:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىملەركەن ...

0

تېما

2

دوست

536

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  70993
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 14:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aral52 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-26 12:44
ئىۋو ئەڭ ئاخىردىكى بىر خىل ئۇسۇلىنى يازماي قويسىڭىزچۇ. ...

0

تېما

2

دوست

536

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  70993
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 14:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تىخى ئۈستىلىمگە بارماقلىرىم تەگسە توك تەپكەن سىزىم بولسا   ،ئۈستەلدىكى توك سىملىرنى تەكشۈرۈپ كىتىپتىمەن  يالڭاچ يىرى بولسا توك قاچقان ئوخشايدۇ دەپ .  باشقىلارغا دىسەم ئۈستىلىمنى تۇتۇپ كۆرۈپ ئالجىپ قاپسەن دەپ كەتكەن تىخى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )