قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4081|ئىنكاس: 6

كيېركېگارد مۇنداق دەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

17

دوست

3258

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1100
توردىكى ۋاقتى: 397
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 11:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سورېن كيېركېگارد (Soren Aabye Kierkegaard,1813—1855 ) دانىيەلىك پەيلاسوپ ھەم شائىر بولۇپ، ھازىرقى زامان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنىڭ ياراتقۇچىسى. ئۇ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، كېيىن زور سوممىلىق مىراسقا ۋارىسلىق قىلىپ، كىتاب يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان، كۆپىنچە كىتابلىرىنى ئۆزى پۇل چىقىرىپ نەشر قىلدۇرغان؛ ئۇ بىر ئۆمۈر ھېچقانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىغان، بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن، ئازاب ۋە تەشۋىش ئىچىدە ياشاپ، كۈچلۈك خىرىستىيان ئېتىقادى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەينى چاغدا دانىيەلىكلەر گېرمانىيە پەلسەپەسى ۋە مەدەنىيىتىگە تولىمۇ چوقۇناتتى، شۇڭا 1841-يىلى كيېركېگارد گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا بېرىپ گېگېل پەلسەپەسىنى ئۆگەندى. بۇ ئىدېئالىستىك پەلسەپە بارچىنى ھەقىقىيلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىككە زورلاپ، ئادىمىيەتنى ۋە ئادەمدە بولىدىغان ئازاب-ئوقۇبەت ۋە مۈشكۈلاتلارنى بىر ياققا قايرىپ قويغاچقا، كيېركېگاردقا ياقماي، ئەنئەنىۋى پەلسەپەدىن ۋاز كېچىپ، ئەمەلىي دۇنيادىكى ئادىمىيەت پەلسەپەسىگە يۈزلەندى، ئاخىرىدا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «مەۋجۇدىيەتلىك پەلسەپەسى»نى ئۆز چۈشەنچىسىدە ھاسىللىدى.

كيېركېگاردا ياۋروپا پەلسەپەسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بۇرىغان مۇھىم شەخس دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئەقلىي ئاڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى تەنھا، ئەقىلسىز يەككە شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان تەتقىقاتنى بارلىق پەلسەپەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراپ، شەخسنىڭ ئەقىلدىن خالىي ھېس-تۇيغۇسى، بىزارلىقى، چۈشكۈنلۈكى، ئۈمىدسىزلىكى قاتارلىقلارغا بولغان تەتقىقاتنى سىرتقى دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ ئىدراكىي تونۇشىغا بولغان تەتقىقاتنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئۇ پەلسەپە ئەمەلىي دۇنيادىكى كىشىلىك ھاياتنى تەتقىق قىلىشى كېرەك دەپ قارىدى، ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى تۆۋەندىكى 2 نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرسى، مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئاۋۋال بولىدۇ، يەنى، گەرچە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆپىنچە پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنسىمۇ، بىراق ئىنسان تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇشۇ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆز ماھىيىتىنى يارىتىدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەۋجۇتلۇقى، ئارقا كۆرۈنۈشى، كېلىپ چىقىشىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى تاللىيالايدىغان ئەركىنلىكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى تاللىيالايدۇ، ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى تاللىيالايدۇ. بۇ بىرسى. يەنە بىرسى، كيېركېگارد مەۋجۇتلۇقنى تۆۋەندىكى 3 دەرىجىگە ئايرىدى: ھېسسىي مەۋجۇتلۇق: بۇ خۇشاللىقنى، بەختنى، شەخسىيەتچىلىكنى ۋە يەڭگىلتەك ھاياتنى قوغلىشىدىغان، جېنىنى ساقلاشتىن راھەت كۆرۈشكىچە بولغان مەۋجۇتلۇقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەقلىي مەۋجۇتلۇق: بۇ بىر قەدەر ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان مەۋجۇتلۇق بولۇپ، ئەقلىي ۋە پەلسەپەۋى ئۇسۇل بويىچە ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان، باشقىلارغا بولغان ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئۇيغۇن بولغان مەۋجۇتلۇق؛ دىنىي مەۋجۇتلۇق: ئىلتىجا ۋە مۇھەببەت ئىچىدىكى ھايات بولۇپ، ئىلاھنى ھېس قىلغان ۋە ئىلاھقا چوقۇنىدىغان، شۇنىڭلىق بىلەن روھنى يۆلەنچۈككە ئىگە قىلغان مەۋجۇتلۇق.

تۆۋەندىكىلىرى كيېركېگاردنىڭ بەزىبىر سۆز-جۈملىلىرى.

1. بىز قورققان نەرسىلەر دەل بىز تەشنا بولغان نەرسىلەردۇر.

2. ھاياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئارقىغا قاراش، ھاياتنى ياشاش ئۈچۈن ئالدىغا قاراش كېرەك.

3. ئادەمنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇنتۇيدىغىنى ئۇنىڭ ئۆزى.

4. ئاۋام خەلق تەپەككۇر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئۇلار سۆز ئەركىنلىكى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىماقچى بولىدۇ.

5. ئادەم يىرتقۇچ ياكى پەرىشتە بولغىنىدا ھېچنېمىدىن تەشۋىشلەنمىگەن بولاتتى؛ ئادەم دەل بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلاشمىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەشۋىشلىنەلەيدۇ.

6. ئۈمىدسىزلىك شۇنداق بىر كېسەلكى، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغۇچىلار تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك. ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم دەل بەرداشلىق بېرىۋاتقان ئادەم بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە خىيالىي دۇنيادا ياشايدۇ، بۇ خىيالىي دۇنيا ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇسى، بىلىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشايدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا چۈشكۈنلۈك ئارقىلىق روھىي ئۆزلۈكىنى بايقىيالايدۇ.

7. مۇھەببەت ھەممىدىن بەك نېمىگە ئامراق؟ چەكسىزلىككە. مۇھەببەت ھەممىدىن بەك نېمىدىن قورقىدۇ؟ چەكلىمىدىن.

8. ئادەملەر ھايۋانلاردىن مۇنەۋۋەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا، يەنى، ئادەملەردە ئۆزلۈك بولغاچقىلا، روھ بولغاچقىلا ئۇلار ئۈمىدسىزلىنەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلىكنى چۈشەنمىگەن ئادەمدە ئۈمىد بولمايدۇ.

9. مەۋجۇتلۇقنى ئۇقۇم ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ غۇۋالىقى ياكى ئۇنى ئويلاشنىڭ تەسلىكىدىن ئەمەس؛ دەل ئەكسىچە، مەۋجۇتلۇق ئىنتايىن مول مەزمۇنغا ۋە ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا تويۇنغان، ئەگەر ئابستراكت ئۇقۇم مەۋجۇتلۇققا ئىشلىتىلسە، مەۋجۇتلۇقنىڭ مول تەپسىلاتلىرى غايىب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىمۇ غايىب بولىدۇ.

10. بىر ئادەمنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق: ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن چۈشىنىلمىگەن ھالەتتە يالغۇزلۇققا قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك دەرىجىدە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ يالغۇزلۇققا بىر ئۆمۈر بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئادەم، ئۆزىنىڭ تەنھالىقى ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھمىيىتىنى بېكىتكەن ئادەم ئۆزىنىڭ بالىلىقىدىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ھايۋانىيلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان جەمئىيەتتىن ئەڭ يىراقتا.  

11. تەپەككۇردىكى زىددىيەت مۇتەپەككۇرنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ مەنبەسى. زىددىيەتسىز مۇتەپەككۇر گوياكى ھېسسىياتسىز ئاشىققا ئوخشايدۇ: بۇ تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان چاكىنىلىق.  ئۆزى تەپەككۇر قىلالمايدىغان تەپەككۇرنى بايقاش بارلىق تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئاداققى زىددىيىتى.

12. دەقىقە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئەلۋەتتە قىسقا؛ ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بېكىتىلگەن، ئەبەدىيلىككە تولغان.

13. سۈكۈناتنى چۈشىنىدىغان ھەر بىر ئادەم ئاخىرىدا ئىلاھنىڭ پەرزەنتىگە ئايلىنىدۇ، چۈنكى سۈكۈناتتا ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. كىم توختىماي ۋالاقىشىسا، شۇ بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سۈكۈناتنى قانچىلىك ئادەم چۈشىنىدۇ!

14. كۆپلىگەن ئادەمنىڭ بەختسىزلىكى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، بەلكى زىيادە كۈچلۈكلىكىدىن بولغان، ئۇلار زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقتىن تەڭرىنى كۆرەلمىدى.

15. مېنىڭ بىردىنبىر دوستۇم بار، ئۇ بولسىمۇ ئەكس سادا. ئۇ نېمىشقا مېنىڭ دوستۇم؟ چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتىنى سۆيىمەن، ئەكس سادا مېنىڭ ھەسرىتىمنى تارتىۋالمايدۇ. مېنىڭ پەقەت بىرلا سىردىشىم بار، ئۇ بولسىمۇ كېچە تىمتاسى. تىمتاسلىق نېمىشقا مېنىڭ سىردىشىم؟ چۈنكى ئۇ سۈكۈت قىلىدۇ.

16. ياشلىق نېمە؟ ئۇ بىر چۈش. مۇھەببەت نېمە؟ ئۇ ئاشۇ چۈشنىڭ مەزمۇنى.

17. قىزچاقلار ئەڭ ئاچچىق سۆزلەر بىلەن تارتىنچاق يىگىتكە باھا بېرىدۇ، بىراق ئاستىرتتىن ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

18. بىر قىز ھاياتىدا پەقەت بىرلا قېتىم سۆيىدۇ.

19. سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكار قىلساڭ قىلغىنكى، ھەرگىزمۇ يېرىم ئىشىنىپ يېرىم ئىشەنمەيدىغان ئىشنى قىلما.

20. يەككە شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيىتى دەل ئۇنىڭ تەنھالىقىدا.

21. تەڭرى ئالدىدا ئىنسان تەنھا بولىدۇ. ئىنسان پەقەت تەنھالىقتىلا ئاندىن تەڭرى بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ.

22. ھەسرەتلىك ئادەم ھەمىشە ھەسرەتلىك ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىدۇ. بىراق تېخىمۇ بۈيۈكى ئېتىقادلىق ئادەمدۇر، دىققەت قىلىشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەرزىيدىغىنى ئېتىقادلىق ئادەمدۇر.

23. ئېتىقاد تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا زىددىيەتلىك بولىدۇ.

24. ئۆلۈم ۋە قارغىش، مەن بارچە مەۋجۇدات بىلەن ئالاقىنى ئۆزگەن تەقدىردىمۇ ئۆزۈم بىلەن ئالاقىنى ئۈزەلمەيمەن، ھەتتا ئۇخلاپ قالغاندىمۇ ئۈزەلمەيمەن.

25. بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا مېنىڭ قەلبىمگە ھەسرەت تىكىنى سانجىلغان. ئۇ شۇ يەردە سانچىقلىقلا بولىدىكەن، مەن مەسخىرىۋازلىقتىن توختىمايمەن؛ ئەگەر ئۇ ئېلىۋېتىلىپلا قالسا، مەن شۇ ھامان ئۆلىمەن.

26.  تۇغۇۋاتقان ئايالنىڭ ئىنجىق ئاۋازىنى ئاڭلا، ئۆلگىلىۋاتقان ئادەمنىڭ تىركىشىپ ئېڭرىغىنىنى ئاڭلا، ئاندىن ماڭا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ ئارىلىقىدا خۇشاللىنىشقا ئەرزىگۈدەك قايسى ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەر.

27. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مەن مەۋجۇتلۇقتىن سەسكىنىمەن __ مەن پەقەت ئادەم ئۆزىنى يارىتالايدۇ دېگەن ئىدىيەنىلا ئالقىشلايمەن __ مەن بىر كىنايە كەبى ئادەملەر ئارىسىدا ياشايمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان باھاسى پەقەتلا مېنى چۈشەنمىگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىھۇدە ۋە چاكىنا ھاياتىنىڭ ئىسپاتى خالاس.

28. مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىم گوياكى كىشىلەرنى چۆچۈتىدىغان ھەجۋىي شېئىر.

29. ئەگەر مېنىڭ قەبرە تېشىمغا بىرەر نەرسە يېزىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن ئۇنىڭ باشقىچە ئەمەس، بەلكى «بۇ ئادەم» دەپلا يېزىلىشىنى خالايمەن. ئەگەر بىر ئادەم بۇ دۇنيادا مۇستەقىل پۇت تىرەپ تۇرالىغانلا بولسا، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان ۋىجدانىي ئاگاھلاندۇرۇشىنىلا ئاڭلاپ ياشىيالىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم بىر قەھرىمان.

30. ئادەم چوقۇم ئەڭ قورقۇنچلۇق مۇمكىنچىلىكتە ئۆزىنى تاۋلىشى كېرەك.  

31. مەن يازغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ تېمىسى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈم.

32. سوقرات ماھىيەتتىن ئېيتقاندا مەۋجۇتلۇقنى تەكىتلەيدۇ، ھالبۇكى ئەپلاتۇن بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ قايناملىرىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى.

تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچى: مەمتىمىن ئوبۇل      
bagdax

22

تېما

2

دوست

6023

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1696
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 17:40:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

0

تېما

1

دوست

386

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  71059
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 19:39:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىدا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «مەۋجۇدىيەتلىك پەلسەپەسى»نى ئۆز چۈشەنچىسىدە ھاسىللىدى   دېگىنى ئۆز كۆڭلىدە بىلىپ قالدى دېگىنىمىدۇ؟

4

تېما

17

دوست

4616

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 603
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 20:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umud007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-27 20:08  

ئۇ مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئىلگىرى بولىدۇ، ئىنسان مەۋجۇتلۇققا تايىنىپ تۇرۇپ ماھىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ماھىيەت ئالدىن تەقدىر قىلىپ بەلگىلەنمىگەن بولىدۇ دېمەكچىمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېمەكچى بولسا ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى (پەقەت مۇشىنىلا )توغرا كۆردۈم.


ئەمما بۇ بايقۇشنىڭ يۇقارقىدەك گەپنى قىلىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەي ، توي قىلىپ دۇنيا لەززەتلىرىدىن بەھىرلەنمەي ھاياتىنى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە بەخىتسىزلەرچە ئاخىرلاشتۇرغانلىقىدىن بەكمۇ ھەيرانمەن.
bagdax

1

تېما

0

دوست

2146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 21:13:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qvshkvn ئىسىل ئەسەرلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
سوراپ باقسام ،نىمە ئۈچۈن پەلسەپە ئۆگەنگەنلەر ئىچىدە ھاياتى يالغۇزچىلىقتا،
چۈشكۈنلۈكتەئۆتىدىغانلار ،ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغالار چىقىدۇ؟
پەلسەپە ئادەمنى بەك سۇغۇققان تەپەككۇر قىلىدىغان قىپ قۇيۇدىكەن،بۇ قانداق ئىش؟

3

تېما

1

دوست

5078

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9173
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 993
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-27 23:49:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مېنىڭ قەبرە تېشىمغا بىرەر نەرسە يېزىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن ئۇنىڭ باشقىچە ئەمەس، بەلكى «بۇ ئادەم» دەپلا يېزىلىشىنى خالايمەن   

5

تېما

17

دوست

3258

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1100
توردىكى ۋاقتى: 397
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 13:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
energy يوللىغان ۋاقتى  2016-12-27 19:39
ئاخىرىدا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «مەۋجۇدىيەتلىك پەلس ...

شۇنداقراق مەنىدە، بىراق پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەگەر  «مەۋجۇدىيەتلىك پەلسەپەسى» نى «ياراتتى» ياكى «بارلىققا كەلتۈردى» دېسەم، بەك تېز بولۇپ كەتكۈدەك، مەن مەلۇم مەزگىللىك تەپەككۇر جەريانىنى ئىپادىلىمەكچى ئىدىم؛ «بايقىدى» دېسەم تېخى بولمايدۇ، پەلسەپە تەلىماتلىرىغا «بايقاش» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. «ئۆز چۈشەنچىسىدە ھاسىللىدى» دېيىش ئارقىلىق «تەپەككۇر ئارقىلىق مەۋجۇدىيەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ پەلسەپە كۆز قارىشىنى ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ كاللىسىدا شەكىللەندۈردى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىمەكچى ئىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )