قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4663|ئىنكاس: 78

سىز سەھرالىقمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

6

دوست

1574

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 517
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-27

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-25 04:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈل نۇرئەمەت

     دوستۇم، سىز سەھرالىقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسىڭىز سىز ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۆزگىچە بەخىتنىڭ ئېگىسى ئىكەنسىز. سىز خەلقىمىزنىڭ ئويغاق زىيالىلىرى تەشۋىشلىۋاتقان ئاتا مىراس تىل-مەدەنىيىتىمىز، تائاملىرىمىز، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، سالاملىشىش، خوشنىدارچىلىق ۋە ئاجىزلارغا ياردەم قېلىش قاتارلىق جەھەتلاردە ئۈن-تىنسىز تەربىيە ئالغان بىر نەمۇنەسىز. دەل شۇنداق بولغىنىڭىز ئۈچۈن سىز كېيىن مەيلى قەيەردە ياشاڭ مىللەتنى ساقلاپ تۇردىغان مۇشۇنداق گۈزەل قايىدە-يوسۇن ۋە ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز سىز ئارقىلىق بىزنىڭ كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزغا يېتىدۇ ۋە ئۇلارغا كىملىك تەربىيېسىنى جانلىق بىر يوسۇندا ئېلىپ بارالايسىز.

sehra.jpg

     سىز سەھرالىق---سىز تەلەيلىكسىز. شۇڭا ئۆزىڭىزگە ئىشەنىچ بىلەن بېقىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ –دە تەبەسسۇم بىلەن ئۆزىڭىزنى چىڭ قۇچاقلاڭ!\


     ئەسلى سىزگە تەڭرى شەھەرلىكلەردە بار ئازغىنە بىر قىسىم ماددى شەرىت-شارايىتلارنى كېچىكىپ ئاتا قېلدىغان بولسىمۇ، دەل شۇ "يوقلۇق" سەۋەپلىك سىزدە شەھەر باللىرىدا كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل ئالغا ئېنتىلىش، يېڭىلىققا بولغان ئوتتەك قىزىقىش ۋە ئاجايىب گۈزەل غايىلەر بار بولغان. مانا بۇ سىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۇشتەردۇر. سىز قاچانكى ئۆزىڭىزدىكى ئاشۇ ئەڭگۇشتەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى تونۇپ، يوشۇرۇن قابىليەتلىرىڭىزنى ھارماي قازالىسىڭىز، ۋە ئۇلارغا قانداق ئېگە بولۇشنى ئۈگەڭەنسىرى شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىسىزكى، ماددى شەرىت-شارايىتلاردا سىز ھەۋەس قىلغان شەھەرلىكلەرگە يېتىشىشكە بەك كۆپ بولسا 10 نەچچە يىللا ئەجىرىڭىز كېتىشى مۇمكىن. شۇنداق، بەردەم بولۇڭ، بۇ ئۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتمۇ ئەمەس. سىز ئۇلاردا بار بولغان ئاشۇ شارايىتلارغا ئېرىشكەندە ئىشىنىڭكى، سىز بەرپا قىلغان قەلئە سىرتىدىن ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىسىمۇ ئۇنى سىز ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ بەرپا قىلغان، غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قەدەممۇ-قەدەم مۇستەھكەملەپ پۈتتۈرۈپ چىققاچقا، ئىمارەت ئىچىدىكى سىز يەنىلا بىر ئۆزگىچە ئادەمسىز. سىز ئۆز تەقدىرىڭىزنى ياخشىلاشقا ئىشەنىچ بىلەن يول ئالغان قەھرىمانسىز!

     چوڭ بولغانچە شۇنى تونۇپ يېتىسىزكى، ھىچكىم ئۆزىنىڭ نەدە، كىمنىڭ ئائىلىسىدە ۋە قانداق شارايىتتا توغۇلۇشىنى ئۆزى بەلگۈلىيەلمەيدۇ. ئەمما ئۇ چوڭ بولغاندا كىم بولشىنى ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقلىرىغا تايىنىپ ئۆزگەرتىشكە تامامەن قادىردۇر.


wish big.JPG

     سىزنى بىر ئاددى ئوقۇغۇچى دەيلى. سىزدە چىدامچان بىر خاراكتىر بار: سىز ئالى مەكتەپكىچە بولغان مۇساپىڭىزنى يىزا، ناھىيە، شەھەر ياكى رايون ۋە مەملىكەت دەرجىلىك مەكتەپلەرگە پەلەمپەيسىمان يول ئالغانسىز. بۇ گۈزەل جەريان دەل سىزنى ئىشلارنى بىر قەدەم بىر قەدەم بىلەن تەرتىپلىك قېلىشقا كۆندۈردۇ. ئوخشىمىغان مۇھىت، ئوخشىمىغان ئىنسانلار ئارسىدا تاۋلايدۇ. سىز تۇرمۇشتىكى ھەر خىل مۇھتاجلىقلارنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىسىز، ۋە بۇلارغا بىردىنبىر مەدەتكارىڭىز بولغان سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قانداق مۇئامىلە قېلغىننى كۆرۈپ چوڭ بولغانسىز. شۇڭا سىزدە قانائەتچانلىقتەك بىر قىممەتلىك خاراكتىر يېتىلىدۇ؛ سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كەچلىرى سىزنى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاتماي جىممىدە چىقىپ كېتىپ ئورما ئورۇشلىرىنى، سۇ ياقىلاشلىرىنى ۋە باشقا جاپالىق ئېتىز ئىشلىرىنى قېلغىننى كۆپ كۆرگەن. شۇڭا سىزنى “بالام ياخشى ئوقۇڭ” دىگەن تېمىلاردا لىكسىيە ئاڭلىتىش ھاجەتسىز. سىز ئۇلارنىڭ بالا دەپ تارىتقان جاپاسىنى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىز كۆزلىرىدىن، قاداق باسقان قوللىرىدىن كۆرگەن ۋە بۇ جىسمانى ۋە روھىي جاپالارغا گۇۋاھ بوپ چوڭ بولغانسىز. شۇڭا سىزدە ئاتا-ئانىغا مىننەتدارلىق بار بولىدۇ. سىز ھىچ بولمىسا ھەپتە ئاخىرى ياكى يازلىق تەتىللەردە ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئورما ئورۇش، كىۋەز تېرىش، قوناق سويۇش، قوي-كالىلارغا ئوت-چۆپ ئوتاش قاتارلىق ئىشلارنى؛ قىش كۈنلىرىدە بولسا قاتتىق سوغۇق چۈشۈپ كەتكۈچە يېسۋىلىك، چامغۇر، تۇرۇپ، بەرەڭگە ۋە سەۋزە قاتارلىقلارنى سوغۇقتىن تىترەپ تۇرغان قوللىرىڭىز بىلەن يىغىپ باققان ۋە بىردىن-بىردىن تازىلاپ كوكتات ئورىلىرىغا ئەكىرشىپ بەرگەنسىز…شۇڭا ئاشۇ ھالال تەر سىزدە شەھەرلىك بالىلاردا يوق بىر چىدامچانلىقنى يېتىلدۇرگەن.

     سىز تەبىئەتنى مىۋە-چىۋە ۋە زىرائەتلەرنى ئۇرۇق چېغىدىن تارتىپ پىشىپ ئۆيگە ئەكىرگىچە بولغان جەريانلىرىدا تولۇق كۆرۈپ باققىڭىز ئۈچۈن مۇئەللىم كوكتات ۋە زېرائەتلەر توغرۇلۇق دەرىس سۆزلىسە كۆپىنچە نەرسىلەرنى ھىچبىر قېينالماستىن، ئېنىق كۆز ئالدڭىزغا ئەكىلىپ تۇرۇپ ئۆزلەشتۇرۋالغانسىز. ئەگەر شەھەردىلا چوڭ بولغان بولسىڭىز، سىزنى ئاتا-ئانىڭىز خالاپ، ۋاقتىنى چېقىرىپ سەھرادىكى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ياكى بىرەر دىھقانچىلىق رايونىدىكى پالىيەتلەرگە ئاپارمىغۇچە نېمىنىڭ بىز يەيدىغان زېرائەتلەر، نىمىنىڭ ھايۋان ياكى ئۇچار قاناتلار يەيدىغان ئۆسۈملۈك ئېكەنلىگىنى پەرىق قېلىپ بولالمايسىز. دىمەك، سەھرادا سىزگە ئويناپ يۈرۈپمۇ ئۈگۈنىدىغان پۇرسەتلەر ھەقىقەتەن كۆپ.

     ئەگەر سىز ئائىلىڭىزگە ياردەملىشىپ مىۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات سېتىپ باققان بولسىڭىز، سىزدە سودا قابىليىتىمۇ بىللە يېتىشىپ چىقىدۇ دېگەن گەپ. بۇنىڭلىق بىلەن سىز شەھەرلىكتىن پۇل ئېلىشنىڭ قانچىلىك قېيىنلىقىنى ھىس قېلىسىز-دە…ئامال بار ئاشۇ يىزىدىكى ئېغىر ئەمگەكنىڭ جاپالارىدىن ياخشى ئوقۇپ ياكى جانغا ئەسقاتىدىغان بىرەر ھۈنەر ئېگەللەپ تېزراق قۇتۇلۇشنى ھىچكىم سىزگە ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ بەرمىسىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىسىز. شۇڭا سىز ھايات پەلسەپىلىرىنى ئەدىپ-يازغۇچىلارنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلىرىدىن ئەمەس، سەھرادىكى كۈندۈلۈك ھاياتتىن تەخىمۇ ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك ئۈگۈنەلەيسىز.

     سەھرالىق دوستۇم، سىز ھەقىقەتەنمۇ بىر تەلەي ئېگىسى ئېكەنلىكىڭىزنى ئاشۇ سەھرادىن بارچە كۈچىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېراق-يېراقلارغا سەپەرگە ماڭغاندا ئەڭ چوڭقۇر ھىس قېلىسىز. چۈنكى تۇرغۇنلۇققا رازى بولۇش بەئەينى ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىش بىلەن باراۋەر. سىز بۈگۈنكى كۈنىڭىزنى ياخشىراق ئېلىشقا تامامەن قادىرسىز. شۇڭا دانالىرىمىزمۇ “ھەركەتتە بەرىكەت” دەپ بەك توغرا ئېيىتقانكەن. ھىچبىر پايدىسى چىقماس قاخشاشلار ۋە ئۇھ تارتىشلاردىن كۆرە تەۋەككۇل قېلىپ ھاياتىڭىزنى ياخشىلاشقا ئاتلىنىڭ. سىزدە قەيسەررەك بولسىڭىزلا ئۆزىڭىز بېلىپمۇ يەتمىگەن يوشۇرۇن  كۈچ  ۋە ئەقىل بار.


turmush.PNG

     ئەي سەھرالىق دوستۇم! سىز چوقۇم تۈمەن، يورۇڭقاش، تارىم، كۆنچى ياكى ئېلى دەريالىرىدا سۇ ئۈزۈپ، چوڭ كېچىك يايلاق ۋە ئوتلاقلاردا قوي-پادا بېقىپ باققان بولغىيتىڭىز؛ سىز چوقۇم گۈزەل يازنىڭ سۈپ-سۈزۈك ئايدىڭ كەچلىرىدە پاقىلارنىڭ كۇرۇلداشلېرىغا جۆر بولۇپ، بۇغداي خامانلىرىدا موللاق ئەتىپ باققان، 2-3 قەۋەت بىنا ئويدەك ئېگىزلىكتە تېزىۋەتكەن ئەنجىلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاي يورۇقىدا يۇلتۇزلارنى ساناپ باققان، ھەتتا مەھەللىدىكى بىر توپ بالىلار بىلەن يەرىم كەچلەرگىچە مۈكۈ-مۈكىلەڭ ئويناپ باققانغۇ…سىز يا بولمىسا قېلىن قار ياغقان قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە دادىڭىز ياساپ بەرگەن ياغاچ چانا بېلەن مەلىدىكى كۆللەردە مۇز تېيىلىپ باققان ۋە ياكى باش باھارنىڭ بوستاڭلىرىدا پى-پى ياساپ پۇخادىن چىققۇچە سۇناپ قىلىپ چالغان…ۋە ياكى ئاشۇ مەجنۇن تال گوستاڭلىرىدىن ئۆرۈمە چاچ ياساپ غەرىپ-سەنەم ئويۇنلىرى ئويناپ، قانغۇچە كۈلۈپ باققان ئېدىڭىز؛ سىز ئالتۇن كۈز پەسلىدە، دەرەخ غازاڭلىرىغا خالىغانچە دەسسەپ يۇمۇلاپ-يۇمۇلاپ ئوينىۋېلىپ ئاندىن ئۇلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ قوتاندىكى قويلارنىڭ قىشلىق يەم-خەشىكى قېلىش ئۈچۈن ئوغۇت قاپلىرىغا يېغىپ باققانسىز. دىمەك، رەڭگارەڭ تەبىئەتتىن قانغۇچە ھوزۇرلۇنۇش ۋە ئەجىر قېلىشلار بىلەن سىز ئۆز ۋەتىڭىزنىڭ نەقەدەر كەڭرىلىگىنى، تەۋەلىكىڭىزنى ھىس قېلغانسىز. ئەگەر سىز شەھەردە سەرەڭگە قېپىدەك بىنا ئويلەردە ئولتۇرسىڭىز، ئويىڭىزدىن چېقىپ پۇل تۆلىمەي ھوزۇر ئالىدىغان قانچىلىك نەرسىلەر بار؟ يىزا باغلىرىدىن شىخىدىنلا ئۈزۈپ يەلەيدىغان ئورگانىك مېۋىلەر، قوغۇن-تاۋۇزلار نەدە تۇرۇپتۇ، ھاھاھا. سىز ھاۋادىن باشقا ھەممە نەرسىگە پۇل تۆلىگەچ، شەھەردىكى تۇرمۇش، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىگىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك ھەتتا ھىچبىر مەقسەتسىز كۈلگۈدەكمۇ پۇرسەتلەر ئاز قالىدۇ. قانداق تەلەيلىكمىكەنسىز؟ شۇڭا، ھەيىت-بايرام ۋە تەتىللەرنى بولسىمۇ سەھرادا، تەبىئەتنىڭ قۇچىقىدا ئۆتكۈزۈشنى ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ.


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


     ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيىتسام، مەن يىزامدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى، ئاندىن ناھىيىدە تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇغان. تولۇقتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ يىرىمىدىن كوپرەكى (بوپمۇ تەبى پەنگە ئايرىلغاندىن كېيىن) دېگۇدەك ناھىيە ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئەتراپلىرىدىكى بازارلاردىن كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باللىرى ئېدى. ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرغاندا يېزىلىق ئېكەنلىگىمدىن خىجىل بوپ تازا ئۈنلۈكرەكمۇ دېمىگىنىم ئېسىمدە (ھازىر ئويلىسام راستىنلا كۈلگۈم كەلىدۇ). ئەمما كېيىن ئالى مەكتەپ ۋە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى ئىچكىردە 3 شەھەردە كۆچمەن بوپ ئوقۇغان بولدۇم. بۇ كەچمىشلەرنى ئەسلىسەم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى سەھرالىق چىقتى. يەنە كېلىپ سېنىپتا دەرىسلەردە ئەڭ ياخشىلارمۇ كۆپ ھاللاردا شۇ سەھرالىقلار ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن “تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول” دەپ دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن ئەنگىلىيىگە كەلسەم بولىدۇ. بۇ جەريانلاردا شۇنى ھىس قېلدىمكى، مەن بېلدىغان ۋە بېلىۋاتقان كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ۋەتەنداشلار ياكى چەتەللىكلەر بولسۇن، مۇتلەق كۆپ قىسمى سەھرالىقلار ئېكەن. بەزى ئۆزەم بېۋاستا كۆرمىگەنلەرنىڭ تەرجىمالى ۋە كەچمىشلىرىنى ئوقۇغانسىرى، بارا-بارا ئۈمۈدۋارلىقىم ئېشىپ، بۇرۇنقېدىن بەكرەك ئۆزەمگە ئىشىنىدىغان بوپ قالدىم. سەھرالىقلاردىن چىققان رەھبەرلەر ياكى كارخانىچىلارنىڭ تېزىملىكىنى بۇ يەردە تېلغا ئالمىدىم. ئەمما ئاشۇ يوقسۇزلۇقنى قانات قېلىپ كۆكلىگەنلەر مەن ۋە مەندەكلەر ئۈچۈن كۆرۈنمەس ئۈلگە ۋە “قېلغىنىڭ توغرا” دەپ تۇردىغان مەدەتكارلاردۇر.

     ئۇرۇمچىدىكى ۋاقتىمدا ئارمان شېركىتىنىڭ لېدىرى رادىل ئابلا ۋە مېجىت قەلەم ئىككىسىنى زېيارەت قېلغان بىر تېلۋىزىيە پىروگىراممىسىغا تەكلىپ قېلىندۇق. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رادىلكامنىڭ “يوقسۇزلۇق” مەنى تەۋەككۇلچى قېلغان…شۇڭا ئۇ مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمدۇر” دېگەنلىرىنى قەتىي ئۇنتۇپ قالمايمەن. بىز ئەسلى ئۇلۇغلارنىڭ، چەتەللىكلەرنىڭ تەرجىمالى ۋە ھەكايىلېرىنى بەك چوڭ بېلىپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە سىز-بىز بېلەن بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، بىر يۇرۇتنىڭ نېنىنى يەپ چوڭ بولغان ئاشۇ ئەزىز ئالىم، مۇتەخەسسىس ياكى كارخانىچىلىرىمىزلا ئەڭ ئاخىرىدا بىزگە ئەڭ چىن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر قېلالايدىكەن. بۇنى مىنى بۈگۈنگە يېتەكلىگەن بارلىق ئۇستازلىرىمنىڭ تەربىيىسىدىن چوڭقۇر بېلىپ يەتتىم. ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسەتلىرى بولمىغان بولسا، يېزامنىڭ نېرىسىدىكى بازارلارغىمۇ بېرىپ باقمىغان ماڭا بۇنداق پۇرسەتلەر كەلمەيتى. ئۇزۇن سەپەرلەر ماڭا يېڭىدىن يېڭى ئادەملەر بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسەتلىرى بىرىۋاتىدۇ، تۇرمۇش ئۇگۇتىۋاتىدۇ ۋە خاراكتىرىمنى تاۋلاۋاتىدۇ. 16 يېشىمدا چېقىپ كەتكەن مەھەللەم ئەمدىلەتىن ئاسفالىت يوللارغا، رەتلىك ئۆيلەرگە ئۇلىشىپتۇ. ئۆز ۋاقتىدا مەن ھەر يېلى پويىز ئىستانسىدىن ئۆيۈمگە چېقىدىغاندا تاكسى كىرا قىلسام، شوپۇرلار مەھەللىمىزگە كېرىپ بولغۇچە باسىدىغان بەزى كاتتاڭ، تار يوللارنى (ئۈچتىن بىر قىسمى) كۆرۈپ ماڭا چاخچاق قېلىپ “ئۇكام، مۇشۇ توپا سەھرادىن قۇتۇلغىنىڭىزغا چوقۇم بەك خوش سىز دەپ قوياتتى” بەزىلىرى “ۋاي توۋا، ئاتا-ئانىڭىز ھەجەبمۇ چىداملىقكەن، سىزنى ھەممىنى مەنلا تارتىپ ئۆتەپ كېتەي دەپ مۇشۇ كېچىك مەھەللىدىن چېقىرۋەتكىچە ئوقۇتۇپتۇ-ھە… سىزمۇ ھەر نىمە بولسا ئۆيىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماپسىز…” دېيىشىپ قوياتتى. ئاشۇ چىغىر يوللار، قىستاڭلىقىغا قارىماي خەقلەرنىڭ كىچىك يوللارنىمۇ توسۇپ سېلىۋالغان رەتسىز ئۆي-باغلىرى ماڭا داغدام يولغا چىققۇچە ئوقۇشنى ئۆگەتكەنمىكىن.  

     شۇنداق، مەنمۇ سەھرالىق. مەن باشقىلار ئېرىشمىگەن نۇرغۇن تەبى پۇرسەتلەرگە قېنىپ، جاپالارنىمۇ ئوبدانلا تارتىپ چوڭ بولغاچ خېلى چىداملىق. ئەمما ئاشۇ ئانا سەھرايىمنى، تەتىل بولسا  بارغان كۈنۈمنىڭ ئەتىسىلا دادام ياكى ئۇكىلىرىم بېلىن مەڭىپ بىرىپ يوقلىۋالمىسام ئۇنىمايدىغان دەريا بويلىرىنى، ئېتىزلىقلارنى، مەرھۇم بوۋام-موماملار ياتقان تۇپراق باشلىرىنى شۇنداق سېغىندىم. ئەنە شۇ گۈزەل ئۆتمۈشنىڭ پەقەت بىر ئەسلىمىلا بوپ قېلشىغا قەتىي چىدىمايمەن. چۈنكى ئاشۇ ئېتىزلاردىكى دىھقانلار ماڭا تەكەببۇر بولماسلىقنى، توپىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قېلىنغان دۇئالار ماڭا كىملىگىمنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئەزىزلىرىم ئىدى. شەھەرلىك ھاياتتىن ھارغانلىرىمدا ئاشۇ مەھەللەمنىڭ سۈنىيلەشمىگەن قېياپىتىنى، يېراقتىن كۆرۈپ قالسا ساقلاپ تۇرۇپ سالام-سائەت قېلىشىپ كېتىدىغان ئاقكۆڭۈل يۇرتداشلارنى ھەقىقەتەنمۇ بەك، بەك سېغىندىم…

bagdax

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6483
توردىكى ۋاقتى: 1687
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 11:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز. سەھرالىق بولۇشنى مەلۇم مەزگىل قوبۇل قىلىشنى خىجىللىق دەپ ھېساپلىغان بىلەن، كېيىن يەنىلا ئەسلىنى تاپىدىغان ئىش ئىكەن.

2

تېما

0

دوست

7434

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 2336
توردىكى ۋاقتى: 536
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر شەھەرلەشتۈرۈش دولقۇنى بولىۋاتىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي سەھرالىق بولىمىز دەپمۇ بولالمايمىزمىكىن تاڭ

3

تېما

47

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3275
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرالىق بولغان ياخشى لىكىن ماڭقۇرت بولۇپ  قالغانلار بەك قۇرقۇنۇشلۇق
bagdax

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9879

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   97.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3052
توردىكى ۋاقتى: 774
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سەھرالىق»

تاماكا چەكمەڭ

1

تېما

1

دوست

2123

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7763
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 322
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan0215 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-30 15:07  


شۇنداق قىلىپ مەن ھېچكىمنى تىللىمىساممۇ ئىنكاس يازالمايدىغان قىپ قويدۇڭلارما؟... سەل ئېشىپ كەتتىمۇ يا...

3

تېما

47

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3275
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-22

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 12:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elijan0215 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-26 12:39
سەھرادىكى ماڭقۇرتلاردىن شەھەردىكىسى يامان....  سەھر ...

مىنىڭ دەۋاتقىنىم شەھەر بىلەن سەھرانىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان ماڭقۇرتلار.

تاماكا چەكمەڭ

1

تېما

1

دوست

2123

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7763
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 322
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-26 13:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2016-12-26 10:48
مىنىڭ دەۋاتقىنىم شەھەر بىلەن سەھرانىڭ ئوتتۇرىسىدا قا ...

خاتا چۈشەنچە بوپ قاپتۇ، سەت بولدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )