قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7882|ئىنكاس: 5

ئەتكەن چاي توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىكاھنىڭ قىيىنل

38

تېما

0

دوست

9782

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1713
تۆھپە : 1895
توردىكى ۋاقتى: 1513
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 10:06:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!

     يېقىندا تىجارەت تۈرۈمگە ئەتكەن چاينى قېتىشنى پىلانلىغان ئىدىم.  لېكىن مۇشۇ ئەتكەن چاينى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن بۇرۇن مۇشۇ ئەتكەن چاينىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىياتى، سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ۋە زىيىنى توغرىلىق نەزەرىيەۋى ماتېرىياللارغا  ئېھتىياجلىق بولدۇم. چۈنكى مەن بۇ چاينى ياخشى بىلىپ، ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇپ  تۇرۇپ ساتماقچى.

     ئىلگىرى كىتابخانىدا «ئەتكەنچاي» دېگەن كىتابنى كۆرگەندەك ئېسىمدە. لېكىن ھازىر شۇ كىتابنى ئىزدىسەم تاپالمىدىم. توردىن ۋە كىتابلاردىن ئەتكەن چاي توغرىلىق ماتېرىيال ئىزدىگەن بولساممۇ تۈزۈك بىر نەرسە چىقمىدى. شۇڭا تورداش دوستلارنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى مەسلىھەتلىرىگە ئېھتىياج بولۇپ تۇرۇپتىمەن. دوستلىرىمنىڭ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     مىنىڭ بىلمەكچى بولغانلىرىم؛

     1.ئەتكەن چاي ئىچىدىغان خېرىدارلار قاتلىمى.

     2.ئەتكەن چاينىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى.

     3.ئەتكەن چاينىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى تۈگىتىش.
bagdax

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

23

تېما

10

دوست

4081

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-5

پەخىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 16:33:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozkurt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-28 18:12  

ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئ‍ەتكەن چاي توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئ‍ۆتمەكچىمەن،ئەتكەن چاي دېگىنىمىز ھەر خىل سۈت(ئات،كالا،قوي،ئۆچكە،تۆگە....)نى چاي(خەنزۇچە سۆز茶叶،ئ‍ۆز تىلىمىزدا  چاي دېگەننى نېمە دەپ ئ‍اتايدىغاننى مۇشۇ كەمگىچە ئ‍اڭلاپ باقمدىم،ئ‍ەگەر كىمدە كىم مۇشۇ "چاي"سۆزىگە ئ‍ۆز تىلدا سۆز ياساپ مېنى قايىل قىلالىسا قاتتىق خوشال بولاتتىم،چاي سۆزى خەنزۇ تىلىدىن ئ‍ۇيغۇر تىلىغا كىرمە سۆزدۇر،ئ‍ەرەب ۋە قازاق تىلىدا "شاي"دەپ ئ‍اتايدۇ،تۈرك،رۇس تىلىدا"چاي"ئېنگىلىزچە Tea........)بىلەن قاينىتىش ئ‍ارقىلىق ئ‍ۇنىڭغا قايماق،سېرىق ماي(سارماي)،مۇۋاپىق تۇز ........سېلىپ تەييارلىنىدۇ،مېنىڭ بۇ دېگەنىم ئ‍ىلى تارانچىلىرى ئ‍ېتىدىغان ئ‍ەتكەن چاي ئ‍ېتىش ئ‍ۇسۇلىدۇر(ئ‍اتامنىڭ ئ‍انىسى چوڭ ئ‍انام(مومام)نىڭ ھەدىسى ئ‍ىلى ۋىلايەت،غۇلجا ناھىيەسى تۇرپان يۈزىگە ياتلىق بولۇپ،شۇ يەردە ياشاپ ھەق رەھمەتىگە كەتكەن،بۇ  مومامنىڭ ھەدىسى ئ‍ۇلۇغ مومام مېنىڭ مومام ۋە ئ‍انامغا ئ‍ۆگەتكەن كونا ئ‍ۇسلۇبدىكى تارانچى ئ‍ەتكەن چاي ئ‍ېتىش ئ‍ۇسۇلى،بۇنى مەن ئ‍اشۇ رەھمەتلىك ئ‍ۇلۇغ مومام ئ‍ۆز ئ‍اغزىدىن 12-13 ياش ۋاقتىىمدا ئ‍اتامنىڭ بىر كۈندەلىگى(خاتىرە دەپتەر)گە خاتىرلەپ قويغان ،(ھازىرمۇ مېنىڭ قولۇمدا ساقلاغلىق تەۋەرۈك بولدى)،ھازىر ئ‍ايالىم ۋە مەن مۇشۇ ئ‍ۇسۇلدا ئ‍ەتكەن چاي ئ‍ېتەلەيمىز،ئادەتتە ئ‍ەتكە چاي ئ‍ېتىشكە چاي چوقۇم ياخشى تاللىنىشى لازىم،ئ‍ادەتتە ئ‍ەتكەن چاي تەييارلاشقا قارا چاي،كۆك چاي،قىزىل چاي ......كۆپرەك ئ‍ىشلىتىلىدۇ،ئىلى ۋە ئ‍ۈرۈمچى....دە ئ‍اساسەن،قارا تاختا چاي ئ‍ىشلىتىلىدۇ،مەن ئ‍ادەتتە ئ‍ۆيدە قىزىل ياكى كۆك چاي ئ‍ىشلىتىمەن،قارا چاي ئ‍ىشلەتمەيمەن،بۇ مەن ئ‍ىسلاھ قىلغان ئ‍ەتكەن چاي ئ‍ېتىش ئ‍ۇسۇلىدۇر،ھەركىمنىڭ ئەتكەن چاي ئ‍ېتىش ئ‍ۇسۇلى ئ‍وخشۇمايدۇ،ئۇنىڭغا 1+1=2دېگەن ماتېماتىكىلىق پورمىلاسىمۇ يوق،كۆنگەن ئ‍ۆز ئ‍ۇسلۇبىڭىزدا ئ‍ەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ،ئەتكەن چاينىڭ يەنە بىر نەچچە ئ‍اتالغۇسى بار سۈت چاي،شىرى چاي(غوجا موللا مۇسا سايرامى كەچمىش(تارىخ) ئ‍ەسىرى:"تارىخىي ئ‍ەمىنىيە"،"تارىخىي ھەمىدىيە"دە شۇنداق ئ‍الغان)شىرا چاي........ئ‍ەتكەن چاي ئ‍اساسلىقى ئ‍ۈرۈمچى،ئىلى ئ‍وبلاستى،سانجى،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى......يەرلەردە ئ‍ېتىلىدۇ،جەنۇبدا قايماق چاي ئ‍اساسىي ئ‍ورۇندا تۇرىدۇ،بۇنى ئ‍ىستىمال قىغۇچى ئ‍اساسەن ئ‍اددىي پۇخرادىن تارتىپ ئ‍ەمەلدارلار(ئەتكەن چاي ئ‍ىچىشكە ئ‍ادەتلەنگەن كىشىلەر)غىچە بولىدۇ،ئۈرۈمچىدە ئ‍ەتكەن باھاسى باھاسى ئ‍ەڭ ئ‍ادەتتىكىسى 1 تەڭگگىدىن 10تەڭگە ئ‍ەتراپىدا سېتىلىدۇ،ئۆيۈمنىڭ يېنىدا 2 ئ‍ەتكەن چاي ئ‍ېتىش دۇكىى بار ،بىرى غۇلجا كېپەكيۈزىلىك قېرىنداش ئ‍اچىدۇ،تەنە بىرىنى قەشقەر سەمەنلىك بىر قېرىنداش ئ‍اچىدۇ،بەزى كۈنلىرى كىرىپ ئ‍ەتكەن چايدىن ئ‍وتلاپ قويىمەن،ھەر ئ‍ىككىسىنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ،ئەتكەن چاي بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش،ئاشقان ئ‍ۈچەي يوللىرى ۋە ئ‍ۈچەينى لۆمشىتىپ  ھەركەتلەندۈرۈش،ئىشتىھانى ئ‍ېچىش ،ئ‍اشقارزاننى قۇۋۋەتلەش،قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلارنىڭ قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش،بەدەندىكى ماينى پارچىلاش،ئورۇقلىتىش،بەدەندىكى ئ‍وۋغا(زەھەر،توكسىن)لارنى ھەيدەش..........رولى بار،بولۇپمۇ قەۋزىيەت بولغانلارغا ياخشى مەنپەئ‍ەت قىلىدۇ،قىز چوكانلارنى ئ‍ورۇقلىىش رولىمۇ  بار،كەمچىلىكى:ئ‍ۇزۇن مۇددەتكىچە ئ‍ەتكەن چاي ياكى چاي قىلىپ ئ‍ىچكەندەبەدەن، يۈز ۋە قوللارغا قارا داغ پەيدا قىلىش(قارا پىگمېنت) ،ئ‍ۇيقىسى كەلمەسلىك،چىشدا قارا داغ ياكى چىشنى قارايتىش،سارغايتىپ قويۇش، قارا قىلىپ قويۇش، خۇمارقىلىش .....ئ‍ەھۋالى كۆرۈلىدۇ(مېنىڭ ئ‍اتا تەرەپ بوۋام ئ‍ۇيغۇر تىبابەت ۋە باغۋەنچىلىك ئ‍ۇستىسى ،بوۋامدىن ماڭا بىر نەچچە چاغاتايچە تىبابەت كىتاب ۋە 200دەك رېتسىپ مىراس قالغان،چاغاتايچە يېزىقنى بوۋامدىن ئ‍ۆگەنگەن)،ساپ سۈتنى قاينىتىپ ساپ سۈت بويىچە ئ‍ىچسە قورساقنى كۆپتۈرۈپ قويىدۇ،تاماق ھەزىم بولۇشقا تەسىر قىلىدۇ،شۇڭا مۇۋاپىق مىقتاردا  تۇز ياكى قارا،كۆك،قىزىل....چاي قوشۇپ ئ‍ىستىمال قىلسا قورساقنى كۆپتۈرمەيدۇ،ھازىر تەييار قىلىپ قويغان سۈت تالقىنى، ئ‍ەتكەن چاي تالقىنى بار،ئۈستىگە قايناقسۇ قويۇپلا 2-3 مىنۇتدا ئ‍ەتكەن چاي قىلغىلى بولىدۇ،ئ‍ىنتايىن قولاي بولۇپ،كەتتى،بۇلار مېنىڭ تۇرمۇشتا ئ‍ېرىىشكەن 1-قول تۇرمۇش تەجرىبەم بولغاچقا قېرىنداشلار بىلەن ئ‍ورتاقلىشىشقا يوللاپ قويدۇم،ھەممىڭلار ئ‍امان ئ‍ېسەن بولغايسىلەر،خەير خوش!

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3876
توردىكى ۋاقتى: 784
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 17:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bozkurt يوللىغان ۋاقتى  2016-12-28 16:33
ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكم قېرىندىشىم ،ئ‍ەتكەن چاي توغرىسىد ...

ئ‍ەلەيكم ، ئ‍ەتكە چاي ، پورمىلامۇ ، ئ‍ىستىمال قىغۇچى ، دۇكىى بار ، تەنە بىرىنى ، ئ‍اشقارزاننى قۇۋۋەتلەش ، ئ‍ورۇقلىىش رولى ، كەمچىلىڭى ، مۇۋاپىم مىقتاردا  ، ھەممىڭاار

0

تېما

1

دوست

4683

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 676
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 18:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىستىمال قىلسا قان بىسىم پەيدا قىلىدۇ
bagdax

7

تېما

6

دوست

3411

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 1016
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-28 19:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم، مۇشۇ بانىدا تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل ماركىدىكى . ئەتكەن چايلارنىڭ زادى نىمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالساق. ئۇنىڭدىن باشقا فىرىما دىگەن نەرسىمۇ بار، بۇ نەرسىنىڭ تەركىۋى زادى نىمە، نىمىدىن ياسالغان ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )