قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4203|ئىنكاس: 131

تەبىسە: ‹‹ئاتا-ئانىغا بىر ئۆمۈر قەزدار›› مىزمۇ ؟

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79564
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

ئاكتىپ يېڭى ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 01:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاتا-ئانىنىڭ ئولۇغلىغى كۈيلىنىۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجىرلىرى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا تەرىپلىنىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئەجرىنى بالىلارنىڭ ئۆمۈر بويى تۆلەپ بولالمايدىغانلىغى ئۇلارغا داۋاملىق ئەسكەرتىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. دىمىسىمۇ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە پەرزەنت بولغۇچىلار ئاتا ئانىلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلار ياشانغاندا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشى پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى. بىز داۋاملىق << ئانىنىڭ كېچىدە بىر قېتىپ تۇرۇپ ئىمىتكەن سۈتىنىڭ ھەققىنى پەرزەنت بولغۇچى ئۆمۈر بويى تۆلەپ بولالمايدۇ>> دىگەن سۈزنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. يېقىندىن بېرى بۇ قاراش ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم ھەمدە ئۆز-ئۆزەمدىن سورىدىم : بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ ئەجرىنى راستىنلا ئۆمۈر بويى قايتۇرۇپ بولالماسمۇ؟   ئەمىسە ئۆزىنىڭ ھالىدىن ھىچبىر خەۋەر ئالالمايدىغان بوۋاقلار ئانىسىنىڭ كېچىدە تۇرۇپ ئۇلارنى ئېمتىشى سەۋەپلىك ئەجىبا ئانىلىرىغا قەرزدارمىدۇر؟ ئەگەر ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى "قەرز" دەپ چۈشەنسەك، بۇ دۇنيادا ھىچقانداق ئىنسان بۇ قەرزنى قايتۇرىشى مومكىن ئەمەسكەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ يەردە ئاتا -ئانىلىق مېھىر- مۇھاببىتىمىز بىلەن ئېسىل كۈيۈمچان بالىلارنى تەربىيەلەۋاتىمىزمۇ ۋە ياكى ئۆمۈر بويى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىقمۇ ئاتا ئانىسىنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇپ بولالمايۋاتقان "قەرزدار" پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرىۋاتامدۇق؟  تۆۋەندە بۇ نۇقتىلار ئۈستىدە ئايرىم ئايرىم توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.  

     مېنىڭ بىر سىڭلىم  ماڭا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھىكايىسىنى تۆۋەندىكىدەك سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ سىڭلىمنىڭ ئاپىسى ئىنتايىن قاتتىق قول ئايال ئىكەن. ھەر قانداق ئىشنى يۈز پىرسەنت توپ-توغرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئەگەر ئاپىسى كۈتكەندەك قىلمىغاندا قىز قاتتىق ئەيىپلىنىشكە ئۇچىرايدىكەن.  ئاپىسى بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا كۆزىگە قاراپمۇ گەپ قىلالمايدىكەن. ئاپىسىنىڭ داۋاملىق << مەن سېنى ئىنتايىن جاپادا چوڭ قىلدىم، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى سەن ھەرگىزمۇ تۆلەپ بولالمايسەن >>  دىگەندەك ئاچچىق قىلىپ ئېيتىلغان تاپا-تەنىلىرىنى كۈندە دىگىدەك ئاڭلاپ تۇرىدىكەن.   ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ سىڭلىم ئۆزىنى ئىنتايىن چوڭ گۇناھكاردەك ھىس قىلىدىغان بوپتۇ. شۇ "گۇناھلىرىنى" ياخشى ئەمەللىرى بىلەن يۇيۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپتۇ. ئاپىسىنىڭ سىزغان سىزىغىدىن چىقماپتۇ.  ئاپىسىنىڭ ماقۇل بولمىغانلىق سەۋەپلىك ھەتتا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتى بىلەن توي قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ. ئاپىسىنى خوش قىلىش مەقسىتىدە ئاپىسى كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆزى ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان بىر يىگىت بىلەن ئۆيلۈك ئۇچاقلىق بولۇپ بىر پەرزەنتلىكمۇ بوپتۇ. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن شۇنى ھىس قىلىپتۇكى، ئەسلى بالا بېقىش ئاپىسى دىگەندىكىدەك ئۇنچىۋالا قۇرقۇنچلۇق ۋە جاپالىق بولماستىن ئەكسىچە نۇرغۇن ھوزۇرى ۋە خوشاللىغى بار بولغان بۈيۈك ئىش ئىكەن. شۇندىن تارتىپ << مېنىڭ سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىمنى بىر ئۆمۈرمۇ تۆلەپ بولالمايسەن>> دەپ شۇ ياشقىچە ئۆزىنى "گۇناھكار" ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ئاپىسىغا ئاستا ئاستا نەپرەتلىنىشكە باشلاپتۇ...

     بۇ سڭلىمنىڭ ھىكايىسىنى بىرلىكتە ئويلىنىپ كۆرەيلى. ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى بېقىش جەريانىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشاقەتلەرنى تارتىدۇ. ئۇلارغا ئاش-تاماق بېرىپ چوڭ قىلىدۇ، نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىتلەر بىلەن مەكتەبلەردە ئوقۇتىدۇ، بەختىنى تېپىشى ئۈچۈن ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ.  ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئالساق، ئۇلارمۇ ئاز جاپالارنى تارتمىغان، چۈنكى ئەينى چاغلاردىكى تۇرمۇش شارائىتلىرى ھازىرقىدەك قولايلىق ئەمەس ئىدى. ئاتا-ئانىلار كۈن بويى خىزمەت قىلىپ، بالا بېقىپ ، دەم ئېلىش كۈنىدە يەنىلا تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.  شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئەيتاۋۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ <<بىزنى قانداق باققانتىڭىز؟>> دەپ سورىغان سۇئاللىرىغا داۋاملىق قانداق جاپالاردا ئۇلارنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىغىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. ھەمدە يىمىگەننى يىگۈزۈپ ئىچمىگەننى ئىچكۈزۈپ بېقىپ چوڭ قىلغانلىغىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ تۇردى. ئەمما بۇ يەردە پەرزەنتلەردىن  بىر نەرسىنى يۇشۇرۇپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ پەرزەنتلەرنى بېقىش جەريانىدا ئالغان ھوزۇرى، ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا قىلغان خوشاللىقى تىلغا ئېلىنمىدى.  نىمە ئۈچۈن يۇشۇرۇپ قالدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى ھەر تۈرلۈك بولدى. بىر تەرەپتىن بولسا تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىگى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ھوزۇرىنى ھىس قىلالمىدى، ۋە ياكى ھوزۇرىنى سەزگەندەك بولسىمۇ لېكىن دىققەت نەزىرى تارتقان جاپاسىدا بولغاچقا، كۆز ئالدىدىكى ھوزۇردىن خوشاللىق تاپالمىدى.  يەنە بىر تەرەپتىن پەقەت جاپانى سۆزلەش ئارقىلىق  پەرزەنتلەرنىڭ ھىسداشلىغىنى قوزغاش ۋە شۇ ئارقىلق  ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن تۇرىشىمىزنى ئويلىدى.  يەنە بىر سەۋەبى بولسا ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن بالا بېقىشنىڭ ھوزۇرىنى يۇشۇرۇپ قېلىش ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ گەجگىسىگە تۆلەپ بولالمايدىغان جاپادا چوڭ قىلغانلىق  "قەرز" لىرىنى  ئارتىپ قۇيۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز كونتۇرولىقىغا نەزەربەنت قىلىشنى مەقسەت قىلدى.  مەيلى قايسى سەۋەپتىن بولسۇن ئىشقىلىپ پەرزەنتلەرنى بېقىش جەريانىدا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىغا بېرىدىغان ھوزۇرى ھىچبىر زامان تىلغا ئېلىنمىدى. تىلغا ئېلىنغان تەغدىردىمۇ تاغدەك دۆۋىلەنگەن "جاپالىق باقتىم" دىيىشلەر ئارىسىدا بالىلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھوزۇرلار ھىچ بايقالمىدى ۋە بۇنى  بايقاشقا ۋە ئەسلەشكە ھىچكىممۇ ئۇرۇنۇپ كۆرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئېسىل سوغات سۈپىتىدە ئاتا-ئانىلارغا ھەدىيە قىلىنغان پەرزەنتلەر  ئۇلارنىڭ يەلكىسىگە ئارتىلغان "يۈك" لەرگە ئايلانغان پېتى قېلىۋەردى.

     مېنڭ نەزىرىمدە، ئەر ئايال مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىپ ئوتلۇق مۇھاببىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان پەرزەنتلەرنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلىدۇ. بۇ دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان، پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىسىنڭ مېھرى بىلەن بېقىشىغا مۇھتاج بولغان بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاتا ئانا بولغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بوللالمايدىغان مەجبۇرىيىتى.  ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بولۇش سالاھىتىم بىلەن شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، ھەر بىر پەرزەنتىمنى بېقىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ  ماڭا بەرگەن روھى ئوزۇقى مېنڭ ئۇلارنى باققانلىق ئەجرىم بىلەن تەڭ كەلسە كەلدىكى ھەرگىزمۇ كەم بولمىدى.  ھەر بىر بالامغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا مەندە بىر ئانا بولىدىكەنمەن دىگەن ھاياجانلىق ھىسيات پەيدا بولغانتى. بۇ ھىسياتىم بالىلىرىمنىڭ بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەن تېخىمۇ ئولغىيىپ ئانىلارغا خاس بولغان مېھرىۋانلىق ۋە كۈچلۈك مەسئولىيەت تويغىسىغا ئالماشتى. پەرزەنتلىرىم مېنىڭ ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېسىل مۆجىزە بولدى. ئۇلار ماڭا مېھرىۋان، قەيسەر، كۈچلۈك،دانا ۋە قۇرۇقماس ئانا بولۇشنى، ۋە ئانىلىق مېھرىنى قانداق بېرىشنى ئۈگەتتى. مەن ئاجىزلىغاندا ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئىشەنچ بىلەن ماڭا تەلمۈرۈپ قاراشلىرى ماڭا كۈچ- قۇۋۋەت بېغىشلىدى. چۈچۈك تىللىرى بىلەن چاڭىلداپ سۆزلەپ كىشىنىڭ يۇرتىدا مېنى ھىچ يالغۇزسىراتمىدى. سەبى ۋە جاراڭلىق كۈلكىلىرى مېنى ھەر دائىم شاتلىققا چۆمدۈردى. بوينۇمغا گىرە سالغان قوللىرى ماڭا قاشتېشىدىنمۇ بىباھا بولدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان يۇمران تەبەسسۇمى مېنىڭ قاراڭغۇلۇقىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇردى. مەن پەرزەنتلىرىم ئارقىلىق ھاياتىمنىڭ گۈزەللىگىنى قايتىدىن تۇنۇدۇم، مەن ئۇلار ئارقىلىق تولۇقلاندىم،  ۋە بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مەقسىتىمنى تاپتىم... مۇشۇلارنى ئويلىسام ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن ھوزۇرى مېنىڭ ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدىكى ئۇلار ماڭا ھەرگىزمۇ"قەرزدار" بولمىدى.

     كېچىدە بىر نەچچە قېتىم ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ بالىلىرىمنى ئىمىتىپ ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىۋاتقان بولسام،  بۇ مېنىڭ ئۇلارنى سۆيگەنلىگىمدىن بولدى، ئۆزەمنىڭ بۇنى ئۇلۇغ ۋەزىپە دەپ چۈشەنگەنلىگىمدىن بولدى،شۇنداقلا  ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنىڭ تۈرتكىسىن بولدى. شۇ قىلغانلىرىم ئۈچۈن  بالىلىرىم ماڭا بىر ئۆمۈر قەرزمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار كۈتىلىشكە ئېھتىياجلىق ئىدى مەن ئۇلارغا مېھرىمنى بەردىم. ئۇلار مۇھاببەتكە مۇھتاج ئىدى مەن ئۇلارغا مۇھاببەت بەردىم. مېھىر-مۇھابەت ھەرگىزمۇ "قەرز" ئەمەس.  مەن ئانىلىق  مېھرىمنى بالىلىرىمغا "قەرز" قىلىپ بېرىپ تۇرمىدىم، ئەكسىچە مېھىر- مۇھاببەتنى ئۇلارغا خالىس سوغات سۈپىتىدە ھەدىيە قىلدىم.  ئۇلار مەندىن ئالغان بۇ سوغاتنى ۋاقتى كەلگەندە ئۆز بالىلىرىغا سوغات سۈپىتىدە تەغدىم ئېتىدىغانلىغىغا  ئۈمىت باغلىدىم.  شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھاببەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىغىندىن سۆيۈندۈم.  

     يۇقۇردا مىسال قىلىنغاندەك، شۇ سىڭلىمنىڭ "بېقىلىپ قالغانلىق گۇناھى" ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا مەڭگۈلۈك "قەرزدار" بولۇپ قېلىشى ھەممىمىزنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى ھەقىقى مۇھاببەتتە ناھەقچىلىق بولمايدۇ.  بىز ھەرگىزمۇ ئۆز مەنپەتىمىزنى قوغلىشىپ  بالىلارنىڭ ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان يولنى ئېتىپ قويمايمىز. ئاچچىق ۋە زەھەرلىك تىللىرىمىز بىلەن ئۇلارنى دۈشكەللەپ مەڭگۈلۈك " قەرزدار" ۋە " گۇناھكار" لىق پاتقاقلىرىغا ئىتتىرىۋەتمەيمىز. ئاخىرىدا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتلىرىمىزگە مۇھابىتىمىزنى تولۇق بېرىشىمىز ئىنتايىن موھىم، شۇندىلا بىز مۇھاببەتكە قانغان، "قەرزدار" ۋە "گۇناھكار" لىق كىشەنلىرىدىن ئازات بولغان،  ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچىسى بولغان، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ھەممە ئىشتا ئۈمىتۋار ۋە چىداملىق بولغان ئېسىل ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز.

bagdax

2

تېما

0

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86475
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 133
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 11:32:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەرگەن مېھرىنى،تارتقان جاپاسىنى،سىڭدۈرگەن ئەجرىنى چوقۇم ياندۇرىدۇ دەپ قىلمايدۇ،بۇنى ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بىلىدۇ...

25

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 3962
توردىكى ۋاقتى: 781
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-19

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 11:55:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرىماي ئىنكاس يازساق بولغۇدەك ماۋۇ تىمىغا
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

3

تېما

47

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3273
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن. مىنىڭ ئاناممۇ بەك مىننەت قىلاتتى. «مەن سىنى باقىمەن دەپ مۇشۇنداق جاپا تارتىپ تارتىۋاتىمەن» دەپ سۈپۈرگە بىلەن ئۇرۇپ ھارمايتى. 18گە كىرىپ ئالى مەكتەپكە ماڭاي دەپ قالغان كۈنلىرىمدە ئۆزەم يەيدىغان ناننىڭ خېمىرىنى ئۆزەمگە يۇغۇرغۇزدى. يەنە بىر ئىشقا باھانە تىپىپ شۇنداق دىگەنتى«
ئۇنداق ئادەم تۇغمىساڭ بولمامدۇ» دەپتىمەن. ياۋ پانا ، سۈپۈرگىنىڭ كۆتىكى بىلەن ئاغزىمغا ئۇرۇپ قان چىقىرۋەتكەن. كېيىن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ خىزمەتكە چىققاندىمۇ شۇنداق دەپ تىللىغان ئىدى يەنە «تۇغمىساڭ بولمامدۇ ئۇنداق ئادەم، يا بولمىسا تۇغۇلغاندىلا كانىيىمدىن بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتسەڭ بولمامدۇ»دەپتىمەن. ئاپام بولدى قىلماي« ھە توي ئەرگە تەككەندىن كېيىن تۇغۇدىكەن  ئۇشۇنداق دەيدۇ»  
مۇشۇنداق قىلىشىپ كىتىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟
ئاپام ماڭىلا ئۆچمىكىن دىسەم سىڭلىمغا بەك ئامراق، ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بەرمىدى ئەمما ھەممىنى قىلىپ بەردى. سىڭلىم 38گە كىردى، ئەرگە تەگمىدى. مىجەزى ئاپامنىڭكىگە ئوپ- ئوخشاش. ئۆتكەندە بىر قىتىملىق جىدەلدە مىنى تىللىغانتى« سەنمۇ ئاۋۇ قىزىڭدەك بىر ئۆمۈر توي قىلماي، بالىمۇ تۇغماي ئۆزەڭ يەپ ئۆزەڭ ئىچىپ ئولتۇرغان بولساڭ خوپ بولاتتىكەن، بىزمۇ تۇغۇلۇپ بۇنداق دەرت -ئەلەم تارتىپ يۈرمەيتۇق» دەپ قويدۇم.

3

تېما

47

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3273
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە پىلانلىق تۇغۇتمۇ ئوبدان چىقىپتىكەن دەيمەن. بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى باللار مۇشۇنداق تاپا تەنە بىلەن يا ئائىلە مىھرىگە قانماي يە بالىلىقتىكى خوشاللىقلاردىن بەھرىمان بولالماي ياشاپ كەپتۇق. ئۇنىڭ سەۋەبى شۇ بالا جىق. كەمبەغەللىك                                 

3

تېما

47

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3273
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنى بۇ دۇنياغا كەلتۈرۈش بالىنىڭ تاللىشى ئەمەسقۇ؟ كەلتۈرگەن ئىكەن ئۇنىڭغا مىھرى مۇھەبىتىنى بىرىش كىرەكتە. مىھرى مۇھابىتى يوق ئادەمگە خۇدايىم بالا بەرمىسە دەيمەن.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )