قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3781|ئىنكاس: 7

دوكتور: مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتى (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

8

دوست

1846

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-27

قىزغىن ئەزا نادىر يازما چولپىنى ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 01:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان

     توي بولغاندا مېھمانلارغا باغاق تارقىتىمىز. ۋاقىتنى يازغاندا كۆپ ئەھۋاللاردا چۈشتىن كېيىن سائەت بەش دەپ يازىمىز، لېكىن مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەتتىدىن كىيىن كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشى تۆۋەن دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز.  ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشى تەرەققىي قىلغان ياپونلار، گېرمانلارنىڭ ۋاقىت قارىشىدىن ئېنىقلا پەرقلىق ھالەتتە. بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. مۇھىم مەسىلە  ۋاقىت قارىشىمىزنىڭ ئىلغارلاردىن پەرقلىق بولۇشنىڭ سەۋەبى. يۇقىرىقى مىسالنىڭ سەۋەبىنى ئوخشاشلا مۇنداق  نۇقتىلاردا تۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.  باغاققا بەش دەپ يازغىنىمىز بىلەن، ساھىبخان بولغۇچى ھەممە مېھمانلارغا تېلېفون قىلىپ ۋاقتىدا كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق قىلمايدۇ. مېھمانلارمۇ ۋاقتىدا بارالايدىغان ياكى بارالمايدىغانلىقىنى ساھىبخانغا خەۋەر قىلمايدۇ. ساھىبخان ۋاقتىدا كېلىش كېرەك دەپ ئويلايدۇ. مېھمان كېچىكىپ بارساممۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا مېھمانلاردىن ئاغرىنىشقا بۇلامدۇ؟ ئەگەر مېھمانلار بەشتە كېلەلەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، كېچىكىپ كەلگەن بولسا، ئاندىن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ياكى ۋاقىت قارىشى تۆۋەن دەپ خۇلاسە چىقارساق مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن كۆپ قىسىم مېھمانلار سائەت يەتتىدىن كىيىن  كەلگەن بولسا، مېھمانلارنىڭ ئەسلا كېلەلەيدىغان ۋاقتى يەتتىدىن كىيىن دېگەننى ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك.  ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا، باغاققا يەتتە دەپ يازسىڭىز، مېھمانلار توققۇزدا كېلىدىغان ئىش بولمايدۇ. تويۇمدا بۇنى بىر قېتىم سىناپ باقتىم. باغاققا يەتتىدە تاماق  تارتىلىدۇ، تاماققا ئۈلگۈرۈپ كېلىڭلار دەپ يازدىم. مېھمانلار ئاساسىي جەھەتتىن ۋاقتىدا كېلىپ بولدى. مەنمۇ ۋەدەمدە تۇرۇپ تاماقنى ۋاقتىدا تارتتىم. بۇ تەجرىبىنىڭ قايىللىقىنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەجرىبىنى كۆپ قېتىم ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەپسۇس شارائىت ئەمدى مەندە يوق. شارائىتىڭلار بارلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

     ئەمدى تويلاردىكى تاماقلارنىڭ كۆپلەپ تارتىلىشى، يېيىلمەي ئېشىپ قىلىشىدىن، ئۆزىمىزگە <ئىسراپخور> دېگەن سۈپەتلەشنى تېڭىشقا بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ ئىشلارنى ساھىبخان خالاپ، خەستەن  قىلغان  بولسا <ئىسراپخور> دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدا ساھىبخانغا ھېچ تاللاش يوق. رېستوراننى ئىشلىتىش قائىدىسى شۇنداق بولغاچقا، توي ئىگىلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق.تاماقلارنىڭ ئىسراپ بولۇشنىڭ ھەممە جاۋابكارلىقىنى رېستوران خوجايىنىغا ئارتىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. نەچچە مىليون پۇل خەجلەپ رېستوراننى ئاچقان خوجايىن، پۇل تېپىشنى نىشان قىلغان، تاماقلارنى كۆپلەپ چىقىرىپ، تۆكۈشلەرنى نىشان قىلغان ئەمەس. ئەسلى سەۋەبكە ئېرىشمەكچى بولساق، رېستوران ئىگىلىرىنى زىيارەت قىلىپ،ئۇلارنىڭمۇ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم بىر سەۋەب خوجايىنلارغىمۇ باشقا ياخشىراق تاللاش يوق. توي ئىگىلىرىگە تاماقنى جىقراق ساتمىسا،پايدا چىقمايدۇ. تۆلەيدىغان باج كۆپ، مائاش ئالىدىغان ئادەم كۆپ، زالنىڭ چىقىمى كۆپ. ئەگەر رېستورانلاردا تاماقنى ئاز چىقىرىپمۇ، يۇقىرى تاپاۋەتكە ئېرىشكىلى بولسا، ئىشىنىمەن رېستوران خوجايىنلىرى ساھىبخانلارغا ھازىرقىدەك تاماقلارنى تاڭمايدۇ، توي ئىگىلىرىمۇ ئىسراپ بولۇشلاردىن ساقلىنالايدۇ.  

     كىشىلەردە بىر ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە جەريان كېتىدۇ. ئاددىي قىلىپ <بۇ ئادەتنى يېتىلدۈر> دېيىش بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ياخشى ۋاقىت قارىشى سانائەتلەشكەندىن كىيىن، شەھەرلەشكەندىن كىيىن يېتىلىدىغان ئادەت. بۇ ئىككى شەرەتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ،كىشىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشىنى كەڭ دائىرىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ توغرىسىدا ياپونلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرمىدىم. لېكىن ئامېرىكىنىڭ بىر ماتېرىيالدا مۇنداق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. يەنى قانداق خىلدىكى،ياكى قانداق كەسىپتىكى ئادەملەر ئارمىيە تۇرمۇشىغا ئاسان ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ؟ تەكشۈرۈشتىن ئاۋۋال كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئويلىغىنى، بەلكىم يېزىلاردىن كەلگەن، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ ماسلىشچانلىقى تېزراق ھەم  يۇقىرىراق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى دېھقانلار كۆپرەك جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاپتاپتا يامغۇرلاردا،ناچار ھاۋارايىدا ئىشلەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولىدۇ. ئەپسۇس تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە، ئاسان ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلار دېھقانلار بولماستىن شەھەردىكى ئىشچىلار بولدى. ھەتتاكى شەھەردىكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ كاللىسىنى ئىشلىتىدىغان، قولىنى ئىشلەتمەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ماسلىشچانلىقى يېزىلاردىكى دېھقانلاردىن ياخشى بولۇپ چىقتى. تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئاخىرىدا چىقارغان يەكۈنى بولسا، شەھەردىكىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئىشقا چىقىپ ۋاقتىدا ئىشتىن قايتىش، زاۋۇتلاردا ھەممە ئادەملەرنىڭ بىر بىرسى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش، ناتونۇش ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئارمىيە تۇرمۇشىغا يېقىن بولغان. بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ئارمىيە تۇرمۇشىغا بەكرەك ماسلىشالايدىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.

     گېرمانىيەدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەتتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن خاتىرىدە كۆرسىتىلىشچە، ھەممىسى ئوخشاش گېرمانلار بولسىمۇ، تۆۋەن كاپالەتتە ياشايدىغانلارنىڭ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ۋاقىت قارشىسىنىڭ بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى، گېرمانلىقلارنىڭ ئوبرازىدىن خېلىلا پەرقلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە خاتىرىلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تۆۋەن كاپالەت تۇرمۇشىدىكى كىشىلەر بالىلىرىنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مائارىپ تەربىيەسىدىن بەھرىلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپلەپ مەبلەغلەرنى سالغان، پىدائىيلارنى تەشكىللىگەن، ھەق ئېلىنمايدىغان كۆپ خىل كۇرسلارنى ئاچقان. مەسىلەن، پۇتبول تېپىش، قېيىق ھەيدەش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق. بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلارغا ۋە بالىلارغا قويۇلغان بىردىنبىر تەلەپ، پەقەت ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىش. لېكىن مۇشۇ  تەلەپنىمۇ ئورۇنلاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. بۇ گەپلەرنى ھازىر ياپونىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان، ھەر يىلى خىزمەت سەۋەبىدىن گېرمانىيەگە بىر نەچچە قېتىم بارىدىغان ساۋاقدىشىم بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا، ساۋاقدىشىم ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى دەپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگىلى 30 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، غەربىي گېرمانىيە كىشىلىرىنىڭ ۋاقىت قارىشى، ئىش قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن شەرقىي گېرمانىيەدىكىلەرنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ساۋاقدىشىم بۇ ئويلىغانلىرىنى گېرمانىيەلىكلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندا، گېرمانىيەلىكلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق پەرقلەرنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن  ئېيتىپ بەرگەن.

     كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەت <ۋاقىت قارىشىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك> دەپ شوئار توۋلاش يېتەرلىك ئەمەس. سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. يەنە بىر مۇھىم ھالقا دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى ۋاقىت ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشى، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئۈلگە بۇلالايدىغان سەۋىيەدە بولۇشى كېرەك. دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋاقىت قارشى بولماي تۇرۇپ، پۇقرالاردىن كۈچلۈك ۋاقىت قارىشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

     ياخشى ئادەتلەرنىڭ كىشىلەردە بولماسلىقى پەقەت ساپاسىزلىقتىن ئەمەس، كۆپ ئەھۋاللاردا بەدەلنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، ياكى ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن بولىدۇ. مەسىلەن، ياپونلار چوڭ ئەخلەتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قالايمىقان تاشلىمايدۇ. چۈنكى قالايمىقان تاشلىسا، ئون مىليون جەرىمانە، ياكى بەش يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا تارتىلىدۇ. مۇلازىمەت كۆزنىكى ئالدىدا رەتتە تۇرماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، <ساپاسىز> دەپ دوق قىلىشقا قارىغاندا، رەت نومۇرى ئىلىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ھەر قانداق ئىنتىزامسىز، ۋاقىت قارىشى يوق، ساپاسىز ئادەممۇ، ئارمىيەگە قاتناشقاندىن كىيىن تەرتىپلىك بولۇپ كېتىدۇ.چۈنكى تەرتىپلىك بولمىسا،جەڭدە ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

     سودا ساھەسىدە <پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە، مەسىلە ئەمەس> دەيدىغان ئەقلىيە سۆزى بار. بۇ گەپ ھازىرچە دىيارىمىزغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن تەرەققىي قىلغان رايونلاردا بۇ سۆز ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ بولدى. ياخشى سودا پىلانىڭىز بولسىلا دەسمايىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياخشى پىلانلارنى ئىزدەپ يۈرگەن كاپىتاللار نۇرغۇن. سۇدا ساھەسىدىكى بۇ گەپنى ئۆزگەرتسەك <قانۇن، تۈزۈم بىلەن، قانۇن- تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە، ئۇ مەسىلە ئەمەس>. مەسىلەن سىنگاپور مۇستەقىل بولغاندا پۇقرالارنىڭ ساپاسى مالايشىيا بىلەن ئوخشاش ئىدى. قامچا ئۇلارنى ياپونلاردىنمۇ بەكرەك ئىنتىزامچان قىلىۋەتتى. سىنگاپوردا قالايمىقان ئەخلەت تاشلىسىڭىز قامچا جازاسىغا ئۇچرايسىز، تەرتىپنى بۇزسىڭىز قامچا جازاسىغا ئۇچرايسىز، سېغىز چاينىسىڭىز قامچا جازاسىغا ئۇچرايسىز. بۇ قامچا تېخى ئادەتتىكى قامچا ئەمەس، ئىككى قېتىم بەدىنىڭىزگە تەكسە، سىزنى بىر ئاي ئولتۇرالمايدىغان، ياتالمايدىغان قىلىۋېتىدۇ.

     شۇڭا بۇندىن كىيىن ئۆزىمىز توغرىسىدا پاسسىپ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ گەپلەرنىڭ بىزنىڭ تەرەققىي ئەھۋالىمىزغا باغلىقمۇ؟ قانۇنغا باغلىقمۇ؟ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىڭ. ئەگەر شۇنداق بولسا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى،تەرەققىياتقا، قانۇنغا تاپشۇرايلى. چەكلىك ۋاقىت، زېھنىمىزنى قانۇن، تەرەققىياتلار ھەل قىلالمايدىغان ئىشلارغا قارىتايلى. مەسىلەن، ئىجادچانلىق، سەنئەتتىكى ئىجادچانلىق، تەتقىقاتلاردىكى ئىجادچانلىق، كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئىجادچانلىق، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئىجادچانلىق، بالا تەربىيەلەشتىكى ئىجادچانلىق قاتارلىقلار.  

     ھەممىڭلارغا رەھمەت.
bagdax

11

تېما

0

دوست

5687

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64372
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 1701
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 14:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىلەكلىك ئېسىل تېما. قوللاشقا تېگىشلىك.

0

تېما

7

دوست

1986

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 14:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇرىڭىز قالتىسكەن ئ‍ەپەندىم، يەنىلا چەتئەلدە ئ‍وقۇپ كىرگەنلەرنىڭ ئ‍ەتراپتىكى شەئىيلەرنى كۆزىتىش قابىليىتى قالتىسكەن،،،


ئ‍ادەم ھامان بىر كۈنى ئ‍ۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئ‍ويلىسا تىنى شۈركىىپ تىتىرەك باسىدۇ، ئ‍الىقانداقتۇر بىر ئ‍ەنسىرەش قورقۇش جىسمىنى ئ‍ىسكەنجىگە ئ‍ېلىۋالىدۇ  بۇ دۇنياغا قىيمىغاندەك قىلىپ بىر كۈن بولسىمۇ ئ‍ارتۇق ياشاشنى غايىبانە ئ‍ارزۇ قىلىشىدۇ… ھەرقانچە قىلىپمۇ مەڭگۈ ئ‍ۆلۈپ كەتمەسلىككە ئ‍امال قىلالمايمىز،   

شۇنۇڭ ئ‍ۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟؟  ياراتقۇچى بىزگە تەقسىملەپ بەرگەن 80يىل 70يىل ياكى 90يىل ۋاقىتنى بەك قەدىرلىشىمىز زۆرۈر…،، ئ‍ويلاپ باقايلى مۇشۇ 2016-يىلمۇ بەكلا تىز ئ‍ۆتۈپ كەتتى، خۇددى چاقماق چاققاندەك ۋاللىدە قىلىپ ئ‍ۆچۈش ئ‍الدىدا تۇرۋاتىدۇ،، بۇ يىل ئ‍ۆتكەن ۋاقىتتىن قانچىمىز رازى بولدۇق، قانچىمىز توي قىلىشنى ئ‍ويلاپ قىلالمىدۇق، قانچىمىز تىجارەت قىلىشنى ئ‍ويلاپ جۈرئەت قىلالمىدۇق  قانچىمىزنىڭ  يېقىنلىرى مۇشۇ يىل تۈگەپ كەتتى، تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ ئ‍ۈلۈش ئ‍الدىدا كۆزلىرىدىن يۇرۇق  دۇنياغا قىيالماسلىق، پۇشايمان ئ‍ارلاش ھەسرەتلەرنى كۆرمىدۇق…

بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،، بىز بىر مىنۇت ۋاقىتتىنمۇ ئ‍ۆزىگە چۇشلۇق قىممەت يارىتايلى، ھەر بىر سوتكا ۋاقتىمىزنى ئ‍ەڭ يۇقۇرى چەكتە قىممەتكە ئ‍ىگە قىلايلى…،

كۆپچىلىك ئ‍ەمدى بىز ھەممىمىز ئ‍ۆزىمىزگە مۇنداق بىر سوئ‍النى قويۇپ تەھلىل قىلىپ باقايلى!:؛- مەن قانداق قىلسام ۋاقتىمنى ئ‍ەھىيەتلىك ئ‍ۆتكۈزەلەيمەن؟ ۋاقىتنى ئ‍ەڭ يۇقۇرى چەكتە قىممەتكە ئ‍ىگە قىلىش ئ‍ۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟؟  

2

تېما

1

دوست

4540

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7494
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 799
تۆھپە : 840
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 17:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، ۋاقىت ئەجەپ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، مەن مۇشۇ چەكلىك ۋاقىتتا قانچىلىك قىممەت يارىتالىدىم، دىگۈچىلەر قانچىلىككىن؟
bagdax

نىكاھنىڭ قىيىنل

38

تېما

0

دوست

9782

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1713
تۆھپە : 1895
توردىكى ۋاقتى: 1513
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 10:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان ھەم مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېمىكەن!

0

تېما

1

دوست

5290

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1612
توردىكى ۋاقتى: 486
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 11:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئىسل  جاپا چىكۋاتسىز  ئەزىز

2

تېما

0

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86475
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 133
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 12:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت قارىشىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش،مەنپەئەتلىك قىممەت قارىشى تىكلەش ئۈچۈن سانائەتلىشىش،شەھەرلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندىم.

0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85058
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 35
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 13:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق شۇئارلاردىن خالي، ئەمەلىيەتچانلىقى يوقۇرى يازما بوپتۇ. رەھمەت، ئاغىنە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )